مېھىرلىك ماكاندىن سېھىرلىك جاھانغىچە (ئەدەبىي خاتىرە)(3)

يوللانغان ۋاقتى:09-01-2014   مەنبە: تارىم 2013-3سان   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
شۇنداق قارايمەن دېدىم ئۇنىڭ سۆزىگە قوشۇلۇپ: مەن تۇرپاندىكﯽ قەلەمكەشلەرگە بى
شۇنداق قارايمەن” دېدىم ئۇنىڭ سۆزىگە قوشۇلۇپ: “مەن تۇرپاندىكﯽ قەلەمكەشلەرگە بىر قېتىم دەريا بويىدا دەپ يازغۇچە سىلەرگە پىششىق تونۇش بولغان كارىز بويىدا دەپ يازساڭلا بولمامدۇ، دېگەنىدىم”.

 

شائىرنىڭ ھاياجىنﯽ

 

21 - دېكابىر سەھەر ئورنۇمدىن تۇرۇپ، مېھمانساراي ئالدىغا چىقتىم. ھاۋا ئوچۇق، ئىسسىق بولۇپ، ئېگىز - ئېگىز كوكۇس دەرەخلىرىنىڭ ئاستىدىكﯽ چوڭ يولدا توكسىكلىت مىنگەن كىشىلەر ئالدىراش ئىشقا ماڭماقتا ئىدﯼ. ھەر خىل ياشتىكﯽ پاكار - پاكار كىشىلەر تىرىكچىلىك غېمﯽ بىلەن ئالدىراش يۈرەتتﯽ، بۇ مەنزىرە كىشىگە خۇددﯼ تايلاند كىنولىرىدىكﯽ قايناق بازارلارنﯽ ئەسلىتەتتﯽ.
ساياھەت ئاپتوبۇسىدا ئىككﯽ سائەت يول يۈرۈپ، “بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرﯼ”گە كەلدۇق. خەينەن ئۆلكىسىگە قاراشلىق چيۇڭخەي شەھىرﯼ ۋەنچۈەن )تۈمەنبۇلاق( دەرياسىنىڭ دېڭىزغا قۇيۇلۇش ئېغىزىدىكﯽ بوئاۋ كەنتىدە، چىرايلىق يېشىللىقنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان بۇ جايدا، 2001 - يىلﯽ 25 ئاسىيا دۆلىتﯽ ۋە ئاۋسترالىيەنىڭ مۇنبەر يىغىنﯽ ئېچىلغان بولۇپ، بۇ جاي ھازىر ساياھەت نۇقتىسﯽ قىلىنىپ، تۈركۈملەپ ساياھەتچىلەرنﯽ كۈتۈۋالىدىغان بوپتۇ.
بۇ يەردىن يېنىپ، شىڭلۇڭ بازىرىغا قاراپ يولغا چىقتۇق. ئاپتوبۇستا تەبىئىيلا چاقچاق باشلىنىپ قالدﯼ، دولقۇن روزﯼ غۇلجىلىققا خاس ئىنكاسﯽ تېز، گەپدانلىقﯽ، ھازىر جاۋابلىقﯽ بىلەن چاقچاقلارنﯽ يۇقىرﯼ پەللىگە كۆتۈردﯼ. كەينىدىن سۈزۈك، ياڭراق ئاۋازﯼ بىلەن بىر يۈرۈش ئىلﯽ خەلق ناخشىلىرىنﯽ ئېيتىپ بەردﯼ. شۇ ئارىدا ياسىن زىلال ئورنىدىن تۇرۇپ: “قىرائەتنﯽ ئولتۇرۇپ، شېئىرنﯽ ئۆرە تۇرۇپ ئوقۇيمىز، شېئىرنىڭ ھۆرمىتﯽ چوڭ جۇمۇ” دەپ چاقچاق قىلغاچ، مىكروفوننﯽ ئېلىپ، ۋەزمىن، سالماق، چوڭقۇر ھېسسىياتلىق ئاۋازﯼ بىلەن ل. مۇتەللىپنىڭ “تەسىراتىم” ناملىق شېئىرىنﯽ دېكلاماتسىيە قىلدﯼ. ئاندىن نەۋايىنىڭ غەزەللىرىنﯽ، ئۆزىنىڭ “ساداقەت” ناملىق توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن “03 يېشىم” ناملىق شېئىرىنﯽ دېكلاماتسىيە قىلىپ بەردﯼ. بىز بىر تەرەپتىن ياسىن زىلالنىڭ “30 يېشىم” ناملىق شېئىرىدىكﯽ چوڭقۇر پىكىر، بەدىئىي پاساھەت،30 يىللىقھايات مۇساپىسىنىڭ پىرىسلانغان بەدىئىي كۆرۈنۈشىدىن چوڭقۇر تەسىرلەنسەك، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇنىڭ شۇنچە كۆپ شېئىرنﯽ يادقا بىلىدىغانلىقىدىن قايىللىقىمىز ئاشتﯽ. ئۇ كېيىنكﯽ سەپەرلەر ئۈستىدىمۇ تېيېپجان ئېلىيېف، ئابلىمىت سادىق، مۇھەممەد رېھىم قاتارلىقلارنىڭ ھەرقايسﯽ دەۋرلەردە يازغان، ھەر خىل ئارقا كۆرۈنۈش ئاسىتىدىكﯽ شېئىرلىرىنﯽ دېكلاماتسىيە قىلىپ بېرىپ، بىزنﯽ بۇ جەھەتتە خېلﯽ چوڭقۇر ساۋاتقا ئىگە قىلدﯼ.
بۇ يەردە بىر نەرسىنﯽ دېگۈم كېلىۋاتىدۇ، بىر ئەدىب، شائىرغا نىسبەتەن شېئىرنﯽ كۆپ، ياخشﯽ دېكلاماتسىيە قىلىش، كۆپ شېئىر يادلاش __ شائىر بولۇشنىڭ مۇھىم شەرتلىرىنىڭ بىرىمىكىن دەپ ئويلايمەن. كىلاسسىكلارنىڭ تارىخىدىن مەلۇم بولۇشىچە، دائىم ئەدەبىي ئەنجۈمەن، مۇشائىرىلەرنﯽ ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇستازلىرىنىڭ ۋە ئۆزلىرىنىڭ شېئىر، غەزەللىرىنﯽ مۇشائىرە قىلىش، بۇ ئارقىلىق ئۆزئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇش، ئۆز ئەسىرﯼ ھەققىدە پىكىر ئېلىش، بەدىئىي ماھارىتىنﯽ يۇقىرﯼ كۆتۈرۈش __ ئۇلارنىڭ ئەدەبىي پائالىيىتىدىكﯽ مۇھىم مەزمۇنلارنىڭ بىرﯼ بولغان. يېقىنقﯽ دەۋردىمۇ پېشىۋا ئەدىبلىرىمىزدىن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، تېيىپجان ئېلىيېفلارنىڭ ناھايىتﯽ كۆپ شېئىرلارنﯽ يادقا بىلىدىغانلىقىدىن خەۋەردارمىز. مەنمۇ بۇنىڭدىن 20 يىللار بۇرۇنقﯽ ئالىي مەكتەپ ھاياتىمدا پۇشكىن، بايرۇن، سېرگىي يېسنىن، ئابدۇللا ئارىپوۋ، مىرتۆمۈر، مىستىرالق اتارلىقلارنىڭ 100 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرىنﯽ يادلىغانىدىم. بۇ شېئىرلارنﯽ ھەر قېتىم يادلىغىنىمدا پۈتۈن تۇيغۇلىرىم ئاشۇ شېئىرىي مۇھىت ئىچىگە شۇڭغۇپ، بىر خىيالىي تۇيغۇدا ياشاۋاتقاندەك ۋۇجۇدۇم لەرزىگە كېلەتتﯽ، جۇدالىق نەزمىلىرىدىن كۆزۈمدىن ياشلار تۆكۈلەتتﯽ. نىھايەت، كومپيۇتېرغا، تورغا، تېلېفونغا مەستانە بولغان ھازىرقﯽ ياش ھەۋەسكارلىرىمىزدا مۇشۇنداق تۇيغۇلار زاھىر بولامدىغاندۇ؟

 

خىلۋەت بازار شىڭلۇڭ

 

شىڭلۇڭ بازىرىغا يېتىپ كېلىپ، ئىسسىق بەلباغ ئۆسۈملۈكلىرﯼ باغچىسىغا كىردۇق.
بۇ باغچىدا ئىسسىق بەلباغدا ئۆسىدىغان نەچچە يۈز خىل ئۆسۈملۈك، دەل - دەرەخ، گۈل - گىياھ ماكانلاشقان بولۇپ، ھەقىقەتەن چىرايلىق، ئۆزگىچە دەپ تەرىپلەشكە بولىدىكەن. ئادەم تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان، ھەررەڭ - سەررەڭ، ئاجايىپ - غارايىپ ئۆسۈملۈكلەر، دەل - دەرەخلەر بار ئىكەن. ئۈجمىگە ئوخشاپ كېتىدىغان يوغان دەرەخنىڭ ئاساسلىق غول شاخلىرىدا خۇددﯼ بويۇندىكﯽ پوقاقتەك ئۆسىدىغان، پوستﯽ بۈدۈر - چوقۇر، كاۋىدەك چوڭلۇقتا بولىدىغان پارامتا )بولومىي( مېۋىسىنىڭ ئىچىدىن بارماقچىلىك چوڭلۇقتا سېرىق رەڭلىك شىرنىلىك مېۋە چىقىدىكەن. كىچىكرەك دەرەختە قىزىل، سېرىق رەڭلىك كىچىك ئۇرچۇقتەك بولىدىغان مېۋىنىڭ ئىسمﯽ كاكائو بولۇپ، بۇنىڭدىن شاكىلات ئىشلىنىدىكەن. كىچىكرەك دەرەخلەردىكﯽ ئالقاتقا ئوخشاش قىزىل رەڭلىك مېۋە قەھۋە مېۋىسﯽ بولۇپ، بۇنىڭدىن قەھۋە ئىشلىنىدىكەن. تۈپتۈز ئېگىز ئۆسكەن دەرەخنىڭ ئۇچىدىكﯽ شاخلىرىنىڭ قولتۇقىدا بۇلۇققىدە بولىدىغان بارماقچىلىك سوزۇنچاق مېۋىنىڭ ئىسمﯽ سىپارﯼ مېۋىسﯽ بولۇپ، بۇنﯽ قۇرۇتۇپ يېرىپ، چايناپ ھۇزۇرلىنىدىغان يېمەكلىك قىلىپ ئىشلىتىدىكەن. بۇ خىل مېۋىنﯽ چايناش ئاساسەن خۇنەندە ئومۇملاشقان بولۇپ، سىپارىنىڭ ئالاھىدىلىكﯽ ئېغىزنﯽ خۇش پۇراق قىلىش، روھنﯽ ئۇرغۇتۇشتىن ئىبارەت ئىكەن.
بىز بۇ رومانتىك، خىيابان، گۈزەل باغچىدىن يېنىپ، شىڭلۇڭ بازىرىدىكﯽ ياتاققا ئورۇنلاشتۇق. شىڭلۇڭ بازىرﯼ چاققان، پاكىز، ئادەم ۋە ماشىنىلار شالاڭ، ھەر خىل دەرەخلەر بىلەن بېزىلىپ تۇرغان، مۇھىتﯽ گۈزەل، ئارامبەخش بازار ئىكەن. ياتاقلىرىمىزنىڭ بالكونﯽ چوڭ، پېشايۋان شەكلىدە بولۇپ، بالكوندىن ئازادە كوچىلار، يىراقتىكﯽ يېشىل تاغلار، تايلاند ئۇسلۇبىدىكﯽ مېھمانسارايلار كۆرۈنۈپ تۇرىدىكەن. بىز بىر قانچىمىز ياسىن زىلال ئاكىمىزنىڭ ياتىقىغا يىغىلىپ، بالكوندىن گۈزەل مەنزىرىلەرنﯽ تاماشا قىلدۇق، يۇرتتىن ئەكەلگەن يېمەكلىكلىرىمىزنﯽ داستىخانغا تۆكۈپ، چاي ئىچكەچ كۆڭۈللۈك سۆھبەت قۇردۇق.
زېمىندىكﯽ دېڭىز ۋە قەلبتىكﯽ دېڭىز
22 - دېكابىر سەھەر قۇياشلىق سەھەرنﯽ كۈتۈۋېلىپ، جۇڭگونىڭ ئەڭ جەنۇبىي بۇرجىكﯽ، ئەڭ جەنۇبىي دېڭىز قىرغىقﯽ، ئەڭ ئىسسىق بەلبېغﯽ، ئەڭ گۈزەل دېڭىزدا سۇغا چۆمۈلۈش رايونﯽ __ سەنياغا قاراپ يولغا چىقتۇق.
سەنيا شەھىرﯼ __ خەينەن ئۆلكىسىنىڭ ئەڭ جەنۇبىدىكﯽ دېڭىز ساھىلﯽ ساياھەت شەھىرﯼ، مەركىزىي شەھەر، شۇنداقلا قاتناش تۈگۈنﯽ، دۆلەت ئىچﯽ - سىرتىغا ئېچىۋېتىلگەن مۇھىم پىرىستان بولۇپ، يەر مەيدانﯽ 1919 كىۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق، ئاھالىسﯽ 680 مىڭ كىشىدىن ئاشىدۇ. لىزۇ، مياۋزۇ، خۇيزۇ، خەنزۇ قاتارلىق كۆپ مىللەتتىن تەركىب تاپقان. سەنيا شەھىرﯼ “قۇياش نۇرىنىڭ يورۇتۇش ۋاقتﯽ ئەڭ ئۇزاق شەھەر”، “يىللىق تېمپېراتۇرىسﯽ ئەڭ مۇۋاپىق شەھەر”، “ھاۋا سۈپىتﯽ ئەڭ ياخشﯽ شەھەر”، “ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈش نىسبىتﯽ ئەڭ يۇقىرﯼ شەھەر”، “مۇھىت سۈپىتﯽ ئەڭ ياخشﯽ شەھەر”، “دېڭىز قولتۇقﯽ مەنزىرىسﯽ ئەڭ چىرايلىق شەھەر”، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتﯽ تەرىپىدىن “ئىنسانلارنىڭ ئولتۇراقلىشىشىغا ئەڭ مۇۋاپىق شەھەر” دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتالغان مەشھۇر ساياھەت شەھىرﯼ ئىكەن.
بىز ئالدﯼ بىلەن سەنيادىكﯽ “مىڭئاياغ قۇرۇقلۇقﯽ ئارىلﯽ”غا پاراخوت بىلەن چىقىپ، بۇ گۈزەل ئارالنﯽ سەيلە قىلدۇق. قىرغاقتىكﯽ ئېگىز ئۆسكەن پالما، كوكۇس دەرەخلىرﯼ، ئاستا چايقىلىپ تۇرغان سۈپسۈزۈك، كۆپكۆك، پايانسىز دېڭىز، قىرغاقتىكﯽ ئاقۇش پاكىز قۇملار... بىزنﯽ ئوچۇق ھاۋادا، قىزدۇرۇپ تۇرغان قۇياش نۇرﯼ ئاستىدا كۈتۈۋالدﯼ. بىز سۆھبەتلەشكەچ پاكىز قۇمنﯽ دەسسەپ قىرغاق بويلاپ مېڭىپ، مەستانىلىك بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ، گۈزەل ئەستىلىكلەرنﯽ قالدۇردۇق. بۇ ئارالدىن يېنىپ يېقىن ئەتراپتىكﯽ لەنجۇ كالا گۆشﯽ ئۈگرىخانىسىدا تاماق يېگەندىن كېيىن سەنيانىڭ گۈزەل، سۇغا چۆمۈلۈشكە ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان ساياھەت رايونﯽ __ يالۇڭۋەن )ئىككىنچﯽ ئەجدىھا قولتۇقﯽ(گە كەلدۇق.
بۇ يەردە ساياھەتچىلەرمۇ، سۇغا چۆمۈلۈۋاتقانلارمۇ ئىنتايىن كۆپكەن. قىرغاقتىكﯽ ئاقۇش قۇملۇق دائىرە بويىچە بۆلۈنۈپ، پاخالدىن كۈنلۈكلەر ياسىلىپ، ياتما ئورۇندۇقلار قويۇلۇپ، سۇ ئۈزگۈچىلەرگە ئىجارىگە بېرىلىدىكەن. سۇ موتوسىكلىتﯽ مىنىش، تېز سۈرئەتلىك كاتېردا ئولتۇرۇش، غەۋۋاس كىيىمﯽ بىلەن دېڭىز ئاستىغا چۈشۈش، موتورلۇق ئۇچقۇ بىلەن ھاۋادىن دېڭىزنﯽ تاماشا قىلىش قاتارلىق تۈرلەرمۇ بار ئىكەن.
بىز ئون نەچچەيلەن مۇۋاپىق جاينﯽ تېپىپ، كىيىملىرىمىزنﯽ سېلىپ تاشلاپ، قىيقاس - چۇقان ئىچىدە ئۆزىمىزنﯽ دېڭىزغا ئېتىشتۇق. سۇ ئۈزۈشۈپ بەسلەشتۇق، سۇ چېچىشتۇق، موللاق ئېتىشتۇق. سۇ شۇنچىلىك سۈزۈك، يېقىشلىق، سۇ ئاستىدىكﯽ قۇم يۇمشاق بولۇپ، ئىسسىق ھاۋادا تەنلىرىمىز يايراپ كەتتﯽ. مانا شۇ تاپتا ئانا يۇرتىمىزدا ھاۋا نۆلدىن تۆۋەن 20 سېلسىيە گىرادۇس بولۇپ، قەھرىتان سوغۇق ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان بولسا، بۇ يەردە ھاۋا نۆلدىن يۇقىرﯼ 20 گىرادۇس بولۇپ، ھارارەتلىك ئىسسىق ئۆزىنﯽ نامايىش قىلىۋاتىدۇ. تەكلىماكان بويلىرىدىكﯽ قۇرغاق، ئوتلۇق زېمىندىن كەلگەن، تارىختىن بۇيان سۇغا زارىقىپ، سۇنﯽ ئۇلۇغلاپ كەلگەن بىز مانا بۇ يەردە سۇغا قېنىپ، سۇ بىلەن چىرمىشىپ، سۇدا پىلتىڭلاپ يۈرمەكتىمىز. تېخﯽ بىزنىڭ ئۈزۈۋاتقىنىمىز جۇڭگودىكﯽ ئەڭ مەشھۇر بولغان جەنۇبىي دېڭىز، جۇڭگونىڭ ئەڭ جەنۇبىي قىرغىقﯽ، قارشﯽ قىرغاققائ ۆتسەكلا باشقا دۆلەتكە __ ۋيېتنامغا بېرىپ قالىمىز. ئىسىت، مۇشۇ سۇنىڭ ئاز بىر قىسمﯽ يۇرتىمىزدا، ئانا تۇپرىقىمىزدا بولسىچۇ؟
تۇزلۇق، قىرتاق سۇنىڭ ئاغزىمغا كىرىپ كېتىشىدىن ئېسىمگە كەلدىم. توغرا، بىزنىڭ ئاز بولسىمۇ، ئابىھايات، زەمزەم كەبﯽ سۇلىرىمىز بار. تۆت پەسلىمىز روشەن، قەھرىتان سوغۇقىمىزمۇ، تومۇز ئىسسىقىمىزمۇ، ئىللىق باھارىمىزمۇ، ئارامبەخش كۈزىمىزمۇ بار. تەبىئەتكە بېقىپ ئادەملىرىمىزنىڭمۇ مۇھەببەت - نەپرىتﯽ روشەن، تۆت پەسىلگە ئوخشاش خاراكتېرﯼ ئوچۇق، مەردانە.
شۇلارنﯽ ئويلىغاچ قىرغاققا چىقىپ، يۇمشاق ئاقۇش قۇم ئۈستىدە سۇنايلىنىپ يېتىپ، يەڭگىل تۇيغۇدا ئاپتاپقا قاقلاندىم. شۇ تاپتا ئۈستۈمدىكﯽ بارلىق مەسئۇلىيەت، ۋەزىپىلەر، ئىنسانلىق تونلىرىم سېلىپ تاشلىنىپ، دەرىجىدىن تاشقىرﯼ بىر دۇنيادا ياشاۋاتقاندەك بەختىيار تۇيغۇدا ئىدىم، ئېڭىمدا ئاق قۇم، يېشىل دېڭىز، كۆك ئاسمان، ئىللىق قۇياشلا بار ئىدﯼ، ئادەم ئۆمۈر بويﯽ مۇشۇنداق يەڭگىل تۇيغۇدا ئۆتەلىسە ھە... مىڭ ئەپسۇس، ياشايدىكەنمىز رېئاللىققا يۈزلىنىشىمىزگە، قات - قات ئىنسانىي تونلارنﯽ كىيىشىمىزگە، نۇرغۇن ئېغىر مەسئۇلىيەتلەرنﯽ ئۈستىمىزگە ئېلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.
بۇ يەرگە كېلىدىغان چەت ئەللىكلەر، بولۇپمۇ رۇسلار بەك كۆپ ئىكەن. رۇسىيەنىڭ ھازىرقﯽ نۆلدىن تۆۋەن 50 گىرادۇسقا يېتىدىغان سوغۇقىدا ئۇلار سەنياغا كېلىپ سوغۇقتىن پاناھلىنىدىكەن، بۇ يەرنىڭ ئىسسىقىدىن ھۇزۇر ئالىدىكەن. رەت - رەت ياتما ئورۇندۇقلاردا ئاپتاپتا كۆيگەن بەدەنلىرىنﯽ قىزارتىپ، سېمىز بەدەنلىرىنﯽ لىغىرلىتىپ، تاماكا چېكىپ ياتقان رۇسلارنﯽ كۆپ ئۇچراتقىلﯽ بولىدىكەن.
تۇيۇقسىز تېيىز سۇدا ئويناۋاتقان بەش - ئالتە ياشلار چامىسىدىكﯽ بىر ئوماق بالىغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدﯼ. بىزنىڭ سەھرالاردىكﯽ بالىلىرىمىز بۇنداق گۈزەل مۇھىتنﯽ چۈشىدىمۇ كۆرەلمەس، نىھايەت ئۇلارمۇ مۇشۇلارغا ئوخشاشلا گۆش بىلەن قاندىن تۆرەلگەن ئادەم بالىسىغۇ؟ بىزدە ئاتا - ئانىسﯽ، ئۇرۇق - تۇغقانلىرﯼ، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ساياھەتكە چىقىدىغانلار ئاز. ئەمەلىيەتتە ساياھەتنىڭ ئۆزﯼ بىر مەنىۋﯼ مەكتەپ، كىشىنىڭ نەزەر دائىرىسىنﯽ كېڭەيتىدىغان، بىلىمىنﯽ موللاشتۇرىدىغان، روھىنﯽ ئۇرغۇتىدىغان، ئىلھامىنﯽ قوزغايدىغان، سالامەتلىكىنﯽ ياخشىلايدىغان، ھاياتىغا مەنە بېغىشلايدىغان ئەھمىيەتلىك پائالىيەت. شۇڭا چەت ئەللىكلەر تاپقان تەرگىنىنىڭ كۆپ قىسمىنﯽ ساياھەتكە، يۇرت كۆرۈشكە سەرپ قىلىدۇ. ئۆمۈر بويﯽ توختىماي ساياھەت قىلىدۇ. شۈكرىكىم، بىزدىمۇ ئەقلﯽ ئويغاق كىشىلەر ئاز ساندا بولسىمۇ بار ئىكەن، سەنيا دېڭىزسا ھىلىدا ئەتلەس كۆڭلەك، دوپپا كىيىۋالغان ياشانغان ئاتا - ئانىسىنﯽ يېتىلەپ ساياھەت قىلىۋاتقان بىر قانچە ئۇيغۇر ئائىلىسىنﯽ ئۇچرىتىپ قەلبىم سۆيۈنۈشكە تولدﯼ.




ھالقىلىق سۆزلەر :


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار