سوئال: ئۆتكۈر ئەپەندى سىزگە ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىنى ۋە ئوقۇش تارىخىنى سۆزلەپ بەرگەن بولغىيتتى؟
جاۋاب: شۇنداق، سۆزلەپ بەرگەن. مەن مەرھۇم ئۇستاز ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندى بىلەن بىرگە خىزمەت قىلغان چاغلاردا، ئۇنىڭدىن تەربىيەلىنىش ئەھۋالىنى، ئوقۇش تارىخىنى ۋە ئەدەبىياتقا قاچاندىن باشلاپ ئىشتىياق باغلىغانلىقىنى سورىغانىدىم. ئۇ، بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېگەنىدى:»ئۇكام، ئوسمان ھاجىم دادامنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە، مەن 1923- يىلى قومۇل ناھىيەسىدە، تىلەش بېگىم ئىسىملىك سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان ئىكەنمەن. مەن بىر ياشقا كىرگەندە ئانام، تۆت ياشقا كىرگەندە دادام تۈگەپ كېتىپتىكەن. دادام تىلەش بېگىم ئەسلىي ئاتۇش تېجەنلىك بولۇپ، ياش چاغلىرىدا قومۇل بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەر ئوتتۇرىسىدا قاتراپ سودا - تىجارەت قىلىدىكەنتۇق. دادام تىجارەت قىلىش جەريانىدا ئوسمان ھاجى دادام بىلەن تونۇشۇپ، يېقىن ئۈلپەتداشلاردىن بولۇپ ئۆتۈپتىكەن. دادام ئالەمدىن ئۆتۈش ئالدىدا مېنى ئوسمان ھاجى دادامغا ئوغۇللۇققا بەرگەنىكەن. ئوسمان ھاجى دادام مېنى ئۆز ئوغلىدەك كۆرۈپ ياخشى تەربىيەلىدى. ئالتە ياشلارغا كىرگەندە دىنىي مەكتەپكە بەردى. مېنىڭ قۇرئان ساۋاتىم چىققان مەزگىلدە قومۇل دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتلىدى )1930- يىللارنىڭ باشلىرىدا جىن شۇرېن ھاكىمىيىتىگە قارشى قوزغالغان دېھقانلار قوزغىلىڭىنى دېمەكچى(. بىز ئائىلە بويىچە باشقا بىر تۈركۈم كىشىلەر بىلەن بىللە گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ جيۇچۈەن ۋىلايىتىگە كۆچۈپ بېرىپ تۇردۇق. دېھقانلار قوزغىلىڭى غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، قومۇلغا قايتىپ كەلدۇق. بىز قايتىپ كېلىپ ئۇزاق ئۆتمەي، دادام ئۈچتۇرپاننىڭ چېگرا تاموژنىسىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەندى. 1934- يىلى ياز ئايلىرىدا بىز يەنە ئائىلىمىزنى ئۈچتۇرپانغا كۆچۈرۈپ باردۇق. دادام شۇ يىلى مېنى ئۈچتۇرپاندىكى »سۇتۇق بۇغراخان« باشلانغۇچ مەكتىپىگە ئوقۇشقا بەردى. شۇ چاغلاردا بۇ مەكتەپ ئوقۇش سۈپىتى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپلىكى جەھەتتە ئۈچتۇرپاندىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇراتتى. مېنىڭ بۇ يەرگە كېلىشتىن بۇرۇن خەت - ساۋاتىم بولغاچقا، ئوقۇتقۇچىلار بەشىنچى سىنىپقا ئورۇنلاشتۇردى. 1936- يىلى باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ، ئۈرۈمچىدىكى ئۆلكىلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇدۇم. 1939- يىلىدىن 1942- يىلىغىچە شىنجاڭ ئىنستىتۇتىنىڭ پېداگوگىكا فاكۇلتېتىدا ئوقۇدۇم. ئوقۇش پۈتكۈزۈپ، ئۆلكىلىك قىزلار گىمنازىيەسىدە ئوقۇتقۇچى بولدۇم. 1945- يىلىدىن 1949- يىلىغىچە >شىنجاڭ گېزىتى< دە ئىشلىدىم.«
ئۇستاز ئەدەبىياتقا قىزىقىش سەۋەبى ئۈستىدە توختىلىپ: »ئەدەبىياتقا بولغان كۈچلۈك ئىشتىياق قەلبىمگە بالىلىق چاغلىرىمدىلا تۇتاشقان. مەن كىچىكىمدە مارىخان مومام )ئۆزىنى باققان ئۆگەي ئاپىسىنىڭ ئانىسىنى دېمەكچى( ئېيتىپ بەرگەن قىزىقارلىق چۆچەك، تېپىشماقلارنى بېرىلىپ ئاڭلايتتىم. مارىخان مومام ساۋاتلىق، موللا ئايال بولۇپ، قۇرئاندىن باشقا كىتابلارنىمۇ ئوقۇيتتى. ھەم نۇرغۇن ھېكايە، چۆچەك، ئەپسانە، رىۋايەت، ماقال - تەمسىل ۋە تېپىشماقلارنى بىلەتتى. ئۇ ھېكايە، چۆچەك ئېيتىپ بېرىشتىن سىرت، پارس شائىرى ئۇبۇلقاسىم فىردەۋىسنىڭ »شاھنامە«، شەيخ سەئىددى شېرازىنىڭ >بوستان<، >گۈلىستان< قاتارلىق كىتابلىرىنى ئوقۇپ بېرەتتى. مېنىڭ قۇرئان ساۋاتىم چىققاندىن كېيىن، >سوپى ئاللا يار< دېگەن شېئىرىي كىتابنى ئوقۇغان ئىدىم. تۆگىچى بارات بوۋا بىلەن پادا باققان چاغلىرىمدا، ئۇ بوۋايدىن ناھايىتى كۆپ ھېكايە، چۆچەكلەرنى، ئاجايىپ - غارايىپ رىۋايەتلەرنى ئىشتىياق بىلەن ئاڭلىغان. ئۆلكىلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىللەردە ئوتتۇرا ئاسىيادا ئوقۇپ كەلگەن ئوقۇتقۇچىلار ئەكەلگەن كىتابلار ئارقىلىق رۇس - سوۋېت ئەدەبىياتى، سوۋېت ئۇيغۇر ئەدەبىياتى نەمۇنىلىرى بىلەن تونۇشتۇم. شۇ چاغلاردا رۇس خەلق شائىرى ئا. س. پۇشكىننىڭ >پوپ ۋە ئۇنىڭ خىزمەتچىسى بالدا ھەققىدە چۆچەك<، >چائادايېفقا خەت<، كىرىلوفنىڭ >قوزىچاق بىلەن بۆرە<، >دوغداق بېلىق ھەم توشقان<، لېف. تولىستوينىڭ >كافكاز ئەسىرى< قاتارلىق ئەسەرلەرنى يادلىۋالغانىدىم. بۇ مېنىڭ 13- 14ياش چاغلىرىم ئىدى. يۇقىرىقىلار مېنىڭ قەلبىمگە ئەدەبىيات ئوتىنى تۇتاشتۇرغان ھەم شېئىر ئىجادىيىتىمگە تۈرتكە بولغان« دېگەنىدى.
بۇنىڭدىن ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ئىجادىيەت پائالىيەتلىرىدە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى، كىلاسسىك ئەدەبىيات، رۇس - سوۋېت ئەدەبىياتى ۋە باشقا قېرىنداش مىللەتلەر ئەدەبىياتىدىن ئوزۇق ئالغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
سوئال: ئۆتكۈر ئەپەندى سىزگە »ئۆتكۈر« دېگەن تەخەللۇسىنى قاچاندىن باشلاپ قوللانغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەنمىدى؟
جاۋاب: ئېيتىپ بەرگەن. بىز »دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك« كە ئىشلەۋاتقان چاغلار ئىدى. بىر كۈنى بىر نەچچەيلەن ئىشخانىغا يىغىلىپ قالدۇق. گەپتىن گەپ چىقىپ، ئەدەبىي تەخەللۇس توغرىسىدا گەپ بولۇپ قالدى. مەن شۇ چاغدا ئۆتكۈر ئەپەندىدىن »ئۆتكۈر« دېگەن ئەدەبىي تەخەللۇسنى قاچان قوللانغانلىقىنى سورىغانىدىم. ئۇ: »ئۇكام، بۇنىڭغا ئۇزاق يىللار بولدى. مەن 1942- يىلى نويابىردا: >شىنجاڭ گېزىتى<دە >يېڭى جۇڭگو گۈلىستانىغا< ناملىق لىرىك داستانىمنى ئېلان قىلدۇرغانىدىم. لۇتپۇللا مۇتەللىپ داستاننى كۆرۈپ ماختىغان بولدى. كېيىن، ئۇنىڭ تەخەللۇس ئالماشتۇرغۇسى كېلىپ قالدى. شۇنداق قىلىپ ئىككىمىز ئەدەبىي تەخەللۇس ئالماشتۇردۇق. ئۇ ماڭا >ئۆتكۈر< دېگەن سۆزنى ھەدىيە قىلدى. مەن ئۇنىڭغا >قاينام< دېگەن سۆزنى ھەدىيە قىلدىم. بىراق ئۇ >قاينام< غا >ئۆركىشى< نى قوشۇپ >قاينام ئۆركىشى< دېگەن تەخەللۇسنى قوللاندى. مەن شۇنىڭدىن تارتىپ ئابدۇرېھىم تىلەشۇپ ئۆتكۈر ئىمزاسى بىلەن ئەسەر ئېلان قىلىپ كېلىۋاتىمەن« دېگەنىدى. ئۇ يەنە، ئەدەبىي تەخەللۇس قوللىنىشنىڭ ئەھمىيىتى ھەم جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك ئەدىبلەرنىڭ تەخەللۇس قوللىنىشىدىكى قىزىقارلىق ئىشلىرىنى سۆزلەپ بەرگەنىدى.
سوئال: ئۆتكۈر ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئۆمۈر خاتىرىسىنى يازماقچى بولۇۋاتقانلىقىدىن سىزنىڭ خەۋىرىڭىز بارمىدى؟
جاۋاب: ئەلۋەتتە خەۋىرىم بار ئىدى. ئۇ ماڭا بىر نەچچە قېتىم ئۆمۈر ئەسلىمىلىرىنىڭ گېپىنى قىلىپ بەرگەنىدى. ئۇ ئوپېراتسىيە قىلىنىپ، ياخشىلانغاندىن كېيىن ئۇلانباي كادىرلار ساناتورىيەسىدە دەم ئالدى. بىز ساناتورىيەگە ئۇنى يوقلاپ باردۇق. بىز ئۇنىڭ بىلەن »دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك« ۋە »قۇتادغۇبىلىك« نىڭ ئۇيغۇرچە يەشمىسىنى ئىشلىگەن ۋاقىتلارنى ئەسلەشتۇق. »ئىز«، »ئويغانغان زېمىن« قاتارلىق ئەسەرلىرى ھەققىدە پاراڭلاشتۇق. ئۇ، شۇ چاغدا يەنە ئۆمۈر خاتىرىسىنىڭ گېپىنى قىلىپ: »ئۆمۈر خاتىرەمنىڭ باش قىسمىنى يېزىپ قويغانىدىم. سالامەتلىكىم ياخشى بولمىدى، پۈتكەن بولسا، ئالتە توملۇق كىتاب بولاتتى« دېگەنىدى. ئۇ ھاياتقا ناھايىتى ئۈمىدۋارلىق بىلەن قارايتتى. داۋاملىق خەلقىمىزنىڭ غېمىنى يەيتتى. ئۇلارغا كۆپرەك مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى مىراس قالدۇرۇشنى ئويلايتتى.
ئۆتكۈر ئەپەندى ئۆزىنىڭ ھايات يولىدا نۇرغۇنلىغان ئەگرى - توقايلىقلارنى بېسىپ ئۆتكەن. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۇنىڭ ھايات تارىخى سىياسىي بوران - چاپقۇنلار بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن، تارىخىي قىسمەتلەرگە تولغان ھايات. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ كۆرگەن - بىلگەنلىرى كۆپ ئىدى. ئەگەر ئۇ ئۆمۈر خاتىرىسىنى يېزىپ پۈتكۈزگەن بولسا تارىخىمىزنى بېيىتقان ۋە ئەدەبىيات گۈلزارلىقىمىزغا قېتىلغان سەر خىل گۈللەردىن بولۇپ قالاتتى. ئەپسۇسكى، ئۇنىڭ ئارزۇسىنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشىغا سالامەتلىكى يار بەرمىدى.
سوئال: ئۆتكۈر ئەپەندى سىزگە نېمىلەرنى يادىكار قالدۇردى؟
جاۋاب: باياتىن دېگىنىمدەك، ئۆتكۈر ئەپەندى »قەشقەر كېچىسى« نەشر قىلىنغاندا داستانىدىن بىر نۇسخا، ئۆزى ئىشلىتىۋاتقان سىياھ قەلەمنى يادىكار قىلغان. ئۇنىڭدىن كېيىن »ئىز«، »ئۆمۈر مەنزىللىرى«، »ئويغانغان زېمىن« قاتارلىق كىتابلىرىنى يادىكار قىلدى. 1989- يىلى مەملىكەتلىك »قۇتادغۇبىلىك« داستانى ھەققىدىكى مۇھاكىمە يىغىنى ۋە 1993- يىلى ئېچىلغان خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا بىرگە چۈشكەن سۈرەتلەر يادىكار قالدى. ئۇنىڭ ماڭا قارىتا يازغان بېغىشلىمىلىرىنى )خېتىنى(، ئەسەرلىرىنى ھەر قېتىم قولۇمغا ئالغاندا، مەرھۇم ئۇستازنىڭ قامەتلىك سېماسى كۆز ئالدىمغا كېلىدۇ.
سوئال: مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىغا مەرسىيە يازدىڭىزمۇ؟
جاۋاب: »ئەلۋىدا، ئۇستاز« ناملىق مەرسىيەنى يازغان. بۇ مەرسىيەنى مەرھۇم ئۇستاز ۋاپات بولغان )ئۆتكۈر ئەپەندى 1995- يىلى 10- ئاينىڭ 5 - كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەن( شۇ كۈنىنىڭ ئاخشىمى يىغلاپ ئولتۇرۇپ يازغان ئىدىم. ئۇستازنىڭ يەتتە نەزىرى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5 - باشلانغۇچ مەكتەپ زالىدا ئۆتكۈزۈلگەندە، مەرسىيەم زالغا ئېسىلىپ جامائەت بىلەن يۈز كۆرۈشتى. مەرھۇم ئۇستاز ۋاپاتىنىڭ بىر يىللىق مۇناسىۋىتى بىلەن بىر پارچە ئەسلىمە يېزىپ، »تۇرپان ئەدەبىياتى« ژۇرنىلىدا ئېلان قىلدۇردۇم. ھازىر ئويلىسام، ئۇ چاغدىكى تەسىراتىم تازا چوڭقۇر بولمىغانىكەن. ۋاقىت ئۇزارغانچە سېغىنىش شۇنچە كۈچىيىدىكەن ئەمەسمۇ؟ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆتكەن كۈن، ئاي، يىللارنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئويلاشقا مەجبۇر بولىدىكەنسىز. خاتىرەمدە ئاجايىپ ياخشى تەسىراتلار بار ئىكەن. بۇ قېتىم خېلى يېڭى پىكىر، ھېكمەتلەرنى رەتلەپ ئەسلىمە يېزىشقا تىرىشتىم.
سوئال: مەرسىيەڭىز ھازىرمۇ ئېسىڭىزدىمۇ؟
جاۋاب: ئېسىمدە، سىزگە »ئەلۋىدا، ئۇستاز« نى يادلاپ بېرەي، ئاڭلاپ بېقىڭ:
مىليونلار قەلبىگە ھەسەلدەك ياققان،
ھايات بوستانىغا سۇ بولۇپ ئاققان.
ھېكمەت، خەزىنىلەرنىڭ ئىشىكىن ئاچقان،
تىلى، زېھنى ئۆتكۈر ئۇستاز، ئەلۋىدا.
ھاياتقا ھەر دائىم ئۈمىدۋار باققان،
مېھنىتى، ئەجرىدىن شان - شەرەپ تاپقان.
چوققىدىن - چوققىغا قاناتلار قاققان،
ئىز باسقان ئەۋلادقا ھەمراز*، ئەلۋىدا.
قوشىقىڭ ياڭرايدۇ »تارىم بويىدا«،
باش ئەگىم، قەدىمكى كارۋان يولىدا.
ناخشىڭىز ئوقۇلار قىزلار تويىدا،
ياشلارنىڭ مۇڭدىشى مۇمتاز**، ئەلۋىدا.
»ئويغانغان زېمىن« نى يازغان ئىدىڭىز،
زېمىندىن جاۋاھىر قازغان ئىدىڭىز.
دۈشمەنگە ئۇرۇلغان بازغان ئىدىڭىز،
ھەقىقىي ئەل ئوغلى ئۆتكۈر، ئەلۋىدا...
داستانلار ئىچىدە »قەشقەر كېچىسى«،
ئۇنىڭدا ئارزۇنىڭ سەدەپ، ئۈنچىسى.
چىگىلگەن خەلقىمنىڭ ئۈمىد، رىشتىسى،
شائىرلار نوچىسى ئۆتكۈر، ئەلۋىدا.
كۆرگەنمىز بىز »ئۆمۈر مەنزىللىرى« نى،
تارىخنىڭ ھەر تۈرلۈك پەسىللىرىنى،
كۈيلىگەن ۋىجداننىڭ ئەركىنلىكىنى،
ئەجدادلار ۋارىسى ئۇستاز، ئەلۋىدا.
سوئال: مەھمۇد زەيىدى ئاكا، مەرھۇم ئۇستازنىڭ قايسى ئىشلىرى سىزگە ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قىلغان؟
جاۋاب: ئۇكام ئېزىزجان، ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ماڭا تەسىر قىلغان ئىشلىرى ناھايىتى كۆپ. مەن ئۇنىڭ بىلەن توپتوغرا 15يىل بىللە خىزمەت قىلدىم. شۇنداقلا، ئۇنىڭ بىلەن تۇنجى كۆرۈشكەندىن تارتىپ، ئۇ ۋاپات بولغانغا قەدەر بىز ئاكا - ئىنىلاردەك يېقىن ئۆتكەن. خىزمەت جەريانىدا ئۇنىڭ بىلەن »دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك«، »قۇتادغۇبىلىك«، نەۋايى، زەلىلىي ۋە ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئىجادىيىتىنى بىللە ئۆگەندۇق ھەم مۇلاھىزە قىلدۇق. مەرھۇم 1980- يىللاردا ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ ئاساسلىق رەھبىرى بولۇپ، ئىلمىي ئىشلاردا سالماق، سەمىمىي، تەلەپچان، مەسىلىلەرگە ئەتراپلىق قارايتتى. ئۆزىنى چوڭ تۇتمايتتى، ئېغىر - بېسىق ئىدى. ئۇنىڭدا مول بىلىم ۋە تۇرمۇش تەجرىبىسى بولۇپلا قالماي، يەنە ئالىيجاناب ئەخلاقىي پەزىلەتمۇ بار ئىدى.
ئۇ بىر ناتىق ئىدى. سۆز قىلغاندا كىلاسسىك ئەسەرلەرنى، شائىرلارنى، ماقال - تەمسىللەرنى ۋە ھېكمەتلىك سۆزلەرنى مىسال كەلتۈرۈپ سۆزلەيتتى. 1948- يىلى يازدا، بىر قېتىملىق ئولتۇرۇشتا سورۇن ئەھلىنى ياخشىلىققا دەۋەت قىلىپ، ماۋۇ مىسرالارنى ئوقۇغانلىقى ئېسىمدە:
قىل ئەي، سەن ياخشىلىقنى ياخشى كىشى،
قېرىماس ياخشىلىق مەڭگۈدۇر يېشى.
ئۆتكۈر ئەپەندى ھەقىقەتەن كىشىلەرگە ياخشىلىق ئىزدەيدىغان، بىلىم ئىشقىدا مەجنۇن، ئەۋلاد بەختىگە مەسئۇل ئادەم ئىدى. خۇددى ئوسمان ئىسمائىل ئەپەندى ئېيتقاندەك:»>ئۆتكۈر< دېگەن سۆز بۇ زاتنىڭ نامى سۈپىتىدە −− جىسمىغا لايىقلاشقان، ئۆزىنىڭ چوڭقۇر مەنىسىگە تولۇق تويۇنغانىدى.«
مەرھۇم ئۆتكۈر ئەپەندى باش مۇھەررىرلىكىدە نەشر قىلىنغان »قۇتادغۇبىلىك« داستانىدا مۇنداق بىر بېيىت بار:
بىلىملىك بىلىم بىرلە بەردى ئۈگۈت،
دۇرۇس، چىن كىشى بولساڭ كۆزۈڭگە سۈرت.
دەرۋەقە، ئۆتكۈر ئەپەندى، ئۆزىنىڭ مول بىلىمى، ناتىقلىقى ۋە ئادىمىيلىك پەزىلىتى بىلەن بىرگە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەتتى ھەم تەسىر كۆرسەتتى. ئۇنىڭدىن نەچچە مىليون خەتلىك ئىجادىي، نەزمىي، نەسرىي ئەسەرلەر ۋە تەتقىقات مېۋىلىرى تەۋەررۈك قالدى. يۇقىرىقىلار ئۇستازنىڭ ماڭا ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قىلغان ئىشلىرى.
|