نادىر ئەسەرلەر بىلەن خەلقنى ئىلغارلىققا يېتەكلەيلى(2)

يوللانغان ۋاقتى:07-01-2014   مەنبە: Tarimweb.com   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 7 پارچە
ئازات سۇلتان ) شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرل

ئازات سۇلتان) شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسﯽ پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسﯽ، ئەدەبىياتـ سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسﯽ:(

«تارىم» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرﯼ، شائىر ياسىن زىلال بۇ قېتىمقﯽ يىغىننىڭ مۇھىم نۇقتىسﯽ ھەققىدە ناھايىتﯽ ئوبدان توختالدﯼ. بۇ قېتىمقﯽ يىغىن ھەقىقەتەن قاراتمىلىقﯽ ناھايىتﯽ ئېنىق بىر يىغىن. بۇ يەردە ژۇرنال تەھرىر ھەيئەتلىرﯼ ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتﯽ ئۈچۈن ھەسسە قوشۇپ كېلىۋاتقان، ئۆزلىرىنىڭ ياخشﯽ ئەسەرلىرﯼ بىلەن خەلققە زوق بېرىۋاتقان، خەلقىمىزنﯽ تەربىيەلەپ، يېتەكلەۋاتقان، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ شەۋكىتىنﯽ ئاشۇرۇۋاتقان ئىجادكارلىرىمىز، ئۇستازلىرىمىز ئولتۇرۇپتۇ. بۇ يىغىن ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ تەشكىللىگەن ئىككىنچﯽ قېتىملىق يىغىنﯽ، ئۆتكەندە بىر قىسىم پېشقەدەم يازغۇچىلىرىمىز ۋە ھەرقايسﯽ ژۇرناللاردا ئىشلەۋاتقان بىر قىسىم كادىرلىرىمىز بىلەن سۆھبەت يىغىنﯽ ئاچقان، ناھايىتﯽ ياخشﯽ بولدﯼ، يىغىن قاتناشقۇچىلىرﯼ ئۆزلىرىنىڭ ئۇزاقتىن بېرﯼ، جەمئىيەتتە ئېقىپ يۈرگەن بەزﯼ گەپ - سۆزلەر، بەزىبىر ھادىسىلەرگە نىسبەتەن ئىچىنىڭ پۇشۇپ تۇرغانلىقىنﯽ، زادﯼ گەپ قىلمىسا بولمايدىغان يەرگە كېلىپ قالغانلىقىنﯽ ئېيتتﯽ، مەن ناھايىتﯽ تەسىرلەندىم. يېقىندا مەن بىر ماقالە يازدىم، بۇ ماقالە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشﯽ بىلەن يېزىلدﯼ. ئۆزۈمنىڭمۇ ئۇزاقتىن بۇيان مۇشۇ مەسىلىلەر ھەققىدە گەپ قىلمىسام بولمايدىغان يەرگە كەپ قالدىمۇ قانداق، نېمە بولۇۋاتىمىز بىز دەپ، ئىچىم پۇشۇپ تۇرغان. ئۇ ماقالىنﯽ ھازىر تورلاردا، ھەر خىل تاراتقۇلاردا، گېزىت - ژۇرناللاردا ئېلان قىپتۇ. مېنىڭ كۆز قاراشلىرىم ئاشۇنداق. مەن ئىزچىل تۈردە ئۆزۈمنىڭ مىللىتىمنﯽ سۆيۈپ كەلدىم، بىزنىڭ مىللىتىمىز __ ئۇيغۇر مىللىتﯽ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ قاتارىدىكﯽ تارىخﯽ ئۇزاق، مول مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ئىگە، ئىشچان، ئىجادكار، شۇنداق ياخشﯽ بىر مىللەت. ئۇنىڭ ماددىي مەدەنىيىتﯽ بولسۇن، مەنىۋﯼ مەدەنىيىتﯽ بولسۇن پۈتۈن دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ئاللىقاچان ئېتىراپىغا ئېرىشكەن، بىزنىڭ قانداق قىلىپ يايلاق مەدەنىيىتىدىن تېرىم مەدەنىيىتىگە كۆچكەنلىكىمىز ھەم ھەر ئىككﯽ مەدەنىيەتتە ناھايىتﯽ ئىجادكارلىق بىلەن ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە ۋەكىللىك قىلىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ھەسسە قوشقانلىقىمىزغا ئائىت پاكىتلار ئىنتايىن كۆپ. بىزنىڭ ئېغىز ئەدەبىياتىمىز شىنجاڭدىكﯽ باشقا مىللەتلەردىن كەم ئەمەس، ئەلۋەتتە باشقا قېرىنداش مىللەتلەرنىڭمۇ »ماناس«قا ئوخشاش ئۇزۇن ھەجىملىك داستانلىرﯼ، ئاقىللار ئېيتىشىشﯽ، »جاڭغىر« دەك داستانلىرﯼ... مۇشۇنداق ئەسەرلىرﯼ بار، شۇ قاتاردا ئۇيغۇرلارنىڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىمۇ ناھايىتﯽ رەڭدار ۋە مول. بىزنىڭ يېزىق تارىخىمىزغىمۇ 51 ئەسىردىن ئېشىپ قاپتۇ، يېزىق پەيدا بولغانىكەن، ئۇنداقتا بىزنىڭ يازما ئەدەبىياتىمىزمۇ 6 - ئەسىردىن باشلىنىپ يېزىلىپتۇ، تاشلارغا ئويۇلۇپتۇ، ساقلىنىپ كېلىۋېتىپتۇ. بۇ يەردە بىزنىڭ مۇتەخەسسىسلىرىمىزمۇ ئولتۇرىدۇ، ھەقىقەتەن ئاشۇنداق بەك ئىپتىخارلىنىمىز. بىزنﯽ شېئىرىي مىللەت دەيدۇ، بۇنداق بولۇشىدا دۇنيانىڭ ئېتىراپىغا ئېرىشكەن ئەلىشىر نەۋايﯽ بار. نەۋايىنﯽ دۇنيا تەتقىق قىلىدۇ. يېقىندا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ غەمخورلۇقﯽ بىلەن ئەلىشىر نەۋايىنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرﯼ ئۈچ خىل شەكىلدە نەشر قىلىندﯼ ھەم خەلقئارا يىغىن ئېچىلىپ، نەۋايىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكﯽ بىر قېتىم دۇنياغا جاكارلاندﯼ، بۇمۇ دۇنيا ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ ئاستا - ئاستا ئېتىراپىغا ئېرىشىۋاتىدۇ. يازما ئەدەبىياتىمىزدىكﯽ نامايەندىلىرىمىزنﯽ ھەممىمىز بىلىمىز، »قۇتادغۇبىلىك« يەتكەن پەللە، تەپەككۇر بەك يۇقىرﯼ، ئۇنىڭدا مەيلﯽ پەلسەپە نۇقتىسىدىن، مەيلﯽ ئېستېتىكا نۇقتىسىدىن بولسۇن، مەيلﯽ قىممەت قاراشلار نۇقتىسىدىن، مەيلﯽ دىنىي ئېتىقاد ھەققىدىكﯽ قاراشلاردىن بولسۇن، ھەممىسىدە شۇ زاماننىڭ ئەڭ ئىلغارلىقىدا تۇرۇپ، ئەڭ ئېگىز نۇقتىسىدا تۇرۇپ پىكىر قىلىنغان. »تۈركىي تىللار دىۋانﯽ«نﯽ ھەممىمىز بىلىمىز. 2008 - يىلىنﯽ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مائارىپ، پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتﯽ )مەھكىمىسﯽ( مەھمۇد كاشغەرىي يىلﯽ قىلىپ بېكىتتﯽ. نۇرغۇن دۆلەتلەردە خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرﯼ ئۆتكۈزۈلدﯼ، جۈملىدىن ئېلىمىزنىڭ پايتەختﯽ بېيجىڭدا 2008 - يىلﯽ يىغىن ئېچىلدﯼ. دېمەك، ئۇنىڭ قىممىتىنﯽ دۇنيا ئېتىراپ قىلىدۇ. بىز مۇشۇنداق ئەسەرلەرنﯽ، ئەدەبىياتنﯽ ياراتقان. بىزنىڭ تىل ئۆگىنىش ئادىتىمىز بار، ھازىر نۇرغۇنىمىز ئۆزىمىزنىڭ ئانا تىلىمىزدىن باشقا خەنزۇ تىلىنىمۇ پىششىق بىلىمىز، ھەتتا تۆت - بەش تىلنﯽ بىر - بىرىگە ئارىلاشتۇرمىغان ھالدا مۇكەممەل بىلىدىغان ئادەملىرىمىزمۇ بارغانسېرﯼ كۆپىيىۋاتىدۇ. بىزدە يىراق ئوتتۇرا ئەسىردىن باشلاپ تىل ئۆگىنىش، تىل ئىشلىتىش قىزغىن بىر ئۇدۇمغا ئىگە. ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيادىكﯽ تىل بەيگىسىدە پارس تىللىرﯼ بىلەن بىللە، تۈركىي تىللارنىڭ بىر جۈپ تۇلپاردەك ئەڭ ئالدىدا ماڭغانلىقىنﯽ دۇنيا ئالىملىرﯼ ئالللىقاچان قەيت قىلغان. بىزنىڭ نۇرغۇن ئەدىبلىرىمىز قوش تىلدا، كۆپ تىلدا ئەسەرلەر يازغان، تەرجىمە بىلەن شۇغۇللانغان. مۇشۇنداق بىر مىللەت قانداق قىلىپ مۇشۇنداق مەدەنىيەتنﯽ يارىتالىدﯼ؟ يەكۈنلىسەك، بىز ئىزچىل تۈردە دەۋرنىڭ ئەڭ ئېگىزلىكىدە تۇرۇپ، ئاشۇ دەۋرنىڭ ئىلغارلىقىغا، تەرەققىياتىغا ۋەكىلللىك قىلىپ ياشاپ كەپتىكەنمىز، ئىجاد قىلىپ كەپتىكەنمىز. ھەرقايسﯽ دەۋرلەردە ئىزچىل شۇنداق قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن مىللتىمىزنىڭ تەسىر دائىرىسﯽ كېڭىيىپ، مۇشۇنداق چوڭ بىر مىللەتكە ئايلىنىپتىكەنمىز. مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتىمۇ ئۇنداق تەپتەكشﯽ ئەمەسكەن، ھەر خىل دوقاللارغا، سوقماقلارغا دۇچ كېلىدىكەنمىز. مەن شۇ ماقالەمدىمۇ ئون  ئىككﯽ مۇقامنﯽ تىلغا ئالدىم. خانىش ئاماننىساخان ئون ئىككﯽ مۇقامنﯽ رەتلەپ، ئۇنىڭغا قايتىدىن ھاياتىي كۈچ بەخش ئەتكەن ۋاقىتلىرىدا سوپﯽ - ئىشانلار، يەنﯽ شۇ ۋاقتىدىكﯽ دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر قارشﯽ تۇرغانىكەن. شۇ ۋاقتىدىمۇ ئۇلار »قۇرئان«نﯽ، ئىسلام دىنىنﯽ تەپسىرلەشتە، چۈشەندۈرۈشتە، چۈشىنىشتە ئادەملەرنىڭ سەۋىيەسىدىكﯽ پەرقلەردىن، شۇ ۋاقتىدىكﯽ ھەر خىل كەيپىياتلاردىن پايدىلىنىپ خەلقنﯽ ئېزىقتۇرۇپتىكەن. لېكىن خەلقنىڭ ئۆزىنىڭ سەنئىتىگە بولغان مۇھەببىتﯽ ھەم گۈزەللىك، چىنلىق، ياخشىلىققا بولغان ئىنتىلىشﯽ تۈپەيلﯽ، بۇلارنىڭ ئۇرۇنۇشلىرىمۇ ئەمەلگە ئاشماپتىكەن. يەنە شۇ دەۋردە ئاپپاق غوجا جۇڭغاردىكﯽ غالدان توپىلاڭچىلىرىنﯽ باشلاپ كېلىپ، يەكەن خانلىقىنﯽ يوقاتقاندىن كېيىن ئۇيغۇرلار ئۇزاق ۋاقىت ئاشۇنداق بۆلۈنمە ھالەتتە، جەڭگﯽ - جېدەللەر ئىچىدە، دىنىي نىزالار ئىسكەنجىسىدە ياشاپ كەلگەنىكەن. نەچچە گۇرۇھ، نەچچە توپقا بۆلۈنۈپ، بىر - بىرىنﯽ بوغۇشۇپ، بىر - بىرىنﯽ قىرىشىپ كەپتىكەن. شۇ ۋاقىتلارنﯽ تەتقىقاتچىلار ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدىكﯽ ئەڭ قاراڭغۇ، ئەڭ جاھالەتلىك زامان دەپ قارايدۇ. ئەقلﯽ بار ئادەم ئۆزىنىڭ مىللىتىگە مەسئۇل بولالايدىغان ئادەمدۇر. مۇشۇ يەردە ئولتۇرغاندەك زىيالىيلىرىمىز، يازغۇچىلىرىمىز، تارىخنىڭ، بۇنداق ئىشلارنىڭ قايتا تەكرارلىنىشىنﯽ ھەرگىز خالىمايدۇ، بۇ تارىخىي ساۋاقلارنﯽ ئۇنتۇپ قېلىشقا پەقەتلا بولمايدۇ. بىزنىڭ مۇشۇ ئولتۇرغان پىروفېسسورلىرىمىزمۇ كىتابلىرىنﯽ مۇشۇنداق يېزىپ كەلدﯼ، مۇشۇنداق سۆزلەپ كەلدﯼ، شۇڭا مۇشۇ مەسىلىلەرنﯽ مېنىڭچە بىزنىڭ ياشلىرىمىزغا سۆزلەيدىغان، چۈشەندۈرىدىغان ۋاقىت ئاللىقاچان كەلدﯼ. بىز كۆڭۈل بۆلمەي ئولتۇرساق، بۇنداق خار - زەبۇنلۇق كېڭىيىپ بىزنىڭ مىللىتىمىزمۇ ئاشۇ پاتقاققا پاتىدىغاندەك تۇرىدۇ. كىيىم - كېچەك مەسىلىسىمۇ بىر نەچچە كۈندىن بېرﯼ تېلېۋىزور، رادىيولاردا كۆپ سۆزلىنىۋاتىدۇ. مۇنداق قارىماققا ئاددىي بىر كىيىم - كېچەكتەك قىلغان بىلەن، كىيىم  - كېچەك ۋەكىللىك قىلىدىغان بىر خىل خاھىش تۇمانغا ئوخشاش تارايدىغان بولسا، ئاشۇ دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ مەقسىتﯽ ئىشقا ئېشىپ قالغۇدەك. ئاشۇنداقلا ماڭىدىغان بولسا، بىزنىڭ ياشلىرىمىز راستلا جىنايەت يولىغا ماڭىدۇ. ھازىر بىر قىسىم ياشلار زامان بىلەن، تەرەققىيات بىلەن، ھۆكۈمەت بىلەن قارشىلىشىدىغان بىر خىل ئاتموسفېرا ھازىرلىنىۋاتىدۇ. مۇشۇ ئاتموسفېرا بولىدىغانلا بولسا، بىزنىڭ بۇ يەردە تىنچلىق، ئىناقلىق بولمىقﯽ تەس. مېنىڭچە ئولتۇرغان ھەممىمىز بۇنداق بولۇشىنﯽ خالىمايمىز ھەم بۇنىڭغا يول قويمايمىز. بۇنىڭغا يول قويماسلىقنىڭ يولﯽ __ ئۆزىمىزنىڭ قولىدا قەلەم بار، يازايلﯽ، ئاغزىمىز بار سۆزلەيلﯽ. مۇشۇنداق ماڭسا بىزنىڭ ناخشا - ئۇسسۇل، مۇزىكا سەنئەتلىرىمىز، كىيىم  - كېچەك مەدەنىيەتلىرىمىز قانداق بولۇپ كېتەر؟ مېنىڭ مۇشۇ ئىشلارغا ئىچىم پۇشىدۇ. بۇ يەردە چوڭلار بار، ئۇستازلىرىمىز بار، مۇشۇ ئىشلارنﯽ تەتقىق قىلىپ يېزىۋاتقان مۇتەخەسسىسلىرىمىز بار، مەن مۇشۇنچىلىك سۆزلەپ تۇراي.




ھالقىلىق سۆزلەر : تارىم، مەدەنىيەت، سۆھبەت


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار