ئەل سۆيگەن ئەدىب(سۆھبەت خاتىرىسى)

يوللانغان ۋاقتى:22-12-2011   مەنبە: تارىم 2011-يىل 10-سان   مۇھەررىر: admin   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندى ئارىمىزدىن كەتكىنىگە 16يىل بولدى. ئۇنىڭ ۋاپاتى يېڭى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدىكى بىر چوڭ يوقىتىش. بى

سۆھبەتلەشكۈچىلەر: مەھمۇد زەيىدى، ئېزىزجان خۇدابەردى

(سۆھبەت خاتىرىسى)

مەن پېشقەدەم شائىر، ئەدەبىيات، مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى مەھمۇد زەيىدى ئاكىنىڭ شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقات ئىنستىتۇتىدىكى خىزمەتدىشى ھەم يېقىن ئۈلپەتدىشى، خەلقىمىزنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى، ئاتاقلىق شائىر، يازغۇچى، ئالىم ۋە مەشھۇر جامائەت ئەربابى ئابدۇرېھىم تىلەشۇپ ئۆتكۈر ئەپەندى ھەققىدە چوڭ ھەجىملىك ئەسلىمە يېزىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، ئۇنى زىيارەت قىلىش ئىستىكىدە ئۆيىگە ئىزدەپ باردىم.
مەن مەھمۇد زەيىدى ئاكىنىڭ ئۆيىگە كىرىشىمگە ئۇ ۋە ئايالى ئاسىيە ھەدەم قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى توختىتىپ، مېنى قىزغىن قارشى ئالدى. بىز قىسقىغىنە ئەھۋال سوراشقاندىن كېيىن، مەن ئالدىن خەۋەرلەندۈرمەي كەلگەنلىكىمدىن مەھمۇد زەيىدى ئاكىدىن كەچۈرۈم سورىدىم ھەمدە ئۆزۈمنى تونۇشتۇردۇم.
−− ھە، ئېزىزجان خۇدابەردى سىز ئىكەنسىز - دە، مەن تېخى ئىسمىڭىزگە قاراپ ياش بالىمىكىن دەپتىكەنمەن، چوپچوڭ كىشى ئىكەنسىزغۇ، −− دېدى ئۇ، ماڭا چاي قۇيغاچ. ئۇ يەنە، −− ئۇكام، بىر چاغلاردا خەۋەر، ماقالىلىرىڭىزنى گېزىت يۈزىدە كۆرۈپ تۇرىدىغان، رادىيودا ئاڭلايدىغان، ئەمدى پېشقەدەم شائىر - يازغۇچىلار بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتلىرىڭىزنى ژۇرناللاردا كۆرۈپ تۇرۇپتىمەن. ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلىۋاتىسىز. ئەدىبلەر قانچە تەشۋىق قىلسا ئەرزىيدىغان كىشىلەر، تېخىمۇ تىرىشىڭ، −− دېدى.
−− ئىلھام - مەدەت بەرگىنىڭىزگە رەھمەت، ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ يازغۇچى - شائىرلىرىمىزنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى چۈشىنىشىگە ياردىمى بولۇپ قالار دەپ، مۇشۇ ئىشنى قىلىۋاتىمەن. كۆپرەك تەنقىد - پىكىر بېرەرسىز، −− دېدىم مەن ۋە كېلىشتىكى مەقسىتىمنى ئېيتتىم.
−− ياخشى ئويلاپسىز ئۇكام، −− دېدى ئۇ. ئاندىن بىر ئاز ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن، −− ئۆتكۈر ئەپەندى خەلقىمىزنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش، يورۇقلۇققا چىقىرىش ۋە يۇرتىمىزنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىنى بەدىئىي چىنلىقتا، ئىلمىي ئۇسۇلدا يورۇتۇپ بېرىشتە نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، زور نەتىجە ياراتقان، تولىمۇ كەمتەر، چىقىشقاق، كۆڭلى - كۆكسى كەڭ، ئۈمىدۋار، باشقىلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇشنى ئۆزىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچى دەپ ھېسابلايدىغان ئېسىل پەزىلەتلىك كىشى ئىدى، −− دەپ، سۆزىنى باشلىدى. بىز ئۆتكۈر ئەپەندى توغرىسىدا ئېچىلىپ - يېيىلىپ قىزغىن سۆھبەتلەشتۇق.
مەھمۇد زەيىدى ئاكا، 80ياشتىن ھالقىغان بولسىمۇ، زېھنى ئوچۇق، تېتىك، نۇرغۇن شېئىرلارنى، ماقال - تەمسىللەرنى يادقا بىلىدىغان، ئوچۇق - يورۇق، پاراڭچى كىشى ئىكەن. ئۇ سۆھبەت ئارىلىقىدا ئارىلاپ - ئارىلاپ شېئىر، ماقال - تەمسىللەرنى مىسال كەلتۈرۈپ سۆزلەيتتى. مەن ئۇنىڭ بىلەن تۇنجى قېتىم روبىرو ئولتۇرۇپ سۆزلىشىۋاتقان بولساممۇ، قىلچىلىك قورۇنۇش ھەم تارتىنىش ھېس قىلمىدىم. ئۇ ئۆتكۈر ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىمغا ناھايىتى قانائەتلىنەرلىك جاۋابلارنى بەردى. مەن ئۇنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىپ، سۆھبىتىمىزنى سوئال - جاۋاب تەرىقىسىدە رەتلەپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇم.


سوئال: مەھمۇد زەيىدى ئاكا، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندى بىلەن قەيەردە، قانداق تونۇشقان ئىدىڭىز؟


جاۋاب: ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندى ئارىمىزدىن كەتكىنىگە 16يىل بولدى. ئۇنىڭ ۋاپاتى يېڭى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدىكى بىر چوڭ يوقىتىش. بىزدە »ياخشىدىن باغ قالىدۇ، ياماندىن داغ« دېگەن ھېكمەت بار. ئۇ دۇنيادىن ئۆتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ باغدەك گۈزەل بىر يۈرۈش بەدىئىي ۋە ئىلمىي ئەسەرلىرى بىزگە مەڭگۈلۈك مىراس قالدى. ھەر قانداق كىشى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر دېگەن نامنى ئاڭلىغاندا ئۇنى يۈكسەك ھۆرمەت، چوڭقۇر قايغۇ ۋە سېغىنىش بىلەن ئەسلەيدۇ. ئۇ ئەزىز زات تۇپراققا ئەمەس، خەلقىمىزنىڭ قەلبىگە كۆمۈلدى. مەن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ئېتى چىقسىلا چوڭقۇر ئەسلىمىلەر قاينىمىغا چۆكىمەن ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە خىزمەت قىلغان كۆڭۈللۈك ۋە ئەھمىيەتلىك كۈنلەرنى، ئەدەبىيات ھەققىدە قىلىشقان پاراڭلىرىمىزنى ئەسلەپ چوڭقۇر سېغىنىمەن.
مەن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنى دەسلەپتە 1947- يىلى يازدا ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىندە كۆرگەنىدىم. ئۇ چاغدا ئۇ ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىننىڭ مۇدىرى ئىدى. مەن شۇ يىلى باشقىلارنىڭ قولىدا ئۇنىڭ نەشر قىلىنغان »يۈرەك مۇڭلىرى« )بۇ ئۇنىڭ تۇنجى شېئىرلار توپلىمى بولۇپ، 1946- يىلى لەنجۇدا تاش مەتبەئەدە بېسىلغان( ناملىق شېئىرلار توپلىمىنى كۆرگەن. بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن، شائىرنىڭ »يۈرەك مۇڭلىرى«، »تارىم بويلىرى« )بۇ توپلام 1948- يىلى »تىيانشان« نەشرىياتى تەرىپىدىن نەنجىڭدا نەشر قىلىنغان( شېئىرلار توپلاملىرى قولۇمغا چۈشۈپ قالدى. مەن ئۇ يىللىرى شېئىرىيەتكە ئوتلۇق ھەۋەس ۋە ئالىي ئېتىقادىم بىلەن كىرىشىپ كەتكەنىدىم. »شىنجاڭ گېزىتى« نىڭ ئەدەبىيات بېتىدە »دوستۇمغا« قاتارلىق بىر نەچچە پارچە شېئىرىممۇ ئېلان قىلىنغانىدى. مەن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ توپلاملىرىدىكى شېئىرلارنى زور قىزىقىش ھەم سۆيۈنۈش ئىچىدە ئوقۇپ چىققانىدىم. توپلاملىرىدىكى شېئىرلارنىڭ تىلىنىڭ گۈزەللىكى، پىكرىنىڭ تېرەنلىكى قەلبىمنى زىلزىلىگە سېلىپ، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىگە بولغان ھۆرمىتىمنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى. شۇنىڭدىن تارتىپ ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ئىخلاسمەن ئوقۇرمىنى بولۇپ قالغانىدىم.
ۋاقىت ئادەمگە باقمايدىكەن، كۈنلەر، ئايلار، يىللار تېز پويىز يۈرگەندەك ئۆتۈپ كېتىپ باراتتى. دوست - بۇرادەرلەر ئارقىلىق ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ بېشىغا كەلگەن قىسمەتلەردىن خەۋەر تېپىپ تۇرغان بولساممۇ، لېكىن يەنە كۆرۈشۈش ئىمكانىيىتى بولمىدى. پەقەت 1979- يىلى خاسىيەتلىك باھار قۇياشى كۈلۈپ باققاندىلا ئۇنى كۆرۈش، تونۇشۇش ۋە بىرگە خىزمەت قىلىش نېسىپ بولدى. شۇ يىلى ئەتىيازدا ئاپتونوم رايونلۇق تىل - يېزىق كومىتېتى، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنى )مەزكۇر ئاكادېمىيەنىڭ قۇرۇلۇش يىغىنى 1981- يىلى 3 - ئاينىڭ 4 - كۈنى ئېچىلغان( قۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش گۇرۇپپىسى بىرلىكتە 11 - ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد كاشغەرىينىڭ »دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك« ناملىق ئۈچ توملۇق قامۇسىنى نەشرگە تەييارلاش يۈزىسىدىن بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى تەشكىللىگەن ۋە ئۈرۈمچى مۇھاجىرلار مېھمانخانىسىدا »دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك« نى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا نەشرگە تەييارلاش مەخسۇس ئىشخانىسى تەسىس قىلىنغانىدى. بۇ گۇرۇپپىدا ھاجىنۇر ھاجى باشلىق ئابدۇسالام ئابباس، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، ئىبراھىم مۇتىئى، ئىمىن تۇرسۇن، مىرسۇلتان ئوسمانوف، ئابدۇلھېمىت يۈسۈفى )بۇ كىشى ئەرەب، پارس ۋە ئوردۇچە كىلاسسىك ئەسەرلەرنىڭ موللىسى ئىكەن(، خەلىم سالىھ ۋە مەن قاتارلىقلار بار ئىدۇق. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندى بىلەن تۇنجى قېتىم مۇشۇ ئىش تۈپەيلى تونۇشتۇم. مەن ئۇزاق يىللاردىن بۇيان يۇقىرىدا ئىسمى ئاتالغان پېشقەدەملەرنىڭ نام - شەرىپىنى ئاڭلاپ، ئۇلار بىلەن ئۇچرىشىشنى، ئۇلاردىن تەلىم ئېلىشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەنىدىم. بەختىمگە يارىشا جاھان ئوڭشىلىپ، ئۇلار بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتى تۇغۇلدى.
مەن 1979- يىلى 3 - ئاينىڭ 21- كۈنىنى ھەرگىز ئۇنتۇمايمەن. بىزنىڭ گۇرۇپپىمىز ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىيەت تارىخىنى يېزىپ، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش گۇرۇپپىسىغا ئەۋەتكەنىدۇق. ئۇزاق ئۆتمەي، بۇ ماقالە مەزكۇر ئىستانىسىدا ئاڭلىتىلدى ھەمدە »21- مارت« ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نورۇز بايرىمى قىلىپ بېكىتىلگەنلىكى جاھانغا جاكارلاندى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىمۇ بۇ ماقالىنى ئارقا - ئارقىدىن ئېلان قىلدى. بۇ سەمەرىلىك ئىشنى روياپقا چىقىرىشتا ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ئەمگىكى گەۋدىلىك بولدى.


سوئال: ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندى بىلەن »قۇتادغۇبىلىك« داستانىنى ئۇيغۇرچە نەشر قىلىش جەريانىدىكى ئىشلىرىڭىزنى سۆزلەپ بېرەمسىز؟


جاۋاب: ھېلىمۇ ئېسىمدە تۇرۇپتۇ. 1980- يىلى 6 - ئايدا »دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك« گۇرۇپپىسىدىكى ئىشىمنى تۈگىتىپ تۇرۇشۇمغا، »قۇتادغۇبىلىك« داستانىنىڭ ئۇيغۇرچە نەشرىنى تەييارلاش ئىشىغا بەلگىلەندىم. بۇ چاغدا تېخى شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تەشكىلىي ئاپپاراتى قۇرۇلمىغان، ئەھمەد زىيائىي ئاكىمۇ قەشقەردىن ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ كەلمىگەنىدى. ئۇزاق ئۆتمەي، رەھبەرلىك ھۆججەت چۈشۈرۈپ ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندى بىلەن ئەھمەد زىيائىي ئاكىنى ۋە مېنى ئاكادېمىيەنىڭ ئەدەبىيات ئىنستىتۇتىدا ئىشلەشكە رەسمىي بېكىتتى. ئىشخانىمىز ئۈرۈمچى يېڭى شەھەر رايونىنىڭ بېيجىڭ يولىدىكى شىنجاڭ كان ئىشلىرى ئىدارىسى مېھمانخانىسىنىڭ ئىككى ئېغىز ئۆيىگە تەسىس قىلىندى. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندى »قۇتادغۇبىلىك« نىڭ يەشمىسىنى ئىشلەشنىڭ دەسلىپىدە، بۇ ئەسەرنىڭ مىسىر نۇسخىسى )ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندى بۇ نۇسخىنى ئۆيىدە ئۇزاقتىن بۇيان ساقلاپ كەلگەنىكەن(نى ماڭا بېرىپ: »ئۇكام، ماۋۇ بېيىتلارنى ۋىيېننا نۇسخىسىغا سېلىشتۇرۇپ، پەرقىنى تېپىپ چىقىڭ«، دېدى. ئۇ بېيىتلار:


بەگ ئاتى بىلىگ بىرلە باغلىق تۇرۇر،
بىلىكىنىڭ لامى كەتسە، بەگ ئاتى قالۇر.


