نادىر ئەسەرلەر بىلەن خەلقنى ئىلغارلىققا يېتەكلەيلى(7)

يوللانغان ۋاقتى:07-01-2014   مەنبە: Tarimweb.com   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 7 پارچە
سۇلتان ھاشىم ) يازغۇچﯽ : ( ھازىر جەمئىيەتتىكﯽ بەزىبىر ئىشلارنﯽ كۆرگەندىن كېيىن

سۇلتان ھاشىم )يازغۇچﯽ:(

ھازىر جەمئىيەتتىكﯽ بەزىبىر ئىشلارنﯽ كۆرگەندىن كېيىن ئىچىم سىقىلىدىغان بولۇپ قالدﯼ. بىرسﯽ بىلەن مۇڭدىشىپ، ئاشۇ دەرد - ئەھۋالىمىزنﯽ بىر قۇر دەۋالايلﯽ دېسەك، بىكاردىن بىكار يوقىلاڭ بىر بالاغا قېلىپ يۈرمەيلﯽ دەيدىغان بىر يەرگىمۇ كەپ قالىدىكەن كىشﯽ. مۇشۇنداق بىر ئەھۋالدا بۈگۈن »تارىم« ژۇرنىلﯽ نەشرىياتﯽ مۇشۇنداق بىر يىغىننﯽ ئۇيۇشتۇرۇپتۇ، شۇڭلاشقا مەن مۇشۇ گەپلىرىمنﯽ، كۆرگەنلىرىمدىن بىر نەچچىسىنﯽ دەپ بەرمەكچﯽ. بىر ھەپتە بۇرۇن نەنمىندا ئاپتوبۇس كۈتۈپ تۇرسام، ئۈچ ياش، بەش ياش، يەتتە ياشلاردىكﯽ ئۈچ بالىنﯽ ئاتا - ئانىسﯽ ئاپتوبۇسقا ئېلىپ چىقماقچﯽ بولۇپ ئ_ۆچىرەتتە ت_ۇرۇپتۇ. مەن ھېلىقﯽ ئۈچ ياشلىق بالىغا قاراپ ئويلىنىپ قالدىم، مۇشۇ بالا بۈگۈن مۇشۇ كىيىمنﯽ كىيىۋاتىدۇ، كېيىن بەش ياشقا بارغاندا، يەتتە ياش، ئون ياشقا بارغاندا باشقا كىيىمنﯽ كىيگۈزۈپ قويسا ياق، مېنىڭ كىيىدىغان كىيىمىم باشقىتﯽ، مەن ئورىلىدىغان بىر كىيىمنﯽ كىيىپ ئۆگەنگەن، ماۋۇ زامانىۋﯼ كىيىم ماڭا سەل يات تۇيۇلۇۋاتىدۇ، دەپ ئويلاپ قېلىشﯽ مۇمكىن. چۈنكﯽ ئۇ ئۈچ ياش ۋاقتىدىن تارتىپ شۇنداق كىيىنىپ ئادەتلەندﯼ. ئەمدﯼ شۇ بالا چوڭ بولغان ۋاقتىدىچۇ؟ ئاشۇ ئورالغان كىيىمﯽ بىلەن قانداق تەربىيەلەنگەن بولسا، كېيىن شۇ بويىچە تەربىيەلىنىپ، بىزنىڭ بايىقﯽ دەۋاتقان مەدەنىيىتىمىزدىن بارغانسېرﯼ يىراقلاپ كېتىدۇ. مەن 1953 - يىلﯽ غۇلجىدىن ئۈرۈمچىگە ئاتا - ئانامنﯽ كۆرگىلﯽ كەلگەندە بۇ يەردىكﯽ مەدەنىيەتنﯽ كۆرۈپ ناھايىتﯽ خۇشال بولغان. بىزنىڭ شۇ چاغدا كۆپرەك ئۇچرىشىدىغان كىتابلىرىمىزمۇ سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كىرىدىغان كىتابلار، كۆرۈۋاتقان كىنولىرىمىزمۇ سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئىشلەنگەن كىنولار بولغىنﯽ ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ تەسىرﯼ بىزگە باشقا مىللەتلەرنىڭكىگە قارىغاندا چوڭقۇرراق بولغان، شۇ چاغلاردا سابىق شىنجاڭ ئىنستىتۇتىدىكﯽ ئوقۇغۇچﯽ، ئوقۇتقۇچىلار ئاجايىپ چىرايلىق كىيىنىپ كوچىغا چىقسا، سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئىشلەنگەن كىنولاردا تۇرمۇشتا ئەكس ئەتتۈرۈلگەن تۇرمۇش بىزدىمۇ بولۇۋاتقاندەك ئىچ - ئىچىمدىن  خۇشال بولاتتىم. ئۇ چاغدا مەدەنىيەت ئاشۇنداق بولىدىغان ئوخشايدۇ، دېگەن بالىلارچە ئويمۇ بارتﯽ. مەن ئوتتۇرا مەكتەپنﯽ غۇلجىدا تۈگەتكەن، غۇلجىدا رۇس مەكتىپﯽ بارتﯽ، ئۇ سىتالىن مەكتەپ دەپ ئاتىلاتتﯽ، ئۇ مەكتەپتە كۆپرەك رۇسلار، تاتارلار، ئۆزبېكلەر، بىر قىسىم ئۇيغۇرلارمۇ ئوقۇيدىغان، مەكتەپنىڭ تولۇق ئوتتۇرا دەرىجىلىك سىنىپلىرىمۇ بولىدىغان، بۇ يەردە ئاشۇ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن كىشىلەرنىڭ بالىلىرﯼ ئوقۇيتتﯽ.

ئۇلارنىڭ كىيىنىش، يۈرۈش - تۇرۇشلىرىنىڭ ھەممىسﯽ ئادەمنىڭ زوقىنﯽ كەلتۈرەتتﯽ. كېيىن مۇشۇنىڭ تۈرتكىسﯽ بىلەن ئىلىدىكﯽ قىزلار ئوتتۇرا مەكتىپىدىكﯽ ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ كىيىم - كېچىكىدە، يۈرۈش - تۇرۇشىدا ئاجايىپ بىر جانلىقلىق، پاكىزلىق، روھىي تېتىكلىك بارلىققا كەلدﯼ، بىز مۇشۇلارغا قاراپ روھلىناتتۇق. بىز خېلﯽ تەرەققىي قىپتۇق، مەدەنىيىتىمىز خېلﯽ ئىلگىرىكەن دەپ ئويلايتتۇق، ھەتتا شۇ چاغدا ئوقۇغان كىتابلار، كۆرگەن كىنولارغا قاراپ، بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز شۇلارغا يېقىنلىشىۋېتىپتۇ دەپ روھلىنىدىغان، شۇ دەۋردىن تارتىپ ھازىرغا كەلگىچىلىك ئانچىمۇ چېكىنىش بولمىغان. مەدەنىيەت ئىنقىلابىمۇ بىزنىڭ كىيىم - كېچەكلىرىمىزگە ئانچە - مۇنچە تىغ تەگكۈزۈپ باققان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئۇزاق داۋاملاشمىغان، بىز ئۆزىمىزنىڭ مەدەنىيىتىنﯽ يەنە ساقلاپ، ئۇنﯽ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بۈگۈنكﯽ كۈنگە كەلگەنىدۇق. ئەمدﯼ باياتىنقىدەك ئەھۋاللار ئادەمنﯽ ھەقىقەتەن ئويلاندۇرۇپ قويىدىكەن. مەن ئاشۇ كىچىك ئىككﯽ بالىغا قاراپ ئىچىم ناھايىتﯽ سېرىلىپ كەتتﯽ. بۇ مۇشۇنداق ماڭسا كېيىن قانداق بولار، يالغۇز ئۇ بىر بالىلا ئەمەس، بىزنىڭ ئۆپچۆرىمىزدە مۇشۇنداق ئىشلار خېلﯽ كۆپ. ئىلىغا بارسام، ئەمدﯼ ئاشۇ يەردە توي - تۆكۈنلەردە ساز چالىدىكەن دەپ كىرمىسە، توي - تۆكۈنلەردە ناخشا  ـ  مۇزىكا ئاڭلاتمىسا ياكﯽ ئاڭلىغانلارنﯽ ياقتۇرمىسا، بۇ قانداق ئەھۋال بولۇپ كەتتﯽ دەپ ئويلاپ كەتتىم. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، تەشۋىقات بۆلۈمﯽ مۇشۇنداق ئەھۋاللارنﯽ كۆزدە تۇتۇپ بىر نەچچە قېتىم سۆھبەت يىغىنلىرىنﯽ ئۆتكۈزۈپتۇ. دېمەك، ئۇلارمۇ بىلىدىكەن، ئۇلارمۇ ھازىرقﯽ شەكىللىنىۋاتقان ئاشۇنداق مەدەنىيەتسىز ئىشلارغا نىسبەتەن تەربىيە قىلىش، تەشۋىقات قىلىش، ماقالە يېزىش، مۇشۇنداق ئۇسۇللار ئارقىلىق مۇشۇ ئىشنﯽ ئوڭشاش لازىملىقىمىزنﯽ داۋاملىق تەكىتلەپ تۇرۇپتۇ. بۇ ياخشﯽ ئىشكەن، بىزمۇ ئۆزىمىزنﯽ زىيالىي دەپ يۈرۈۋاتىمىز، مۇشۇ ئىشنﯽ دەل ۋاقتىدا توسۇمىساق ياكﯽ توساش ئۈچۈن ئانچە - مۇنچە ھەرىكەتكە كەلمىسەك، سۆزلىمىسەك، بۇ ئەھۋال ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ. ئەگەر ۋاقتىدا ئالدﯼ ئېلىنمىسا، يەنە بەش - ئالتە يىلدىن كېيىن مىللەت نېمە بولىدۇ؟ نەگە بارىمىز، نېمە قىلىمىز؟ بۇنﯽ مۆلچەرلەش قىيىن. »تارىم« ژۇرنىلﯽ نەشرىياتىنىڭ بۇ يىغىننﯽ ئۇيۇشتۇرغىنﯽ ناھايىتﯽ ياخشﯽ بوپتۇ. مەنمۇ ئۆزۈمنىڭكﯽ بەزىبىر ئويلىغانلىرىمنﯽ دەپ قالدىم، ئىچىممۇ سەل بوشاپ قالدﯼ. شۇڭلاشقا ھەممىمىز مۇشۇ ئىشقا تەڭ ئاتلانساق، ھەممىمىزنىڭ قولىدا قەلەم توختايدۇ، يازىدىغانلىرىمىز يازساق، سۆزلەيدىغانلىرىمىز سۆزلىسەك، مۇشۇ ئىشنىڭ ئالدىنﯽ ئېلىپ، مەدەنىيىتىمىزنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىماسلىقىنىڭ ئالدىنﯽ ئېلىشقا ھەممىمىز تەڭ كۈچ چىقارساق دەپ ئويلايمەن.




ھالقىلىق سۆزلەر : تارىم، مەدەنىيەت، سۆھبەت


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار