مېھىرلىك ماكاندىن سېھىرلىك جاھانغىچە (ئەدەبىي خاتىرە)(10)

يوللانغان ۋاقتى:09-01-2014   مەنبە: تارىم 2013-3سان   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
قەلبىمدىكﯽ خاتىمە ياتاققا قايتىپ چىقىپ خېلﯽ ئۇزاققىچە ئۇخلىيالمىدىم، سەپە

قەلبىمدىكﯽ خاتىمە

 

ياتاققا قايتىپ چىقىپ خېلﯽ ئۇزاققىچە ئۇخلىيالمىدىم، سەپەرداشلىرىم بىر - بىرلەپ كۆز ئالدىمدىن ئۆتۈپ، ئۆزۈممۇ قەلبىمدە بۇ قېتىمقﯽ سەپەرنﯽ خۇلاسىلەپ باقتىم.
ئەدەبىياتنىڭ ئەڭ كۆڭۈللۈك تەرىپﯽ، ئەدەبىيات ئەھلىنىڭ ئەڭ سۆيۈنىدىغان ئىشﯽ __ مۇشۇنداق ئەدەبىي پائالىيەتلەردۇر. چۈنكﯽ قەلەمكەشلەر مەتبۇئاتلاردا بىر پارچە ئەسەر ئېلان قىلغاندىن باشلاپ، بىر - بىرىگە ئۈنسىز باغلانغان، دۇنيانىڭ بىر يېرىدە قەلەمداش دوستقا ئېرىشكەن بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەدەبىياتقا بولغان مۇھەببىتﯽ، تۇيغۇسﯽ ئوخشاش بولغاچقا، قەلبىدە ئوخشاش بىر ئوت لاۋۇلداپ تۇرغاچقا، بىر - بىرﯼ بىلەن كۆرۈشۈش، پىكىرلىشىش، سىردىشىشنﯽ ھاياتىدىكﯽ ئەڭ چوڭ خۇشاللىقﯽ دەپ بىلىدۇ. گەرچە بىر قېتىممۇ كۆرۈشۈپ باقمىغان بولسىمۇ، قەلبﯽ تۇتاش، قەلىمﯽ سىرداش بولغاچقا، كۆرۈشكەن ھامان پىكىرلىرﯼ بىر يەردىن چىقىپ، ئىچەكىشىپ، ئۆزلىشىپ كېتىدۇ. كۈنلەپ، تۈنلەپ پاراڭلاشسىمۇ قەلب سۆزلىرﯼ تۈگىمەيدۇ، قىزغىن سۆھبەتلەر ئۈزۈلمەيدۇ.
بۇ قېتىمقﯽ خاسىيەتلىك سەپەردىمۇ شۇنداق بولدﯼ. ھەممەيلەن كۆرۈشۈپلا كونا تونۇشلاردەك ھېسسىياتقا كەلدۇق. بىر - بىرىمىزنﯽ چۈشىنىشتۇق، مىجەز - خاراكتېر، خۇي - پەيلىمىز ھەققىدە، تۇرمۇش، ئىجادىيەت، كۆز قاراشلىرىمىز توغرىسىدا خېلﯽ چوڭقۇر چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولدۇق. مەن سەپەر جەريانىدا پۇرسەت تېپىپ ھەممەيلەن بىلەن ھەر خىل شەكىل، ھەرقايسﯽ تېمىلاردا ئايرىم - ئايرىم سۆھبەتلىشىپ پاراڭلىشىپ باقتىم ۋە سەپەرداشلىرىم ھەققىدە مەلۇم چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولدۇم.
ئۆمەك باشلىقىمىز، ئاتاقلىق شائىر، ژۇرنالىست ياسىن زىلال خاراكتېرﯼ كۈچلۈك، ھەق - ناھەق قارىشﯽ ئايدىڭ، بىلىم قۇرۇلمىسﯽ كەڭ، سۆزلىرﯼ ئىنتايىن پاساھەتلىك ھەم ئورۇنلۇق كىشﯽ ئىكەن. ئۇنىڭ كىلاسسىكلارغا، نەۋايىغا، شېئىرغا بولغان مۇھەببىتﯽ، شېئىر دېكلاماتسىيە قىلغان چاغدىكﯽ چوڭقۇر ھېسسىياتﯽ مېنىڭ قايىللىقىمنﯽ قوزغىدﯼ. ژۇرنالىست پاتىگۈل ئەخمەت ئاياللارغا خاس ئىنچىكە، ئەستايىدىل، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، يول بويﯽ بىزنىڭ تاماق، ياتاق، تۇرمۇشىمىزنﯽ ئىدىتلىق، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ ماڭدﯼ. “تارىم” ژۇرنىلىنىڭ خاسىيەت ئەمەت، غېنﯽ مۇھەممەد، مۇھەممەد ئەيسا ئۆزئەرك، مۇختار تۇردﯼ، ھەزرەتئەلﯽ ئەخەت قاتارلىق مۇھەررىرلىرىنىڭمۇ بىلىم قۇرۇلمىسﯽ مول، ئۇنىۋېرسال ساپاسﯽ يۇقىرﯼ، ئاپتورلارغا بولغان مۇئامىلىسﯽ قىزغىن ۋە ئەتراپلىق بولۇپ، مەندە چوڭقۇر تەسىرات قالدۇردﯼ. مۇھەممەد ئەيسا ئۆزئەرك بىلەن ھەزرەتئەلﯽ ئەخەت يول بويﯽ داڭقان پۇتﯽ گەپلەر بىلەن چاقچاقلىشىپ، گەپ چېقىشىپ ئۆزئارا كۆڭلﯽ يېقىنلىقىنﯽ ئىپادىلىدﯼ.
ئەسقەر ھاجﯽ ئابدۇللا ئارىمىزدىكﯽ يېشﯽ ئەڭ چوڭ كىشﯽ بولسىمۇ، ياش چىرايﯽ، روھﯽ ئۈستۈنلۈكﯽ، جۇشقۇن جەڭگىۋارلىقﯽ بىلەن ھەممىمىزگە ئۈلگە بولدﯼ. ئۇنىڭ پات - پات مەردلىك بىلەن “ھەممىڭلارنﯽ مەن مېھمان قىلىۋېتىمەن جۇمۇ” دېگەن ئاۋازﯼ ياڭراپ تۇردﯼ. ئىلگىرﯼ تۆمۈريول تارماقلىرىدا، تەشۋىقات سىستېمىسىدا رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنﯽ ئۆتىگەن بۇ كىشﯽ پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن ئۆي - مۈلۈك سودىسﯽ بىلەن شۇغۇللىنىپ، قەشقەردە خېلﯽ نامﯽ بار كارخانىچىغا ئايلىنىپتۇ. لېكىن ئۇ يەنىلا پۇلدىن مۇھىم نەرسىنىڭ __ كىشىلەرنىڭ مەنىۋﯼ دۇنياسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەدەبىياتنىڭلا مەڭگۈلۈك بايلىق ئىكەنلىكىنﯽ ھېس قىلىپ، ئەسلىي تەبىئىتىدىكﯽ ئىستېداتىنﯽ جارﯼ قىلدۇرۇپ، نۇرغۇن شېئىرلارنﯽ ئېلان قىپتۇ، تاپقان پۇلىنﯽ قەشقەردە ھەرخىل ئەدەبىيات، نورۇز پائالىيەتلىرىنﯽ تەشكىللەشكە سەرپ قىپتۇ. ئۇ بۇ قېتىمقﯽ سەپەر ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدﯼ: “ئۇيغۇر ئەدىبلىرﯼ ئۆزلىرىنىڭ قىممىتﯽ ۋە ھۆرمىتىنﯽ تازا ھېس قىلالمايۋاتقان نۆۋەتتىكﯽ ۋەزىيەتتە ئۇيۇشتۇرۇلغان تارىم ژۇرنىلىنىڭ بۇ قېتىمقﯽ پائالىيىتﯽ ئەدىبلەرنىڭ ئىپتىخار تۇيغۇسىنﯽ ئويغاتتﯽ، مەنىۋﯼ ئورنىنﯽ يۇقىرﯼ كۆتۈردﯼ”.
