


«تۈركى تىللار دىۋانى» ئاچقۇچى ھەققىدە
(ئۇلۇغ تىلشۇناس ئالىم مەھمۇد قەشقىرىنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ مىڭ يىللىقىغا بېغىشلايمەن)
«تۈركى تىللار دىۋانى» ئۇيغۇر تىل تەتقىقاتىدىلا ئەمەس، پۈتكۈل تۈركىي مىللەتلەر تىلىنى تەتقىق قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان قىممەتلىك ئەڭگۈشتەر. ئەمما لۇغەتتىن سۆز ئىزدەشتە مەن كۆپ قىينالدىم. چۈنكى «دىۋان» نىڭ تۈزۈلۈش قائىدىسى بىلەن سۆز ئىزدەش ماڭا تەس كەلدى. ھەر بىر سۆزنى ئىزدىگەندە ئۈچ توم كىتابنى ئىزدەشكە توغرا كەلدى. بۇ قۇلايسىزلىقنى نەزەردە تۇتۇپ، بۇ ئاچقۇچنى تەييارلىدىم. تىل تەتقىقاتچىلىرى ۋە كەڭ دوستلارنىڭ قىممەتلىك پىكىر- تەلەپلەرنى بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاچقۇچنىڭ تېخنىكىلىق ئىشلىرىنى ئۆمەرجان مۇھەممەت بىلەن پەرھات نوھ ئىشلەپ بەردى. بۇ دوستلارغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن.
ئاچقۇچ تۈزۈشتە تۆۋەندىكى پرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىندى.
1. ترانسىكىرپىسىيىسىگە كومپيۇتېر كۇنۇپكا تاختىسىدىكى ھەربلەردىن پايدىلىنىلدى. يەنە:
ئۆ(O,o) ئو(O,o) ئۈ (U,u) ئۇ(U,u) ئې(E,e) ئە (E,e) لەر ئىشلىتىلدى.
2. «دىۋان»دىكى سۆزلەرنى كىرگۈزۈشتە ئەسلىدىكىسى بىر سۆز، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكىسى قانچە بولسا شۇنچە يېزىلدى. مەسىلەن:
جېمىلەش ilench 1- توم 179-بەت
تەنە ilench 1- توم 179-بەت
تاپا ilench 1- توم 179-بەت
3. بىر قىسىم سۆزلەر ئىزاھاتىنىڭ يېرىمى بېرىلىپ، ئاخىرىغا كۆپ چېكىت قويۇلدى ياكى تىرناق ئىچىگە قىسقىچە ئىزاھ بېرىلدى. مەسىلەن:
ئوقنىڭ باىغىنى … tili 3- توم 320- بەت
ئارزۇتال ( بەدەندىكى مۇينى چۈشۈرىدىغان ...) arzutal 1- توم 196-بەت
4. بىر قىسىم سۆزلەرنىڭ تەكرارلىنىشى ئۆز پېتى ئېلىندى.
ھۆرمەت بىلەن: پەرھات كازىم
ئالاقىلىشىش:
E-mail: perhatkazim@yahoo.com.cn
E-mail: begham1012@163.com
E-mail: yamghur77@hotmail.com