نادىر ئەسەرلەر بىلەن خەلقنى ئىلغارلىققا يېتەكلەيلى(3)

يوللانغان ۋاقتى:07-01-2014   مەنبە: Tarimweb.com   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 7 پارچە
ئىمىن ئەخمىدﯼ ) شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەئەتچىلەر بىرل

ئىمىن ئەخمىدﯼ)شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسﯽ، شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ سابىق مۇدىرﯼ، شائىر:(

مۇشۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئاپتونوم رايونلۇق تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشﯽ بىلەن گېزىت - ژۇرنال ئوقۇپ تەكشۈرۈش ئىشخانىسىدا ئىشلەپ يۈرۈپ مەدەنىيەت ئىستېمالﯽ توغرىسىدا كۆپرەك ئويلىنىدىغان بولۇپ قالدىم. بىزدە ئىككﯽ خىل ئىستېمال بولىدۇ، بىرسﯽ ماددىي ئىستېمال، يەنە بىرسﯽ مەدەنىيەت ئىستېمالﯽ. ماددىي ئىستېمالدىمۇ مېنىڭ ئۆزۈمنىڭكﯽ نۇرغۇن ماتېرىياللاردىن كۆرگىنىم ياكﯽ ھاياتلىق تەقرىبىلىرﯼ ئارقىلىق يىغىنچاقلىغان خۇلاسەمدىن قارىغاندا، ئەقەللىيسﯽ نېمىنﯽ يېيىش، نېمىنﯽ يېمەسلىك كېرەك، نېمىنﯽ نېمە بىلەن قوشۇپ يېسە ئادەمگە زىيان قىلىدۇ، دېگەنلەرگە قەدەر بىزنىڭ تېبابەتچىلىكىمىزدە ئاللىبۇرۇن بەزﯼ قائىدىلەر شەكىللىنىپ بوپتىكەن. مەن مۇشۇ قاتاردا ماددىي ئىستېمالغۇ جانغا زامىن بولىدىكەن، مەنىۋﯼ ئىستېمالدا چاتاق چىقسا پۈتۈن مىللەتنىڭ روھىغا زامىن بولىدىغان ئىشكەن دېگەننﯽ يېقىندىن بۇيان كۆپ ئويلاندىم. دېمىسىمۇ، ماددىي ئىستېمالدىكﯽ دىققەت قىلماسلىق بىر شەخسنىڭ جېنىغا زامىن بولسا ياكﯽ زامىن بولالمىغان تەقدىردىمۇ ئۇنﯽ خىلمۇخىل كېسەلگە گىرىپتار قىلغان بولسا، مەنىۋﯼ ئىستېمالدىكﯽ خاتا ئىستېمال قىلىش، بولۇپمۇ مەدەنىيەتنﯽ تاللىماي ئىستېمال قىلىش شەخس بىلەن قالماستىن، پۈتكۈل مىللەتنىڭ مەنىۋىيىتىگە زامىن بولىدىكەن، بۇ ھازىر ناھايىتﯽ ئېنىق بولۇپ قالدﯼ. ئۇيغۇر مىللىتﯽ باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاش ئەزەلدىن مەيلﯽ ماددىي ئىستېمال، مەيلﯽ مەنىۋﯼ ئىستېمال بولسۇن، تاللاشقا ناھايىتﯽ دىققەت قىلىپ كەلگەن. ئۇيغۇر مىللىتﯽ ئۆزىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىدا بىر نەچچە خىل يېزىقنﯽ تاللاپتۇ. مەن بۇنﯽ يېزىق تاللاش ئەمەس، ئېھتىمال بۇ بىر مەدەنىيەتنﯽ تاللاش دەپ قارىدىم. چۈنكﯽ، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80 ـ، 90 - يىللىرىدا ياكﯽ ئۇنىڭدىن بۇرۇن بىزنىڭ پىنيىن يېزىقﯽ ئاساسىدا لاتىن ھەرپىنﯽ تاللىغانلىقىمىزمۇ شۇ ۋاقتىدىكﯽ بىر خىل مەدەنىيەت تاللاش بولغان. كېيىن تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلﯽ ئۇنىڭدىن ۋاز كەچتۇق. ھازىر يەنە ئوڭ تەرەپتىن سول تەرەپكە قاراپ خەت يېزىپ، خەلقئارا ئۇچۇر ۋە ئالاقىدا زور قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتىمىز. مۇشۇنىمۇ ئۆز ۋاقتىدا يېزىق تاللاش ئەمەس، ئەسلىي بىر خىل مەدەنىيەت تاللاش تەرىقىسىدە قوبۇل قىلغان بولساق، بىزنىڭ خەلقئارا بىلەن بولغان ئۇچرىشىشىمىز ۋە تۇتۇشۇشىمىز ناھايىتﯽ ياخشﯽ بىر مەزگىلگە قەدەم قوياركەن دەپ ئويلايمەن. بۇ مىللەت ئۆزىنىڭ پۈتۈن تارىخىي تەرەققىيات باسقۇچىدا بىر نەچچە خىل دىنلارغا ئېتىقاد قىپتۇ. مەن بۇ دىنلار توغرىسىدىكﯽ ئېتىقادنىمۇ يالغۇز كىشىنﯽ ئەندىشىگە سالىدىغان ياكﯽ ئەيمەندۈرىدىغان بىر خىل ئېتىقادنىلا ئەمەس، بەلكﯽ ئۆز نۆۋىتىدە ئىنتىلىش ۋە بىر خىل مەنىۋﯼ تەپەككۇر ئېلىپ كېلىدىغان مەدەنىيەتنىمۇ تاللىغان دېگەن يەرگە كەلدىم. دىننﯽ تاللاش نوقۇل ھالدىكﯽ دىن تاللاش ئەمەس، بەلكﯽ مۇئەييەن بىر مەدەنىيەتنﯽ تاللىغان دېگەن يەرگە كەلدىم. دېمىسىمۇ بىزنىڭ خەلقئارادىكﯽ ياكﯽ ئىلىمىزدىكﯽ ئالىم، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ھەممىسﯽ بۈيۈك يىپەك يولىغا يۇنان - گىرېك مەدەنىيىتﯽ، ئەرەب - ئىسلام مەدەنىيىتﯽ، ھىندﯼ - بۇددا مەدەنىيىتﯽ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتﯽ كىرىپ كەلگەن، ئۇلار ئۆزئارا ئۇچراشقان، بىر - بىرىگە سوقۇلۇپ، ئۇچقۇن پەيدا قىلغان، مۇشۇ يەرگە مەركەزلىشىپ، كېيىن تەرەپ تەرەپكە تارقالغان دەپ يازىدۇ. يالغۇز دىن كىردﯼ دەپ تەتقىق قىلمايدۇ، بەلكﯽ ئۇنﯽ يەنە بىر مەدەنىيەت ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويىدۇ. لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن مەن تارىخقا نەزەر سالسام، شۇ دىنلارغا ئېتىقاد قىلغان ۋاقىتتا بۇ ئۇيغۇر مىللىتﯽ شۇ دىنلارنىڭ مىللەت تەۋەلىكىگە ئۆتۈپ، باشقا بىر مىللەت بولۇپ كەتمەپتۇ، شۇ خىل دىننﯽ قوبۇل قىلىش جەريانىدا يالغۇز دىنىي ئەھكام ۋە ئەركانلارنىلا قوبۇل قىلماي، بەلكﯽ شۇنىڭ بىلەن بىر قاتاردا تۇرىدىغان مەدەنىيەتنىمۇ قوبۇل قىپتۇ. مەن ماتېرىياللارنﯽ ئاختۇرۇپ قارىدىم. مىلادﯼ 7 - ئەسىردە ئەرەب زېمىنىدا ياكﯽ ئوتتۇرا شەرقتە قەدىمكﯽ رىم مەدەنىيىتىنىڭ پېشىۋالىرىدىن سوقرات، ئەپلاتون، ئارىسىتوتىللارنىڭ كىتابلىرﯼ ئالدﯼ بىلەن ئەرەب تىلىغا تەرجىمە قىلىندﯼ، ئەرەب تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن لاتىن تىلﯽ ئارقىلىق ياۋروپاغا قايتا بىر تەرجىمە قىلىندﯼ. شۇ قاتاردا 8 - ئەسىرلەرگە كەلگەندە ئوتتۇرا شەرقتە بىزگە مەلۇملۇق بولغان بىرونﯽ، ئەل جەبىر، رۇشىد ياكﯽ ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن قوشۇپ ھېسابلىغاندا ئىبىن سىنا، ئەل رازﯼ، ئۆمەر ھەييام ۋە يەنە داۋاملاشتۇرغاندا شەيخ سەئىدﯼ، غوجا ھاپىز شىرازﯼ، پىردەۋىسﯽ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسﯽ بىلەن ئۇيغۇر مىللىتﯽ تونۇشتﯽ. يالغۇز دىن بىلەنلا تونۇشمىدﯼ، بەلكﯽ شۇ چاغدىكﯽ مەدەنىيەتنﯽ گەۋدىلىك ھالدا ئىپادىلەپ بەرگەن نۇرغۇن ئەللامىلەر بىلەنمۇ تونۇشتﯽ. ئۇلارنىڭمۇ ئىلغار پىكىر - قاراشلىرىنﯽ قوبۇل قىلدﯼ، يەنە شۇنىڭ بىلەن بىر قاتاردا ھىندىستاندىكﯽ ۋە باشقا ئەللەردىكﯽ مەدەنىيەتنىڭ مۇنەۋۋەر تەركىبلىرىدىن ئۇيغۇر مەدەنىيىتﯽ ئوزۇق ئالغانلىقﯽ شەك - شۈبھىسىز ھەممىمىزگە ئايان مەسىلە. لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن ئۇلار شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە قارا - قويۇق قوبۇل قىلىپ، يا ئەرەب بولۇپ كەتمىدﯼ، يا پارس بولۇپ كەتمىدﯼ، ياكﯽ ھىندﯼ بولۇپ كەتمىدﯼ، ياكﯽ باشقا بىر دۆلەتنىڭ مىللىي تەۋەلىكىگە ئۆتۈپ كەتمىدﯼ، يەنىلا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنﯽ ساقلاپ كەلدﯼ. كېيىنكﯽ مەزگىلدىكﯽ تەرەققىيات شۇنﯽ ئىسپاتلىدىكﯽ، ئۇيغۇر مىللىتﯽ يالغۇز باشقىلارنىڭكىنﯽ ئۆگىنىپ قوبۇل قىلىش بىلەنلا قالماي، ئۆز ۋاقتىدا سانﯽ بۇخارا دەپ ئاتالغان ۋە سەئىدىنىمۇ ئۆزىگە چىللاپ كېلىشكە جۈرئەت قىلغان قەشقەردەك زېمىندا يۈسۈف خاس ھاجىب 13 مىڭ مىسرالىق »قۇتادغۇبىلىك«نﯽ، شۇنداقلا مەھمۇد كاشغەرىي »دىۋان« نﯽ، ئەھمەد يۈكنەكﯽ ئۆزىنىڭ »ئەتەبەتۇلھەقايىق« قاتارلىق ئەسەرلىرىنﯽ روياپقا چىقاردﯼ. بۇ ئۇلاردىن قوبۇل قىلىنىپ، ئۆگىنىپ ئەمەس، ئوتتۇرا شەرقتىكﯽ ئەدەبىيات - سەنئەت گۈللىنىۋاتقان ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە، 10 - ئەسىردە شىنجاڭدىن ئىبارەت مۇشۇ زېمىندىمۇ ئەدەبىيات - سەنئەت بىر قېتىم گۈللەنگەن، مۇشۇ مىللەتنىڭمۇ ئۆز ئالدىغا تەپەككۇرﯼ، ئوي - پىكرﯼ، ئۆزىنىڭ ئىزدىنىشلىرﯼ بولغان. ئۇلار تەبىئىي پەنلەر توغرىسىدا سۆزلىگەندە، يۈسۈف خاس ھاجىبمۇ ئۆزىنىڭ ئەسىرىدە تۆت تادۇ ۋە ئاستىرونومىيە، گېئومېتىرىيە، تىرگونومېتىرىيە توغرۇلۇق ئۆزىنىڭ پىكىرلىرىنﯽ ئوتتۇرىغا قويغان. شۇڭا بۇ مىللەت يالغۇز دىنىي ئەھكام ۋە ئەركانلارنىلا قوبۇل قىلىپلا قالماي، يەنە مەدەنىيەتنىڭ مۇنەۋۋەر تەركىبلىرىنىمۇ ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان دەپ ئېيتالايمىز. كېيىنكﯽ تارىخ، بولۇپمۇ غەربىي يۇرت ناخشا - ئۇسسۇل، مۇزىكىلىرىنىڭ ئىچكىرﯼ ئۆلكىلەرگە تارقىلىشﯽ، 16 - ئەسىرگە كەلگەندە »ئون ئىككﯽ مۇقام« بولۇپ شەكىللىنىپ مۇكەممەل بىر ھالەتكە كەلگەنلىكﯽ ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكﯽ ئەدىب، ئۆلىمالارنىڭ تاكﯽ 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكﯽ كىلاسسىك ئەدەبىياتنىڭ ئەڭ ئاخىرىقﯽ ۋەكىلﯽ موللا بىلال نازىمىغا قەدەر داۋاملاشقانلىقﯽ بىزنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتە توغرا، ساغلام ئىستېمالدا بولۇپ، مەنىۋىيىتىمىزنﯽ بېيىتىپ كەلگەنلىكىمىزنﯽ تولۇق ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. ھەتتا ئازادلىقنىڭ باشلىرىدا، مېنىڭ ئۆزۈم شۇ ۋاقىتتىكﯽ ئەھۋاللارنﯽ ئېنىق بىلىمەن، 1950 - يىللاردا جەنۇبىي شىنجاڭدا ئىجارە كېمەيتىش، يەر ئىسلاھاتﯽ، زومىگەرلەرگە زەربە بېرىش قاتارلىق ئىجتىمائىي ھەرىكەتلەر بولغاندا، بىزنىڭ دىنىي زاتلىرىمىز ناھايىتﯽ زور رول ئوينىغان. شۇ چاغدىكﯽ پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرﯼ ئىجتىمائىي ئىسلاھاتلاردا دىنىي زاتلارنىڭ، ئۆلىمالارنىڭ رولىنﯽ ناھايىتﯽ زور دەرىجىدە جارﯼ قىلدۇرغان. شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىكﯽ ئەھۋالدىن قارىغاندا، ھازىرقﯽ كىيىنىۋالغان كىيىم - كېچەكلەر مەۋجۇت بولمىغان، ھەتتا ئەقەللىيسﯽ مەن باشلانغۇچ مەكتەپتىمۇ تۆت يانچۇقلۇق چاپان كىيىسىلەر دېۋىدﯼ، دەرھال كىيىپ كەتكەنلىكىم ھازىرغىچە ئېسىمدە، بۇ يالغۇز بىر خىل قارىغۇلارچە قوبۇل قىلىش ئەمەس، بەلكﯽ يەنە شۇ مىللەتنىڭ ئۆزىنىڭ ھۆرلۈككە، ئازادلىققا ئىنتىلىش جەريانىدىكﯽ بىر خىل تاللىشﯽ، شۇڭا ماددىي ئىستېمالدىكﯽ تاللاش ناھايىتﯽ يۇقىرﯼ پەللىگە كۆتۈرۈلگەن، مەنىۋﯼ ئىستېمالدىكﯽ تاللاشمۇ يۇقىرﯼ بىر پەللىگە كۆتۈرۈلگەن، ھازىرقﯽ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە، بىز مەنىۋﯼ ئىستېمالدىكﯽ خاتا ئىستېمال قىلىش مەسىلىلىرىگە قاراپ تۇرساق، ماددىي ئىستېمالدا ئەرز قىلغىلﯽ بولغان ئورۇنلارغا ئەرز قىلغانغا ئوخشاش، بىزمۇ مەنىۋﯼ ئىستېمالدا كەتكۈزۈپ قويغان جايلارنﯽ ئۆزىمىزنىڭ ۋۇجۇدىدىن ئىزدەپ تۇرۇپ، بۇ ھەقتە گەپ قىلمىساق بولمايدىغان ئەھۋال شەكىللەندﯼ. چۈنكﯽ، ئىنساننىڭ ئىستېمالﯽ ئاساسەن مۇشۇ ئىككﯽ ئىستېمال بولغاندا، ماددىي ئىستېمالنىڭ باياشات بولۇپ كەتكەنلىكﯽ بىر مىللەتنىڭ مەنىۋﯼ جەھەتتە قانچىلىك كاپالەتكە يەتكەنلىكىنﯽ تېخﯽ ئىسپاتلاپ بېرەلمەيدۇ. بىزنىڭ رېستورانلىرىمىز، ئاشپۇزۇللىرىمىز، بىز ئىشلىتىۋاتقان دورىلار، يەۋاتقان تاماقلار، كىيىۋاتقان كىيىملەر، ئېكرانلار، سەھنىلەر، خىلمۇخىل كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىنىڭ ھەممىسﯽ مىللەتنىڭ كۈچلۈك مىللەتلەر، تەرەققىي قىلغان مىللەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالىدىغانلىقىنﯽ ئالدىراپ دەلىللەپ بېرەلمەيدۇ. ئۇنىڭدا چوقۇم بىر مەدەنىيەت ئوبرازﯼ بولۇش كېرەك. مەدەنىيەت ئوبرازﯼ شۇ مىللەتنىڭ كىملىكﯽ، بىر دۆلەت ئۈچۈن دۆلەتنىڭ كىملىكﯽ. ئۇنﯽ ئىقتىسادىي جەھەتتىلا ئەمەس، بەلكﯽ مەنىۋﯼ جەھەتتە دۇنيانىڭ ئالدىنقﯽ قاتاردىكﯽ دۆلەتلەرنىڭ قاتارىغا قويۇشتا، بۇ دۆلەتنىڭ ئالدﯼ بىلەن تەكىتلەيدىغىنﯽ ئۇنىڭ مەدەنىيەت ئوبرازﯼ. شۇڭا مەدەنىيەتتىكﯽ بىخەتەرلىك ئىنتايىن مۇھىم. بىر مىللەت ئۈچۈنمۇ ئالدﯼ بىلەن ئەڭ مۇھىم بولغىنﯽ ھايات ياشاشتىن باشقا شۇنﯽ دۇرۇس، ئۆرە قىلالايدىغان مۇھىم نەرسە مەنىۋىيەتتىكﯽ ياكﯽ مەدەنىيەتتىكﯽ ئوبرازﯼ. ئەگەر بىر دۆلەت، بىر مىللەت ئۆزىنىڭ مەدەنىيەتتىكﯽ ئوبرازىنﯽ قولدىن بېرىپ قويسا، بۇ دۆلەت، بۇ مىللەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ. مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ساپا مائارىپىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتىنىڭ مۇدىرﯼ، شىمالىي جۇڭگو سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتﯽ ئىلمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرﯼ، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكﯽ ياڭ شۇزﯼ دېگەن كىشﯽ: »بىر مىللەتنىڭ پەن - تېخنىكىسﯽ بولمىسا، ئۇ بىر پەشۋاغىمۇ يارىمايدۇ، ئەگەر ئۇنىڭ مەدەنىيىتﯽ بولمىسا، ئەنئەنىسﯽ بولمىسا، پەشۋا تەگمىسىمۇ ئۆز - ئۆزىدىن ۋەيران بولىدۇ« دېگەن، بۇ گەپنﯽ مەن ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ ماقالىلىرىدىن ئۇقۇغان. بۈگۈن ئەتىگەندە بۇ گەپنﯽ كىمنىڭ دېگەنلىكىنﯽ تېپىۋېلىپ شۇنداق سۆيۈنۈپ كەتتىم. ياڭ شۇزﯼ ئەگەر بىر مىللەتنىڭ مەنىۋىيىتﯽ، مەدەنىيىتﯽ، ئەنئەنىسﯽ بولمىسا، بۇ مىللەت مەۋجۇت بولمىسىمۇ بولىدۇ دەپتۇ. بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشتىكﯽ مەنىۋﯼ تۈۋرۈكﯽ بولغان مەدەنىيەت ۋە مەدەنىيەتتىكﯽ ئوبراز ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنﯽ چوڭقۇر ھېس قىلدىم. بىزنىڭ ھازىر دېمەكچﯽ بولغان سۆزلىرىمىزمۇ ئاساسەن بىزنىڭ مەدەنىيەت ئوبرازىمىز. ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت ئوبرازﯼ زادﯼ قانچىلىك؟ ئۆزىگە تەئەللۇق مەدەنىيەت ئوبرازىنﯽ شەكىللەندۈرەلىدىمۇ؟ كۆرسىتەلىدىمۇ؟ ئەگەر ئۇيغۇرلاردا مەنىۋﯼ مەدەنىيەت، مەنىۋىيەت، مۇشۇنداق بىر روھ، مۇشۇنداق بىر تاللاش ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن مەنىۋىيەت ئىستېمالﯽ بولمىغان بولسا، بۇ مىللەت مېنىڭچە دۇنيادىكﯽ ئالغا كەتكەن مىللەتلەرنىڭ قاتارىدىن ئاللىقاچان چۈشۈپ قالغان بولاتتﯽ. ئۇنىڭ يەر شارﯼ بويىچە ئىقتىساد ۋە باشقا جەھەتلەردە زور تەرەققىيات يۈز بەرگەن بۈگۈنكﯽ كۈنلەردە ھازىرقﯽ زامان مىللەتلىرىنىڭ قاتارىغا كىرەلىگەنلىكىنﯽ مۇشۇ مىللەتنىڭ ئەزەلدىن ئۆزىنىڭ مەدەنىيەتتىكﯽ ئوبرازىنﯽ ساقلاپ كەلگەنلىكﯽ ۋە مەدەنىيەت بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلغانلىقىدىن دەپ قارايمەن. بىز بايا ئازات سۇلتان ئوتتۇرىغا قويغاندەك، مۇشۇ مىللەتنىڭ بەك سەرخىللىرىدىن بولۇپ كەتمىسەكمۇ، ئومۇمەن ئالدىنقﯽ قاتاردا باشقىلارنﯽ يېتەكلەپ مېڭىشنﯽ كۆڭلىمىزگە پۈككەن زىيالىيلارنىڭ بىر قىسمﯽ. يېقىندىن بۇيان يۈز بېرىۋاتقان ھادىسىلەر توغرىسىدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىر نەچچىمىزنﯽ يىغىپ سۆھبەت ئېلىپ باردﯼ. مۇشۇ پىكىرلىرىمىزنىمۇ شۇ يەردە ئوتتۇرىغا قويدۇق، ماقالە يازىدىغان بولدۇق ھەم يازدۇق. نۆۋەتتە گېزىت - ژۇرناللارغا بېرىلىۋاتقان ماقالىلەر بەك مۇكەممەل بولۇپ كەتمىگەن بولسىمۇ، لېكىن بىزنىڭ زىيالىيلىرىمىزنىڭ ياكﯽ ئاساسىي ئېقىمدىكﯽ زىيالىيلارنىڭ ساداسىنﯽ، يۈرەك سۆزلىرىنﯽ ئوقۇرمەنلەرگە ئاڭلاتتﯽ دەپ قارايمەن، كىشىلەرنىڭ باھاسىمۇ ياخشﯽ، لېكىن يەنە بىر قىسىم ئەسەبىيلەشكەن كىشىلەر مۇشۇ خىل توغرا مۇددىئادىكﯽ ئىلمىي ماقالىلەر ۋە سۆزلەرگە نىسبەتەن ئۆزىنىڭ قارشىلىقىنﯽ بىلدۈرۈپ ياكﯽ ناھايىتﯽ ئەسەبىي قىلمىشىلار بىلەن ياكﯽ بولمىسا ناھايىتﯽ بىمەنە سۆزلەر بىلەن ئۆزىنىڭ بىز بىلەن قارشىلىشىۋاتقانلىقىنﯽ ئاشكارىلىدﯼ. مۇشۇنداق بىر پەيتتە 1000 يىللارسىرﯼ مەدەنىيەت ئىستېمالىدا توغرا يولنﯽ تاللىغان، ئۆزىنىڭ مەنىۋىيىتىنﯽ بېيىتقان بىر مىللەت ھازىرمۇ يەنە بىر قېتىملىق مەدەنىيەت تاللاشقا دۇچ كەلدﯼ، مەدەنىيەت ئىستېمالىغا دۇچ كەلدﯼ دەپ قارىدىم. شۇڭا، بىز زادﯼ قانداق بىر مەدەنىيەتنﯽ ئىستېمال قىلدۇق، بۇنىڭدىن كېيىن يەنە قانداق مەدەنىيەتنﯽ ئىستېمال قىلىمىز، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئىستېمال قىلىۋاتقىنﯽ ئىستېمال قىلسا بولىدىغان مەدەنىيەتمۇ ياكﯽ پۈتۈن مىللەتنىڭ روھىغا زامىن بولىدىغان مەدەنىيەتمۇ؟ بۇ ھەقتە ئوبدان ئويلىنىشقا تېگىشلىك بولۇپ قالدﯼ. مەن ھەممىمىزنﯽ ئوبدان ئويلاندۇق دەپ قارايمەن، بۇ يەردە ئويلانمىغان بىرمۇ ئادەم يوق، ھەممەيلەن ئولتۇرساق، قوپساق مۇشۇ گەپنﯽ قىلىشىدىغان بولدۇق. نۆۋەتتە پۈتۈن جەمئىيەت جەنۇبىي شىنجاڭدىن شىمالىي شىنجاڭغا قەدەر بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ. بەزىبىر ئەھۋاللار يالغۇز يېزىلاردا، خىلۋەت جايلاردىلا سادىر بولۇپ قالماستىن، ئۈرۈمچىدەك مەركىزىي شەھەرلەردىمۇ خېلىلا ئېغىر. بۇ گەپنﯽ ئۆتكەندە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئەتلىرﯼ بىز بىلەن سۆھبەتلەشكەندە مەنمۇ دېدىم. چىراغ تۈۋﯼ قاراڭغۇ بولۇپ قالدﯼ، نۇرغۇن ئىشلارنﯽ بىز ئۈرۈمچىنىڭ ئۆزىدىن باشلىمىساق، بۇ يەردە قانۇنلىشىپ قالغان ئىش قەشقەر، خوتەندە قانۇنسىز دېيىلسە، كىشىلەر بۇنﯽ ئەلۋەتتە ئىشنﯽ ئاۋۋال ئۈرۈمچىدىن باشلىمامسەن دەيدىغان بولۇپ قالدﯼ، مۇشۇنىڭغا بىر دىققەت قىلساق دېگەن پىكىرلەرنﯽ مەنمۇ ئوتتۇرىغا قويدۇم. دېمىسىمۇ بىز بەزىدە قانۇنلۇق، بەزىدە قانۇنسىز دېگەن گەپلەرنﯽ ئېغىزغا ئالىمىز، قانۇنلۇق دىنىي پائالىيەت دېگەن نېمە، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت دېگەن نېمە؟ ھەتتا مۇناسىۋەتلىك بىرلىك سەپ بۆلۈملىرىگە مەن مۇشۇ سوئالنﯽ قويدۇم. نېمە ئۈچۈن بىر نەچچە خىل ئۆلچەم چىقىرىسىلەر، ئۈرۈمچىدە قانۇنلۇق بولغىنﯽ نېمە ئۈچۈن قەشقەر، خوتەنگە بارغاندا قانۇنسىز، قەشقەر، خوتەندە قانۇنلۇق بولغىنﯽ نېمە ئۈچۈن مېنىڭ مەھەللەمگە بارغاندا قانۇنسىز بولۇپ كېتىدۇ؟ دېسەم، مۇشۇنداق ئەھۋال بارمۇ دەيدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋال بار، ئېغىر، بىز مۇشۇ يەردىن باشلايلﯽ دېيىشتۇق. بۇ گەپلەرنﯽ دېيىشكەنگە ئون نەچچە كۈن بولمىدﯼ. ئۆتكەن يىلﯽ ۋە ئۇنىڭ ئالدىنقﯽ يىللىرىدىن تارتىپ بىز بىرلىك سەپ ئورۇنلىرﯼ، تەشۋىقات بۆلۈملىرىنىڭ بەزﯼ مەسئۇللىرﯼ بىلەن داۋاملىق بۇنﯽ دېيىشىپ كېلىۋاتقان گەپ، چۈنكﯽ بىز گېزىت - ژۇرناللار ئارقىلىق يېقىنقﯽ مەزگىللەردە مەدەنىيەتنﯽ يالغۇز ناخشا - ئۇسسۇل دەپلا تەشۋىق قىلىدىغان ھالەتنىڭ ئېغىرلىشىپ كەتكەنلىكىنﯽ ھېس قىلىپ، بۇ ھەقتە پىكىر قىلغان. مەدەنىيەت يالغۇز ناخشا - ئۇسسۇل ئەمەس، چەت ئەلنىڭ ناخشا - ئۇسسۇللىرﯼ كىرگەن ھامان شىنجاڭ ناھايىتﯽ ياخشﯽ بىر مەدەنىيەتنﯽ قوبۇل قىلدﯼ دەيدىغان تەشۋىقاتلار، ناخشا - ئۇسسۇل بايراملىرىدا ناخشا - ئۇسسۇلنﯽ مەدەنىيەتنىڭ ئومۇمىي قىسمﯽ دەپ تەشۋىق قىلىدىغان بەزﯼ ماقالىلەر، بولۇپمۇ خەنزۇچە گېزىت - ژۇرناللاردا كۆپىيىپ كەتتﯽ. مەدەنىيەت يالغۇز ناخشا - ئۇسسۇل ئەمەس، مەدەنىيەت ناھايىتﯽ مۇرەككەپ بىر تەركىب، ئۇ ئەخلاق، دىن، قانۇن، تارىخ، ئەدەبىيات  - سەنئەت، پەلسەپە، ئېتىكا، ئومۇمەن ھاياتلىق تەجرىبىلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئۆزىنﯽ نامايان قىلىدىغان بىر ئىجتىمائىي ھادىسە. شۇڭا بىز مەدەنىيەتنﯽ تەشۋىق قىلغاندا يالغۇز ناخشا - ئۇسسۇلنىلا تەشۋىق قىلساق بولمايدۇ، دېگەن سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنﯽ سۆزلىشىپ كەلدۇق، بەزىبىر پىكىرلىرىمىزنﯽ ئوتتۇرىغا قويدۇق. شۇڭا مەنمۇ يېقىندا ناھايىتﯽ ئۇزۇن بىر پارچە ماقالە يازدىم، لېكىن ھازىرچە تېخﯽ بۇنﯽ ئېلان قىلىدىغان يەرنﯽ تاپالمىدىم. ماددىي ئىستېمالچىلىق، مەنىۋﯼ ئىستېمالچىلىق ۋە مەدەنىيەتتىكﯽ بىخەتەرلىك دېگەن مۇشۇ مەزمۇندا بەكمۇ ئۇزۇن بىر نېمىلەرنﯽ يازدىم، گەپ - سۆزلىرىمىزنﯽ دېيىشكە تېگىشلىك سورۇنلاردا دېدىم. بىلىمﯽ بار ھەم ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنﯽ ئۈستىگە ئالغان ئادەم زىيالىي بولىدۇ. مېنىڭچە بىلىمﯽ بارلا ئادەمنىڭ ھەممىسﯽ زىيالىي بولمايدۇ. ھەم بىلىمﯽ بار، ھەم مەلۇم ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنﯽ ئۈستىگە ئالغان ئادەم ئاندىن زىيالىي بولىدۇ. مۇشۇ تەرتىپتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بىز كۆپ نەرسىدىن خەۋەردار بىر قوشۇن ھەم مۇئەييەن بىر مەسئۇلىيەتنﯽ ئۈستىمىزگە ئالغان. شۇڭا ھەرگىزمۇ بۇ يولدا چېكىنىدىغان ياكﯽ بەزﯼ تاپتىن چىققان سۆزلەرگە سۈكۈت قىلىدىغان ئەھۋالدا بولماي، ئۆزىمىزنىڭ بۇرچىمىزنﯽ ئادا قىلىشىمىز كېرەك دەپ قارايمەن




ھالقىلىق سۆزلەر : تارىم، مەدەنىيەت، سۆھبەت


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار