مېھىرلىك ماكاندىن سېھىرلىك جاھانغىچە (ئەدەبىي خاتىرە)(2)
يوللانغان ۋاقتى:09-01-2014
مەنبە: تارىم 2013-3سان
مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت
كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئىنكاس: 0 پارچە
ساياھەتنىڭ مەنىۋﯼ قىممىتىنﯽ ئاشۇرۇڭلار. سىرلىق كائىنات، مېھىرلىك چاقچاق 19 - د
ساياھەتنىڭ مەنىۋﯼ قىممىتىنﯽ ئاشۇرۇڭلار.
سىرلىق كائىنات، مېھىرلىك چاقچاق
19 - دېكابىر، كەچ سائەت ئالتىدە ئۈرۈمچﯽ ئايروپورتىدىن قوزغىلىپ، كەچ سائەت 11:30 دا نەنجىڭ ئايروپورتىغا قوندۇق ۋە سائەتلەرنﯽ بېيجىڭ ۋاقتىغا توغرىلىدۇق. بۇ يەردە ياتاققا جايلاشقۇچە كېچە سائەت ئۈچ بولدﯼ، ئىككﯽ سائەت ئارام ئېلىپ، يەنە ئايروپىلانغا چىقىپ، 3:30 سائەت ئۇچقاندىن كېيىن سائەت 11 دە خەينەن ئۆلكىسىنىڭ خەيكۇ شەھىرىگە قوندۇق.
تەبىئەتنىڭ مۆجىزىلىرىگە ئادەم ياقا چىشلىمەي قالمايدۇ. ئۈرۈمچىدىن قوزغالغىنىمىزدا تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 23 سېلسىيە گىرادۇس بولغاچقا، قەھرىتان سوغۇقتىن چاپاننىڭ يېڭىدىن قوللارنﯽ چىقىرىشمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدﯼ. نەنجىڭغا كەلسەك تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن ئۈچ سېلسىيە گىرادۇس بولۇپ، قاتتىق سوغۇق بولمىسىمۇ ھۆل، نەم سوغۇق بولغاچقا، بۇ خىل سوغۇقتىن ئىختىيارسىز شۈركىنىپ كەتتۇق، شۇڭا قىشلىق كىيىملەرنﯽ سالمايلا خەيكۇغا كەلگەنىدۇق. خەيكۇدا تېمپېراتۇرا نۆلدىن يۇقىرﯼ 21 سېلسىيە گىرادۇس بولۇپ، ھاۋا دىمىق ئىسسىق ئىدﯼ. دەرھال قىشلىق كىيىملەرنﯽ سېلىپ، قىسقا يەڭ كۆڭلەكلەرنﯽ كىيىپ، بۇ يەرنىڭ شارائىتىغا ماسلاشتۇق. كېيىنكﯽ كۈنلەردە ھاۋارايىغا دىققەت قىلىشىمىزچە، ئۈرۈمچىدە تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 29 سېلسىيە گىرادۇسقا، ئالتاينىڭ كۆكتوقاي ناھىيەسىدە ھەتتا نۆلدىن تۆۋەن 49 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشۈپتۇ. بۇ مەزگىللەردە بىز خەينەن ئۆلكىسىنىڭ سەنيا شەھىرىدىكﯽ جەنۇبىي دېڭىز بويلىرىدا قۇياش پارلاپ تۇرغان ئىسسىق ھاۋادا سۇغا چۆمۈلۈپ ھۇزۇرلاندۇق، قىسقا يەڭ كۆڭلەكلەر بىلەنمۇ تەرلەپ، تەپچىرەپ ساياھەت قىلىپ يۈردۇق. گۇيلىن، نەنجىڭلارمۇ ئەسلىدە قىش بولمايدىغان، تۆت پەسىل ئىسسىق بولىدىغان شەھەرلەر بولسىمۇ، يەر شارﯼ كىلىماتىنىڭ ئۆزگىرىشﯽ سەۋەبلىك بۇ يىل ھاۋا سوغۇق بوپتۇ. گۇيلىندا تېمپېراتۇرا ئىزچىل تۆۋەنلەپ، ھاۋا تۇتۇق، نەم سوغۇق ھاۋارايﯽ كۆرۈلۈپتۇ. نەنجىڭدا توختىماي قار يېغىپتۇ، بۇ شەھەرلەردە بىز قىشلىق كىيىملەرنﯽ كىيىپ يۈردۇق. قىسقىسﯽ، كائىناتنىڭ بۇنداق سېھرىي كارامەتلىرﯼ بىزنﯽ يەنە بىر قېتىم چوڭقۇر ئويلارغا سالدﯼ، يېڭﯽ تەسەۋۋۇرلارنﯽ بېغىشلىدﯼ.
ئۈرۈمچىدىن ئايروپىلانغا چىقىپ ئۇزاق ئۆتمەي، ئابلىكىم ئەبەيدۇللا بىلەن باشقا سەپەرداشلار “ۋاسالغۇ” دېگەن ئاتالغۇنﯽ تالىشىپ قالدﯼ. ئابلىكىم ئەڭ ياخشﯽ قۇرۇتۇلغان ئۈجمىنﯽ ۋاسالغۇ دەپ ئاتايدۇ دېسە، باشقىلار ئەڭ ياخشﯽ قۇرۇتۇلغان ئۈزۈمنﯽ ۋاسالغۇ، دەپ ئاتايدۇ دېيىشتﯽ. ئەمەلىيەتتە بۇ ھەرقايسﯽ رايونلارنىڭ شىۋە پەرقىدىكﯽ مەسىلە ئىدﯼ. ئابلىكىم ئۆز قارىشىدا چىڭ تۇرۇۋالغاچقا، بىز ئۇنىڭغا “ۋاسالغۇ” دەپ لەقەم قويۇۋالدۇق. “ئەي ۋاسالغۇ، ۋاسالغۇ، مۇنازىرەڭ ئوسالغۇ. ھەر بىر ئىشتا بۇ گېپىڭ، بولۇپ قالدﯼ توسالغۇ!” دەپ چاقچاق توقۇشتۇق. شۇنىڭ بىلەن “ۋاسالغۇ” دېگەن بۇ سۆز پۈتكۈل سەپەر جەريانىدىكﯽ ئىرىملىق سۆزگە ئايلىنىپ چاقچاق قىلىشتۇق. ئاخىرىدا ياسىن زىلال ئاكىمىز ئابلىكىمگە: “ئەمەلىيەتتە ۋاسالغۇ دېگىنﯽ، قۇرۇق مېۋىنىڭ ئەڭ ياخشﯽ قۇرۇغىنﯽ، جەۋھىرﯼ. شۇڭا بۇ ئاتالغۇنﯽ سەن تەخەللۇس قىلىپ ئىشلەتسەڭ بولىدۇ” دەپ تەكلىپ بەردﯼ. بىزمۇ “لەقەم ئاسماندىن چۈشىدۇ دېگەن گەپ بار. بۇ لەقەم ساڭا ئايروپىلاندا، يەنﯽ ئاسماننىڭ ئۆزىدىلا قويۇلدﯼ، بۇ لەقەمنﯽ چىڭ تۇت جۇمۇ” دەپ ئاۋاز قوشتۇق.
خەيكۇدىكﯽ تۇنجﯽ كۈن
خەيكۇ شەھىرﯼ دۆلىتىمىزنىڭ ئەڭ جەنۇبىدىكﯽ ئارال __ خەينەن ئۆلكىسىنىڭ مەركىزﯼ بولۇپ، “مەملىكەت بويىچە ئەڭ چىرايلىق شەھەر”، “مەملىكەت بويىچە مۇھىتنﯽ قوغداشتىكﯽ مۇنەۋۋەر شەھەر”، “مەملىكەت بويىچە پاكىز شەھەر”، “مەملىكەت بويىچە باغبارانلاشقان شەھەر”، “مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر ساياھەت شەھىرﯼ” دېگەندەك شەرەپلەرگە ئېرىشكەن، ئاھالىسﯽ 2 مىليوندىن ئاشىدۇ، يەر مەيدانﯽ 2300 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ئىقلىمﯽ ئىسسىق بەلباغ دېڭىز - ئوكيان ئىقلىمىغا تەۋە. خەيكۇ شەھىرىنىڭ شىمالىي تەرىپﯽ دېڭىزغا تۇتىشىپ تۇرىدۇ، دېڭىز يۈزﯼ كۆلىمﯽ 830 كىۋادرات كىلومېتىرغا، دېڭىز قىرغىقﯽ لىنىيەسﯽ 131 كىلومېتىرغا يېتىدۇ، دېڭىز سۈيىنىڭ نورمال تېمپېراتۇرىسﯽ 25 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا بولىدۇ، شۇڭا دېڭىزنﯽ ئاساس قىلغان ساياھەت رايونلىرﯼ ئىنتايىن كۆپ.
خەيكۇدا تۇنجﯽ بولۇپ شەھەر مەركىزىدىكﯽ “مۇتلەق يېشىللىق” باغچىسىغا كىردۇق. بۇ باغچە ھەقىقەتەن مۇتلەق يېشىل، ئازادە، پاكىز، چىرايلىق باغچە ئىكەن. تەكشﯽ، كەڭ كەتكەن چىملىق، ياساپ قويغاندەك ئوخشاش ئۆسكەن تۈپتۈز ئېگىز پالما دەرەخلىرﯼ، كوكۇس دەرەخلىرﯼ، ئارىلاپ - ئارىلاپ ئۇچراپ تۇرىدىغان پىكوس ۋە جەنۇبىي جۇڭگودا ئۇچرايدىغان ھەر خىل دەل - دەرەخ، گۈل - گىياھلار بۇ يەرگە ئۆزگىچە مەنزىرە ئاتا قىلغانىدﯼ.
بولۇپمۇ قات - قات قاسراقلىرﯼ بىلەن ئېگىز ئۆسۈپ، ئۇچىدىكﯽ شاخلارنىڭ قولتۇقىدا چىلگىدەك مېۋىلەيدىغان، مېۋىسىنىڭ ئىچىدە سۈتسىمان تاتلىق سۇيۇقلۇق بولىدىغان، بۇ سويۇقلۇقتىن ھەر خىل ئىچىملىك، كەمپۈت، يېمەكلىكلەر ئىشلىنىدىغان كوكۇس مېۋىسﯽ؛ غولﯽ راكېتاغا ئوخشاش ئېلىپپىسسىمان دۇمىلاق، قاتتىق، سىلىق بولىدىغان، دەرەخ ئۇچىدا يايسىمان، كېسىم - كېسىم ياپراقلىرﯼ تەكشﯽ سايە تاشلاپ تۇرىدىغان، كىشىگە يەرگە تىكلەپ قويغان سېمونت تۈۋرۈكتەك تۇيغۇ بېرىدىغان پالما دەرەخلىرﯼ بىزنﯽ ھەيران قالدۇردﯼ. مانا بۇ بىز كىنولاردىلا كۆرىدىغان، ھەقىقىي جەنۇبىي جۇڭگوغا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا خاس مەنزىرىلەر ئىدﯼ. شۇ يەردىكﯽ خادىملار كوكس مېۋىسىنﯽ ئۇزۇن ساپلىق ئورغاقلار بىلەن نەق مەيداندا كېسىپ چۈشۈرۈپ، بۇرنىنﯽ كېسىۋېتىپ، بىر نەيچىنﯽ تىقىپلا ئون يۈەنگە ساتىدىكەن. كوكۇس شەربىتﯽ سۈتسىمان، تاتلىق، ئوزۇقلۇق قىممىتﯽ يۇقىرﯼ مېۋە شەربىتﯽ ئىكەن.
باغچىدىن يېنىپ جەنۇبىي دېڭىز قىرغىقىدىكﯽ دېڭىزنﯽ كۆزىتىش بەلبېغىغا كەلدۇق. پايانسىز دېڭىز مەيىن شامالدا ئاستا دولقۇن ياساپ قىرغاققا ئۇرۇلاتتﯽ. ساھىلدىكﯽ ساپسېرىق پاكىز قۇملار، ئېگىز - ئېگىز كوكۇس دەرەخلىرﯼ، يىراق قىرغاقتا كۆرۈنۈپ تۇرغان ھەيۋەتلىك بىنالار... بۇ يەردە ئاجايىپ گۈزەل، رومانتىك مەنزىرە پەيدا قىلغانىدﯼ. بولۇپمۇ بىزگە ئوخشاش تەكلىماكان گىرۋىكىدىن، قۇرغاق، قاغجىراق، سۇ قىس، باغرﯼ ئوتلۇق تۇپراقتىن كەلگەن، دولقۇنلۇق دەريالار، پايانسىز دېڭىزلارنﯽ پەقەت ئەسەرلەردىلا ئۇچرىتىدىغان قەلەمكەشلەرگە نىسبەتەن پايانسىز سۇغا، پايانسىز يېشىللىققا تولغان بۇ ماكان ھەقىقەتەن ئىككﯽ خىل تۇيغۇنىڭ سوقۇلۇشىدىن كېلىپ چىققان ۋولقانغا ئوخشاش دىلىمىزدا غايەت زور ماگما پەيدا قىلغانىدﯼ.
باشقىلار سۈرەت چۈشۈش بىلەن ئالدىراش يۈرگەندە قىرغاقتىكﯽ تاشتا ئولتۇرۇپ، يىراقلارغا نەزەر تاشلىدىم، قەلبىمدە شېئىرىي ئىلھاملار دېڭىزغا ئوخشاش داۋالغۇيتتﯽ. دېڭىزنىڭ بىپايانلىقﯽ، چەكسىزلىكﯽ، كەڭلىكﯽ دىلىمدىمۇ بىر خىل چەكسىزلىكنﯽ، كەڭلىكنﯽ پەيدا قىلغاندەك ساماۋﯼ تۇيغۇلارغا ئەسىر بولغانىدىم. تۇرۇپلا بۇ چەكسىز دېڭىزنﯽ ئانا يۇرتۇمدىكﯽ چەكسىز قۇملۇققا، مۇقەددەس تەكلىماكانغا تەققاسلاپ قالدىم، ئۇلارنىڭ سىرلىقلىقﯽ، پايانسىزلىقﯽ، جىمجىت ئۆركەشلىرﯼ ئوخشاش ئىدﯼ. بىراق دېڭىز يۇمشاق، قۇملۇق چۈرۈك؛ دېڭىز سوغۇق، قۇملۇق ئوتلۇق؛ دېڭىز يېنىك، قۇملۇق سۈكۈتلۈك ئىدﯼ... شۇ ئارىدا قىرغاقتا تۇرغان ياسىن زىلال ئاكىمىز: “شائىرلار ئىلھامىڭلارقوزغالمىدىمۇ” دەپ ۋارقىرىدﯼ. ئەخمەتجان تۇرۇپ بەگتۈرك، مەتتۇرسۇن ئەبەيدۇللا، ئابلىپىز توختىمۇھەممەد ئارىقۇملار چوڭقۇر ھاياجان ئىلكىدە: “بۇ جايلارغا تۇنجﯽ كېلىشىمىز، ھاياجېنىمىزنﯽ تىل بىلەن ئىپادىلەپ بېرەلمەيمىز، ھازىر خۇددﯼ چۈش ئىلكىدە تۇرۇۋاتقاندەك ھېسسىياتقا كېلىۋاتىمىز. بىزدەك ئاددىي ئادەملەرگە نىسبەتەن بۇنداق كاتتا پۇرسەت قايتا كېلەمدۇ - يوق، بىر نېمە دېيەلمەيمىز، شۇڭا مۇشۇنداق كاتتا پۇرسەتنﯽ يارىتىپ بەرگەن تارىم ژۇرنىلﯽ نەشرىياتىغا قانچە رەھمەت ئېيتساق ئەرزىيدۇ” دېيىشتﯽ.
قايتقۇچە مۇھەممەد ئەيسا ئۆزئەرك بىلەن پاراڭلىشىپ ماڭدىم. ئۇ مۇنداق دېدﯼ: “بەزﯼ ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر ئۆمرىدە دېڭىزنﯽ كۆرمەي تۇرۇپ، دېڭىز ھەققىدىكﯽ مەدھىيەلەرنﯽ يېزىپ كېتىدۇ، ھەممەيلەن ئۆزىگە تونۇش تۇرمۇشنﯽ، دېھقاننﯽ، كەتمەننﯽ يازسا بولمامدىغاندۇ”. “مەنمۇ
|
ھالقىلىق سۆزلەر :
بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------