مەرھۇمنىڭ ئۆلۈمىگە ھەممىمىز قاتتىق قايغۇردۇق. ئۇ ئەمدىلا 51ياشقا كىرگەن ئىدى. نە ئامال؟ »ئۆلۈم غايىب« دېگىنى شۇ بولسا كېرەك. ھايات مانا مۇشۇنچىلىكلا ئىكەن. مۇشۇنچىلىك قىسقا ھاياتتا بىر كىملەر بىلەن بىر نېمە دېيىشىپ، نېمە سەۋەبتىندۇر رەنجىشىپ ئۆتۈشنىڭمۇ ھاجىتى يوق ئىكەن ئەسلىدە. ئەمما، ئادەتتىكى ۋاقىتتا بۇنداق ئويلاپ بولالماي قالىدىكەنمىز كۆپلىرىمىز. پەقەت ئۆلۈمنى كۆرگىنىمىزدىلا، ئۆلۈم ھەققىدە خىيال قىلغاندىلا ئاندىن مۇشۇنداق كەيپىياتتا بولىدىكەنمىز.
* *
تۇغۇلماقنىڭ كۆپكەن ئالامەتلىرى،
بىراق كۆپ ئەمەسكەن ئۆلۈم -ئەجەلنىڭ.
تۈنۈگۈن تەنتەنە قىزىغان ئۆيدە،
بۈگۈن ئۆزگىرەركەن مۇڭى غەزەلنىڭ.
كىمنىدۇر رەنجىتىپ قويىدىكەنمىز،
كىمدىندۇر ئاغرىنىپ ئۆتەركەنمىز ھەم.
كىملەردۇر كېلەركەن شالغۇت قەلبلىك،
ياۋۇز قىسمەتلەرگە ئىچكۈزۈپ زەمزەم ...
بەيزۇلار يۇرتىمۇ ئايرىم دۇنيا
شۇنداق قىلىپ دولقۇن روزىنى ئۈرۈمچىگە ئۇزاتقان كۈنى كۇنمىڭدىن 380كىلومېتىر يول يۈرۈپ، سائەت 5تە دالى بەيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مەركىزى بولغان دالى شەھىرىگە كەلدۇق.يول بويى ياپيېشىل ئورمانلىق بىلەن قاپلانغان تاغلارنىڭ ئارىسىدا يىلان باغرى سوزۇلغان يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدىن ئەتراپنى كۆزىتىپ ئولتۇردۇم. يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى تاغلار پۈتۈنلەي تەبىئىي ئورمان ۋە ئوت - چۆپ بىلەن قاپلانغان ئىدى. يۇرتىمىزدا ئاتايىتەن تەشتەكلەرگە كۆچۈرۈپ بېقىپ كېتىدىغان پىكۇس، سەنجۈنمېي، يەنە قانداقتۇر نامىنى يادىمىزدا تۇتۇپ بولالمايدىغان گۈللەر تاغ باغرىدا، جىرالاردا، يول بويلىرىدا كۆكلىگەن ئىدى. ئورمان يوق جايلاردا تاغنىڭ جۇغراپىيەسىگە ماسلاشتۇرۇلۇپ، كەڭلىكى ئۈچ - تۆت مېتىردىن ياي شەكىللىك پەلەمپەيسىمان ئېتىزلار بەرپا قىلىنغان بولۇپ، بىز ئىسمىنى بىلىشكە ئۈلگۈرمىگەن ئاللىقانداق دانلىق زىرائەتلەر تېرىلغاندەك قىلاتتى. بەزى ئېتىزلاردا تېخى ئورۇۋېلىنمىغان قوناق شاخلىرىمۇ ئاندا - ساندا كۆزگە چېلىقاتتى. قارىغاندا بۇ يەردىكى كىشىلەر قوناقنىمۇ ئاساسلىق يېمەكلىك قىلسا كېرەك. يول بويى توختىغان يەرلەردە سۇدا پىشۇرۇلغان قوناقلارنىڭ سېتىلىشى بۇنى ئىسپاتلايتتى. تۈزلەڭ ھېسابلانغان يەرلەردىمۇ سالا-سالا ئېتىزلار كۆزىمىزگە كۆرۈندى. بۇ ئېتىزلار كىچىك - كىچىك چاسا شەكىللىك بولۇپ، ئەتراپلىرىغا چۆنەك كولانغان ئىدى. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەبنىڭ زىرائەتلەرنىڭ سۇنىڭ تېگىدە قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈنلىكىنى پەملىدۇق. بىلدۇقكى، بۇ يەرلەردە ئانا يۇرتىمىزدىكىدەك ئېرىق - ئۆستەڭ چېپىپ سۇ باشلايدىغان ئىشلار يوقتەك ئىدى. تەبىئەت ياغدۇرغان يامغۇر سۈيى تېرىقچىلىقنىڭ جان تومۇرى ئىدى. شۇ ھامان يۇرتىمىزدىكى سۇ تالىشىپ جېدەللىشىدىغان ئىشلار، ھەتتا ئۆلۈم ۋەقەسى پەيدا قىلىدىغان جاڭجاللار كۆز ئالدىمىزغا كەلدى. بىز كۆرگەن لىجياڭ، چۇشيوڭ ۋە شىشۇاڭبەننا قاتارلىق يەرلەرگە قارىغاندىمۇ بۇ ئەھۋال يۈننەننىڭ ھەممە جايلىرىغا ئورتاق بولسا كېرەك.
دالى شەھىرى بەيزۇلارنىڭ ئانا يۇرتى ئىكەن. شەھەردە ياشاۋاتقان 1 مىليوندىن ئارتۇق ئاھالىنىڭ %80ىنى بەيزۇلار تەشكىل قىلىدىكەن. گەرچە ئۇلارنىڭ ئۆز تىلى بولسىمۇ، لېكىن ئۆز يېزىقى يوق ئىكەن، بۇرۇندىنلا خەنزۇ يېزىقىنى ئىشلىتىدىكەن. شۇنداق بولغاچقىمىكىن، نوپۇسنىڭ نىسبەتەن جىق بولۇشىغا قارىماي، ئانا تىلىدا بىرمۇ مەكتەپ، بىرمۇ گېزىت - ژۇرنال، نەشرىيات يوق ئىكەن. ئاھالىنىڭ %90 تى تېرىقچىلىق بىلەن جان باقىدىكەن. بىر جەمەتتىكىلەر ۋە ئوخشاش فامىلىلىكلەر توي قىلمايدىكەن. بۇلاردىمۇ بىر ئەر بىر خوتۇنلۇق نىكاھ تۈزۈمى ئاساسلىق ئورۇندا ئىكەن. ئائىلىلەردە جەمەت تۈزۈمى بار ئىكەن. جەمەت ئىچىدە يەنە جەمەت باشلىقلىرى بولىدىكەن، ھەممە ئىشتا شۇلارنىڭ دېگىنى ھېساب بولۇپ، ئۇلارنىڭ ماقۇللۇقى بولغاندىلا ئاندىن ئىشلار قارار تاپىدىكەن. فامىلىداشلار ۋە ئۇرۇقداشلار توي قىلىشقا بولمىغاچقا، باشقا ئۇرۇقتىكىلەر ھەتتا باشقا مىللەت كىشىلىرى بىلەن نىكاھلىنىدىكەن. بىر قىسىم تاغلىق رايونلاردا قەدىمدىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان مۇنداق بىر خىل نىكاھ ئادىتى تا ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەپتۇ. يەنى، بۇ رايونلاردا ئەرلەرنىڭ ئۈچ - تۆتتىن خوتۇنى، ئاياللارنىڭمۇ ئۈچ - تۆتتىن ئېرى بولۇش ئانچە ئەجەبلىنەرلىك ئىش ئەمەسكەن. بىر ئائىلىدە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئونغىچە ئادەم بولىدىكەن، ئەرلەر بالا باققاچ ئۆي ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىدىكەن، ئاياللار ئاساسەن سىرتتا پۇل تېپىش، ئېتىز - ئېرىقنىڭ ئىشلىرىنى قىلىش بىلەن مەشغۇل بولىدىكەن. پۈتۈن دۇنيادا يىلدا بىرلا قېتىم ئاشىق - مەشۇقلار بايرىمى ئۆتكۈزۈلسە، بەيزۇلاردا بۇ بايرام يىلدا ئىككى قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىكەن. يەنى، توي قىلمىغانلار بىر قېتىم، توي قىلغانلار بىر قېتىم ئۆتكۈزىدىكەن. توي قىلمىغان قىز - يىگىتلەر بۇ بايرامدا ناخشا ئېيتىشىپ، كۆڭۈل ئىزھار قىلىشىپ تېپىشىدىكەن. توي قىلغانلار مۇھەببىتىنى چىڭىتىشىدىكەن. ئۆزئارا بىر - بىرىنىڭ ئىسمىنى ئاتاشماي، ئوغۇللارنى ئاپېڭگې (阿鹏哥،) قىزلارنى جىنخۇا (华金 )دەيدىكەن.
11- ئاينىڭ 19- كۈنى سەھەردە يەن ئائىلىسىنىڭ قورۇقىدا بەيزۇلارنىڭ چاي مەدەنىيىتىنى تاماشا قىلدۇق. قىزلار ئۇسسۇل ئويناپ چوڭ پەتنۇستا بىزگە چاي تۇتتى. چاي تۇتۇش ئۈچ قېتىمدا تامام بولىدىكەن. بىرىنچى قېتىملىقى قىرتاق چاي )يېشىل چايكەن(، ئىككىنچى قېتىملىقىنى تاتلىق چاي (قايماققا ئوخشاش بىر نەرسە سېلىنغانىكەن)، ئۈچىنچى قېتىملىقى تامشىپ ئەسكە كەلتۈرۈش چېيى (بۇ چايغا ھەسەل قوشىدىكەن) دەپ ئاتىلىدىكەن. بىز كىرگەن ئىككى قەۋەتلىك بۇ قورۇنىڭ بىرىنچى قەۋىتىنىڭ بىر بۇلۇڭىدا بەيزۇلارنىڭ ئورۇندۇق - شىرەلىرى تىزىلغان، مەخسۇس مۇشۇنداق چاي تۇتىدىغان چاققانغىنە زال بار ئىكەن. شۇ يەردە ئولتۇرۇپ، بەيزۇ قىز - يىگىتلەرنىڭ ناخشا - ئۇسسۇلىنى تاماشا قىلغاچ، يۇقىرىقى ئۈچ خىل چايدىن ئوتلىدۇق. ئويۇننىڭ ئاخىرىدىراق يىگىت - قىز خۇددى ئۇيغۇرلار لەپەر ئوينىغانسىمانراق بىر تەرزدە بىللە چۆرگىلەپ قېشىمىزغا كەلدى. قېشىمىزغا يېقىن كەلگەندە يىگىت ئىشارە قىلىپ، قىزنىڭ بىلىكىنى مۇنداقلا تۇتۇشنى ئۇقتۇردى. يېنىمدا ئولتۇرغان پەرھات كازىم قىزنىڭ بىلىكىنى شۇنداق چىمدىۋېدى، ئۇ قىزنىڭ چىرايى خىجىللىقتىن قىزىرىپ كەتتى. )نۆۋىتىدە مەنمۇ قىزىقچىلىق بولسۇن دەپ پەرھاتقا ئەگىشىپ شۇنداق قىلىپ سالدىم.( شۇنداقتىمۇ بىزگە قاراپ تاتلىققىنە كۈلۈمسىرەپ قويدى قىز. كېيىن بىلسەم، ئەسلىي قىزچاقنىڭ بىلىكىنى ئەمەس، كىيىمىنى چىمدىغان پەدىدە مۇنداقلا تۇتۇپ بېقىش كېرەككەنتۇق. ئاخىرىدا ئويۇن تۈگىگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ مىللىيچە كىيىنگەن قىياپىتى بىلەن خاتىرە رەسىمگە چۈشۈپ، بەيزۇچە »رەھمەت« دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان »نو ۋېينى« سۆزىنى ئۇلارنىڭ قائىدىسى بويىچە ئەرلەر قولىمىزنى قوشلاپ تۇتۇپ، قىز - ئاياللار ئوڭ قول بارمىقىنى سول قولىدا تۇتۇپ تەكرارلاپ قايتتۇق...
|