تۇرسۇنجان مۇھەممەد بىلەن ئەنۋەر ئىبراھىملار ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقىنىڭ، ژۇرنالچىلىقىنىڭ تەرەققىياتﯽ ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا سەھنە ھازىرلاپ بېرىش ئۈچۈن مېھنەت سىڭدۈرۈۋاتقان تەجرىبىلىك ژۇرنالىستلار. تۇرسۇنجان مۇھەممەد ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا مۇئەييەن تەسىرگە ئىگە يازغۇچﯽ، ئۇنىڭ ھازىرغا قەدەر رومان، پوۋېست، ھېكايىلەر توپلاملىرﯼ بولۇپ، توققۇز كىتابﯽ نەشر قىلىنغان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ “تەڭرىتاغ ئەدەبىيات _ سەنئەت مۇكاپاتﯽ”، “ياش يازغۇچىلار نەتىجە مۇكاپاتﯽ”، “خانتەڭرﯼ ئەدەبىيات مۇكاپاتﯽ” قاتارلىقلارغا ئېرىشكەن. بۇ ئىككەيلەن بىر - بىرىنﯽ “ئۇستاز”، “ئۇستاز” دېيىشىپ، ياپتا گەپلەر بىلەن چاقچاق قىلىشىپ، بۇ سۆزنﯽ ھەممەيلەننىڭ ئارىسىدا مودا قىلىۋەتتﯽ.
مەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان 1991 - يىللاردا مۇتىللا ئەبەد قىرانىنىڭ “ناخشامدا بار ھىجران ۋە ۋىسال، مەن ياش تۆكەي، سەن كۈلگىن خۇشال” ناملىق مىسرالىرﯼ قەلبىمگە مۆھۈر بولۇپ ئويۇلغان ئىدﯼ. ئۇنىڭ ھازىرغىچە “تاش شەھەر”، “تاش قەدەھ” ناملىق ئىككﯽ پارچە كىتابﯽ نەشر قىلىنىپتۇ. ئاز، ئورۇنلۇق سۆزلەيدىغان، باشقىلارنىڭ پىكرىنﯽ كۆپرەك ئاڭلايدىغان مۇتىللانىڭ يۇمۇر سۆزلىسە زۇۋانﯽ ئېچىلىپ كېتىدىكەن.
دولقۇن روزﯼ ناھايىتﯽ گەپدان، يۇمۇر چاقچاقچﯽ، ناخشىچﯽ ئىكەن، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك قاتارلىق بىر قانچە مىللەتنىڭ ناخشىسىنﯽ ئېيتالايدىكەن، قازاقچىغا ئۇستا ئىكەن. ھەرقايسﯽ تېمىلارغا توختىماي، ھارماي سۆزلەيدىكەن، ئۇ يول بويﯽ بىزنﯽ زېرىكتۈرمەي ماڭدﯼ. ئۇنىڭ ھازىرغا قەدەر “مەڭگۈلۈك ئىزدەش” ناملىق شېئىرلار توپلىمﯽ نەشر قىلىنىپتۇ، “خانتەڭرﯼ ئەدەبىيات مۇكاپاتﯽ”غا ئېرىشىپتۇ. تارىخ تەتقىقاتﯽ ئۈستىدە ئىزدىنىپ، 30 نەچچە سان “ئىلﯽ تارىخ ماتېرىياللىرﯼ”نﯽ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشلەپ چىقىپتۇ. ئۇ مۇنداق دېدﯼ: “يازغۇچﯽ، شائىرلار ئۈچۈن باشقا خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ، شان - شەرەپكە ئېرىشكەنگە سېلىشتۇرغاندا، ئۆزﯼ سۆيگەن ئەدەبىيات كەسپﯽ ۋە شۇنىڭغا ئالاقىدار ئورگان تەرىپىدىن قەدىرلىنىشتىن ئارتۇق بەخت تۇيغۇسﯽ بولمايدۇ، مەن بۇ قېتىمقﯽ سەپەردە دەل ئاشۇنداق تۇيغۇغا نائىل بولدۇم”.
ئابلىكىم ئەبەيدۇللامۇ سۆزمەن، ھازىر جاۋاب، ئوچۇق - يورۇق، تۈز نىيەت، قىزغىن، مەردانە ئىكەن، ئۇنىڭ “جەننەت چۈشﯽ” ناملىق پوۋېست، ھېكايىلەر توپلىمﯽ نەشر قىلىنىپتۇ.
ئابلەت ئەسمەت ئېغىر - بېسىق، توختاملىق، ئاز ھەم ساز سۆزلەيدىغان، ئىدىتلىق كىشﯽ ئىكەن، ئۇنىڭ ھازىرغا قەدەر ھەرقايسﯽ مەتبۇئاتلاردا 80 پارچىغا يېقىن ھېكايە، پوۋېستلىرﯼ ئېلان قىلىنىپتۇ. “بۇ سەپەردە بىر - بىرىمىزگە غۇرۇرلۇق پىكىرلىرىمىزنﯽ سوۋغا قىلدۇق. دوستلۇقىمىز چوڭقۇرلاشتﯽ، ئۇنتۇلماس ئەستىلىكلەر قالدﯼ. ئەمدﯼ مۇشۇ خاسىيەتلىك سەپەرگە يارىشا جاۋاب قايتۇرمىساق، ئەدەبىي ئىجادىيەتتە ئۆزىمىزگە يەنىمۇ قاتتىق تەلەپ قويمىساق بولمىغۇدەك” دېدﯼ ئۇ تەسىراتىنﯽ سۆزلەپ.
زولپىيە كۆلتېگىن دائىم چوڭقۇر تەپەككۇر، خىيال ئىلكىدە يۈردﯼ، ماڭا پات - پات “نۇرغۇن پىلانلىرىم بار ئىدﯼ، تەرتىپلەر بەكلا جىددىي ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولغاچقا، تۈزۈك يېزىقچىلىق قىلالمىدىم” دەپ ئەپسۇسلۇقىنﯽ ئىپادىلىدﯼ. ئۇنىڭ خىزمىتﯽ ئىنتايىن ئالدىراش بولسىمۇ، ھازىرغا قەدەر “كۆيۈككە داۋا يوق”، “قارانچۇق”، “جانان كوچىسىدىكﯽ ئىشلار” قاتارلىق رومان، ھېكايىلەر توپلاملىرﯼ نەشر قىلىنىپتۇ، “خانتەڭرﯼ ئەدەبىيات مۇكاپاتﯽ”غا ۋە شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ “يېڭﯽ ياش” مۇكاپاتىغا ئېرىشىپتۇ. ئۇ مۇنداق دېدﯼ: “مېنىڭ ئىچكىرﯼ ئۆلكىلەرگە تۇنجﯽ قېتىم كېلىشىم، مەن كىچىكىمدىن ھاۋا رەڭگە، ئاسمان رەڭگىگە ئامراق ئىدىم. دادام ھاجﯽ ئەخمەت كۆلتېگىن دائىم ئاسمان بىلەن دېڭىزنىڭ رەڭگﯽ ئوخشاش، ئاخىر ئاسمان بىلەن دېڭىز تۇتۇشۇپ كېتىدۇ دەيتتﯽ. مۇشۇ مەنزىرىنﯽ كۆرۈش مەندىكﯽ ئەڭ چوڭ ئارزۇ ئىدﯼ. مانا ھازىر شۇ مەنزىرىنﯽ ھەقىقىي كۆرگەندىن كېيىن بۇنﯽ بىر تىلسىماتكەن دەپ ئويلاپ قالدىم، بالىلىقىمدىكﯽ ئارزۇيۇمغا يەتتىم. كۆڭۈل دېڭىزغا ئوخشايدۇ، چەك - چېگراسﯽ يوق دېگەن گەپنىڭ ھەقىقىي توغرا ئېيتىلغانلىقىنﯽ، ھەقىقىي ياخشﯽ ئوخشىتىش ئىكەنلىكىنﯽ ھېس قىلدىم”.
ئەخمەتجان تۇرۇپ __ ئىزچىل تۈردە شېئىر، غەزەل ئىجادىيىتﯽ بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان، ئىجادىيەتتە ئۈزلۈكسىز ھالقىش، يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان شائىرلارنىڭ بىرﯼ. ئۇنىڭ قەلبﯽ ئۆزﯼ يازغان شېئىرلاردەك ساددا، سەمىمىي، پاك ئىكەن. كۆڭلىدە كەچكەن ھەرقانداق گەپ، مۇئەممانﯽ ئوچۇق - يورۇق، ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن ئوتتۇرىغا قويىدىكەن، توختىماي سوئال سورايدىكەن. ئۇنىڭمۇ ئىچكىرﯼ ئۆلكىلەرگە تۇنجﯽ كېلىشﯽ بولۇپ، دائىم چوڭقۇر ھاياجان ئىلكىدە يۈردﯼ.
مەتتۇرسۇن ئەبەيدۇللا ئارىمىزدىكﯽ ئاساسىي قاتلامدىن كەلگەن، ئەڭ ئېغىر - بېسىق، كەم سۆز سەپەرداشلىرىمىزنىڭ بىرﯼ. ئۇ 1993 - يىللاردىلا تۇنجﯽ نۆۋەتلىك “تارىم” مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بولۇپ، ھازىرغا قەدەر 150 پارچىغا يېقىن شېئىر، ھېكايىلىرﯼ ئېلان قىلىنىپتۇ. ئۇ ئاق كۆڭۈل خوتەن كىشىلىرىگە خاس خاراكتېرﯼ بىلەن ئەخمەتجان تۇرۇپ، ئابلىپىز ئارىقۇمىلار بىلەن بىللە خوتەننىڭ مايلىق توقاچلىرﯼ، تەملىك گۆشلىرﯼ، ھەر خىل يەل - يېمىشلىرﯼ بىلەن سەپەرداشلارغا كەڭرﯼ داستىخان سېلىپ ماڭدﯼ.
ئابلىپىز توختىمۇھەممەد ئارىقۇمﯽ يوغان چىقىدىغان جاراڭلىق ئاۋازﯼ، ھاياجانلىق سۆزلىرﯼ بىلەن سەپەرگە ئۆزگىچە ھۆسن قوشتﯽ. ئۇ خېلﯽ يىللار ئىلگىرىلا شېئىرىيەت ئىجادىيىتﯽ بىلەن شۇغۇللانغان، دۆلەت كادىرﯼ بولغانىكەن. كېيىن تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە سودا دېڭىزىغا شۇڭغۇپ، ھەرخىل قازانلاردا قايناپ بېقىپتۇ. ھازىر ئۈرۈمچىدىكﯽ مال تىرانسپورت شىركىتىدە باشقۇرغۇچﯽ بولۇپ ئىشلەۋاتقىلﯽ خېلﯽ يىللار بوپتۇ، تىجارىتﯽ ياخشﯽ ئىكەن. شېئىرىيەت ئىشتىياقﯽ قەلبىدە ئۇرغۇپ، قولىغا قايتىدىن قەلەم ئېلىپ، ئېسىل شېئىرلارنﯽ يېزىۋېتىپتۇ.
شۇنداق، مېنىڭ يۈرەك سۆزلىرىممۇ، خۇلاسىلىرىممۇ مۇشۇ ئوت يۈرەك سەپەرداشلىرىمنىڭكﯽ بىلەن ئوخشاش. مەن ھازىرغا قەدەر نۇرغۇن سەپەرلەردە بولدۇم، پەقەت بۇ قېتىمقىغا ئوخشاش ئەدەبىيات پائالىيەتلىرىلا قەلبىمدە ئۇزاققىچە بېسىلمايدىغان دولقۇن، ئۈزۈلمەيدىغان ئېنېرگىيە پەيدا قىلىپ كەلدﯼ.

2012 - يىلﯽ 29 - دېكابىر نەنجىڭ، 2013 - يىلﯽ 5 - يانۋار تۇرپاندا يېزىپ تاماملاندﯼ.




ھالقىلىق سۆزلەر :


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار