ئوسمان ئىسمائىل تارىم) شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتﯽ فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورﯼ:( مەن بىر - ئىككﯽ ئېغىز گەپ قىلاي، ھازىرقﯽ بىزنىڭ بۇ يەردە ئاساسىي مۇھاكىمە قىلىۋاتقان مەسىلىمىز ئىسلام ئەسەبىي ئىدىيەسىنىڭ شىنجاڭدىكﯽ تەسىرﯼ مەسىلىسﯽ، بۇ مەسىلە ئۈچ - تۆت يىلدىن بۇيان گەۋدىلىنىپ قالدﯼ. مەن ئۆتكەن يىلﯽ 5 - ئايدا قومۇلغا بارغان. قارا دۆۋىگە چىقتىم، ئەلنەغمىچىلەر مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ بۇيرۇقﯽ بويىچە يامان تەستە توپلاندﯼ. ئۇلار بىزگە ئىشىكنﯽ مەھكەم تاقاپ ئازراق نەغمە قىلىپ بەردﯼ. نېمە بولدﯼ دەپ سورىسام، ئۇلار ناخشا ئېيتىش، ساز چېلىش بىزنىڭ بۇ يەردە ئومۇميۈزلۈك مەنئﯽ قىلىنغان ھەرىكەت، ئەتە - ئۆگۈن بىزگە گەپ بولىدۇ دېدﯼ. كېيىن ئۇقتۇم، قارا دۆۋىدە شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە تېلېۋىزور ئومۇميۈزلۈك مەنئﯽ قىلىنغانىكەن، بەزىلەر كېچىسﯽ ئورنىدىن قوپۇپ تېلېۋىزور كۆرسە، شۇنىمۇ باشقىلار بىلىپ قېلىپ، تېلېۋىزورنىڭ سىمىنﯽ كېسىۋېتىدىكەن. پۈتۈن قارادۆۋە بويىچە تېلېۋىزور يوقكەن، ئاڭلىسام يېقىندا ھۆكۈمەت تەدبىر قوللانغاچقا، قايتىدىن تېلېۋىزور كۆرىدىغان بوپتىمىش. بۇ ئەھۋال ماڭا ناھايىتﯽ تەسىر قىلدﯼ. قومۇلدا مۇشۇنداق بوپ كېتىۋاتسا، باشقا جايدا قانداق بوپ كېتىدۇ؟ بۇ مەسىلە مېنﯽ ناھايىتﯽ قاتتىق ئويلاندۇردﯼ. مەن 7 ـ، 8 - ئايلاردا تۆت نەپەر ئاسپىرانتىمنﯽ باشلاپ قەشقەر، خوتەن رايونلىرىغا بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولدۇم. تەكشۈرگ_ەندىن كېيىن مەسىلىنىڭ ھەقىقەتەن ئېغىرلىقىنﯽ، ئىسلام رادىكال ئىدىيەسىنىڭ بىزگە كۆرسەتكەن تەسىرىنىڭ ئىنتايىن يامان ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىنﯽ ھېس قىلدىم، مەن تەكشۈرۈش جەريانىدا ئىسلام رادىكال ئىدىيەسىنىڭ بىزگە ئېلىپ كەلگەن زىيانلىرﯼ مۇنداق تۆت تەرەپتە ئىپادىلىنىدىكەن دەپ قارىدىم. بىرﯼ، جەمئىيەتنىڭ ئامانلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش مەسىلىسﯽ؛ ئىككىنچىسﯽ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت، زامانىۋﯼ مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىش مەسىلىسﯽ. زامانىۋﯼ مەدەنىيەت، تەرەققىياتنﯽ چەكلەش، بۇ جەھەتتىكﯽ مەسىلىمۇ ئىنتايىن ئېغىر. بالىلارنﯽ مەكتەپلەرگە ئەۋەتمەسلىك، پەننىي مەكتەپلەرگە قارشﯽ تۇرۇش ناھايىتﯽ ئېغىر. ئۇلار پەننىي مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسﯽ يات دىندىكىلەرنىڭ مەكتىپﯽ، بۇ مەكتەپكە بالىلىرىمىزنﯽ بەرگەنسېرﯼ دىنسىزلىشىپ كېتىدۇ دەيدۇ. مانا مۇشۇنداق تەشۋىقاتنىڭ تۈرتكىسﯽ بىلەن نۇرغۇن جايلاردا بالىلىرىنﯽ مەكتەپتىن قاچۇرۇۋېلىپ نادان قالدۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاساسلىق دەۋاتقان شوئارﯼ ياكﯽ كۆر قارىشﯽ: تېلېۋىزور شەيتاننىڭ سىمۋولﯽ، بۇنﯽ كۆرۈشكە بولمايدۇ، مەنئﯽ قىلىنغان دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يات دىندىكىلەر ياسىغان نەرسىنﯽ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. بۇنداق بولغان ۋاقتىدا بىر مۇنچە زامانىۋﯼ تۇرمۇش قوراللىرﯼ، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىغا قارشﯽ تۇرىدۇ. يات دىندىكىلەر ياسىغان ماشىنىدا ئولتۇرۇشقا بولمايدۇ، ئايروپىلاندا ئۇچۇشقا بولمايدۇ. جەنۇبىي شىنجاڭدا مەن بىلىدىغان بىر - ئىككﯽ ئائىلىلىك بار، بۇ ئىككﯽ ئائىلىلىك يىراق جايغا ئۆي سېلىپ ئولتۇرىدۇ. بۇلار ھازىر بازارغا بارمايدۇ، ھۆكۈمەت ياسىغان ئاسفالت يولدا ماڭمايدۇ. ئۇلارنىڭ ماڭىدىغان يولﯽ نېمە دېگەندە، ئۆيﯽ بىلەن دېھقانچىلىق قىلىدىغان يەرگە بىر چىغىر يول ياسىۋاپتۇ، شۇ يولدا ماڭىدىكەن. ئۆزﯼ ئاشلىقنﯽ تېرىپ، ئۆزﯼ بېرىپ تۈگمەندە ئۇن تارتىپ ئەكىلىپ يەيدىكەن. ئۇ ئۆيدە ئېلېكتىر چىراغ يوق، تېلېۋىزور يوق، بۇلار مانا مۇشۇنداق ھايات كەچۈرىدۇ. نېمىشقا؟ ئاۋۇلارنىڭ ھەممىسﯽ يات دىندىكىلەرنىڭ نەرسىسﯽ دەپ قارىغاچقا، بۇ ئويلىنىدىغان مەسىلە؛ ئىككىنچىسﯽ، ئىسلام ئەسەبىي ئىدىيەسىدىكىلەر بىزنىڭ ئەنئەنىۋﯼ مەدەنىيىتىمىزگە ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ. بۇ جەھەتتىكﯽ ئەھۋالمۇ ئىنتايىن ئېغىر. بۇنىڭ ئىچىدە تىپىك مەسىلە سەنئەتكە قارشﯽ تۇرۇش. جەنۇبىي شىنجاڭ، بولۇپمۇ قەشقەر، خوتەننىڭ بىر قىسىم رايونلىرىدا ناخشا ئېيتىشقا، ئۇسسۇل ئويناشقا ئومۇميۈزلۈك رۇخسەت قىلىنمايدۇ. مەشرەپ ئۆتكۈزۈشكە بولمايدۇ، مەن ئاشۇنداق كۆز قاراشتىكىلەر بىلەنمۇ سۆزلەشتىم. نېمە ئۈچۈن مەشرەپ ئۆتكۈزۈشكە بولمايدۇ، نېمە ئۈچۈن ناخشا ئېيتىش، ئۇسسۇل ئويناشقا بولمايدۇ؟ ئۇلارنىڭ دەۋاتقىنﯽ ناخشا - ئۇسسۇل، بولۇپمۇ ناخشىدا كۆپرەك مۇھەببەت مەسىلىسﯽ ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ، مۇھەببەت قىز - ئاياللارنﯽ گۇناھ ئۆتكۈزۈشكە يېتەكلەيدىغان نەرسە، شۇڭا بۇنﯽ ئېيتىشقا بولمايدۇ. مەشرەپ بولسا بۇ ئەر - ئايال ئىككەيلەن ئوتتۇرىغا چۈشۈپ، بىر - بىرىگە بېقىشىپ ئۇسسۇل ئوينايدىغان نەرسە، باشقا بىر ئادەمنىڭ خوتۇنﯽ بىلەن باشقا بىر ئادەمنىڭ ئېرﯼ ئىككىسﯽ بىر - بىرىگە بېقىشىپ ئۇسسۇل ئوينىسا بۇ بولمايدۇ، شۇڭا بۇ مەشرەپنىڭ ئۆزﯼ قائىدىگە چۈشمەيدۇ دېيىشىدۇ. ئۇلار توينﯽ مەسچىتتە ئۆتكۈزۈشنﯽ تەشەببۇس قىلىۋاتىدۇ. مەسچىتتە نىكاھ ئوقۇش كېرەك، مەسچىتنىڭ ئۆزىدە قازان ئېسىش كېرەك دېگەننﯽ تەشەببۇس قىلىۋاتىدۇ. بىر قىسىم رەسساملىرىمىز، ھەيكەلتىراشلىرىمىزغا ھۇجۇم قىلىۋاتقانلار بار. ئەنئەنىۋﯼ پائالىيىتىمىزدىن نورۇزغا قارشﯽ تۇرىدۇ. نورۇز دېگەن ئاتەشپەرەسلىك دىنىنىڭ قائىدىسﯽ، بۇ ئىسلام دىنىدا يوق، بۇ پائالىيەتنﯽ ئۆتكۈزگەنلەر كاپىر، كىم ئۆتكۈزەلەيدىكەن قېنﯽ... دەپ تەھدىت سالغانلار بار. ئاياللارنىڭ چىرايلىق ئەتلەس كىيىملىرﯼ، دوپپىسﯽ چەكلىنىۋاتىدۇ. »ئىسلام دىنىنىڭ قائىدىسىگە بۇ ئەتلەس كۆڭلەك، دوپپىلار بولمايدۇ« دەپ قارىلىۋاتىدۇ. دېمەك، ھازىر كىيىم - كېچەك مەدەنىيىتىمىزگىمۇ، نەزىر - چىراغ، ناخشا - ئۇسسۇل پائالىيىتىمىزگىمۇ قارشﯽ چىقىدىغان ئەھۋال كۆپىيىپ قالدﯼ؛ تۆتىنچىسﯽ كىشىلىك ئەركىنلىككە، كىشىلىك ھوقۇققا قارشﯽ تۇرىدىغان ئەھۋال بار، ئۇنﯽ قىلساڭمۇ يامان بولىدۇ، بۇنﯽ قىلساڭمۇ يامان بولىدۇ، دەپ نۇرغۇن ئادەمنىڭ كىشىلىك ئەركىنلىكىنﯽ بوغۇۋاتىدۇ. بولۇپمۇ بۇ يەردە ئاياللار مەسىلىسﯽ گەۋدىلىك، ئاياللار جەمئىيەتتە خىزمەت قىلسا بولمايدۇ، ئاشكارا سورۇنلارغا بارسا بولمايدۇ، ئۇنىڭ ۋەزىپىسﯽ بالا بېقىش، ئېرىنﯽ كۈتۈش دەپ ئاياللارنﯽ ئۆيگە سولاپ قويىدىغان ئەھۋاللار بار. بىر قىسىم رايونلاردا ئاياللارنﯽ خىزمەت قىلىشتىن چەكلەۋاتىدۇ. مېنىڭ ئاخىرىدا دېمەكچﯽ بولغىنىم: بىز ئۇيغۇرلارنىڭ زىيالىيلىرﯼ، يازغۇچىلار، تەتقىقاتچىلار، نەشرىيات خادىملىرﯼ. مەن سىياسىي نۇقتىدىن ھېچنېمىنﯽ ئويلىمىدىم، ئۇنﯽ ئويلايدىغان سىياسەتچىلەر بار، ھۆكۈمەت بار، مەن ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت نۇقتىسىدىن ئويلاۋاتىمەن، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىيات نۇقتىسىدىن ئويلاۋاتىمەن. بىز يېڭﯽ مەدەنىيەتكە قەدەم قويغىلﯽ 100 يىل بولدﯼ، ئابدۇقادىر داموللا باشچىلىقىدىكﯽ قەشقەردىكﯽ يېڭﯽ مەدەنىيەت ھەرىكىتﯽ بىزگە نۇرغۇن يېڭىلىقلارنﯽ ئېلىپ كەلدﯼ. شۇنىڭدىن كېيىن پەننىي مەكتەپلەر ئومۇملاشتﯽ، زامانىۋﯼ مەدەنىيەت بىلەن ئۇچراشتۇق. 100 يىلدىن بۇيان مۇشۇنداق تەرەققىياتلارنﯽ بېسىپ ئۆتتۇق. بۈگۈنكﯽ كۈنگە كەلگەندە، بىز يەنە 100 يىل بۇرۇنقﯽ ئاشۇ جەمئىيەتكە قايتامدۇق؟ بىز سۈكۈت قىلىپ ئولتۇرۇۋېرەمدۇق؟ بىز بىر زىيالىي بولغان ئىكەنمىز ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تەرەققىياتﯽ ئۈچۈن ئويلانمامدۇق؟ بىز ھەرقانداق مەسىلە ئالدىمىزغا كەلگەن ۋاقتىدا، مۇشۇ ئىش ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۇيغۇنمۇ ئۇيغۇن ئەمەسمۇ دەپ ئويلىشىمىز كېرەك. ئەگەر ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا پۇتلىكاشاڭ بولسا، بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بولسا، ئۇنداق ئىدىيەنىڭ بىزگە كېرىكﯽ يوق. بىز ئەمدﯼ سۈكۈت قىلىپ ئولتۇرۇۋەرسەك بولمايدۇ. ھەممىمىز تەڭ ھەرىكەتكە كېلىپ، بۇنىڭدىن 100 يىل بۇرۇن قوزغالغان ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئويغىنىش ھەرىكىتىنﯽ، نەتىجىلىرىنﯽ قوغداپ قالايلﯽ. |