نادىر ئەسەرلەر بىلەن خەلقنى ئىلغارلىققا يېتەكلەيلى(10)

يوللانغان ۋاقتى:07-01-2014   مەنبە: Tarimweb.com   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 7 پارچە
غەيرەتجان ئوسمان ) شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتﯽ فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىىنىڭ پىروفېس

غەيرەتجان ئوسمان )شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتﯽ فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىىنىڭ پىروفېسسورﯼ:(

مەن بىر قىسقىلا گەپ قىلاي، بىز بۇ يەردە ھازىرقﯽ زامانىۋﯼ، ئىلغار مەدەنىيەتكە قانداق پوزىتسىيە تۇتۇش مەسىلىسﯽ ھەققىدە مۇھاكىمە قىلىۋاتىمىز. بىزگە مەلۇم، ئىسلام دىنىنﯽ قوبۇل قىلغان مۇشۇ 1000 يىلدىن بېرﯼ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە دىن، پەن ئورتاق تەرەققىي قىلىپ كېلىدىغان بىر ۋەزىيەت بولغان. دىنمۇ ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىپ كەتمىگەن، پەنمۇ پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قالمىغان، بۇنىڭ شۇنداق مىسالﯽ باركﯽ، 1000 يىل بۇرۇن يېزىلغان يۈسۈف خاس ھاجىبنىڭ »قۇتادغۇبىلىك« داستانىدا، ئاللاغا، پەيغەمبىرىمىزگە، چاھاريارلارغا ھەمدۇسانا ئوقۇپ دىنىي ۋەزىپىنﯽ ئورۇنداپ بولۇپ، پۈتۈنلەي ئەسەر، ئىلىم - پەن، ئەخلاق - پەزىلەت، جۈملىدىن ئەينﯽ زاماننىڭ زامانىۋﯼ ئىلىم - پەنﯽ ھەققىدە پىكىر بايان قىلغان. كىلاسسىكلىرىمىز ئەينﯽ زاماندا ئىلىم - پەن، مېھنەت، ئەخلاق، ھەققانىيەت، ئىجادىيەت، جۈملىدىن ۋەتەنسۆيەرلىك ئىدىيەسىنﯽ تەشەببۇس قىلغان، بولۇپمۇ 18 - ئەسىرلەردە ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيەلىرﯼ ناھايىتﯽ يۇقىرﯼ سەۋىيەگە يەتكەن. گۇمنام، نۆبىتﯽ، مەشھۇرﯼ قاتارلىق شائىرلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ يۇرتﯽ بولغان قەشقەر، خوتەن، يەكەن قاتارلىق شەھەرلەرنﯽ مەككە - مۇكەررەمە بىلەن تەڭ ئەمەس، ھەتتا ئۇنىڭدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويغان. ئۆزلىرىنىڭ تاۋاپ قىلىدىغان جايﯽ مانا مۇشۇ يەر دەپ قارىغان، بۇ خىل ئىدىيە كېيىنكﯽ ۋاقىتلاردا داۋاملىق كۈچەيگەن. شۇ خىل ئىدىيە تاسادىپىي مەيدانغا كېپقالغان ئەمەس، بۇمۇ ئۇزاق يىللىق ئەجدادلىرىمىزنىڭ ۋەتەنسۆيەرلىك، خەلقسۆيەرلىك ئىدىيەسىنىڭ تەرەققىي قىلىپ يۇقىرﯼ سەۋىيەگە يەتكەنلىكىنﯽ چۈشەندۈرىدۇ.

ئەخەت تۇردﯼ )»تارىم« ژۇرنىلىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باش مۇھەررىرﯼ، يازغۇچﯽ:(

مېنىڭ قارىشىمچە ھازىر بىزنىڭ مىللەت ناھايىتﯽ چوڭ تاللاشقا ۋە بىر دوقالغا دۇچ كەلدﯼ دېيىشكە بولىدۇ. ھەقىقىي بىر مىللەتپەرۋەر ئادەم، مىللەتنﯽ سۆيىدىغان ئادەم ئۆزىگە ھازىر »مىللىتىم نەگە بارىدۇ، نېمە بولماقچﯽ« دەپ سوئال قويىدىغان پەيت كېلىپ قالدﯼ. مەن ئويلايمەن، ھازىر بىز ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان، بىز دەۋاتقان ئىشلار، بىزنىڭ تەرەققىياتىمىزنﯽ، بىزنىڭ ئىستىقبالىمىزنﯽ توسۇيالمايدۇ ھەم توسۇشىمۇ مۇمكىن ئەمەس، لېكىن ئۇ بىزنىڭ پېشىمىزگە، پۇتىمىزغا ئېسىلىپ قەدىمىمىزنﯽ ئاستىلىتىۋېتىدۇ، يۈز - كۆزلىرىمىزگە توپا چېچىپ ئالدىمىزنﯽ سەل تۇمانلاشتۇرۇپ قويىدۇ. شۇڭا بىز يەنە ئۇلارنﯽ ھېچنېمە قىلالمايدۇ دەپ قويۇۋەتسەك جاھالىيەتكە يول قويغان بولۇپ قالىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇشۇ يەردە ئولتۇرغان يولداشلارنىڭ ھەممىمىز مىللەتنىڭ ئىلغار بىر قىسمﯽ، تەشۋىقات بىلەن شۇغۇللىنىمىز. زىيالىيلار مىللەتنىڭ سەرخىل ئەزاسﯽ ھېسابلىنىمىز. ئەگەر بىزدە ھەقىقىي مىللەتنﯽ سۆيۈش ئىدىيەسﯽ بولسا، بىز مىللىتىمىز دۇچ كېلىۋاتقان ھازىرقﯽ پېشكەللىكلەرۋە بەزىبىر خاتالىقلاردىن ساقلاپ قېلىشىمىز كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەممىمىز مەسئۇلىيەتنﯽ چوڭقۇر ھېس قىلىشىمىز كېرەك.




ھالقىلىق سۆزلەر : تارىم، مەدەنىيەت، سۆھبەت


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار