ئالىم ھاجى ئىمىن تۇرسۇن مۇقام دىيارىدا(3)

يوللانغان ۋاقتى:08-01-2014   مەنبە: تارىم 2013-10-سان   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
مەن ۋاقىت تاپساملا قېشىغا بېرىپ ئورۇنلاۋاتقان مۇقاملىرىنﯽ ئاڭلاپ، قىزىقارلىق
مەن ۋاقىت تاپساملا قېشىغا بېرىپ ئورۇنلاۋاتقان مۇقاملىرىنﯽ ئاڭلاپ، قىزىقارلىق چاقچاقلىرىنﯽ تىڭشاپ كېلەتتىم. بىر كۈنﯽ تۇردﯼ ئاخۇن ئاكا ماڭا: ئۇكام، دۆلەت ئۈچۈن خان لازىمكەن، پۇقرا ئۈچۈن جان لازىمكەن، جان ساقلاشقا نان لازىمكەن. ئۈچ ۋاخ تاماقتا بىردىن نان ياكﯽ بىر تاۋاقتىن ئاشلا بېرىلىۋاتىدۇ، مەن بۇ تاماققا تويمىدىم. بىر تەرەپتىن ساز چېلىپ، بىر تەرەپتىن مۇقام توۋلاۋەرسە ئادەم بەك ھالسىراپ قورسىقﯽ ئېچىپ چىدىغىلﯽ بولمايدىكەن، رەھبەرلەرگە تاماققا تويمىدىم دېگىلﯽ ئادەمنىڭ يۈزﯼ چىدىمايدىكەن، سىز بۇ سۆزۈمنﯽ رەھبەرلەرگە يەتكۈزۈپ قويسىڭىز، ماڭا يەنە بىردىن نان، بىر قاچىدىن ئاش قوشۇپ بەرسە دېدﯼ. مەن بۇ سۆزلەرنﯽ رەھبەرلەرگە يەتكۈزەلمىدىم. يەتكۈزگىدەك دەرىجەممۇ يوق ئىدﯼ. ئۆزۈممۇ بىر - ئىككﯽ نانغا يىتىك بولالمىدىم، ئۇ ۋاقىتتا ئۈرۈمچىدە تاماق نورمىلىق، بىزلەرنىڭ ئائىلىگىمۇ ئوشۇق تاماق كەلمەيتتﯽ. دېمەك، تۇردﯼ ئاخۇن ئاكا مۇقامنﯽ لېنتىغا ئېلىشتا ئاشۇنداق قىينالغان. مانا بىز نەچچە يۈز ئادەم تۇردﯼ ئاخۇن ئاكا قىيىن شارائىتتا ئورۇندىغان مۇقاملارنﯽ راھەت - پاراغەت، باياشاد مەمۇرچىلىقتا تەتقىق قىلىۋاتىمىز، __ بۇ تەسىرلىك ئەسلىمىدىن ھەممەيلەن تۇردﯼ ئاخۇن ئاكىنﯽ ئەسكە ئېلىشتﯽ.
__ مېنىڭ دېمەكچﯽ بولغىنىم، __ دېدﯼ ئالىم ھاجﯽ ئىمىن تۇرسۇن، __ »ئون ئىككﯽ مۇقام« ھازىر دۇنيا غەيرىي ماددىي مىراسلىرىنﯽ قوغداش تۈرىگە كىرگۈزۈلدﯼ. يەنە مۇقام فوندﯼ جەمئىيىتﯽ قۇرۇلدﯼ. بۇ جەمئىيەتكە يىللىقﯽ ب د ت خېلﯽ كۆپ مەبلەغ بېرىدۇ، تەتقىقاتچىلىرىمىزنىڭ كۈنﯽ ياخشﯽ، لېكىن يىراق يېزا - قىشلاقلاردىكﯽ مۇقامچىلارنىڭ تۇرمۇشﯽ كاپالەتكە ئىگە ئەمەس، ئۇلارنﯽ يەرلىك ھاكىمىيەتلەر بايرام، تەبرىكلەش، ھال سوراش پائالىيەتلىرىگە ساز چېلىپ مۇقام توۋلايسىز دەپ چاقىرىدۇ، ئۇلار قىلىۋاتقان ئىشلىرىنﯽ، تېرىۋاتقان يەرلىرىنﯽ تاشلاپ چاقىرغان يەرگە بارمىسا بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئىشﯽ ئاقساپ قالغىنﯽ قالغان. يەنە تەتقىقات ئورۇنلىرىدىكﯽ تەتقىقاتچىلار يەرلىك مۇقاملارنﯽ توپلاپ رەتلەيمىز دەپ بارىدۇ، ئۇلارنىڭ قەدىمﯽ يەتكەن كۈنىلا مۇقامچىلارنﯽ چاقىرىپ ھازىر قىلىدۇ، ئۇلار يەنە بۇلار ئۈچۈن ساز چېلىپ، مۇقام توۋلاپ سورۇن قىزىتىپ، ئىچ باغرىدىكىنﯽ تۆكىدۇ، بۇلارغا ھېچ يەردىن ياردەم بېرىلمەيدۇ، تۇرمۇشىغا ئۆزﯼ ئىگە. مېنىڭ تەلىپىم، يۇقىرﯼ بىلەن يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئەل ئىچﯽ مۇقامچىلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلسە، مۇقام قەدىرلەنگەندەك مۇقامچىلارمۇ قەدىرلەنسە.
بۇ تەكلىپ ھەممەيلەنگە يېقىپ، قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتﯽ.
»ئون ئىككﯽ مۇقام« تەتقىقات ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنﯽ دۆلەت بايرىمىنىڭ تەنتەنىلىك ئالقىش سادالىرﯼ ئىچىدە ئاخىرلاشتﯽ.
مانا، يىغىن ئېچىلىپ خېلﯽ يىل ئۆتۈپتۇ. يىغىندىكﯽ تەكلىپ، تەلەپلەرنىڭ تۈرتكىسىدە يۇقىرﯼ رەھبەرلىك ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەر مۇقام خىزمىتىگە ئەھمىيەت بەردﯼ. مۇقامچىلارنىڭ تۇرمۇشىدىمۇ ئۆزگىرىش بولدﯼ. ئۇلارنىڭ يىللىق مەجبۇرىيەت ئەمگەكلىرﯼ كۆتۈرۈۋېتىلدﯼ. مۇقام ۋارىسلىرىغا ب د ت نىڭ ياردىمىدە يىللىقﯽ يار يۆلەك بولۇش سوممىسﯽ بېرىلىۋاتىدۇ. كۆپ قىسىم مۇقامچىلار يېزا - بازار ئاھالىلىرىنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتﯽ پۇلىدىن بەھرىمەن قىلىندﯼ.



ھالقىلىق سۆزلەر :


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار