نادىر ئەسەرلەر بىلەن خەلقنى ئىلغارلىققا يېتەكلەيلى(11)

يوللانغان ۋاقتى:07-01-2014   مەنبە: Tarimweb.com   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 7 پارچە
ئابدۇللا مەتقۇربان ) شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتﯽ فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېس

ئابدۇللا مەتقۇربان) شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتﯽ فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورﯼ:(

»تارىم« ژۇرنىلﯽ مۇشۇ سۆھبەتنﯽ ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ يېتەكچﯽ ئورۇندا تۇرۇۋاتقانلىقىنﯽ ھەم بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مۇشۇ يۆنىلىشتە چىڭ تۇرىدىغانلىقىنﯽ يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدﯼ. مەن مۇشۇ سۆھبەتكە قاتناشقانلىقىمدىن بەك خۇشال، نۇرغۇن نەرسىلەرنﯽ بىلىۋالدىم. بولۇۋاتقان گەپلەردىن قارىغاندا، جەمئىيەتتە، بولۇپمۇ ئۈرۈمچىدە بولۇۋاتقان ئىشلاردىن قارىغاندا، سۇنىڭ ئۈستﯽ ناھايىتﯽ تىنچ ئېقىۋات_قاندەك قىلسىمۇ، ئەمما سۇنىڭ تېگﯽ ناھايىتﯽ دولقۇنلۇق، ھەتتا ناھايىتﯽ خەتەرلىك بىر خىل ھالەتتە ئېقىۋاتقانلىقىنﯽ كۆرگىلﯽ بولىدۇ. بىر قىسىم دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر دىن بىلەن پەننﯽ، دىن بىلەن ئىلغارلىقنﯽ، دىن بىلەن تەرەققىياتنﯽ قارشىلاشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ رەزىل مەقسىتىگە يەتمەكچﯽ بولۇۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئىپادىلىرﯼ يۇقىرىدا ھەرقايسﯽ تەرەپلەردىن كۆرسىتىپ ئۆتۈلدﯼ. مەيلﯽ كىيىم - كېچەك، مەيلﯽ نەزىر - چىراغ، توي - تۆكۈن بولسۇن ھېيت - ئايەم ، نورۇز قاتارلىق بايراملىرىمىزدا بولسۇن ئۇنىڭ ئىپادىلىرﯼ ھەر خىل ئىكەن. بۇ بىزنﯽ چوقۇم ئويلاندۇرۇشﯽ كېرەك. مۇشۇ ئەھۋاللاردىن قارىغاندا، ئالدىنقﯽ ئەسىرنىڭ 20ـ،30ـ يىللىرﯼ رايونىمىزغا كېلىپ قەشقەر، خوتەنگە بېرىپ بىزنىڭ مەدەنىيەت ئىزنالىرىمىزنﯽ تەكشۈرگەن سېۋىن ھىدىنلار ھازىر رايونىمىزغا كېلىپ قالسا، بىزنﯽ قانداق تەسۋىرلەر، بىزنىڭ ئوبرازىمىزنﯽ قانداق خاتىرىلەر؟ دېگەن تۇيغۇغا كېلىپ قالىدۇ ئادەم.

بۇ يەرگە مەيلﯽ ئىچكىرىدىن، مەيلﯽ چەت ئەللەردىن بولسۇن كېلىۋاتقان ئادەملەر ناھايىتﯽ كۆپ، بىزنىڭ مەدەنىيەت تارىخىمىزغا قىزىقىدىغان، بىزنﯽ ھۆرمەتلەپ كەلگەن بەزﯼ ئادەملەر ھازىر بىزنىڭ كوچىلىرىمىزدا باياتىن دەۋاتقان ئاشۇ ھالەتلەرنﯽ كۆرسە قانداق تەسىراتلاردا بولار؟ بىزنﯽ ئوتتۇرا ئەسىر جاھالىتىگە قايتىۋېتىپتۇ دېمەي قالمايدۇ. مېنىڭچە بۇنﯽ مۇشۇ يەردە ئولتۇرۇۋاتقانلىرىمىز ناھايىتﯽ چوڭقۇر ھېس قىلدۇق. بىز گەرچە مىللىتىمىز زىيالىيلىرىنىڭ ھەممىسىگە ۋەكىللىك قىلالمىساقمۇ، بىر قىسمىغا ۋەكىللىك قىلالايمىز، مەلۇم بىر ساھەگە ۋەكىللىك قىلالايمىز دەپ ئېيتىشقا تامامەن بولىدۇ. ئادەمنﯽ خۇشال قىلىدىغان يەنە بىر تەرەپ شۇكﯽ، بىرەر ئادەم بۇ ھالەتلەرنﯽ ياخشﯽ بولۇۋاتىدۇ دېگىنﯽ يوق. بىز ھوشيار بولمىساق بولمايدىغان بىر ھالەت ئاللىقاچان شەكىللەندﯼ، شۇڭا ھەممە ئادەمنىڭ گەپ قىلغۇسﯽ بار، ھەممە ئادەمنىڭ ئۇنىڭغا غەزىپﯽ بار.

بۇ يىغىننىڭ ئاساسىي مەقسىتﯽ قانداق قىلىش كېرەك؟ قانداق قىلغاندا مىللەتنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىنﯽ ئاشۇرغىلﯽ بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا ئىلغار مەدەنىيەتنﯽ يېتەكچﯽ قىلغىلﯽ بولىدۇ؟... مۇشۇ يەردە ئولتۇرغانلار ھەر خىل ساھەدىن ئىكەنمىز، بەزىلەر يازغۇچﯽ، بەزىلەر شائىر، بەزىلەر مۇئەللىم، يەنە بەزىلەر مۇھەررىر ئىكەنمىز، شۇڭا ھەممىمىز ئۆزىمىزنىڭ چامىمىزنىڭ يېتىشىچە، مۇئەللىم سىنىپتا دەرس پىروگراممىلىرىنﯽ ئورۇنداش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇغۇچىلىرىمىزنﯽ توغرا بولغان كۆز قاراش بىلەن ئىلغار مەدەنىيەت يۆنىلىشىگە قاراپ يېتەكلىسەك، ئەدەبىي ئەسەرلىرىمىزدە يۇقىرىدا دېگەنلىرىمىزنﯽ ئورۇنلاشتۇرساق، مىللەتنﯽ يەنىلا توغرا يولغا يېتەكلەپ كەتكىلﯽ بولىدۇ، بۇ جەھەتتە »تارىم« ژۇرنىلﯽ ئۆزىنىڭ بۇرچىنﯽ ياخشﯽ ئادا قىلدﯼ.

ياسىن زىلال:

بىزنىڭ ئۇستازلىرىمىز ناھايىتﯽ ياخشﯽ پىكىرلەرنﯽ بايان قىلدﯼ. مەن مۇشۇ مەسىلىلەر ھەققىدە بۇرۇنمۇ ئويلانغان، لېكىن بۈگۈن ئۆزۈممۇ يەنە بىر قېتىم ئىلگىرىلىگەن ھالدا بەزﯼ نەرسىلەرنﯽ ئەتراپلىق چۈشىنىپ قالدىم، ئۇنىۋېرسال ئۇچۇرغا ئىگە بولۇپ قالدىم. بۈگۈن مەن ئۈچۈنمۇ مۇھىم دەرس بولدﯼ. ھەقىقەتەن بىزنىڭ زىيالىيلىرىمىز،  يازغۇچﯽ - شائىرلىرىمىزنىڭ يىراقنﯽ كۆرىدىغان، كۆپنﯽ بىلىدىغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنﯽ يەنىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدىم. مەن ئۆزۈم »تارىم« ژۇرنىلىدا ئىشلىگەچكە، ژۇرنال ھەققىدە گەپ قىلاي. »تارىم« ژۇرنىلﯽ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ پاراۋۇزﯼ، بايراقدارﯼ، باشلامچﯽ ژۇرنال، ئانا ژۇرنال. بۇنﯽ دۆلەت رەھبەرلىرﯼ ۋە بۇرۇنقﯽ پېشىۋا ئۇستازلار دەپتۇ. »تارىم« ژۇرنىلﯽ __ بىر چوڭ مەكتەپ، بىز مۇشۇ چوڭ مەكتەپنىڭ مۇئەللىملىرﯼ. ئىستاتىستىكا قىلىپ باقسام، ھازىر شىنجاڭدا 10 مىڭدەك ئادەم قولىغا قەلەم ئېلىپ »تارىم« ژۇرنىلىدا ئەسەر ئېلان قىلساق دەپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىۋېتىپتۇ. 10 مىڭدىن جىق ئادەم بولۇشىمۇ مۇمكىن. شىنجاڭدا 100 ناھىيە - شەھەر بار، ھەر بىر ناھىيەدىن 200 - 300 ئادەم يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن.

بىز بىر يازغۇچﯽ بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ مېنىڭچە بولغاندا بىز بىر يازغۇچﯽ - شائىر بولغان ئىكەنمىز، سەنئەتكار بولغان ئىكەنمىز، ئۆزىمىزنىڭ پوزىتسىيەمىزنﯽ سەنئەتنىڭ قانۇنىيىتىگە سادىق بولغان ئاساستا ئەدەبىي ئەسەرلەردە ئەكس ئەتتۈرسەك، »تارىم« ژۇرنىلﯽ ئارقىلىق بۇنﯽ پۈتۈن شىنجاڭغا تارقاتساق. »تارىم« چوڭ مەكتەپ، خەلقنﯽ، مىللەتنﯽ تەربىيەلەشتە ژۇرناللىرىمىزنىڭ خىزمىتىنﯽ قوللاش ئىنتايىن مۇھىم. »شەرق شامىلﯽ قۇرۇلۇشﯽ« پىلانىدىن پايدىلىنىپ، ژۇرناللىرىمىزنىڭ ھەر بىر ئائىلىلەرگىچە ھەقسىز كىرىشىنﯽ قولغا كەلتۈرسەك، خاتا ئىدىيەلەرگە بازار چىقمىغان بولاتتﯽ.

مەن »تارىم« ژۇرنىلىنىڭ مەسئۇلﯽ بولۇش سۈپىتىم بىلەن يازغۇچﯽ - شائىرلىرىمىزدىن، ئەدىبلىرىمىزدىن پارتىيە، ھۆكۈمىتىمىزنىڭ چاقىرىقلىرىغا قىزغىن ئاۋاز قوشۇپ دەۋر مېلودىيەسىنﯽ توغرا ئىگىلەپ، دەۋر، تارىخ بىزگە قويغان تەلەپ ۋە ئېھتىياجلاردىن چىقىپ، نادىر ئەسەرلىرىمىز بىلەن خەلقىمىزگە ئېستېتىك زوق بېرىشﯽ ۋە خەلقنﯽ ئىلغار ئىدىيە بىلەن، توغرا مەدەنىيەت بىلەن تەربىيەلەش مەجبۇرىيىتىنﯽ ئادا قىلىشىنﯽ كۈچلۈك تەلەپ قىلىمەن.




ھالقىلىق سۆزلەر : تارىم، مەدەنىيەت، سۆھبەت


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار