«تارىم»دىن شىشۇاڭبەنناغىچە(1)(4)

يوللانغان ۋاقتى:16-02-2012   مەنبە: تارىم 2012-يىل 2-سان   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 5 پارچە
* * بەيزۇلار ئادەتتىكى يېمەكلىكىدە سۇ كالىسىدىن قالسىلا بېلىقنى جىق يەيدىكەن. بۇمۇ بەلكىم ئۇلارنىڭ ئاساسەن قۇل
*                  *
بەيزۇلار ئادەتتىكى يېمەكلىكىدە سۇ كالىسىدىن قالسىلا بېلىقنى جىق يەيدىكەن. بۇمۇ بەلكىم ئۇلارنىڭ ئاساسەن قۇلاق دېڭىز (洱)بويلىرىدا ئولتۇراقلاشقانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك. قۇلاق دېڭىز −− بەيزۇلار مۇقەددەس بىلىدىغان چوڭ كۆل ھېسابلىنىدىكەن. ئومۇمىي كۆلىمى 256كىۋادرات كىلومېتىر، ئەڭ چوڭقۇر يېرى 27مېتىر ئىكەن. بىز ئۈچ كېمىگە بۆلۈنۈپ چىقتۇق. تۆت تەرىپى تاغ بىلەن قورشالغان جىلغىسىمان بۇ كۆلگە ئىچكىرىلەپ كىرىپ ئۇزاق ماڭمايلا، يېنىمىزدا ئىككى - ئۈچ ئادەم ئولتۇرغان بىر بېلىقچىلىق كېمىسى پەيدا بولدى. كېمە گىرۋىكىنى بويلاپ ئالاھازەل 20- 30چە بار بىر خىل قۇش قونۇۋالغان ئىدى. ئۇچۇپ كەتمىگىنىگە قارىغاندا بۇ قۇشلار قاتتىق كۆندۈرۈلگەندەك قىلاتتى. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ئاز بىر قىسمىنىڭ بوينىدىن باغلانغانلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، كۆپىنىڭ بويۇنلىرى، قاناتلىرى بوش ئىدى. بۇ قۇشنى بەيزۇلار بېلىقچى بۈركۈت دەپ ئاتايدىكەن. بىردەمدىن كېيىن بېلىقچى بۈركۈتلەرنىڭ قىيا - چىياسى ئەتراپنى بىر ئالدى. بۈركۈتلەر كېمە كېتىۋاتقاندا بېلىقنى كۆرسىلا بەس - بەستە شۇڭغۇشۇپ بېلىقنى تالىشىپ ئاشۇنداق چىرقىرىشىدىكەن. شۇ ھامان بېلىقچى ئۇزۇن دەستىلىك چويلىسىمان بىر نەرسە بىلەن بېلىقنى سۈزدى بولغاي، ئالاھازەل ئىككى - ئۈچ كىلوگرام ئېغىرلىقىدىكى بېلىققا قوشۇلۇپ بېلىقچى بۈركۈتمۇ تەڭ سۈزۈلۈپ چىقتى. بېلىقچى بۈركۈت بېلىقنىڭ پوكىنىدىن چىڭ چىشلىۋالغان بولۇپ، ئۇنىڭ چويلا گىرۋىكىگە دەسسىگىنىچە ساڭگىلىغان بېلىقنى چىشلەپ تۇرۇشى بەئەينى بېلىق ئېسىلغان كانارغا ئوخشايتتى. بېلىقچى ئۇنى قاتتىق سىلكىۋېدى، بېلىق پولتۇڭلاپ دېڭىزغا چۈشۈپ كەتتى. بېلىقچى بۈركۈتلەر يەنە چىرقىرىشىپ جاھاننى بىر ئالدى. بېلىقچى يەنە سۈزدى. بېلىقنى چىشلىۋالغان بىر بېلىقچى بۈركۈت يەنە باياتىنقى قىياپەتتە كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولدى. بۇ ئويۇن ئۇدا ئۈچ - تۆت قېتىم تەكرارلاندى. بېلىقچىنىڭ دېيىشىچە، بۇ بېلىقلار كۆل ئاستىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنى ئوزۇقلۇق قىلغاچقا، ئادەم بەدىنىگە پايدىلىق نۇرغۇن قىممەتلىك ئېلېمېنتلار بىلەن تويۇنغان ئىكەن. ناۋادا خالىساق ئۇلار تۇتقان خالىغان بىر بېلىقنى 50يۈەنگە سېتىۋېلىپ، قارشى قىرغاقتىكى بېلىق پىشۇرغۇچى بەيزۇ ئۇستاملارغا ئون يۈەن بەرسەكلا پىشۇرۇپ بېرىدىكەن... ئاشۇنداق قىزىقچىلىق بىلەن قارشى قىرغاققا چىقىپ بىرئاز دەم ئالغاندىن كېيىن، يەنە كەلگەن جايىمىزغا قاراپ يولغا چىقتۇق. كېمىچى ماڭار - ماڭمايلا بەيزۇچە ناخشا باشلىدى. ئۇ بىر كۇپلېت ناخشا ئېيتقاندىن كېيىن بىزگە ياندىشىپ كېلىۋاتقان يەنە بىر كېمىچى ئايال ئۇنىڭغا ئۇلاپلا ئېيتتى. قارىماققا بۇ لوپنۇرلۇقلاردىكى بېيىت ئېيتىشقانغا ئوخشايتتى. ئارىدىن بىزنىڭ ناخشا ئېيتىپ بېرىشىمىز تەكلىپ قىلىندى. شۇ ھامان ھە - ھۇ بىلەن ساياھەت يېتەكچىمىز ئايشەمگۈل ناخشا باشلىدى. بىزنىڭ كېمىدىكى شاۋكەت ئىبراھىم، پەرھات كازىم ۋە مەن ئۈچىمىز كېمىنىڭ تارلىقىغا باقماي، قان - قېنىمىزغا سىڭىپ كەتكەن قاراملىق بويىچە قولىمىزدىن قاس چىقىرىش بىلەن پۇتىمىزنى كېمىگە رىتىملىق، گاھ قاتتىق دەسسەشتەك ھەرىكىتىمىزنى بىرلەشتۈرۈپ، كېمىنىڭ لەپەڭشىپ كېتىشىگە قارىماي، قوشنا ئىككى كېمىدىكى سەپەرداشلىرىمىزنىڭ قىزغىن چاۋاكلار بىلەن تەڭكەش قىلىشى ئارقىسىدا ئۇسسۇلغا چۈشۈپ كەتتۇق. كەينىدىن سەمەت ئابدۇراخمان قومۇل خەلق ناخشىلىرىدىن توۋلىدى. مەيدان تار بولغىنى بىلەن ئويۇن خېلىلا قىزىغان ئىدى. قارىساق، يانداش كېمىدىكى تيەنجىنلىك خەنزۇ ۋە موڭغۇللارمۇ تەڭ چاۋاك چېلىشىپ: »ئۇيغۇر... بۇلار ئۇيغۇركەن... يەنە بىرنى!... يەنە بىر ئۇسسۇل!...« دېگىلى تۇرۇپتۇ... بىز ئۇلاردىن شىنجاڭغا بارغان - بارمىغانلىقىنى سورىساق، ئۇلار بېرىپ باقمىغانلىقىنى دېيىشتى. شۇ ھامان ئويلاپ قالدىم، قارىغاندا ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەشۋىقاتتا بىزنىڭ ئالاھىدىلىكىمىز ھەممىلا خەققە ئاساسەن »ئۇسسۇلغا ماھىر« دەپ تونۇشتۇرۇلغانلىقىدا گەپ يوق ئىدى.
ئىشقىلىپ بۇ قېتىمقى زىيارىتىمىزنىڭ ئىچىدە ئەڭ قىزىغىنى، ئەڭ كۆڭۈللۈك بولغىنى، باشقا مىللەت كىشىلىرىگە مەيلى قانداق شارائىت ياكى قانداق ۋاقىتتا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇيغۇر دېگەننىڭ ھاياتنىڭ ھۇزۇرىنى نەدىلا بولسۇن تېپىپ ۋە تېتىپ ياشىيالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويغىنىمىز بولدى دېسەك ئارتۇق كەتمەيتتى.
*                  *
خىلمۇخىل ئادەم جاھاندا، خىلمۇخىل ئىشلارمۇ ھەم،
ھەر قوۋمنىڭ كەچمىشىگە ئۆز خۇيى، ئۆز سېھرىي جەم.
سەن يامان كۆرگەننى ئۇ بىلگەي جاھاندا ئەتىۋار،
بۇندا كۈلكە قىستىغان ئىش ئۇندا كاتتا بىر سەنەم.
 
(داۋامى بار)

 




ھالقىلىق سۆزلەر : تارىم، سەپەر


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار