سۈر رىئالىزىم شائىرلىرنىڭ شېئىرلىردىن تەرجىمە قىلغۇچى : ئارىسلان مەڭگۈ تۇنجى قېتىملىقى بۇ دەپ بۈلىمەن  ئاندىرى بىرتون ( فىرانسىيە ) مەڭگۈ تۇنجى قېتىملىقى بۇ دەپ بىلىمەن گوياكى بىز تونۇشقاندەك يېڭىلا شۇ دەم . كېچىدىكى مەلۇم چاغدا قايتىپ كېلىسەن پەنجىرەمنىڭ ئالدىدىكى قىسايغان  ئۆيگە . تەسەۋۋۇرۇم ئىچىدىكى ئۇ ئۆي تامامەن ، مۇشۇ يەردە مەۋجۇت  تۇرغان ھەر مىنۇت -ھەردەم . قول تەگمىگەن تۈن قوينىدا قىياس قىلدىممەن . پەيدا بولار دەپ ئۆزۈمچە يەنە بىر مەرتەم شۇ جەلىپكار يېرىق ئىشىك ،دىلدا ھەم . ئەي بىردىن بىر يېرىق ، ئەمىلىيەتتە يېقىن بارسام قانچىلىك ساڭا . شۇنچىلىك ياڭرار تونۇش ئۆي ئىشكىدە ئاچقۇچ ئېيىتقان شادىيەنە ناخشا كۈي راسا . تۇيۇلىدۇ ئۆيدە غېرىپلىق  باسقاندەك سېنى دەسلىپىدە چۆمدۈڭ  نۇرغا ئۆزۈڭ تامامەن . پەردە قايرىپ كۆزنەكتىن  باقتىڭ بىر قىيا دالا ئىدى  قاپلىغان بۇ تۇتاش ياسىمەن . تاڭ پەيتىدە كۆرۈپ قالغان ئىدىم تاماشا گىراس شەھرى ئەتراپىنىڭ يوللىرىدا مەن . خۇددى باپكا موكىسىدەك  ئۆتۈشۈپ تۇرغان گۈلچى قىزلارمۇ بار ئىدى ئۇندا بەك لېۋەن گۈلسىز شاخلار ئىگىلگەنىدى  ئۇلار كەينىدە بار ئالدىدا كۆز چاققۇدەك تاختا ئېتىز كەڭ . تۇيۇقسىزلا كۆتۈرۈلدى ئىشىك پەردىسى ، چۇۋۇرلۇشۇپ كىرىپ كەلدى  بارچە گۈللەر تەڭ ، ئاتۇقچىلا سوزۇلغان  بۇ ۋاقىتنى ئۆزۈڭ ئەپلەپ سەپلەپ ئامال قىلىپ ئۆتكۈزمەكتىسەن تا ئۇيقۇغا كەتمىگۈنچە  تىنچىنالمايسەن . ساقلاي دىسەڭ چىرايڭنى بۇزماستىن ئەينەن كۆرۈشمىسەم بولار مەڭگۈ  قايتا سەن بىلەن . كۈزتىپ مەن سېنى  تىككەن ئىدىم كۆزۈمنى ، كۆرمەسلىككە سېلىۋالدىڭ  بولۇپ بىر خۇپسەن . ئوڭ كەلگىنى مېنىڭمۇ يوق ئىدى  زادى سەن بىلگەندىن ئارتۇقراق  ئىشەنچىممۇ ھەم . ھارغىنلىقىڭ كۆزلىرىمنى  ياشتا قىلدى  نەم بېرىش مۈمكىن  قولۇڭنىڭ ھەر ئىشارىتىگە قارا بۇلۇت كەبى بىر توپ چۈشەنجە بەلەن ؟ بۇ شەربەتنى قوغلىششىنىڭ  بىر تۈرى جەزمەن . بار تەۋرەنمە بىر ئورۇندۇق  كۆۋرۈك ئۈستىدە ، بار تېرەڭنى تىلماق بولغان پۇتاقلارمۇ ھەم . رولېت بۈۋى مەريەم ئانا كوچىسدا  بىر ئەينەك ئىشكاپ دېرىزىسى  ئىچىدە نەكەم ئۇزۇن يىپەك پايپاق كىيىپ  بىرى بىرىگە مىنگىشىكلىك تۇرار بىر جۈپ ئاياغ بەك كۆركەم . يوغان ئاپئاق ئۈچ قۇلاقنىڭ ئىچىدىن چىققان يىپەك شوتا پىچەكگۈلنىڭ قېشىدا كۆركەم . بار قىيانىڭ گىرۋىكىدىن  ئېڭىشكەن گەۋدەم سېنى كۆرۈش ئۈمىدىنىڭ  ئەسلا يوقلىقى ياكى كۆرمەسلكىنىڭ  مۇجمەل  سەزگۈسىدە مەن بىلىۋالدىم سېنى ياخشى كۆرۈش ئېپىنى : مەڭگۈ تۇنجى قېتىملىقى بۇ دەپ بىلىمەن . ئۈچ شېئىر پائول ئىلۇئارت ( فىرانسىيە) مۇشۇ يەردە ياشىماق ئۈچۈن كۆك ئاسمان تاشلىدى  مېنى ، ئوت ياقتىم ، ئوت ياقتىم  ئوت بىلەن دوسىت بولماق ئۈچۈن . ئوت ياقتىم كىرەي دەپ قىش تۈنلىرىگە ، تېخىمۇ ياخشىراق ياشىماق ئۈچۈن . كۈندۈزنىڭ بەرگەنلىرنى ئوتقا بەردىم مەن ئۈزۈملۈك ، يەر ، ئورمان ۋە چاتقاللىقنى ، چاڭگىنى ، چاڭگىدىكى قۇشنى ،ئۆي، ئۆينىڭ ئاچقۇچى ،قۇرت، گۈل ، توي خوشاللىقىنى . ئاڭلىنار چاراسلاپ  ئوت ئۈنى پەقەت ھىدىنى ، مېھىرىنى  ھىس قىلدىم  قەۋەت . قولۋاقتەك سۇغا غەرق بولۇپ كەتتىم مەن ئۆلۈككە ئوخشاپلا يىگانە پەقەت . غەرق بولغان ئادەم سۇ ئۈستىدە ئوينىغاندەك  سەكرەر تاش كىرەلمەيدۇ سۇ ئىچىگە ئىس پەقەت . سۇ ئوخشايدۇ خۇددى سىلىق تېرىگە ھىچكىممۇ يەتكۈزەلمەس زىيان –زەخمەت . قوبۇل قىلار ئادەم بىلەن  بېلىقنىڭ يېقىنچىلىق قىلىشنى ھەر نۆۋەت . جان تالىشار ئادەم تۇتۇپ ئالغان بېلىق ، سۇ داۋالغۇر كىرىچ كەبى بېرىپ سادا . ئۇ ئۆلمەكتە ،بۇ دۇنيانىڭ ھاۋاسى ۋە ئاپتىپىنى سۈمۈرەلمەس  ئەمدى قايتا . لېكىن چۆكتى ئادەممۇ ھەم سۇ تەكتىگە بېلىقنى كۆزلەپ . ياكى يۇمشاق ،ھىم تۇرغان سۇ يۈزىدىكى ئاشۇ مۇدھىش غېرىبلىقنى  دەپ . قېقىنوس قېقىنوس ئاشۇ بىر جۈپ ئاشىق –مەشۇق ئادەم ئەلەيھىسلام بىلەن  ھاۋا ئانىدىن ئىبارەت ئەڭ دەسلەپكى ، لېكىن ، ئەڭ ئاخىرقى  ئەمەس بىر جۈپ –ئاشىق –مەشۇقلاردۇر . يولۇڭلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئۆتكۈنچىسىمەن ، ئەڭ ئاخىرىقى باھارى ۋە ئەڭ ئاخىرىقى قارى ، تىرىكلىكنى كۆزلەپ بولغان ئاخىرقى بىر جەڭ . ئۆتكەنلەردىن تۆۋەن ھەمدە ئىگىز بىز مانا . ھەممەت نەرسە باردۇر  بىزنىڭ ئوت دۆۋىمىزدە قارىغايىنىڭ چاكاندىسى ، تەكلەر شۇڭى ھەم ئېقىن سۇدىن ئېقىپ چۈشكەن گۈللەر بار بىزدە ، لاي –لاتقا بار ۋە تامچىغان سۈپ –سۈزۈك شەبنەم . ئايىغىمىز ئاستىدا ئوت ، بېشىمىزدا ئوت ئۇچۇپ چىقار ئايغىمىز ئاستىدىن تۈگەل قۇشقاچ ،تورغاي ۋە ئادەملەر ، قوڭغۇز ۋە قۇرت. ئاسمان ئوچۇق ، زېمىن تۇتۇق قاراڭغۇلاشقان لېكىن ئۆرلەر قارا تۈتۈن پەلەككە لەرزان . مەھرۇم بولدى بارچە يورۇقلۇقتىن  كەڭ ئاسمان . ئىنسانلارنىڭ ئارىسدا قالدى ئوت بەلەن . ئوت –يالقۇنلار قەلىبلەرنىڭ  رەڭدار بۇلۇتى ، ئوت يالقۇنلار قاننىڭ بارلىق ئېقىنلىرى  ھەم ئۇ كۈيلەيدۇ بىزنىڭ كۈينى ، ناخشىنى ھەردەم ، ئۇ قوغلىدى قىشتىكى سۇ ھورىنى بەردەم . كۆيدى قارا تۈن قايغۇسى يېنىپ گۆرۈلدەپ ، كۈل ئايلاندى خوشاللىقنىڭ گۈلىگە كۆركەم . بىز قىلىىمىز دۈمبىمىزنى  غەربكە ئەبەد ، تاڭ رەڭلىرى بولدى بارچە نەرسىگە ھەمدەم . لوئى ئاراگون : شېئىرىيەت ئىلمى ماي ئېيىدا ئۆلۈپ كەتكەن دوسىتلىرىم ئۈچۈن ، ياڭرار مېنىڭ ناخشا –كۈيۈم ئەمدى ھەر بىر كۈن . ۋەزىنلىرىم تولدى سېھىرىي قۇدرەتكە شۇنچە ، يالتىرىدى  قورالىمدا كۆز ياشتىن ئۈنچە . ۋە كۆز سالدىم شامال، بۇلۇت ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپلا ياشاۋاتقان بارچە كىشىگە . نەپرەت تىغى ئۆلگەنلەرنىڭ نام شەرىپىدە ئۆتكۈرلىشەر مىسرالارنىڭ  بىلەشلىرىدە . سۆز تىزمىسى ئويغان ھەر بىر جارائەت ئىزى ، شىكايەتلەر قوزغاتقان ھەر ۋەزىن ئاۋازى . قايغۇ –ئازاب باسقان  دىلنىڭ چوڭقۇرلۇقىدا باردۇر پالاق سۇغا تېگىپ  كۆتەرگەن سادا . شېئىرلىرىم  يامغۇرسىمان  ياغار تەبىئى ۋە يالتىرار دەرىزىنىڭ ئەينىكى كەبى . ئىسكەت تۈزەش ئەينىكىدەك  دەھلىزدە تۇرغان سولۇشۇپتۇ مەيدىدىكى گۈلمۇ پەرىشان . شوخ بالىلار ئوينايدىغان  تۆمۈر چەمبىرەك چۈشۈپ كەتتى نۇرانە ئاي ئېرىققىلا بەك . ئىشكاپ ئىچىدە  قويۇلغان  ئىپارلارسىمان لەيلەپ يۈرەر كۆڭۈل ئارا خۇشپۇراق ھامان . شېئىرلىرىم شېئىرلىرىم  ماڭا بەك ئايان ھارارتى قانلىرىمنىڭ  دولقۇنلاپ ئاققان . ئېسىڭلاردا ساقلاڭلاركى ، بىزمۇ ھەرقاچان باھادىرلار جۈملىسىدىن  ھەيۋەت قەھرىمان . تومۇرىمىز بوشاشسىلا كۈچ  بىلەن سوققاي ئويغىتىڭلار ئۇيقۇدىن تىز  غەپلەتتە  قويماي . لاۋۇلدىسۇن  قايتا يېنىپ ئۆچكەن نۇر چىراغ ، جىرىڭلىسۇن بوش قەدەھلەر  بىرمۇ بىر ياڭراق . كۈي ئوقۇيلى بىز ئەبەدىي دوسىتلار ئىشقىدا ، ماي ئېيىدا ئۆلۈپ كەتكەن دوسىتلار بېشىدا . ئىككى شېئىر دىلان توماس ( ئەنگىلىيە) يېڭەلمەيدۇ ئۆلۈممۈ جەزمەن يېڭەلمەيدۇ ئۆلۈممۇ جەزمەن ، قىپ يالڭىاچ  ئادەم ئۆلىكى بولىدۇ جەزمەن قوشۇلۇپ بىر گەۋدە  بىر تەن شامالدىكى ئادەم ۋە غەرىبىي كۆكتىكى ئاي بىلەن . ئاجىرتىلار ئۇلارنىڭ سۆڭەكلىرى ، تازلانغان سۆڭەكلەر يەنە يوقىلار . بۇلار جەزمەن ئۇلارنىڭ بىلەكلىرى ، پۇتلىرىدا يۇلتۇزلار ؛ گەرچە ساراڭ بولۇپ قالسىمۇ ئۇلار سەگەك تۇرۇشار جەزمەن . گەرچە دېڭىزغا غەرق بولۇپ كەتسىمۇ ئۇلار قايتىدىن تىرىلەر جەزمەن . ئاشىقلار كەتسىمۇ ئۆلۈپ مۇھەببەت مەڭگۈ ياشار جەزمەن . يېڭەلمەيدۇ ئۆلۈممۇ جەزمەن . يېڭەلمەيدۇ ئۆلۈممۇ جەزمەن دېڭىز قولتۇقى ئاستىدا ئۇزاق يېتىپ ، ئۇلار ھەرگىز شامالدەك بولماس غايىپ ؛ پۇت كوللىرى تالسا جان تالىشار تەننى سوزغۇچ غالتەكلەرگە بېسىلىپ . ماتاپ ئېلىپ ماڭغاندىمۇ كوڭكىدا يىز پۈكمەيدۇ ئۇلار جەزمەن . قوش مۈڭگۈزلۈك ھايۋان  يەڭلىغ يامانلىقمۇ قوسقىنى ئۇلارنىڭ تېشەر جەزمەن . لېكىن پارچە –پارچە بولۇپ كەتكەن ھالدىمۇ تىز پۈكمەيدۇ ئۇلار جەزمەن ؛ يېڭەلمەيدۇ ئۆلۈممۈ جەزمەن . يېڭەلمەيدۇ ئۆلۈممۇ جەزمەن ، چىرقىماس چايكا ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرى تۈۋىدە قايتا شارقىرىغان ئۇپقانلارمۇ تېگەلمەس قاشتا . بىر گۈل ئېچىلغان جايدا يەنە بىر گۈل قىلمايدۇ جەۋلان يەل –يېشىن ئارا ؛ ئۇلار ساراڭ ھەم قاتقان مۇردا بولسىمۇ ئادەملەرنىڭ ،ھايۋانلارنىڭ باش مۈڭگۈزلىرى ئۈنۈپ چىقار يۇمران چېچەك ئىچىدىن ئاستا . قۇياشتىن پارچىلىنىش داۋاملىشىدۇ تاكى قۇياش بولغىچە گۇمران يېڭەلمەيدۇ ئۆلۈممۇ جەزمەن . كىرمەڭ قۇتلۇق شۇ كېچىگە مۇلايىم كىرمەڭ قۇتلۇق شۇ كېچىگە مۇلايىملا تاشلاپ قەدەم ، ياشانغانلار زاۋال چېغى لاۋۇلدىغاي ، ھۆركىرىگەي ؛ يورۇقلۇقنىڭ تۈگىششنى  سۆككەي غەزەپ –نەپرەت بىلەن . زۇلمەت يوللۇق ئىكەنلكىن چۈشەنسىمۇ ئاقىل ئادەم ، ئاخىر چاقماق چاقمىغاچقا ئۆز سۆزلىرى ئۇلارمۇ ھەم كىرمەيدىكەن قۇتلۇق تۈنگە مۇلايىملا تاشلاپ قەدەم . جىددى ئادەم ئۆلەر چاغدا خىرەلەشكەن سەزگۈ ھەم كۆرەر نۇرسىز كۆزىنىڭ ئاقار يۇلتۇزدەك شاد چاقنىشنى ، يورۇقلۇقنىڭ تۈگىششىنى سۆكەر غەزەپ –نەپرەت بىلەن . ئۆتۈنەي مەن سىز ئەي دادا. شۇ قايغۇلۇق ئىگىزلىكتە ئىسسىق ياشتا قارغاڭ مېنى ھەمدە ماڭا بەخىت تىلەڭ . كىرمەڭ قۇتلۇق شۇ كېچىگە مۇلايىملا تاشلاپ قەدەم يورۇقلۇقنىڭ تۈگىششنى سۆكۈڭ غەزەپ –نەپرەت بىلەن. 
  | 







