مېھىرلىك ماكاندىن سېھىرلىك جاھانغىچە (ئەدەبىي خاتىرە)(9)

يوللانغان ۋاقتى:09-01-2014   مەنبە: تارىم 2013-3سان   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسﯽ، چوڭقۇر مەنىلىك خۇلاسە 30 - دېكابىر سەپىرىمىزنىڭ ئاخ

ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسﯽ، چوڭقۇر مەنىلىك خۇلاسە

 

30 - دېكابىر سەپىرىمىزنىڭ ئاخىرقﯽ كۈنﯽ بولۇپ، نەنجىڭ شەھىرﯼ ئاخىر بىزگە نۇرلۇق جامالىنﯽ كۆرسەتتﯽ. گۇيلىندىن باشلاپ ئىزچىل تۇتۇق بولۇپ كېلىۋاتقان ھاۋا ئېچىلىپ، قۇياش پارلاق نۇرىنﯽ چاچتﯽ. بۇ كۈنﯽ بىز ياپون ئالۋاستىلىرىنىڭ 1937 - يىلىدىكﯽ تارىختا ئاز كۆرۈلىدىغان قانلىق، دەھشەتلىك قىرغىنچىلىقىنىڭ، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋەھشىيلىكىنىڭ پاكىتﯽ بولغان “جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغان ياپون ئارمىيەسىنىڭ نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا بەختسىزلىككە ئۇچرىغان قېرىنداشلار خاتىرە سارىيﯽ”غا كەلدۇق. ياپون باسقۇنچىلىرﯼ 1937 - يىلﯽ 13 - دېكابىر كۈنﯽ نەنجىڭ شەھىرىگە باستۇرۇپ كىرىپ، 40 كۈنگە يېقىن ۋاقىت ئىچىدە 300 مىڭدىن ئوشۇق ئارمىيە، خەلقنﯽ قانلىق قىرغىن قىلىپ، دۇنيا تارىخىدا ئۆچمەس لەنەت تامغىسىنﯽ قالدۇرغان. بۇ قانلىق قىرغىنچىلىقتا بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارنﯽ خاتىرىلەش ئۈچۈن 1985 - يىلﯽ 5 - ئايدا بۇ خاتىرە ساراي پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن، 1995 - يىلىغىچە ئىزچىل كېڭەيتىپ ياسالغانىكەن. خاتىرە ساراي ياسالغان دەريانىڭ غەربىي قوۋۇقﯽ 418 - نومۇرلۇق كوچىسﯽ ئەينﯽ ۋاقىتتىكﯽ قىرغىنچىلىقتا كوللېكتىپ بەختسىزلىككە ئۇچرىغۇچىلار ئەڭ كۆپ ئورۇنلارنىڭ بىرﯼ ئىكەن. خاتىرە سارىيىنىڭ قۇرۇلۇش ئۇسلۇبﯽ، ھەرقايسﯽ زاللارنىڭ ئالاھىدىلىكﯽ قويۇق مۇسىبەت، ماتەم ئۇسلۇبىدا ياسالغان بولۇپ، كوللېكتىپ قىرغىنچىلىقنىڭ جەسەتلەر رايونﯽ، بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ ئىسىملىكﯽ، چوڭ قىرغىنچىلىقنﯽ ماقالە، سۈرەت، پىليونكا، تېلېۋىزىيە فىلىمﯽ ئارقىلىق تونۇشتۇرۇش رايونﯽ قاتارلىق ئون نەچچە بۆلەكتىن تەركىب تاپقانىكەن. بىز چوڭقۇر مۇسىبەت تۇيغۇسﯽ ئىچىدە خاتىرە سارايدىن يېنىپ چىقتۇق، ياپون ئالۋاستىلىرىنىڭ ئەينﯽ ۋاقىتتىكﯽ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋەھشىيلىكىگە بولغان غەزەپ - نەپرىتىمىز قايناپ تاشتﯽ.
شۇ كۈنﯽ كەچتە مېھمانسارايدا 13 كۈنلۈك سەپىرىمىزنىڭ خۇلاسىسىنﯽ قىلدۇق، ئۆمەك باشلىقﯽ، شائىر، ژۇرنالىست ياسىن زىلال سەپەر خۇلاسىسىنﯽ مۇنداق بىر قانچە نۇقتىغا يىغىنچاقلىدﯼ: 1. “تارىم” ژۇرنىلﯽ نەشرىياتىنىڭ بۇ قېتىمقﯽ جەنۇبىي جۇڭگو سەپىرﯼ بۇ يىلقﯽ 4 - قېتىملىق پائالىيەت، رەسمىي نام قويۇلغىنﯽ 2 - قېتىملىقﯽ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ قېتىمقﯽ سەپەرگە قاتناشقانلار ھەرقايسﯽ ناھىيە، شەھەرلەردە ئەدەبىيات قوشۇنىدا كۆزگە كۆرۈنگەن، جامائەتكە تونۇلغان، ھاياتىنﯽ ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈۋاتقان يۇقىرﯼ سەۋىيە، يۇقىرﯼ ئىناۋەتكە ئىگە شەخسلەر بولۇپ سانىلىدۇ. بۇ قانداقتۇ بىر ئىدارە، بىر سىستېما بويىچە ئەمەس، مىللەتنىڭ ئەدەبىياتﯽ نۇقتىسىدىن تاللانغان سەرخىللار بولغاچقا، سەپەر جەريانىدا ھەممەيلەن ئالىيجاناب خىسلىتىنﯽ نامايان قىلدﯼ. گەرچە يولدا قىسمەن جاپا - مۇشەققەتلەرنﯽ تارتقان، قاتناش، قونالغۇلارب ىز ئويلىغاندەك ياخشﯽ بولۇپ كېتەلمىگەن بولسىمۇ، كۆپچىلىك كەڭ قورساقلىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، ئازنﯽ كۆپكە، كىچىكنﯽ چوڭغا تاۋاپ قىلدﯼ، سېنىڭ، مېنىڭ دېيىشمەستىن ئۆزئارا كۆيۈنۈپ، ياردەملىشىپ ماڭدﯼ. كىچىك ئىشلاردىمۇ ئومۇمىيەت قارىشىنﯽ ئىپادىلىدﯼ. 2. بۇ قېتىمقﯽ سەپەر دوستلۇق سەپىرﯼ، ئۆزئارا چۈشىنىش سەپىرﯼ بولدﯼ. بىز دۇنيانىڭ جاي - جايلىرىغا بېرىشىمىز، بۇنىڭدىن كاتتا پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشىمىز مۇمكىن. لېكىن مۇشۇنداق شىنجاڭنىڭ ھەرقايسﯽ جايلىرىدىن يىغىلغان، ئەدەبىياتنﯽ جان تېنىمىز بىلەن ياخشﯽ كۆرىدىغان، بىر - بىرىمىزگە تەسىر كۆرسىتىدىغان مەسلەكداشلار بىلەن بىللە سەپەرگە چىقىش ئاسان ئەمەس. ھازىرغۇ گۈزەل، ئارامبەخش جايلاردا يۈرۈۋاتىمىز، بۇ خىل قەلبداشلار بىلەن جاڭگال، چۆللەردە سوغۇق سۇ بىلەن قاتتىق نان يەپ يۈرسەكمۇ، يەنە بەخت ھېس قىلىمىز، قىسقىسﯽ بۇ سەپەر رىشتىمىزنﯽ يەنىمۇ چىڭىتتﯽ. ھەرقايسىمىز تارتقان 2000 پارچىدىن ئارتۇق سۈرەتتە ئىزلىرىمىز، سېمايىمىز قالدﯼ، بۇ بىر تارىخ. بىز دوست تاپتۇق، شىنجاڭنىڭ ھەممە يېرىدىن دوست تاپتۇق، شائىر ئوسمانجان ساۋۇت دائىم “ئەدەبىياتنىڭ داستېخىنﯽ يېپىلمايدۇ” دەيدىغان، ئەمدﯼ بۇ داستىخان يەنىمۇ كەڭ ئېچىلدﯼ، دوستلۇق ئۇرۇقىمىز ھەممە يەرگە چېچىلدﯼ، بۇ ئۇرۇقلار كېيىن تېخىمۇ ئاينىپ باراقسانلىغۇسﯽ. 3. بۇ سەپەر ئادەتتىكﯽ دەرسخانىلارغا كىرمىگەن دەرسخانا، ئادەتتىكﯽ دەرسخانىلارغا سىغمايدىغان ئىجتىمائىي، ئىلمىي ئۇنىۋېرسىتېت بولدﯼ. بىر - بىرىمىزنﯽ “ئۇستاز، ئۇستاز” دېيىشىپ، تەكەللۇپ قىلىشىپ، تۆرگە باشلىشىپ كەلدۇق. بۇ گەرچە چاقچاق بولسىمۇ، بۇ سۆزنىڭ كەينىدە چوڭقۇر ھۆرمەت ياتىدۇ. دېمىسىمۇ ھەممەيلەن بىر - بىرىمىزگە ئۇستاز، ھەممەيلەننىڭ بىر - بىرىدىن ئۆگىنىدىغان تەرەپلىرﯼ ناھايىتﯽ كۆپ. ھازىر شىنجاڭدا مىڭلىغانق ەلەمكەشلەر بىزگە دىققەت قىلىۋاتىدۇ، دوستلىرىمىز، ياخشﯽ نىيەتلىك كىشىلەر بىزدىن پەخىرلىنىۋاتىدۇ. دېمەك، بۇ سەپەر ئاددىي ھالدىكﯽ ساياھەت، ئويناپ كېلىش ئەمەس، بەلكﯽ مەسئۇلىيەت سەپىرىدۇر. خەلق بىزدەك يازغۇچﯽ، شائىرلارغا، مىللەتنىڭ مۇئەللىملىرىگە يەنىمۇ ئېغىر يۈكنﯽ ئارتىدۇ. دېمەك، بىز سۈپەتلىك، مەنىۋﯼ ئەمگەكلىرىمىز بىلەن خەلققە جاۋاب قايتۇرمىساق بولمايدۇ. 4. بۇ قېتىمقﯽ سەپەر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمىزنىڭ گۈللەپ ياشنىشﯽ ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان پىشاڭ قويۇش ھەرىكىتﯽ بولدﯼ. بىز قانداق قىلىپ مىڭلىغان ئادەملەرنىڭ ئىچىدىن تاللىنىپ، بۇ سەپەرگە قاتنىشالىدۇق؟ قانداق قىلىپ مۆتىۋەر بولالىدۇق؟ پەقەت ئەدەبىياتلا بىزنﯽ مۇشۇ ئورۇنغا ئىگە قىلدﯼ. گېن ۋە قاندىن سىڭگەن ھېكمەت ۋە قىممەت، ۋىجدان ۋە ئىمان بىزنﯽ مۇشۇ ئورۇنغا چىقاردﯼ. شۇڭا ئەدەبىياتقا بولغان مۇھەببىتىمىزنﯽ يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىز، ئۆزىمىزگە يەنىمۇ قاتتىق تەلەپ قويۇشىمىز، ئۆلچەمنﯽ يەنىمۇ يۇقىرىلىتىشىمىز كېرەك. دۇنيادا ھەممە نەرسە ئۇنتۇلۇدىكﯽ، ئەدەبىيات مېھنىتﯽ ئۇنتۇلمايدۇ. 5. بۇ قېتىمقﯽ سەپەر ئارقىلىق “تارىم” ژۇرنىلﯽ ئەدەبىيات قوشۇنىنىڭ غوللۇق ئادەملىرﯼ بىلەن چەمبەرچاس باغلاندﯼ. “تارىم” ژۇرنىلﯽ سىلەرنىڭ ژۇرنىلىڭلار، ژۇرنىلىمىزنىڭ شان - شەرىپﯽ __ ئەدەبىياتىمىزنىڭ شان - شەرىپﯽ، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ھەممەيلەننىڭ شان - شەرىپىدۇر. بۈگۈنكﯽ ياخشﯽ دەۋر، ئەۋزەل سىياسەتلەر بىزگە ياخشﯽ ئىمكانىيەتلەرنﯽ ئاتا قىلدﯼ. “تارىم” ژۇرنىلﯽ بۇ ئىمكانىيەتلەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلاندﯼ. مۇشۇنداق ياخشﯽ دەۋردە ھەممىمىز ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بۈيۈك ئالتۇن مۇنارىنﯽ تىكلەش ئۈچۈن بىردىن ئالتۇن خىش بولۇشىمىز كېرەك. “تارىم” ژۇرنىلىمىزنىڭ يازغۇچىلارنﯽ ئوينىتىش ۋەزىپىسﯽ يوق، بىز تاغنﯽ تالقان، چۆلنﯽ بوستان قىلالمايمىز، لېكىن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنﯽ چوقۇم قىلىشىمىز كېرەك. يۈزلەپ يازغۇچىنىڭ ھەرقايسﯽ پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ، تەۋرەپ تۇرۇشﯽ نۇرغۇن كىشىلەرگە ئىپتىخار بېغىشلايدۇ، بىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىمىزنﯽ ئىپادىلەيدۇ. پارتىيە مىللىي سىياسىتىنىڭ پارلاق نۇرىنﯽ، ھارارىتىنﯽ ھېس قىلدۇرىدۇ. ئاخىرىدا ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسﯽ “تارىم” ژۇرنىلﯽ نەشرىياتﯽ نامىدىن ھەممىڭلارغا مىننەتدارلىقىمنﯽ بىلدۈرىمەن، 2012 - يىلىنﯽ غەلىبىلىك سەپىرىمىز بىلەن تاماملاپ، يۇرتىمىزغا تىنچ - ئامان بېرىۋالساق، يېڭﯽ يىلغا يېڭىچە روھتا كىرىپ كېتىمىز.




ھالقىلىق سۆزلەر :


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار