مۇھەممەد ئەيسا جامى قەيسەر كىشى ئىدى. ئۇ ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان بەش يېرىم يىلدىن بېرى، باشتىن- ئاخىرى خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ. ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات خىزمىتنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئىدى، ئۇ ئاجايىپ چىدام ۋە غەيرەت بىلەن كېسەلگە تاقابىل تۇردى، ئۆمرىنىڭ ئاخىرغىچە ئۈمىدۋارلىق بىلەن ياشاپ، ئىگىلمەس-پۈكۈتمەس نامايان قىلدى. مۇھەممەد ئەيسا جامىنىڭ ۋاپاتى بىز يوقىتىش بولدى. بىز مەرھۇمغا چىن قەلىبىمىزدىن چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمىز، ئۇنىڭ پاك روھىغا ئەمنلىك، ئائىلىسدىكى جىگەر پارىلىرى، ئۇرۇق- تۇققانلىرى، دوست-بۇرادەرلىرى، يېقىن-يۇرۇقلىرى ۋە خىزمەتداشلىرىغا سەۋىر-تاقەت تىلەيمىز! مۇھەممەد ئەيسا جامىنىڭ مائارىپقا ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ساھەسىگە قوشقان تۆھپىسى مەڭگۈ قەدىرلىنىدۇ! ئۇنىڭ پەزىلەتلىرى مەڭگۈ يادلىنىدۇ! تۆۋەندە ساۋاقدىشىم ۋە كەسىپدىشىمنى ئەمىلىيھەركىتىم بىلەن ياد ئىتىش ئۈچۈن ئينى يىللىرى«شىنجاڭ گېزىتى»دە ئىلان قىلدۇرغان« ئۇيغۇرتىياتىرچىلىق تارىخىغا ئائىت قىممەتلىك ئىزدىنىش»ناملىق ماقالامنى ئۇقۇرمەنلەرنىڭدىققىرىگە سۇندۇم:
« ئۇيغۇرھازىرقى زامان درامىچىلىقى توغرىسىدا»- ئىككى قىسىملىق ئىلمىي ئەسەر. ئۇنىڭبىرىنچى قىسمى «ئۇيغۇر ھازىرقى زامان درامىچىلىقى توغرىسىدا» دا 1934-يىلىدىن1949-يىلىغىچە بولغان ئون بەش يىللىق ئۇيغۇر تىياتىر ئەدەبىيات تارىخى ۋە مۇشۇساھەدە ئالاھىدە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن ۋەكىل خاراكتېرلىك نامايەندىلەردىن زۇنۇنقادىر، ل.مۇتەللىپ، سەيپىدىن ئەزىزى، شۈكۈر يالقىن، ئابدۇللا روزى قاتارلىقلارنىڭدراما ئىجادىيىتى، ئىجادىيەت ئۇسلۇبى، مۇھىم ئەسەرلىرىنىڭ تېماتىك مەزمۇنى ۋەبەدىئىي جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر تىياتىر ئەدەبىيات تارىخىداتۇتقان ئورنى، ئوينىغان رولى، ئىجادىيەتتىكى مۇۋەپپەقىيىتى ۋە يېتەرسىزلىكلىرىخېلىلا سىستېمىلىق مۇھاكىمە قىلىنغان. ئىككىنچى قىسمى «ئۇيغۇر بۈگۈنكى زاماندرامىچىلىقى» دا ئۇيغۇر درامىچىلىقىنىڭ 1949-يىلىدىن 1999-يىلىغىچە بولغان يېرىمئەسىرلىك تارىخى، جۈملىدىن ئەگرى-توقاي تەرەققىيات ۋە ئوڭۇشسىزلىقلار، بۇ ساھەدىكىۋەكىللىك دراماتورگلاردىن زۇنۇن قادىر، تۇرسۇن يۇنۇس، مۇھەممەدئېلى زۇنۇن،تۇرسۇنجان لېتىپ قاتارلىقلارنىڭ ئىجادىيەت ھاياتى، ئىجادىيەت ئالاھىدىلىكى،ئەسەرلىرىنىڭ ئىدىيە ۋە بەدىئىي جەھەتتىكى ئۆزگىچىلىكلىرى بىر قەدەر چوڭقۇر ۋە ئەتراپلىقمۇھاكىمە قىلىنغان. شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر تىياتىر ئەدەبىياتى تارىخىنىڭ بىر ئەسىرگەيېقىن ئەگرى-توقاي مۇساپىسى بىر قەدەر ئىلمىي ئاساستا يەكۈنلەنگەن. مۇشۇجەرياندىكى دراماتورگلارنىڭ ئىجادىيەت ئالاھىدىلىكى، ئۇسلۇبى ۋە ئىجادىيەتتىكىئورنىغا ئىلمىي باھا بېرىلگەن. «ئۇيغۇرھازىرقى زامان درامىچىلىقى توغرىسىدا» ناملىق بۇ ئىلمىي ئەسەرنىڭ ئەڭ چوڭئارتۇقچىلىقى شۇكى، ئەسەردە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەر، ئۇيغۇر تىياتىرئەدەبىياتى تارىخىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىغا ئائىت نەزەرىيىۋى مۇھاكىمىلەر خېلىئىلمىي، ئوبيېكتىپ ئەمەلىيەتكە، دەۋرنىڭ قەدەم- رېتىمىگە ماس ھالدا ئوتتۇرىغاقويۇلغان. مەلۇمكى،ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزاق ئەسىرلىك ئەدەبىيات تارىخىدا دراماتورگىيە مۇھىم ئورۇنداتۇرىدۇ. ئۇيغۇر درامىچىلىقى ئەجدادلارنىڭ ھازىرغىچە داۋام قىلغان ھەرخىل ئەلنەغمەئويۇنلىرى، دارۋازلىق، مەسخىرىۋازلىق ئويۇنلىرىنىڭ تارىخىدىن ھېسابلىغاندا ئۇزاقتارىخقا ئىگە. نۆۋەتتە، جۇڭگو ۋە چەتئەل ئالىملىرى تەخمىنەن VII،VIIIئەسىرگە تەئەللۇق دەپ ھېسابلاۋاتقان 27 كۆرۈنۈشلۈك چوڭ تىپتىكى دراما «مايتىرىسىمىت» تىن ھېسابلىغاندىمۇ ئۇيغۇر درامىچىلىقى 1000 يىلدىن ئارتۇق يازما تارىخقائىگە بولۇپ، پۈتكۈل جۇڭخۇا مىللەتلىرى تىياتىر تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. بىراق، مىلادى XIئەسىردىن كېيىنكى ھەرخىل مۇرەككەپ ئىجتىمائىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئۇيغۇردرامىچىلىقى ئاساسەن ئۈزىلىپ قېلىپ، XIXئەسىرنىڭ ئاخىرىدا قايتىدىن ھاياتىي كۈچكە ئېرىشكەن. 1933-يىلى 12-ئايدا قەشقەردەتۇنجى «ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى»، 1934-يىلى ئەتىيازدا ئۈرۈمچىدە يېڭىدەۋر ئۇيغۇر سانايىنەفىسە (سەنئەت ئۆمىكى) قۇرۇلغاندىن تارتىپ، 1936-يىلىنىڭئاخىرىغىچە شىنجاڭنىڭ غۇلجا، چۆچەك، ئاقسۇ، قەشقەر، يەكەن، قارا شەھەر، تۇرپان،قۇمۇل، خوتەن ۋىلايەتلىرى ۋە بىرقىسىم چوڭ-چوڭ ناھىيە- يېزىلىرىغىچە 50 تىن ئارتۇقسەنئەت ئۆمىكى قۇرۇلۇپ، دراما سەنئىتى جانلىنىپ كەتكەن. بۇ ھالەت تاكى1942-يىلىغىچە داۋاملىشىپ، بۇ جەرياندا نۇرغۇن دراماتورگلار، رېژىسسورلار ۋەداڭلىق ئەسەرلەر مەيدانغا چىققان. ئازادلىقتىن كېيىن، ئۇيغۇر درامىچىلىقى جۇڭگوكومپارتىيىسىنىڭ پارلاق سىياسىتىنىڭ نۇرى ئاستىدا قايتىدىن تەرەققىيات باسقۇچىغاكىرىپ، بىر مۇنچە نادىر ئەسەرلەر مەيدانغا چىقتى. بولۇپمۇ 70-يىللارنىڭ ئاخىرىدىنباشلاپ، ئىسلاھات، ئېچىۋىتىش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ئۇيغۇر درامىچىلىقىقايتىدىن ھاياتىي كۈچكە ئېرىشتى. تىياتىرنىڭ تۈر ۋە شەكىللىرى كۆپەيدى، ئەسەرلەرسان جەھەتتە كۆپەيدى، سۈپەت جەھەتتە داۋاملىق يۇقىرى ئۆرلىدى، ھەتتا بەزى درامىلارمەملىكەت خاراكتېرلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى. قىسقىسى، ئۇيغۇر درامىچىلىقى 70يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسىدە نۇرغۇن ئەگرى-توقايلىقلارنى بېسىپ ئۆتۈپ، بىرخىللىقتىن كۆپ خىللىققا، ئاددىيلىقتىن مۇرەككەپلىككە، تېيىزلىقتىن چوڭقۇرلۇققاقاراپ تەرەققىي قىلدى. بەزىدە مۇۋەپپەقىيەت قازاندى، بەزىدە ئوڭۇشسىزلىققائۇچرىدى. بەزىدە ئالغا ئىلگىرىلىسە، بەزىدە ئارقىغا چېكىندى، ھەتتا بەزىدەپۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ قېلىش ئەھۋاللىرىمۇ كۆرۈلدى. مۇھەممەد ئەيسا جامى «ئۇيغۇرھازىرقى زامان درامىچىلىقى توغرىسىدا» ناملىق بۇ ئەسىرىدە ئۇيغۇر درامىچىلىقىنىڭيۇقىرىقىدەك ئەگرى-توقاي تەرەققىياتى، ئالاھىدىلىكى، ھەرقايسى باسقۇچتىكىمۇۋەپپەقىيەت ۋە ئوڭۇشسىزلىقلىرىنى بىر قەدەر ئىلمىي ھالدا، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇنتەھلىل قىلىپ چىققان. |