نادىر ئەسەرلەر بىلەن خەلقنى ئىلغارلىققا يېتەكلەيلى(6)

يوللانغان ۋاقتى:07-01-2014   مەنبە: Tarimweb.com   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 7 پارچە
مۇھەممەت شاۋۇدۇن ) تارىم ژۇرنىلىنىڭ سابىق باش مۇھەررىرﯼ، شائىر : ( يىغىن ئەھلﯽ

مۇھەممەت شاۋۇدۇن »)تارىم« ژۇرنىلىنىڭ سابىق باش مۇھەررىرﯼ، شائىر:(

يىغىن ئەھلﯽ، بۈگۈنكﯽ بۇ يىغىن ناھايىتﯽ ئەھمىيەتلىك، ناھايىتﯽ زۆرۈر بىر يىغىن بوپتۇ. مەن ھېچقانداق تەييارلىقسىزلا كېلىپ قالغان، لېكىن ئازراق گەپ قىلمىسام بولمايدىغاندەك قىلىدۇ. بىزنىڭ گېزىت - ژۇرناللىرىمىزدا، مەدەنىيەت مىللەتنىڭ جېنﯽ، مەدەنىيەت مىللەتنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالﯽ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالﯽ، مىللەتنىڭ گۈللىنىپ راۋاج تېپىشىنىڭ قۇدرەتلىك كۈچﯽ دېيىلىۋاتىدۇ. مەدەنىيەت نېمە ئۈچۈن شۇنچىۋالا قۇدرەتلىك دېگەندە، ئۇ ئۈچ نەرسىنﯽ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بىرسﯽ، مىللەتنىڭ ھاياتىي كۈچﯽ؛ ئىككىنچىسﯽ، ئۇيۇشۇش كۈچﯽ؛ ئۈچىنچىسﯽ، ئىجادىي كۈچﯽ. مۇشۇنداق ئۈچ خىل كۈچنىڭ بىرىكمىسﯽ  بولغانلىقﯽ ئۈچۈن مەدەنىيەت ناھايىتﯽ يۇقىرﯼ قۇدرەتكە ئىگە ئىكەن. شۇنداق بولغانلىقﯽ ئۈچۈن مەدەنىيەت ئىنسانىيەتنىڭ قىممەتلىك مەنىۋﯼ تۈۋرۈكﯽ، شۇنداقلا بىباھا بايلىقﯽ ھېسابلىنىپ كەلدﯼ. بىز ئۇيغۇر خەلقﯽ ناھايىتﯽ پارلاق مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئىگە خەلق. بىزنىڭ پارلاق مەدەنىيەت ئەنئەنىمىزنىڭ مېنىڭ قارىشىمچە مۇنداق تۈپ ئىككﯽ ئالاھىدىلىكﯽ بار دەيمەن، بىرسﯽ، بىز قوبۇل قىلىشقا ناھايىتﯽ ماھىر؛ ئىككىنچىسﯽ، بىز ئىلغار مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ كەلگەن. بىز تارىختا نۇرغۇن مەدەنىيەت بايلىقىنﯽ ياراتقان، پارلاق مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئىگە. مەن ئۆزۈم تەتقىق قىلغان كۇچا مەدەنىيەت نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقان ۋاقتىدا، كۇچا مەدەنىيىتﯽ ئەينﯽ زاماندا 3 - ئەسىردىن تارتىپ 7 - ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە ناھايىتﯽ زور دەرىجىدە تەرەققىي قىپتىكەن. بۇ ھەقتىمۇ ئارتۇق گەپنﯽ دېمەي، سۇبىخەينىڭ مۇشۇ ھەقتە يازغان بىر سۆزىنﯽ نەقىل كەلتۈرۈپ بېرەي. بۇ سۇبىخەي ب د ت پەن، مەدەنىيەت، مائارىپ تەشكىلاتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشﯽ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ كۆرۈپ بېكىتىشﯽ بىلەن يازغان بىر كىتابىدا:»تەرەققىياتقا، ئىلغارلىققا ۋەكىللىك قىلىدىغان ياڭراق، يېقىملىق كۇچا ناخشىلىرﯼ، مۇزىكىلىرﯼ ئەينﯽ ۋاقىتتا پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا كەڭ دەۋر سۈرۈپلا قالماي، ياپونىيە، كورىيە قاتارلىق ئەللەردە، ھەتتا شۇ ۋاقىتتا بىزگە مەلۇم بولغان پۈتۈن دۇنيادا دەۋر سۈرگەن« دېگەن گەپنﯽ قىلغان. دېمەك، بۇ نېمىنﯽ چۈشەندۈرىدۇ دېگەندە، بىزدە ئۆزىمىزنىڭ تەرەققىياتىدا مەدەنىيىتىمىزنﯽ بېيىتىشتا ناھايىتﯽ ياخشﯽ بىر ئەنئەنىنىڭ بارلىقىنﯽ كۆرسىتىپ بېرىدۇ. پۇتبولچىلىق مەملىكىتىمىزدە يوق شارائىتتا، ئاتۇش دېھقانلىرىنىڭ ئۇنﯽ قوبۇل قىلىشﯽ ئاشۇ ئىلغار مەدەنىيەتنﯽ قوبۇل قىلغانلىقىنىڭ بىر ئالامىتﯽ. بىزنىڭ كىيىم - كېچەكلىرىمىز، سەنئىتىمىز ناھايىتﯽ تەرەققىي قىلغانىكەن. ئەينﯽ ۋاقىتتا پەقەت بەدەننﯽ يېپىش، مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەدەننﯽ گۈزەللەشتۈرۈش سەۋىيەسىگە كۆتۈرۈلگەنىكەن. مەن بەزﯼ رەسىملەرگە قارىسام بۇ كىيىم - كېچەكلەر شۇنداق چىرايلىق، شۇنداق نەپىس، شۇنداق يۇقىرﯼ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە ئىكەن. ھازىر سىرتنىڭ مەدەنىيەت تەسىرﯼ، بولۇپمۇ مەدەنىيەت توقۇنۇشﯽ بولۇۋاتقان، سىرتنىڭ خىلمۇخىل مەدەنىيەت تەسىرﯼ قوبۇل قىلىنىۋاتقان مۇشۇ شارائىتىمىزدا ھەر خىل نەرسىلەر كىردﯼ. مېنىڭمۇ ناھايىتﯽ ئىچىم پۇشىدۇ. پۈتۈن يۈز - كۆزىنﯽ توسۇۋالسا، بۇ نېمە ئۈچۈن يارالدﯼ؟ گۈزەللىكىنﯽ يوشۇرۇپ ئۆتۈپ كېتەمدۇ بۇ دۇنيادىن؟ نېمە قىلىق، نەدىن يۇقتﯽ؟ نېمىنىڭ تەسىرﯼ بۇ؟ ناھايىتﯽ ئىچىمنﯽ پۇشۇردﯼ دە بۇ ئىشلار. دېمەك، بۇ بىر خىل ناھايىتﯽ ناچار يۈزلىنىش. بىز شۇنداق بىر ئىلغار ئەنئەنىگە ئىگە، باي مەدەنىيىتىمىز بار بىر مىللەت تۇرۇقلۇق. بۇ قانداق قىلىق؟ كىيىم - كېچەكلىرىمىز شۇنداق گۈزەل، كىيىم - كېچەك بايرىمﯽ قىلىدىغان ئىش بولسا، ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم - كېچەك بايلىقﯽ ھېچقايسﯽ مىللەتنىڭ ئالدىدا چېنىپ قالمايدۇ، بىزگە شۇنداق چىرايلىق يارىشىدۇ. مۇشۇنداق نەرسىلەرنىڭ يامراپ كېتىشﯽ كىيىم - كېچەكنىڭلا ئىشﯽ ئەمەس، بۇ بىر خىل خاھىش، مەدەنىيەتكە نىسبەتەن ھاقارەت، ئۆزىمىزنىڭ ئەنئەنىسىنﯽ يوقىتىش. مەدەنىيەت ئۆزىمىزنىڭ ئەنئەنىمىزنﯽ راۋاجلاندۇرۇش ئاساسىدا يۈكسىلىدىغان گەپ، شۇ ئەنئەنىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىرىنﯽ ئەلۋەتتە قوبۇل قىلىمىز. مەدەنىيەت ئەلۋەتتە ناھايىتﯽ مۇھىم، ئۇ مىللەتنىڭ جېنﯽ، شۇنداقلا مىللەتنىڭ مەنىۋﯼ تۈۋرۈكﯽ، بىباھا بايلىقﯽ، ئىلغار مەدەنىيەتنﯽ قوبۇل قىلىپ ئۆزىمىزنﯽ بېيىتىپ، ئۆزىمىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنىڭ ساغلام ئەسلىي قىياپىتىنﯽ ساقلىشىمىز كېرەك.




ھالقىلىق سۆزلەر : تارىم، مەدەنىيەت، سۆھبەت


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار