ئابلىمىت سادىق)ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسﯽ، »تارىم« ژۇرنىلىنىڭ سابىق باش مۇھەررىرﯼ:( ھۆرمەتلىك يىغىن ئەھلﯽ، مەن تۇيۇقسىز بۇ سۆزگە تەكلىپ قىلىنىپ قالدىم. مەيلﯽ تۇيۇقسىز بولسۇن، مەيلﯽ ئالدىنئالا دېيىلگەن بولسۇن، بۇ سۆزلەشكە تېگىشلىك سورۇن دەپ قارايمەن. »تارىم« ژۇرنىلﯽ بۇ يىغىننﯽ ئېچىپ ناھايىتﯽ ياخشﯽ ئىش قىپتۇ. بۇ ناھايىتﯽ ۋاقتىدا بولۇنغان ئىش دەپ قارايمەن. مېنىڭمۇ ئۇزاقتىن بېرﯼ كاللامدا بەزﯼ نەرسىلەر بىر تۈگۈنچەك بولۇپ كېلىۋاتقان، يېقىننىڭياقﯽ بەزﯼ نەرسىلەرنىڭ سەل تېگﯽ - تەكتىنﯽ كۆرگەندەكمۇ بولغانتىم. بىز ئۈرۈمچىدە يۈرۈپ ئۆزىمىزنىڭ ئىشﯽ بىلەنلا بولۇپ، بەزىدە تۆۋەندە نېمە بولۇۋاتىدۇ، بۇنىڭغا تازا دىققەت قىلمايدىغان ۋاقلىرىمىز باركەن. مەن يېقىندا غۇلجىدىن كەلگەن بىر سەنئەتچىدىن مۇنداق گەپنﯽ ئاڭلىدىم: غۇلجىدا بىر مۇزىكانتىمىز بارتﯽ، شۇنىڭ ئائىلىسىدە ئۆلۈم بوپتىكەن، بۇنىڭغا مەسچىت جامائىتﯽ كىرمەپتۇ، چۈنكﯽ بۇنﯽ ساز چالىدۇ دەپ شۇنداق قىپتۇ. ئاڭلاپ ھەيران قالدىم، بۇنداق گەپنﯽ مەن ئەقلىمگە كەلگەندىن بېرﯼ ئاڭلىمىغان، گەپنىڭ راستﯽ، باشقا يەرلەردە شۇنداق ئىش بارمۇ يوقمۇ ئۇقمايمەن. بىزنىڭ ئىسلام دىنﯽ نۇقتىسىدىن ئېيتقاندىمۇ ھەرقانداق ئادەم ۋاپات بولسا، ئۇ يەرگە ئەلۋەتتە جامائەت كىرىدىغان گەپ، ئۇنﯽ يەرلىككە قويىدىغان گەپ. بۇ ئەزەلدىن كېلىۋاتقان قائىدە. بىرسىنﯽ سەنئەتچﯽ دەپ ئۇنىڭ ئائىلىسىگە پەتىگە كىرمىدﯼ دېگەننﯽ مەن ئاڭلىمىغان، شەخسەن غۇلجىدا تېخىمۇ ئاڭلىمىغان. غۇلجىنﯽ ھەممىمىز بىلىمىز، ھەرھالدا شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىغا قارىغاندا، ھازىرقﯽ زامان مەدەنىيىتﯽ بالدۇرراق كىرگەن يەر، چۈنكﯽ ئۆز ۋاقتىدىكﯽ سابىق سوۋېتلەر ئىتىپاقىنىڭ چېگراسﯽ بولغاچقا، غۇلجىغا ئەينﯽ ۋاقتىدا چەتنىڭ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ، شۇنداقلا ياۋروپانىڭ مەدەنىيىتﯽ ئەڭ بالدۇر كىرگەن. مۇشۇنداق بىر جايدا ھازىرقﯽ كۈنگە كەلگەندە مۇشۇنداق بوپتۇ، مۇشۇنداق بىر كەيپىياتنىڭ ئاشۇ يەردە چىققانلىقىغا مەن تۇرۇپلا ھەيران قالدىم. كېيىن ئاڭلىسام بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر بەزﯼ ئەھۋاللار باركەن. بارا - بارا مۇشۇنداق ماڭسا، بىز نەگە بارىمىز؟ مىللىتىمىز نېمە بولىدۇ؟ دېگەن نەرسە مېنىڭ كاللامغا كىرىپ قالدﯼ. يېقىندا مەن ئازات سۇلتاننىڭ »ئۈرۈمچﯽ كەچلىك گېزىتﯽ«گە چىققان ماقالىسىنﯽ ئوقۇپ، ناھايىتﯽ رازﯼ بولدۇم. يەنە شۇنداق بىر قانچە ماقالىلەر چىقتﯽ. تارىخنﯽ ھەممىمىز بىلىمىز، مەن ئۆز ۋاقتىدا مۇشۇ شىنجاڭغا كەلگەن ئېكسپىدېتسىيەچىلەرنىڭ ئەسەرلىرىنﯽ قويماي ئوقۇيمەن. مەيلﯽ سېۋىن ھىدىن بولسۇن، سىتەيىن بولسۇن، پېرژىۋالىسكﯽ بولسۇن، مەيلﯽ ۋەلﯽ چوقانۇف بولسۇن، مۇشۇنداق نۇرغۇن ئېكسپىدېتسىيەچىلەر، ئارخېئولوگلار شىنجاڭغا كەلگەن، نۇرغۇن كىتابلارنﯽ يازغان. شۇلارنىڭ كىتابلىرىنىڭ ئىچىدە شۇ ۋاقتىدىكﯽ شىنجاڭنىڭ تۇرمۇش ھالىتﯽ ئازدۇر - كۆپتۇر ئەكس ئەتكەن بەزﯼ رەسىملەرنﯽ بەرگەن. شۇ رەسىملەرنىڭ ئىچىدىمۇ شۇ ۋاقتىدىكﯽ بىزنىڭ تۇرمۇش ھالىتىمىز، ئەھۋالىمىز چىقىپ تۇرىدۇ. بىز ھازىر 21 - ئەسىرگە كەلدۇق، پۈتۈن دۇنيانىڭ ھازىرقﯽ تەرەققىياتىنﯽ ئۇ دەۋرلەرگە ھەرگىزمۇ سېلىشتۇرغىلﯽ بولمايدۇ. بىزنىڭ شىنجاڭنىمۇ، شۇنىڭدەك ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەھۋالىنىمۇ ئۇ ۋاقىتقا سېلىشتۇرغىلﯽ بولمايدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋالدا يەنە بىر قىسىم كۈچلەر، ئۇ مەيلﯽ نېمە تونغا ئورۇنۇۋېلىشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ مىللەتنﯽ، بۇ دەۋرنﯽ ئارقىغا تارتماقچﯽ بولسا، بىز يول قويمايمىز. ھازىرقﯽ مۇشۇ دەۋردە ئۇلارنىڭ كۆرسەتكەن يولﯽ بويىچە ماڭساق قەيەرگە بارىمىز؟ ئۆز ۋاقتىدىكﯽ ئاشۇ 20ـ، 30ـ يىللارغا قايتىمىزمۇ؟ ئېسىمدە قېلىشىچە، مەھكىمە شەرئىنىڭ قازىئاخۇنۇملىرﯼ قولىغا قامچا ئېلىپ، كىم پۈركەنجە ئارتمىسا قامچا بىلەن ئۇرۇپ، سۈر - توقاي قىلغان ئىش باركەن، بۇ جىق بولماپتىكەن، بىر قانچە كۈنلا داۋاملىشىپتىكەن. ئازادلىقتىن كېيىن بۇ پۈركەنجىلەرنىڭ ھەممىسﯽ يوقالدﯼ. ھازىرقﯽ كۈنگە كېلىپ، بۇ پۈركەنجىدىنمۇ ئۆتەر بىر ھالەت شەكىللىنىۋاتىدۇ. بۇ مۇنداق قارىغاندا كىيىم - كېچەكنىڭ ھالىتﯽ، كىيىم - كېچەكتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ كەينىدە يەنە نۇرغۇن ئىش باردەك تۇرىدۇ. تېخﯽ بەزىلەر مۇنداق سەينﯽ يېيىش كېرەك، مۇنداق سەينﯽ يېمەسلىك كېرەك دەيدىكەن. بىر قىسىم مۇشۇنداق دىنىي تونغا ئورۇنۇۋالغان ئەسەبىي كۈچلەر ياكﯽ مۇتەئەسسىپلەر مۇشۇنداق خىلمۇخىل پەتىۋالارنﯽ چىقىرىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا بىر قىسىم ياشلىرىمىز بىلىپ بىلمەي ئەگىشىۋاتىدۇ. مۇشۇ ياشلارنىمۇ قولدىن بېرىپ قويساق، بىزنىڭ مىللەتكە نىسبەتەن بۇ ناھايىتﯽ ئېغىر، خەتەرلىك ئەھۋال. ھازىرقﯽ دۇنيانﯽ ھەممىمىز بىلىمىز، بۇ دۇنيادا قەد كۆتۈرۈپ تۇرىمەن دەيدىكەن، ئىقتىساد، مەدەنىيەت جەھەتتە تەرەققىي قىلىش كېرەك. ھازىرقﯽ دەۋرگە يېتىشىپ ماڭماي تۇرۇپ، بۇ دۇنيادىكﯽ مىللەتلەر قاتارىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغىلﯽ بولمايدۇ. ھېلىقىدەك بىر قىسىم كۈچلەرنىڭ نۇقتىئىنەزەرﯼ بويىچە بولىدىغان بولسا، ئۇ چاغدا بىز ئالدىغا مېڭىش ئەمەس، كەينىمىزگە مېڭىشقا توغرا كېلىدۇ، بىز ھازىرقﯽ مۇشۇ تەرەققىياتقىمۇ ئاسان كەلمىدۇق. تارىخنﯽ ئېيتساق، بايا دېگەندەك نۇرغۇن ئەگرﯼ - توقايلار، نۇرغۇن قان تۆكۈشلەر بىلەن بولغان تەرەققىيات بۇ. ئازادلىقتىن كېيىنكﯽ ئەگرﯼ - توقايلىقمۇ ئاز بولمىدﯼ. ھازىرمۇ بىز بەك تەرەققىي قىلىپ كەتتۇق دەپ ئېيتالمايمىز. مېنىڭچە، بىز تېخﯽ دەسلەپكﯽ قەدەمنﯽ بېسىۋاتىمىز دېسەكمۇ بولىدۇ. تېخﯽ ھەممىمىز بۇ نادانلىق پاتقىقىدىن پۈتۈنلەي قۇتۇلۇپ كەتتۇق دەپ ئېيتماق تەس. تېخﯽ بىزنىڭ ئالدىمىزدا بۇ جەھەتتە ئىشلەيدىغان ئىشلار تولا. دۇنيا ھازىر مۇشۇنداق كېتىۋاتقان شارائىتتا، ئەگەر مەدەنىيەت ۋە باشقا جەھەتتە ئارقىغا چېكىنىشنىڭ ئالدىنﯽ ئالمىساق، مېنىڭچە بۇ خەتەرلىك ئەھۋال. ھەتتا ھازىر »ئۇيغۇر« دېگەن ئىسىمنىڭ ھاجىتﯽ يوق دەپ قارايدىغانلار باركەن. بۇ ئايرىم ساندىكﯽ ئىش ئەمەس، بەلكﯽ ئومۇمىيلىققا قاراپ يۈزلىنىۋاتقان ئەھۋالدەك تۇرىدۇ، بۇنىڭدا ئەلۋەتتە خەلقئارانىڭمۇ تەسىرﯼ بار، تۈرلۈك ئامىللىرﯼ بار. گېزىت، تېلېۋىزور، رادىيولاردىن ھەممىمىز كۆرۈۋاتىمىز، ئاڭلاۋاتىمىز، خەلقئارادا نېمە ئىشلار بولۇۋاتقانلىقىنﯽ، خەلقئارادىمۇ خۇددﯼ مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاشلا بىر جىددىي كۈرەش. ھازىر گەرچە بىزگە ئۇنچە جىددىي بولۇپ كەلمىسىمۇ، لېكىن ئالدىنﯽ ئالمىساق، ئاشۇنداق جىددىيلىككە بارىدىغان ئەھۋال ھازىر شەكىللىنىۋاتقاندەك تۇرىدۇ. بولۇپمۇ بۇ بىز زىيالىيلارنىڭ ئالدىدا تۇرۇۋاتقان مەسىلە، شۇنداق بىر ۋەزىپىمىز بار. يېقىندا ئازات سۇلتان قاتارلىق بىر قانچە يولداشلىرىمىزنىڭ ماقالىلىرىنﯽ ئوقۇدۇق، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ يەنە داۋاملىق چىقىپ تۇرۇشﯽ مۇمكىن. بىر مىللەتنىڭ زىيالىيلىرﯼ شۇ مىللەتنىڭ سەركىلىرﯼ ھېسابلىنىدۇ. مېنىڭچە بۇنىڭغا ئىلمىي ئاساستا، ئاڭلىق ھالدا تاقابىل تۇرۇشىمىزغا توغرا كېلىدۇ دەپ ئويلايمەن. بۇ بىزنىڭ بۇرچىمىز، بۇ جەھەتتىن ئېيتقاندا، مەنمۇ قولۇمدىن كېلىشىچە بۇنىڭغا ھەسسە قاتىمەن. بەزىلىرىمىز ماقالە يېزىشىمىز مۇمكىن، بەزىلىرىمىز تۈرلۈك كىتابلارنﯽ ئىشلىشىمىز مۇمكىن، مەيلﯽ قايسﯽ جەھەتتىن بولسۇن مەدەنىيەت ھاياتىمىزنﯽ تېخىمۇ جانلاندۇرۇش كېرەك دەپ قارايمەن، بولۇپمۇ ھازىرقﯽ ئىلغار مەدەنىيەتنﯽ ئەۋج ئالدۇرۇپ، تۇرمۇشىمىزنﯽ جانلاندۇرۇش كېرەك دەپ قارايمەن، بولۇپمۇ ياشلارنﯽ تارتىش كېرەك. |