ئەنۋەر ئابدۇرېھىم »)تارىم« ژۇرنىلىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باش مۇھەررىرﯼ، ئەدەبىي ئوبزورچﯽ:( مۇشۇنداق يىغىنلارنﯽ ئېچىپ تۇرغاننىڭ پايدىسﯽ باركەن، دەپ ئويلاپ قالدىم. ئۆتكەندە ئىدارىدە بىر قېتىم مۇشۇنداق يىغىن ئېچىلغان، ئۇ يەردە مەن كۆز قاراشلىرىمنﯽ دېگەن. شۇ يىغىندىن كېيىن بىر ماقالە يازغۇم كەپ قالدﯼ، مەن ئاشۇ ئىش توغرۇلۇقلا قىسقىچە سۆزلەپ ئۆتەي. مۇشۇ ئىشلار بىزنىڭ ئىچىمىزنﯽ تىت - تىت قىلىۋاتقانلىقﯽ راست. مۇشۇنداق سۆھبەت يىغىنلار ئارقىلىق ھۆكۈمەتكىمۇ بەزﯼ تەكلىپلەرنﯽ بەرگىلﯽ بولىدۇ. بالىلىرىمنىڭ بىر شىركىتﯽ بارتﯽ، بىر قىز بالىنﯽ يۆلەپ قويايلﯽ، تۇغقانلارنىڭ قىزىكەن، تولۇق ئوتتۇرىنﯽ پۈتكۈزۈپ ئۆيدە ئولتۇرۇپ قاپتۇ دەپ بالىلىرىم غۇلجىدىن ئېلىپ كەلدﯼ. بۇ قىز كۆزىدىن باشقا ھەممە يېرىنﯽ ئورۇۋاپتۇ. بىر ھەپتە خىزمەت ئىشلىگەندىن كېيىن يۈزىنﯽ ئازراق ئاچتﯽ. بۇ قىز بىز بىلەن تېلېۋىزور كۆرمەيدۇ. دەسلەپ دىققەت قىلماپتىمەن، ئارىدىن خېلﯽ ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، قىزىم نېمىشقا تېلېۋىزور كۆرمەيسىز دېسەم، ئاللا راۋا كۆرمەيدۇ، يامان بولىدۇ دېدﯼ. ھەيران قالدۇق، بارا - بارا يەنە مۇنداق ئىشلىرىمۇ مەلۇم بولدﯼ: تورغا چىقسىمۇ يامان بولىدۇ، ناخشا ئېيتسىمۇ يامان بولىدۇ، ساز ئاڭلىسىمۇ يامان بولىدۇ، ساز چالسىمۇ يامان بولىدۇ دېگەندەك. شۇنىڭدىن كېيىن بىر ئاينﯽ ئاران توشقۇزۇپ، غۇلجىغا يولغا سېلىپ قويدۇق. مۇشۇ ئىشتىن كېيىن بىر ماقالە يازغۇم كەپ قالدﯼ. ھازىر مۇشۇ جەمئىيەتتە ھەقىقەتەن تەرەققىياتقا قارشﯽ، يېڭىلىققا قارشﯽ، ياشلارنﯽ قاراڭغۇلۇققا، نادانلىققا تارتىدىغان مۇشۇنداق بىر تەتۈر ئېقىم بار ئىكەن. كىيىم - كېچەكمۇ شۇنىڭغا چېتىلىدۇ. مۇشۇ جەھەتتە مەن مۇنداق ئىشلارنىمۇ ھېس قىلىپ قالدىم. »5 - ئىيۇل ۋەقەسﯽ«دىن كېيىن ھۆكۈمەت غۇلجىدىن بىزنىڭ بىر تۇغقانلارنىڭ قىزىنﯽ ئەكىلىپ بەيگە مەيدانﯽ ساقچىخانىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدﯼ. بۇ قىز بەزﯼ كۈنﯽ كېلىپ مۇنداق دەيدۇ: »ۋاي، بىز بۈگۈن روپاش خوتۇنلاردىن 51نﯽ قامىدۇق«. راست، مېنىڭمۇ ھەقىقەتەن ئىچىم تىتىلدايدۇ مۇشۇ ئىشلارغا، لېكىن قوپاللىق قىلىپ ئۇنﯽ تارتىپ، قاماپ قويىدىغان مۇنداق ئىشنﯽ قىلساڭ بولمايدۇ، ئۇنداق قىلساڭ تېخىمۇ ئەۋج ئېلىپ كېتىدۇ، ئۇنداق قىلماڭلار دەپ قويدۇم. يەنە ساقال توغرۇلۇق بىر گەپ ئاڭلاپ قالدىم. يېقىندا ئالتايلىق بالىلارنىڭ بىر مەسلىھەت چېيىغا بارسام، جەنۇبقا بېرىپ كەلگەن بىر بالا، يېزا باشلىقلىرىغا پايدا بولدﯼ مۇشۇ ساقال مەسىلىسﯽ، دەيدۇ. قانداق دېسەم، شۇ ساقاللىقلارنﯽ تۇتۇپ قاماپ قويىدىكەن، قامىغاندىن كېيىن ساقىلىنﯽ ئېلىۋېتىدىكەن، 500 يۈەن جەرىمانە قويىدىكەن. بۇ جەرىمانىنﯽ ھۆكۈمەتكە بەرمەي كادىرلار ئۆزﯼ ئالىدىكەن. بېيىيدىغاننىڭ يېڭﯽ بىر يولﯽ چىقتﯽ دەپ مەسخىرە قىلىپ كەتتﯽ. شۇڭا مېنىڭچە بىز مۇشۇنداق بەزﯼ نەرسىلەرنﯽ ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا ئىنكاس قىلىپ قويمىساق بولمايدۇ، بۇمۇ بىر خىل مەسئۇلىيەت. مېنىڭچە نورمال، ساغلام دىنىي ئېتىقادنﯽ قوغدىمىساق، ئۇنىڭغا زەربە بەرسەك ياكﯽ قوپاللىق قىلساق، قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەت ئەۋجىگە چىقىدۇ، يامان نىيەتلىك كىشىلەر پايدىلىنىپ كېتىدۇ. شۇڭا ئەمدﯼ بۇ جەھەتتە پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭمۇ، بىزنىڭمۇ مەسئۇلىيىتىمىز بار، ئەدەبىي ئەسەرلەردە، ماقالىلەردە ئىككىلا نۇقتىدىن يورۇتۇشقا ئەھمىيەت بەرگىنىمىز ياخشﯽ. شۇنداق قىلغان ۋاقتىدا گېپىمىزنىڭ قايىل قىلىش كۈچﯽ بولىدۇ، ئۈنۈمﯽ بولىدۇ. ئاشۇنداق خۇراپىي، قالاق، نادان نەرسىلەر تۈپەيلﯽ كېلىپ چىققان مەسىلىلەرنىڭ ئالدىنﯽ ئالغىلﯽ بولىدۇ. |