سوئال: ئاڭلىسام، سىز »قەشقەر كېچىسى« داستانىنىڭ يورۇقلۇققا چىقىشىدا مۇھىم رول ئويناپتىكەنسىز - ھە؟
جاۋاب: 1979- يىلى ياز كۈنلىرىنىڭ بىرىدە، ئۆتكۈر ئەپەندى ماڭا »قەشقەر كېچىسى« )ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ دېيىشىچە، بۇ داستاننىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىنى 1948- يىلى يېزىپتىكەن( ناملىق چوڭ تىپتىكى داستانىنىڭ قول يازمىسىنى كۆرۈپ بېقىشقا بەردى. مەن بۇ داستاننى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقتىم ۋە ماڭا ئىنتايىن ياققانلىقىنى ئېيتىپ، كىتابخانلار مۇشۇنداق ئەسەرگە تەشنا دېدىم. ئۆتكۈر ئەپەندى شۇ چاغدىكى ئەدەبىيات - سەنئەتتىكى سولچىللىقنىڭ كاشىلىسىدىن تېخى قۇتۇلالمىغانلىقىمىزنى ئويلاپ، بۇ داستاننىڭ كېيىنكى ئىستىقبالىنى سۈرۈشتۈرمىدى. بىر مەزگىل ئۆتكەندە مەن بۇ داستاننى يېقىن دوستۇم ۋە ساۋاقدىشىم تۇرسۇنمۇھەممەد پەخرىددىنگە تونۇشتۇردۇم. ئۇ شۇ يىللاردا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ئەدەبىيات - سەنئەت بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ئىدى. ئۇ داستاننى باشتىن - ئاياغ ئەستايىدىل كۆرۈپ چىقىپ »نەشر قىلىشقا بولىدىكەن« دېگەن پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويدى. يەنە »تارىم« ژۇرنىلىنىڭ شۇ چاغدىكى مۇھەررىرى، شائىر ئارسلانمۇ بۇ داستاننى ئەستايىدىل كۆرۈپ چىقىپ، ئىجابىي پىكىرلەرنى بەردى. شۇنداق قىلىپ، داستان ھەققىدە جامائەت پىكرى مەيدانغا كەلدى. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ باش مۇھەررىرى ئابدۇۋەلى خەلپەت بۇ داستاننى تەپسىلىي كۆرۈپ »قەشقەر كېچىسى« نىڭ نادىر ئەسەر ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، نەشرگە تەييارلىدى ۋە مەسئۇل مۇھەررىرىلىكنى ئۈستىگە ئالدى. شۇنداق قىلىپ »قەشقەر كېچىسى« داستانى 1980- يىلى تۇنجى قېتىم كىتاب شەكلىدە ئامما بىلەن يۈز كۆرۈشتى. داستاننىڭ ئاخىرقى نۇسخىسىنى كۆرۈشكە مەنمۇ داخىل بولۇپ، داستان تۈپلىنىپ تارقالغىچە بىر ئوبزور يېزىپ پۈتكۈزگەنىدىم. ماقالەم »كىتابلارغا باھا« ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىندى.
داستان نەشر قىلىنىشى بىلەنلا ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا نائىل بولدى ھەمدە ئەدەبىيات ساھەسىدىمۇ كۈچلۈك تەسىر قوزغاپ، يۇقىرى باھالارغا ئېرىشتى، ئۇزاق ئۆتمەيلا قايتا نەشر قىلىندى. 1982- يىلى مەملىكەت بويىچە ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى باھالاشتا بۇ داستان 1 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. كېيىن ئۆتكۈر ئەپەندى ماڭا:
−− ئۇكام، »قەشقەر كېچىسى« نىڭ يورۇقلۇققا چىقىشىدا سىزنىڭ مۇھىم رولىڭىز بولدى... −− دەپ مېنى شەخسەن ئۆزى مۇكاپاتلىماقچى بولدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ماڭا ئالتۇن يۇلتۇز ماركىلىق بىر تال سىياھ قەلەمنى يادىكار قىلدى.مەن بۇ قەلەمنى ھازىرغىچە ئەتىۋارلاپ ساقلاپ كەلمەكتىمەن.
سوئال: سىزنىڭ »قەشقەر كېچىسى« داستانى توغرىسىدىكى قارىشىڭىزنى ئاڭلاپ باقساق قانداق؟
جاۋاب: »قەشقەر كېچىسى« ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئابدۇرېھىم نىزارى داستانلىرىدىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن نادىر بىر ئەسەر.
ئۇ رېئالىزملىق ئۇسۇل بىلەن يېزىلغان، رومانتىزملىق روھنى ئۆزىگە سىڭدۈرگەن. داستاندا 1940- يىللاردىكى قەشقەر ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنىپ، كېرىم بىلەن لەيلىدىن ئىبارەت بىر جۈپ ياشنىڭ تەسىرلىك مۇھەببەت ھېكايىسى سۆزلەنگەن ھەمدە خەلق ئاممىسىنىڭ فېئوداللىق قائىدە - تۈزۈملەرگە، زالىم ھۆكۈمرانلارغا قارشى تۇرۇپ، ئازادلىقنى قولغا كەلتۈرۈشتەك جەڭگىۋارلىقى ئىپادىلەنگەن. داستاندىكى باش پېرسوناژ كېرىم بىلەن لەيلى ساۋاتلىق ياشلار بولۇپ، يېڭى دەۋر ئۇيغۇر ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ تىپىك ۋەكىلى بولۇشقا مۇناسىپ. ئۇ، لىرىكا ئارىلاشقان تىپىك بىر داستان، تىلى گۈزەل ۋە نەپىس. ئارۇز ۋەزىندە، مەسنەۋى شەكىلدە بولۇپ، سۇژىت ۋە كومپوزىتسىيە جەھەتتە كىلاسسىك داستانچىلىق ئۇسلۇبىدا يېزىلغان، »قۇتادغۇبىلىك« داستانىدىكى بەزى شەكىللەرنى ئەسلىتىدىغان نادىر ئەسەر. ئۇ قىتئە، غەزەل شەكلىدىكى بەندلەر )كۇپلېت( دىن تەركىب تېپىپ، ھەر بىر بابنىڭ ئاخىرى رۇبائىي خاراكتېرلىك تۆتلۈكلەر بىلەن تۈگەيدۇ. بۇ داستان مەلۇم مەنىدە رۇس پوئېزىيەسىدىكى پۇشكىن ئىستروپا شەكلىنىمۇ ئەسلىتىدۇ. ئىستىلىستىك ۋاسىتىلەر، پېئىل شەكىللىرى، خەلق ماقال - تەمسىللىرى داستاننىڭ خەلقچىللىقىنى، ئىستىلىستىكىلىق قىممىتىنى ئاشۇرىدۇ. بۇ جەھەتلىرى تەقرىزچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ. شۇ سەۋەبلىك داستان مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا شۆھرەت قازاندى. خەنزۇچە ۋە ياپونچە تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىندى. ئېنىقكى، مۇنەۋۋەر سەنئەت ئەسىرى شەخسىنىڭ يېگانە ئىپادىلىنىشى بولماي، بىر پۈتۈن مىللەت پىسخىكىسى ۋە مەنىۋى ھاياتىنىڭ ئىپادىلىنىشى. شۇڭا »ئۆتكۈر« دېگەن نام يېڭى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان دېيىشكە بولىدۇ.
سوئال: ئۆتكۈر ئەپەندى تارىخىي رومانلىرىنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تەسىرى ھەققىدە توختىلىپ باقامسىز؟
جاۋاب: بولىدۇ. بۇنى پاكىت ئارقىلىق سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ. ئۆتكۈر ئەپەندى ئاتاقلىق شائىر، تەتقىقاتچى بولۇپلا قالماستىن، يەنە مۇنەۋۋەر يازغۇچى، ئۇنىڭ »ئىز«، »ئويغانغان زېمىن« ناملىق تارىخىي رومانلىرى ئۇيغۇر رومان ئىجادىيىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.
ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ تۇنجى رومانى »ئىز« نىڭ قول يازمىسى 1984- يىلى نەشرگە بېرىلگەنىدى. ئابدۇۋەلى خەلپەتنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرلىكىدە بۇ كىتاب 1985- يىلى نەشردىن چىقىپ جامائەت بىلەن يۈز كۆرۈشتى. روماننى ئوقۇغانلار خەلقىمىزنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىنى قايتا ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەندەك بولاتتى. شۇڭا مەزكۇر كىتاب ھەققىدە ئوقۇرمەنلەردىن ھەر كۈنى دېگۈدەك ئۆتكۈر ئەپەندىگە بىر نەچچە پارچە تەشەككۈر بىلدۈرگەن خەتلەر كېلىپ تۇراتتى. خەتلەر شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەت، ناھىيەلىرىدىن، ھەتتا چەت ئەللەردىنمۇ كېلەتتى.
مەن ئۆتكۈر ئەپەندى بىلەن بىر ئىشخانىدا بولغاچقا، كەلگەن خەتلەرنى ئۇنىڭغا كۆپ ۋاقىتلاردا مەن ئوقۇپ بېرەتتىم. ئۇ سالماق ئولتۇرۇپ ئاڭلايتتى. خەتلەردە گۈزەل ئارزۇ - ئارمانلار ۋە مۇئەللىپتىن كۈتىدىغان ئۈمىدلەر يېزىلاتتى. 1985- يىلى يازدا قومۇل ۋىلايىتىدىكى ئايخان تاھىر ئىسىملىك بىر ئوقۇتقۇچى ئۆتكۈر ئەپەندىگە ئۇزۇن بىر پارچە خەت ئەۋەتكەن. ئۇ خېتىدە روماننى ناھايىتى قىزىقىش ھەم سۆيۈنۈش ئىچىدە ئوقۇغانلىقىنى، قومۇلدىكى ياشانغان كىشىلەر ئوقۇپ تېخىمۇ ھاياجانلانغانلىقىنى بايان قىلغان. مىسال قىلىپ، ئۆزىنىڭ 80ياشتىن ئاشقان ئانىسىنىڭمۇ بۇ روماننى ئوقۇپ، ئاجايىپ تەسىرلەنگەنلىكىنى يازغان. خەتتە: »... بىز ئاڭلاپ كېلىۋاتقان تۆمۈر خەلىپە 12تاغنى زىلزىلىگە كەلتۈرگەنىكەن. روماندىكى تۆمۈر خەلىپە خەلق ئاغزىدىكى تۆمۈر خەلىپىگە قارىغاندا تېخىمۇ جانلىق، ئۇنىڭ ئوبرازى تېخىمۇ يارقىن، يۈكسەك ۋە ئۇلۇغۋار بولۇپ، گوياكى تىرىك ئادەمدەك بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا گەۋدىلىنىپ، بىزنى قايىل قىلدى...« دەپ يېزىلغان. مۇنداق خەتلەر ئۈزۈلمەي كېلىپ تۇردى. »ئىز« رومانىنى ئوقۇپ چىققان كەلپىن يۇرچى ئوتتۇرا مەكتىپىدىن ئابدۇقادىر ھامىدىن ئۆز تەسىراتىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: »كۆڭۈل گۈلىستانىنىڭ بۇلبۇلى، ھېسسىيات تەپەككۇرىنىڭ دۇلدۇلى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئوغلانى، ۋەتەن خەلقنىڭ يۈرەك تومۇرى، جاندىن ئەزىز، مەن ئۈچۈن ھەر ئىككى دۇنيادا قەدىرلىك بولغان ئاكام ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرگە: مەن 23يىللىق ھاياتىمدا ئۆزلىرىنىڭ رومانلىرىدەك، باشقا ھېچقانداق رومانغا مۇنداق مۇھەببەت باغلىمىغانىدىم. بۇ رومانغا كۆڭلۈم چۈشۈپ قالدى. روماننى ئىشتىياق بىلەن ئوقۇپ چىقىپ، ئۆزلىرىدىن چەكسىز مىننەتدار بولدۇم، نەتىجىدە بىر شېئىر يېزىپ قويدۇم. بۇنىڭدىن مېنىڭ ۋە مەن بىلەن بىر مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھېسسىياتىنى بىلىپ قالغايلا.
مۇبارەك، چەكسىز مۇبارەك »ئىز« دېگەن رومانىگە،
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئاكىنىڭ دۇر كەبى سۆز كانىگە.
چىقتى ئۇ، نەشر كۆكىدىن تۈندە ئايدەك نۇر چېچىپ،
گاڭگىراپ يۈرگەن يولۇچى... تاپتى يول ئىقبالىگە.
...
ئوقۇغانچە تولدى جام، تەسىراتلار قىيامىگە،
شۇل سەۋەب ئاددىي غەزەل يازدىم »ئىز« نىڭ شەنىگە.
مەنمۇ دەي ھەم، سايرا ئۆتكۈر، ھاڭ - تاڭ قالسۇن خالايىق،
ساق بولۇڭ ھەم مىڭ ياشاڭ خەلقىمىزنىڭ بەختىگە.
(شېئىر 20نەچچە مىسرا ئىدى. قىسقارتىلدى)
ھېلىمۇ ئېنىق ئېسىمدە، 1988- يىلى كۈزدە ئاكام مۇھەممەد زەيىدى تاشكەنتتىن ئۈرۈمچىگە كەلدى. ئاكام بىلەن بىرگە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى يازغۇچى، شائىرلارنىڭ ئۆتكۈر ئەپەندىگە يوللىغان سوۋغا - سالاملىرىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۆيىگە باردۇق. ئۆتكۈر ئەپەندى بىلەن ئاكام قەدىناس ئاغىنىلەردىن ئىدى. ئۇلار بىر - بىرىنى قۇچاقلىشىپ قىزغىن كۆرۈشتى. ئۇ ئاكام مۇھەممەد زەيىدىنىڭ قولىدىن تۇرسۇن قاھار قاتارلىق يازغۇچى - شائىرلارنىڭ ئۆزىگە يوللىغان سالام خەت، كىتابلارنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، خەتلەرنى ئوقۇشقا باشلىدى. بىر ئاز ئۆتكەندىن كېيىن، ئۆتكۈر ئەپەندى ئارىدا توختاپ: »مەن روماننىڭ مۇنچىلىك تەسىر قوزغىشىنى ئويلىماپتىكەنمەن. >ئىز< نىڭ چېگرا ھالقىپ شۇنچىلىك داغدۇغا قوزغاپ، كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرغانلىقىدىن ھاياجانلاندىم، رەھمەت!« دېدى. ئۇ يەنە: »مۇنداق خەتلەردىن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن 200پارچىدەك كەلدى« دەپ، خەتلەر ئارىسىدىن ئىككى لېپاپنى بىزگە ئۇزاتتى. بۇ خەتلەر قەشقەردىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەردىن كەلگەن ئىكەن. بىز شۇ چاغدا لېپاپنى ئېچىپ خەتنى ئوقۇغان ئىدۇق. خەتتە: »ئۇستاز ئۆتكۈر ئەپەندىم، سىزنىڭ رومانىڭىز ئۈچۈن مىڭلارچە رەھمەت! قولىڭىزغا بەرىكەت قۇشى قونغاي، تېنىڭىز سالامەت، ئۆمرىڭىز ئۇزۇن بولسۇن« دېگەن قۇرلاردىن كېيىن، »قەدىردان ئۇستاز، ئىمكان بولسا، سىزنى 52 ياشلىق چاغلىرىڭىزغا قايتۇرۇپ كېلىش ھەققىدە كۆپ ئويلاندۇق. دورا تېپىلارمۇ؟! خۇدايىم سىزگە قوشلاپ ئۆمۈر ئاتا قىلغاي...« دەپ يېزىلغان. مەن بۇ خەتلەر ھەققىدە بىرەر ماقالە پىلانلاپ، ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىپ، بەزى خەتلەرنى كۆچۈرۈۋالغانىدىم.
سوئال: سىز ئۆتكۈر ئەپەندىگە كەلگەن خەتلەر ھەققىدە ماقالە يازماقچى بولغانلىقىڭىزنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتىڭىز، ماقالىنى يازدىڭىزمۇ؟
جاۋاب: مەن ئۆتكۈر ئەپەندى ۋە ئۇنىڭغا كەلگەن خەتلەر ھەققىدە ئەسلىمە ھەم ماقالە يېزىشنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ يۈرگىلى خېلى بولغانىدى. بىر كۈنى مەن ئۇنىڭغا مەقسىتىمنى ئېيتتىم. ئۆتكۈر ئەپەندى ئۇنىماي قويدى. مەن: »نېمىشقا ئۇنىمايسىز؟« دەپ سورىسام، ئۇ: »ئۇكام، كىشىگە ئاتاق ياراشماس، ھايۋانغا سېمىزلىك، دېگەن گەپ بارغۇ؟ ھازىرچە بىزگە )ئۆزىنى دېمەكچى( شۇنچىلىك غەمخورلۇقمۇ يېتىپ ئاشىدۇ!« دېگەن گەپلەرنى قىلىپ، »ئادەم دۇنيادىن ئۆتكەندىن كېيىنمۇ، ساندۇقىدا ئاز - تولا بىر نەرسە بولۇشى لازىم - دە« دەپ قوشۇپ قويدى. بىر نەچچە يىل ئۆتۈپ ئۆتكۈر ئەپەندى »ئويغانغان زېمىن« رومانىنى يازدى، ئۇزاق ئۆتمەي ئاغرىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالدى. مەن دوختۇرخانىغا ئۇنى يوقلاپ باردىم. بىز ئىلمىي ئىشلار ئۈستىدە ئىچىلىپ - يېيىلىپ سۆھبەتلەشتۇق. مەن، ئۇنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش پۇرسىتى كەلدى دەپ قاراپ، ماقالە ۋە ئەسلىمە يېزىش خىيالىمنى دېدىم. ئۇ: »ئۇكام، يېزىشقا ئالدىرىماڭ، يازغانلىرىڭىز بولسا ساقلاپ قويۇڭ، كېيىنكى بىر كۈنلەردە ئىشلىتەرسىز« دەپ يەنە ئۇنىمىدى. بۇ ئىش ئارقىلىق ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ نام - شۆھرەتكە بېرىلمەيدىغان، كەمتەر پەزىلىتىدىن يەنە بىر قېتىم چوڭقۇر تەسىرلەندىم.
|