مەن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىگە: »>قۇتادغۇبىلىك< نىڭ كىتاب شەكلىنى تېخى كۆرۈپ باقمىغان تۇرسام، ئۇنى ۋىيېننا نۇسخىسى بىلەن قانداق سېلىشتۇرارمەن« دېدىم. ئۇ: »ئۇكام، سىز قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنى )تىلىنى( ئۆگەنگەنغۇ؟ ئاۋۋال بېيىتلارنىڭ نومۇر تەرتىپى بويىچە ئوقۇپ چىقىسىز. شۇنداق قىلغاندا، نۇسخىلاردىكى پەرق مەلۇم بولىدۇ« دېدى. مەن ئۇنىڭ دېگەنلىرى بويىچە نۇسخىلاردىكى بېيىتلارنى ئەستايىدىل سېلىشتۇرۇپ پەرقلەرنى تېپىپ چىقتىم. 1980- يىلىنىڭ كۈز پەسلىدە ئەھمەد زىيائىي ئاكىنى ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ كەلدۇق. شۇنىڭ بىلەن »قۇتادغۇبىلىك« داستانىدىن ئالتە بابنى سىناق قىلىپ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيىتى ئۇسلۇبى بويىچە شېئىرىي ھەم نەسرىي شەكىلدە ئىشلەپ مەتبەئەدە باستۇرغان بولدۇق. شۇنداق قىلىپ 1980- يىلى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 11 - ئەسىردە ئۆتكەن ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر شائىرى ي−ۈسۈف خاس ھاجىپنىڭ يېگان−ە ئ−ەسىرى −− »قۇتادغۇبىلىك« نىڭ ھازىرقى ئۇيغۇرچە نەزمىي نۇسخىسى دۇنياغا كەلدى.
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ تارىخ، دىن، پەلسەپە، سەنئەت، تىل - ئەدەبىيات جەھەتتە بىلىمى چوڭقۇر ئىدى. ئۇ »قۇتادغۇبىلىك« نىڭ زامانىۋى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدىكى نەشرىنى ئىشلەش جەريانىدا ئىقتىدارىنى تولۇق نامايان قىلدى. ئۇ داۋاملىق: »>قۇتادغۇبىلىك< بىر قىممەتلىك گۆھەر، ئۇيغۇرلارنى دۇنياغا تونۇتقان يېگانە ئەسەر. بىز قەدىمكى مىراسلىرىمىزغا ۋارىسلىق قىلىشتا، چەت ئەللەرنىڭ ئۆلچەم - تارازىسىنى ئۆلچەم قىلماي، ئۆزىمىزنىڭ تارازىسى بويىچە ئۆلچىشىمىز لازىم« دەيتتى. ئۇ يەنە: »>قۇتادغۇبىلىك< ئۇنىۋېرساللىققا ئىگە دىداكتىك خاراكتېرىنى ئالغان داستان. شائىر يۈسۈف خاس ھاجىپ بۇ خۇسۇسىيەتنى ئىپادىلەش ئۈچۈن مەسنەۋى شەكلىنى تاللاپ ئالغان. ھەر بىر بېيىت ھېكمەتلىك بولۇشنى شەرت قىلىپ، ھەر بىر بابى بىر چوڭ مەزمۇننى گەۋدىلەندۈرگەن. شۇنداق قىلىپ، شائىر ئۆزىنىڭ ھېسسىياتىنى ھەر بىر بابقا سىڭدۈرگەن. ھېسسىيات خاراكتېرى بىلەن ئوبرازلار خاراكتېرى مىللىي پىسخىك ھالەتكە تازا ئۇيغۇنلاشتۇرۇلغان. بىز شائىرنىڭ ھېسسىيات خاراكتېرىگە ئەھمىيەت بېرىشىمىز، ھەر بىر بېيىتنى بىرلىك قىلىپ، ھېكمەتلىك بولۇشقا، ئوقۇرمەنلەرگە يېقىشلىق قىلىشقا كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك« دېگەنلەرنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيتتى. ئۇنىڭ بۇ قاراشلىرى بىر كۈندىلا پەيدا بولغان ئەمەس، بەلكى ئۇزاق يىللار ئىجادىيەت ۋە تەتقىقات بىلەن مەشغۇل بولۇش جەريانىدا شەكىللەنگەن. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ »قۇتادغۇبىلىك« داستانىنى ئۇزاق يىل ئۆز يېنىدا قەدىرلەپ ساقلاپ كەلگەنلىكى، ئۇنىڭ مىللىي مەدەنىيەت مىراسلىرىمىزغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش تۇيغۇسىنىڭ كۈچلۈكلۈكىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. ئۇ »دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك«، »قۇتادغۇبىلىك«نى دۇنيا ئېتىراپ قىلىدىغان سەۋىيەدە ئىشلەشتە ئاساسلىق رول ئوينىدى. ئەگەر، شۇ يىللاردا ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، ئەھمەد زىيائىدەك يېتۈك ئالىملىرىمىز باشلامچى بولۇپ تەتقىقاتقا كىرىشمىگەن بولسا، ئەدەبىيات، مەدەنىيەت جەھەتتە بۈگۈنكىدەك تەرەققىياتلارغا ئېرىشىشىمىز قىيىنغا توختايتتى.
بىر كۈنى ئۆتكۈر ئەپەندى ماڭا: »ئ−ۇكام، >دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك< بىلەن >قۇتادغۇبىلىك< نى بىللە ئىشلىگەن بولساقمۇ، بۇلارنى ئۆزئارا سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلمىدۇق. سىز سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىپ بېقىڭ«، دېگەنىدى.


سوئال: بۇ چوڭ تېما ئىكەن. سىز سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىپ كۆردىڭىزمۇ؟


جاۋاب: »دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك« −− تىلشۇناسلىققا كۆپرەك مايىل ئەسەر، بۇنىڭدا ساپ تۈركچە )ئۇيغۇرچە( سۆز - ئاتالغۇلارنى ئەرەب تىلىغا ئۆرۈپ، مۇھىم مەزمۇنىنى ئەرەبلەرگە شەرھلىگەن. »قۇتادغۇبىلىك« داستانى بولسا −− ئەدەبىي ئەسەر. قەدىمكى ئۇيغۇر شېئىرىيەت ئۇسلۇبىدا يېزىلغان، 7500دەك سۆزلۈك بار. بۇ سۆزلەر ئىچىدە 460تەك ئەرەبچە ھەم چەت ئەلچە سۆز بار. »دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك«تىمۇ قەدىمكى شېئىر، قوشاقلاردىن 1000مىسرادەك بار، يەنە 290پارچە قەدىمكى ماقال - تەمسىللەر بار. »قۇتادغۇبىلىك« تىمۇ 200دەك ماقال - تەمسىل بار، لېكىن بۇنىڭدىكى ماقال - تەمسىللەر شېئىرىي مىسرالارغا سىڭدۈرۈلگەن. »دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك« تە بولسا يالىڭاچ ھالدا بېرىلىپ، ئۇلارنىڭ تارىخىي، ئېتنولوگىيەسى چۈشەندۈرۈلگەن. مەسىلەن: »تاشىخ ئىسروماسى، ئۆبمىش كەرگەك« )تاشنى چاينىغىلى بولمىسا سۆيۈش كېرەك( دېگەن تېكىست ئەرەبچە چۈشەندۈرۈلگەن. »قۇتادغۇبىلىك«تە: »بىلىملىك ئۇزار، بىلىمسىز توزار« دېگەن ماقال:»قاچانلا بولمىسۇن بۇ كۈندىن بۇرۇن، بىلىملىككە تەگدى ئۈستۈن بىر ئورۇن« شەكلىدە بايان قىلىنغان. يەنە »دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك«تە »ئەسز« )يامان، ناچار، بىۋاپا مەنىسىدە(، »ئەش« )ھەمراھ، يولداش مەنىسىدە( دېگەندەك سۆزلەر ئارىلاشقان قوشاقلار بار، »قۇتادغۇبىلىك« تىمۇ بۇ سۆزلەر ئارىلاشقان مىسرالار بار. لېكىن، »قۇتادغۇبىلىك«تە بۇندق سۆزلەر ئوبرازلاشتۇرۇلغان. مەسىلەن: »دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك« دە:


ئالىپ ئەرتوڭا ئۆلدىمۇ،
ئەسز ئاجۇن قالدىمۇ.
فەلەك ئۆچىن ئالدىمۇ،
يۈرەك ئەمدى يىرتىلۇر.
»قۇتادغۇبىلىك«تە:
ئەسز ئەش تۇتۇنما، ئەسزدىن تەزە،
ئەسز ئەش ئازىتۇر سېنى يول ئۈزە.
يەشمىسى:
يامانغا يېقىنلاشما قىلىدۇ زىيان،
ئۇ زەھەر، چاقىدۇ بولۇپ بىر يىلان.


ھەر ئىككى كىتابتا ماقال - تەمسىللەر جىق. سېلىشتۇرغانچە كىشى ھېكمەتلەر خەزىنىسىگە كىرىپ قالىدۇ. بۇ ئىككى ئەسەرنى ئوقۇغانچە بىرسى - بىرسىنى تولۇقلىغاندەك تەسىر بېرىدۇ.
سىز دېگەندەك بۇ ئىككى گىگانت ئەسەرنى سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىش چوڭ تېما. ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ تەۋسىيەسى بويىچە سېلىشتۇرۇپ باقتىم. لېكىن تەتقىق قىلىش تېخىچە داۋاملىشىۋاتىدۇ.




ھالقىلىق سۆزلەر : ئەدىب، ئۆتكۈر، يازغۇچى


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار