مېھىرلىك ماكاندىن سېھىرلىك جاھانغىچە (ئەدەبىي خاتىرە)(4)

يوللانغان ۋاقتى:09-01-2014   مەنبە: تارىم 2013-3سان   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
بۇ يەردىن يېنىپ چوڭ شەرقىي دېڭىز مەنزىرە نۇقتىسىغا بېرىپ، دېڭىز ساھىلىنﯽ ئاي
بۇ يەردىن يېنىپ “چوڭ شەرقىي دېڭىز” مەنزىرە نۇقتىسىغا بېرىپ، دېڭىز ساھىلىنﯽ ئايلىنىپ، رەسىمگە چۈشۈپ قايتىپ كەلدۇق.

 

سەنيا قولتۇقﯽ بويىدا

 

كەچتە سەنيا شەھىرىنىڭ دېڭىز بويىدىكﯽ ھەربىي قىسىمنىڭ بىر مېھمانسارىيىغا چۈشكۈن قىلدۇق. بۇ داچا شەكىلدىكﯽ كىچىك بىنالاردىن تەشكىل تاپقان، باغچە تۈسىدىكﯽ مەنزىرىلىك مېھمانساراي بولۇپ، دەرۋازىدىن چىقىپ سولغا قايرىلىپ ئازراقلا ماڭساق دېڭىز بويىغا بارغىلﯽ بولىدىكەن، كەچتە بىر قانچەيلەن دېڭىز بويىغا تاماشا قىلىش ئۈچۈن كەلدۇق.
بۇ يەردىكﯽ دېڭىزنىڭ قىرغىقىغا جايلاشقان ئاساسلىق شەھەر يولىنىڭ ئىسمﯽ “سەنيا قولتۇقﯽ” بولۇپ، شەرقتىن غەربكە سوزۇلىدىغان، چايقىلىپ تۇرغان پايانسىز دېڭىز ۋە ئېگىز - ئېگىز پالما، كوكۇس دەرەخلىرىدىن يول بويﯽ ھۇزۇرلىنىپ ماڭغىلﯽ بولىدىغان، ئۇزۇنلۇقﯽ نەچچە ئون كىلومېتىرغا يېتىدىغان بۇ يولنﯽ سەنيانىڭ تىپىك ئالاھىدىلىكىنﯽ ھەقىقىي ئەكس ئەتتۈرگەن دېيىشكە بولىدىكەن. كەچلىكﯽ بۇ يولنىڭ ئەتراپﯽ، دېڭىز بويﯽ قىزىپ كېتىدىكەن. ساياھەتچىلەر ساھىلغا قويۇلغان رەت - رەت ئۈستەللەردە ئولتۇرۇپ، دېڭىز مەھسۇلاتلىرىدىن قىلىنغان كاۋاپ ۋە ھەر خىل يېمەكلىكلەرنﯽ يېيىشىپ، ئىچىملىكلەرنﯽ ئىچىشىپ، ناخشا ئېيتىشىپ، دېڭىزنىڭ كەچلىك مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىدىكەن. بوينىغا گىتار ئېسىۋېلىپ، قولىدا نەچچە يۈزلىگەن ناخشا تىزىملىكىنﯽ كۆتۈرۈۋالغان ياش قىز - يىگىتلەر ساياھەتچىلەر ئون يۈەن تۆلىسە ئۇلار ئۈچۈن ناخشا ئېيتىپ بېرىدىكەن. كۈندۈزلىرﯼ دېڭىز ساھىلىنىڭ ھەر قانداق يېرىدە تويلۇق سۈرەتكە، خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈۋاتقان جۈپ - جۈپ ياشلارنﯽ ئۇچراتقىلﯽ بولىدىكەن.
دېڭىز بويىدا بىر كەچلىك بازار بولۇپ، بۇ بازاردا كەچلىكﯽ ساياھەتچىلەر مىغىلدايدىكەن، دېڭىز مەھسۇلاتلىرىدىن قىلىنغان يېمەك - ئىچمەكلەر، قۇلۇلە قېپﯽ قاتارلىق دېڭىز مەھسۇلاتلىرىدىن قىلىنغان سومكا، چەينەك قويغۇچ، ھەر خىل ئويۇنچۇق، خاتىرە بۇيۇملار، سۇ ئۈزۈش، ساياھەت بۇيۇملىرﯼ قاتارلىقلارنىڭ سودىسﯽ ئەڭ قىزىيدىكەن.
23 - دېكابىر يەكشەنبە كۈنﯽ، سەنيادىكﯽ ئەڭ چىرايلىق مەنزىرە نۇقتىسﯽ __ “خىلۋەت ساھىل” باغچىسىغا كېلىپ ئىككﯽ سائەت ساياھەتتە بولدۇق.
بۇ سەنيانىڭ تىپىك ئالاھىدىلىكﯽ مۇجەسسەملەنگەن باغچە بولۇپ، باغچىغا كىرگەن ھامان ئىككﯽ تەرەپتىكﯽ رەتلىك ئېگىلىپ تۇرغان پالما دەرەخلىرﯼ، ئوتتۇرىدىكﯽ مەيدانغا ئورنىتىلغان ئىستېرېئولۇق ھەيكەللەر، يىراقتىكﯽ كۆپكۆك چايقىلىپ تۇرغان دېڭىز كۆزگە چېلىقىدىكەن.
بۇ باغچە پاكىز، ئازادە، رومانتىك، كۆپ خىل مەنزىرىلەر گىرەلەشكەن مەنزىرە نۇقتىسﯽ بولۇپ، ئاقۇش قۇملۇق ساھىلدا يەنە ھەررەڭ - سەررەڭ شەكىلدىكﯽ غايەت زور قورام تاشلار قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدىكەن، قىرغاق بويلاپ شەكىللەنگەن ئورمان كارىدورىدا، ئېگىز - پەس، يىلانباغرﯼ تار يولدا ماڭغان كىشﯽ رومانتىك خىلۋەت دۇنياغا كېلىپ قالغاندەك تۇيغۇدا بولىدىكەن.




ھالقىلىق سۆزلەر :


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار