تارتىنماي يەڭلار[ئەزىز نەسىن]
يوللانغان ۋاقتى:23-06-2011
مەنبە: تارىم 2010-8-سان
مۇھەررىر: تەكلىپلىك مۇھەررىر
كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئىنكاس: 0 پارچە
بىزنىڭ بىر يەگەنىمىز بار. بىزدە بۇنداق يەگەنلەر ناھايىتى جىق.
ناۋادا ئىنساننىڭ قىزىتمىسىنى تېرمومېتىر بىلەن ئۆلچىگەندەك ئاچكۆزلۈك
ئاپتورى: ئەزىز نەسىن(تۈركىيە)
تۈركچىدىن چوپانى ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان
بىزنىڭ بىر يەگەنىمىز بار. بىزدە بۇنداق يەگەنلەر ناھايىتى جىق.
ناۋادا ئىنساننىڭ قىزىتمىسىنى تېرمومېتىر بىلەن ئۆلچىگەندەك ئاچكۆزلۈكنىمۇ ئۆلچەيدىغان بىرەر ئۆلچىگۈچ بولسا، بىزنىڭ بۇ يەگەن ئاچكۆزلۈكتە دۇنيا بويىچە بىرىنچىلىككە ئېرىشىدۇ. يېزىنىڭ ئۈچ سىنىپلىق باشلانغۇچ مەكتىپىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، قايتا مەكتەپكە كىرمىگەن بۇ يەگەنىمىز 40 ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتكۈزگەنلىك دىپلومىنى يانچۇقىدىن چىقىرىدۇ. سادىغاڭ كېتەي ئاللاھىم، بىزنىڭ بۇ يەگەنگە شۇنداق بىر ئەقىل بېرىپتىكەنكى، ئۆگىنىپ تاپقان ئەقىل ئەمەس، تۇغما بىر ئەقىل...
بۇنىڭدىن 20 نەچچە يىللار بۇرۇن، بىزنىڭ بۇ يەگەن گېرمانىيەگە كەتكەنىدى. ئون نەچچە يىللاردىن كېيىن ئۇ گېرمانىيەدىن شۇنداق بىر ئۆزگىرىپ قايتىپ كەلدىكى، بىز بۇنى تونۇمايلا قالدۇق −− دە، ئۇنى »سېپى ئۆزىدىن نېمىس« دەپ بىلدۇق. ئۇ نېمىسنىڭ ئەڭ يېقىملىق، ئۆلچەملىكىنى ئۆگىنىپتۇ - يۇ، تۈركچە سۆز، تەلەپپۇزلىرى بۇزۇلۇپتۇ. ھەتتا بەزى تۈركچە سۆزلەرنى ئۇنتۇپ كېتىپتۇ. »ۋاي، بۇنى نېمە دەيتتى؟...« دەپ كېكەچلەپ - كېكەچلەپ سۆزلەيدىغان بولۇپ قاپتۇ. ئۆزۈمنىڭ دېيىشىچە يەگەننىڭ ئۆلچەملىك نېمىسچىسىنى نېمىسلارمۇ چۈشىنەلمەسمىش. نېمىسچىغا ئاشىق بولغان بۇ يەگەن يەنە بىر خۇي يېتىلدۈرۈپتۇ: ھەر بىر سۆزنىڭ بېشىدا، ئوتتۇرىسىدا ۋە ئاخىرىسىدا »ئاھ... زووو...« دەپلا تۇراتتى.
»ئاھ زووو!...« سىز گەپ قىلالمايتتى.
ئاخىرى چىدىيالماي سورىدىم:
−− يەگەن، ھە دېسىلا »ئاھ زووو، ئاز زووو...« دەيدىكەنسەن، بۇ »ئاھ زووو« زادى نېمە دېگەن گەپ؟
بۇ »ئاھ زووو«نىڭ نېمە مەنە ئىپادىلەيدىغانلىقىنى نېمىسلارمۇ بىلمەسمىش.ئەمما نېمىسلار »ئاھ زووو«سىز سۆزلىشەلمەسمىش، بىر ئادەمنىڭ خاس نېمىس ياكى ئەمەسلىكى »ئاھ زووو« دېيىش - دېمەسلىكى ئارقىلىق ئۆلچىنەرمىش. بىزنىڭ يەگەن »ئاز زووو«دىن باشقا يەنە ھە دېسىلا »ياھ - ياھ...« دەپ قوياتتى.
يەگەن دەسلەپكى قېتىم كەلگەندىن كېيىن، ھەر ئىككى - ئۈچ يىلدا بىر تۈركىيەگە كېلىپ، بىزنىڭ ئۆيدە مېھمان بولاتتى. ئۇنىڭغا گېرمانىيەدە ياشاۋاتقىلى 52 يىل بولغانىدى. گېرمانىيەدىن ھەر بىر كېلىشىدە ئۇرۇق - تۇغقانلىرىمىز ۋە دوست - بۇرادەرلىرىمىزگە تۈرلۈك سوۋغاتلارنى ياغدۇرۇۋەتكىنىگە قارىغاندا، ئۇ ناھايىتى پۇللۇق بىر ئىش بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقاندەك قىلاتتى. مەن ئۇنىڭدىن نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى سورىدىم. ئۇنىڭ دېيىشىچە، گېرمانىيەگە يېڭى بارغان چاغلاردا چوقۇم بىرەر ئىش تېپىپ قىلىش كېرەكمىش. ئەمما كېيىن )تۈركلەر ئىشلەمچى بولۇپ گېرمانىيەگە تولۇشقا باشلىغاندا( ھەر ھالدا بىرەر ئىش تېپىپ قىلىشنىڭ ھېچبىر ھاجىتى يوقمىش.
−− يەگەن، قىسقىسى، سېنىڭ ھېچبىر ئىشىڭ يوقمۇ ئۇ يەردە؟
−− ئاھ زووو... بار - يوقنىڭ ئارىلىقىدا بىر ئىش، ياھ!
−− بىز بۇ يەردە شۇنچە ئىشلەپمۇ يەنە مۇشەققەت بىلەن ياشايمىزۇ، سەن ئۇ يەردە ئىشسىز قانداق جان بېقىپ، قانداق ياشايسەن؟
−− ئاز زووو...گېرمانىيەدە ئىشلەۋاتقان شۇنچىلىك جىق تۈركلەر باركى، مېنىڭ ئىشلىشىمنىڭ ھېچبىر ھاجىتى يوق، ياھ!...
چۈشىنەلمەيلا قالدىم، گەپنى ئۇزارتقۇم كەلمىدى.
مېنىڭ چۈشىنەلمىگەنلىكىمكنى كۆرگەن يەگەن:
−− ئاھ زووو... ئىشلەپ پۇل تاپماقچى بولسام ئىدىم، بۇنچىلىك پۇلۇم بولارمىدى ؟ −− دېدى.
قارا، بۇمۇ توغرا.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىزنىڭ گېرمانىيەدىكى يەگەندىن بىر مەكتۇب تاپشۇرۇپ ئالدىم. ئۇ تۈركىيەدە نېمىسلار بىلەن شېرىكلىشىپ بىر ئىش قىلماقچى ئىكەن، مىليارد يۈەنلىك بىر ئىشمىش. ئۇ ماڭا بىر ياخشىلىك قىلغۇسى كەلگەنلىكى ئۈچۈن، مېنىمۇ بۇ ئىشقا شېرىك قىلماقچى ئىكەن. ئۇ مەكتۇپىدە: »سەنمۇ بۇ ئىشقا شېرىك بولۇشنى خالامسەن« دەپ سورىغانىدى.
مەكتۇپىگە جاۋاب خەت يازدىم: »سەن قىلماقچى بولغان ئىش زادى قانداق ئىش؟ مەندەك سېرىقتال تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان ئادەم مۇنداق مىليارد يۈەنلىك ئىشقا نېمىسى بىلەن شېرىك بولىدۇ؟«
يەگەن گېرمانىيەدىن كەلدى. خېتىدە دېگىنىدەك ناھايىتى چوڭ نېمىس خوجايىنلىرى بىلەن توختاملىشىپتۇ. ئۇ خوجايىنلار يېقىندا ئىستانبۇلغا كېلەرمىش، ئۇلار مەن بىلەن تونۇشارمىش. قىلماقچى بولغان ئىشنىڭ قانداق بىر ئىش ئىكەنلىكىگە كەلگەندە، ئۇ نېمىس خوجايىنلار ئۈچۈن ئۇ ئىش ياكى بۇ ئىش مۇھىم ئەمەسمىش. خوجايىنلارغا نىسبەتەن پۇل تېپىش ئۈچۈن قانداقلا ئىش بولسا بولىۋەرمىش؛ قەيەردىن، قانداق تاپسا تېپىۋېرەرمىش. بىزنىڭ يەگەن ئارىدا »ئاھ زووو«لار، »ياھ!«لەر چەككەچ چۈشەندۈرەتتى: بۇلار شۇنداق خوجايىنلارمىشكى، خوتۇن - قىزلار سودا - سېتىق بازىرى ئېچىشتىن تارتىپ، ياشانغانلارغا ئەركەكلىك كۈچى ئاتا قىلىدىغان مەجۈنى ياساپ سېتىشقىچە؛ ئۇرۇق بىلەن كۆل بېلىقى يېتىشتۈرۈشتىن تارتىپ قاغا گۆشىدىن كەكلىك كونسېرۋاسى ياساشقىچە... ئەقىلگە كەلگەن - كەلمىگەن نۇرغۇن ئىشلارنى قىلارمىش. چۆلنىڭ ئوتتۇرىسا ئانىدىن تۇغما بەش كىشىنى كۆرسە، ئۇلاردىنمۇ پۇل ئۈندۈرۈۋېلىشنىڭ بىر يولىنى تاپالارمىش. دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدىمۇ ئۇلارنىڭ قوللىرى بارمىش.
يەگەن چۈشەندۈرەتتى: بۇلارنىڭ ھۈنىرى شۇ ئىشمىشكى، ئەڭ ئەسكى، ئەڭ مەينەت ئىشنىمۇ شۇنداق ئەپچىللىك بىلەن پاكىز قىلارمىش، شۇنداقى پىششىقلاپ ئىشلەرمىش، شۇنداق ساتارمىش ۋە شۇنداق ھەدىيە - تەقدىملەرنى قىلارمىشكى، بىز بۇ ھۈنەرلەرنى بىلمىگەنلىكىمىز ئۈچۈن، ئۈنچىنى تاش - شېغىلغا، ئالتۇننى پوققا ئايلاندۇرىدىكەنمىز. بۇلار بولسا پوقنى ئالتۇنغا، تاش - شېغىلنى ئۈنچىگە ئايلاندۇرارمىش. دەسلىپىدە ھۆكۈمەتنىڭ كۆزىنى بويارمىش. كېيىن ھۈنەر - سەنئەت تەقدىم قىلىش شەكلى ئارقىلىق ۋە ئېلان - تەشۋىقات ئارقىلىق بازارغا سالارمىش.
يەگەن سۆزىنى شۇنداق باغلايتتى:
−− نېمە ئۈچۈن ئۇلاردا ھېچ بىر نەرسە يوق تۇرۇپمۇ ھەممە نەرسە بار - يۇ، بىزدە ھەممە نەسە تۇرۇپ نېمىشقا ھېچبىر نەرسىمىز يوق... ئاھ زووو... مانا بۇ دەل مۇشۇ سەۋەبتىن ياھ!
مېنىڭمۇ بۇ ئىشقا زادىلا ئەقلىم يەتمىدى. پۇل چىقىرالمايدىغانلىقىمنى ھېسابقا ئالمىغاندا، مېنىڭ نېمە زىيىنىم بار ئىدى ئۇلارغا... ئاخىرى نېمىس خوجايىنلىرىنى بۇ يەردە قىزغىن كۈتۈۋېلىشنىڭ پۇرسىتى يېتىپ كەلدى.
ئۇنىڭ دېيىشىچە، خوجايىنلار ئەڭ مۇھىم، ئەڭ چوڭ ئىشلارنىمۇ تاماق ئۈستىدە مەسلىھەتلىشەرمىش. بۇنى »ئىش تامىقى« دەرمىش. بۇلارغا بىزنىڭ ئۆيدە بىر ئاخشام »ئىش تامىقى« بېرىشىمىز كېرەكمىشكى، بىزنىڭ دولمالارنى، سارمالارنى، مانتالارنى، بۆرەكلەرنى ①، باكلاۋالارنى يەپ ئەقىللىرى لال بولسۇنمىش...
»ياھ !« دەپ سۆزىنى باغلايتتى بىزنىڭ يەگەن. يەگەننىڭ تەكلىپىگە ئانام بىلەن خوتۇنۇم تۈنۈگۈندىن باشلاپ جان پىدالىق كۆرسىتىۋاتاتتى. چۈنكى بۇ ئىككىسى ئۆزلىرىچە تاماق ئېتىشتە دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئىدى. خوتۇنۇم يايغۇ بىلەن جىلىت ئاچاتتى. جىلىتنىڭ بىر تەرىپىدىن قارىساڭ يەنە بىر تەرىپىنى كۆرەلەيتتىڭ. بۇ جىلىت بىلەن سۇ بۆرىكى پىشۇرۇلسا ئىك−كى كىل−وگ−رام سۇ ب−ۆرىكى يەي−سەن - دە، »200 گىرام يېدىم« دەپ ھېسابلايسەن: شۇنداق يەڭگىل... باكلاۋامۇ ئاغزىڭدا ئېرىپلا كېتىدۇ. يېدىڭمۇ - يېمىدىڭمۇ بىلەلمەيسەن. ئانامنىڭ زەپە ۋە توخۇ شورپىسىدا ئەتكەن پىلاكىدىن ئاتلىق يەنە باشقا بىر پىلا بولمايدۇ.
نېمە بولسا بولسۇن ئەپەندىم، بىزنىڭ يەگەنگە شېرىكلىشىدىغان نېمىس خوجايىنلىرىدىن تېلېگرامما كەلدى. ئايروپىلان بىلەن ئۈچ ئادەم كېلەرمىش. ئۇلارنىڭ باشقا يەردىمۇ ئىشلىرى بولغاچقا، بۇ يەردە بىر كېچە، ئىككى كۈندۈز تۇرۇپ، يەنە ئايروپىلان بىلەن ئۇچارمىش. مېھمانخانىدا ياتاقلىرىنىمۇ ئالدۇرۇپ قويغانمىش. بىزگە بىزنىڭ ئۆيدە بىر ۋاق كەچلىك تاماق بېرىشلا قالغانمىش، بۇ تاماق ۋاقتىمۇ ئەڭ ئۇزاق بولغاندا بىر - ئىككى سائەت داۋام قىلارمىش. بۇ چاغدا بىز نېمىسلارغا ئادەمنى قىزىقتۇرغۇدەك، جەلپ قىلغۇدەك ئىشلارنى قىلىش تەكلىپلىرىنى بېرەرمىشمىز.
−− قانداق بولار، يەگەن؟
−− ئاھ زووو... سەن ئۇ تەرىپىنى ماڭا قوي، ئىشلىرىمىز توغرىسىدا شۇنداق ئېسىل تەكلىپلەرنى بېرىمەنكى، ئەقىللىرى لال بولىدۇ، ياھ!
ئۇنىڭ ئاغزىدىن گەپ ئېلىش ئۈچۈن، نېمە ئىشلارتوغرىسىدا قانداق تەكلىپلەرنى بېرىدىغانلىقىنى سورىدىم، ۋاي بۇ بىزنىڭ يەگەندىكى ئەقىل. بىزنىڭ شەھىرىمىزدە لالما ئىت جىقمىش. نېمىسلارغا بىر فابرىكا قۇردۇرىۋالساقلا، ئاشۇ لالما ئىتلارنىڭ تېرىسىدىن ئايالچە پەلەيلەر، پەلتو ياقىسى، جۇۋا؛ قۇيرۇقلىرىدىنمۇ ئاياللار ئۈچۈن تېرە تۇماق، شەپكە، ئاچقۇچ بېغى، بېزەك بۇيۇملىرى ياسىلارمىش. لالما ئىتلارنىڭ گۆشلىرى ۋە سۆڭەكلىرىمۇ تاشلىۋېتىلمەسمىش. بۇلارمۇ قۇرۇتۇلغان يېمەكلىك زاۋۇتىدا ماشىنىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ قۇرۇتۇلارمىش، قالدۇقلىرى ھايۋانلارنىڭ يەم - خەشىكى بولارمىش. ئوغرى مۈشۈكلەردىنمۇ ئوخشاش ئۇسۇلدا پايدىلىنارمىش، »ياھ!«
يەنە ئۇ كۆرۈپ قويغان مەلۇم بىر يەردە بىر ئارىشاڭ بارمىش. ئۇ ئارىشاڭنىڭ پاتقىقى ھەر خىل يارا ۋە تېرە كېسەللىكلىرىگە ناھايىتى تېز ئۈنۈم بېرەرمىش. نېمىسلارغا بۇ پاتقاقتىن پايدىلىنىپ، ئاياللارغا گۈزەللىك، لاتاپەت بېغىشلايدىغان پەرداز بۇيۇملىرى ئىشلەپچىقىرىش تەكلىپلىرىنى بېرەرمىش. بۇلار پاتقاقنىڭ ئىچىگە خۇش پۇراقلىق نەرسىلەرنى سېلىپ، شۇنداق پىششىقلاپ ئىشلەيمىشكى، »پاتقاق پەرداز«نىڭ بىر گىرامىنى 1000 لىرادىن ساتارمىشمىز.
شەھەر مەمۇرىيىتى بىلەن توختاملىشىپ، شەھەرنىڭ ئەخلەتلىرىنى ھەقسىز توپلاپ، بۇ ئەخلەتلەر بىلەن دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئالاھىدە بىر ئارال قۇرۇپ چىقىشمۇ يەگەننىڭ تەكلىپلىرىنىڭ تەركىبىدە بارمىش. بۇ ئالاھىدە ئارالدا قىمارخانا ۋە باشقا ھەر خىل خانىلاردىن تەكىب تاپقان ساياھەتچىلىك مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنارمىش...
خوتۇنۇم بىلەن ئانام تېلېگرامما كەلگەن كۈنىلا قوللىرىنى شىمايلاپ، تاتلىق يېمەكلىكلەرنى ئېتىشتە بىر - بىرى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشۈپ كېتىشكەنىدى. ئېتىدىغان يېمەكلىكلەرنىمۇ ئۆزئارا بۆلۈشۈۋالغان: شورپىنى ئانام، كۆفتەنى خوتۇنۇم، مانتىنى ئانام، زەيتۇن ياغلىق سارمانى خوتۇنۇم، بۆرەكنى ئانام، باكلاۋانى خوتۇنۇم... ئىككىسى ئۆزئارا ئەنە شۇنداق ئىش تەقسىماتى قىلىشىۋېلىشقانىدى.
−− رايىڭدىن ھەرگىز قايتما، −− دەيتتى يەگەن ، −− ئاچ قاپچۇقنىڭ ئاغزىنى. »غاز كېلىدىغان يەردىن توخۇ ئىسىركىمەس« دەپتىكەن كونىلار. ياھ...
ئۇنىڭ دېيىشىچەم ھەر نېمە بولسا مۇشۇ بىر - ئىككى سائەتلىك »ئىش تامىقى« ئارىسىدا بولارمىش. ماڭا شېرىكلىك ھەسسىسى يۈزدە بىر بېرىلسىمۇ، يەنە مىليونېر بولۇپ كېتەرمىشمەن.
بىزنىڭ قاپچۇق قاپچۇقمۇ ئۇ، ئاغزىنى ئاچساق نېمە چىقار... ئاخىرى قاپچۇقنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ تەلتۆكۈس قۇرۇقدىدۇق. يەنىلا يەتمىدى. قەرز ئالدۇق. توغرىسى قەرزگە بوغۇلدۇق. باققالغا، قاسساپقا، كۆكتاتچىغا، سۈتچىگە، پۈتۈن مەھەللىدىكى ھۈنەرۋەن، مىلىچمالچىلارغا قەرزدار بولدۇق. ھېچقىسى يوق، مىليون - مىليونلاپ پۇل كېلىدىغۇ...
نېمىسلار يېتىپ كەپتۇ. يەگەن ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىش ئۈچۈن ئايرودرومغا كەتتى. ئۇ، ئۇلارنى ئاۋۋال مېھمانخانىغا ئورۇنلاشتۇرىدىكەن، ئاندىن ساياھەت قىلدۇرىدىكەن. كەچقۇرۇن بىزنىڭ ئۆيگە »ئىش تامىقى«غا ئېلىپ كېلىدىكەن. مەن ئۇلارنى ئۆيدە ساقلىماقتا ئىدىم. ئانام بىلەن خوتۇنۇم يەنىلا ئاشخانىدىن چىقالمايتتى. ياپىر، بۇ ساراڭلارنىڭ ئىشىنى! شۇنچە يېمەكلىك بىر باتالىيون ئەسكەرگە يېتىدىغۇ - ھە! ئىككىسى ئۆزلىرى يېتىشىپ بولالماي قوشنا ئاياللارنىمۇ ياردەمگە چاقىرىشقانىدى. بۇنىڭغا قاراپ توي داستىخىنى سېلىنىدىغاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالىسەن.
بىراق شۇنداق بولسىمۇ تېخى داستىخان نازۇ نېمەتلىرىدىن يەنە كەم - كوتىلىرىمىز بارمىش. ئۇكەم - كوتىلارنىمۇ قولۇم - قوشنىلاردىن توپلاپ تولۇقلىدۇق. ئۇلار كەچ سائەت يەتتىدە كېلەرمىش.
يەتتىدىن بەش مىنۇت ئۆتكەندە تاكسى ئىشىك ئالدىدا توختىدى. مەن ئىشىكتىن يۈگۈرۈپ چىقىپ مېھمانلارنى قارشى ئالدىم. مەرھەمەت، مەرھەمەت، مەرھەمەت... يەگەن مېنىڭ سۆزلىرىنىمنى ئۇلارغا تەرجىمە قىلاتتى. »ئاھ زووو، داستىخانغا ئولتۇرايلى - دە، دەرھال ئىش مەسلىھەتىگە كېلەيلى...« دېدى يەگەن.
بىز نېمىسلارنى داستىخانغا باشلىدۇق.
ئانام تاۋاقلارغا شورپىلارنى ئۇسۇۋاتقاندا، يەگەن ئىش مەسلىھەتىنى باشلاپ بولغانىدى.
−− بىزنىڭ بۇ يەردە، −− دەيتتى ئۇ نېمىسلارغا، −− تېخى ئىنسان قولى تەگمىگەن ناھايىتى جىق بايلىق مەنبەلىرى بار، بۇرۇن دېگىنىمدەك...
يەگەن ئانامنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن سۆزىنىڭ داۋامىنى دېيەلمىدى... ئانام تاۋاقلارغا چۆمۈچلەپ - چۆمۈچلەپ شورپا قۇياتتى. نېمىسلار قوللىرى بىلەن ۋە نېمىسچە تىللىرى بىلەن »ۋايجان، ئەمدى بولدى« دەپ تۇرسىمۇ، ئانام ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلايدىغاندەك ئەمەس ئىدى. بىزنىڭ تۈرك ئۆرپ - ئادىتىمىز بويىچە كۈتۈۋالماقچى بولۇپ، ئىززەت بىلەن:
−− يەڭلار، يەڭلار... سالامەتلىك بولسۇن... بۇنى »توي شورپىسى« دەيدۇ. يەگەن، بىلدىڭمۇ؟... يەڭلار تارتىنماي... قېنى مەرھەمەت...
ئانام سۆزلەۋېتىپ ھەدېسىلا يەگەنگە قاراپ:
−− دېگەنلىرىمنى چالا قويماي تەرجىمە قىل، ئۇلار ئاڭلىسۇن، −− دەپ ئۇنى تەرجىمە قىلىشقا ئۈندەيتتى.
بىچارە يەگەن بىر - ئىككى قېتىم تەرجىمە قىلىپ، كېيىن ئانامغا:
−− ھامما، ھېچبولمىسا بىزگە بىر ئاز ئىجازەت بېرىڭ، بىزمۇ ئىشىمىز توغرىسىدا مۇڭدىشىۋالايلى... −− دەپ يېلىنسىمۇ، ئانامنىڭ ئاغزىنى بېسىقتۇرغىلى بولىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. ئانام نېمىسلارغا تۈركچە سۆزلەشكە باشلىدى:
−− ياقتۇردىڭىزمۇ، ھە؟ دېدىمغۇ سىزگە بەك تاتلىق دەپ... توختاڭ، ھېچبولمىغاندا يەنە بىر چۆمۈچ ئۇساي...
نېمىسلار ئىككى قوللىرى بىلەن تاۋاقلارنى توسۇپ تۇرۇۋالسىمۇ، ئانام يەنە ئۇلارنىڭ قوللىرى ئارىسىدىن يول تېپىپ، چۆمۈچتىكى لىپمۇلىق شورپىنى ئۇلارنىڭ تاۋاقلىرىغا قۇياتتى. دەل مۇشۇنداق چاغدا يەگەن گەپ قىلىشقا تەملىشىپ بولغۇچە، گەپنى ئانام تارتىۋالاتتى.
−− قېنى، مەرھەمەت تارتىنماي... ياتسىراپ تۇرماڭلار بۇنداق، قورۇنماڭلار، يەڭلار، يەڭلار، −− ئانام يەگەنگە قاراپ، −− دە، ئۇلارغا يېسۇن، −− دەيتتى - دە، يەنە ئۇلارغا بۇرۇلۇپ داۋام قىلاتتى، −− بۇ يات ئۆي ئەمەسقۇ، ئۆز ئۆيىمىز دەپ بىلىڭلار...
نېمىسلار ھەقىقەتەنمۇ مەمنۇن بولۇشقانىدى. ئانامنىڭ ئۈستى - ئۈستىلەپ شورپا قۇيۇشلىرىغا چىدىيالمىدى بولغاي، قانداقلا بولمىسۇن شورپىلارنىڭ ھەممىنى ئىچىپ تۈگەتتى.
−− ھېچبولمىسا يەنە بىر ئاز ئىچكۈسى بارمىكىن، سوراپ باققىن... −− دېدى ئانام يەگەنگە.
مەن:
−− ئانا، بۇ دوست - بۇرادەرچىلىك تامىقى ئەمەس، بۇ يەردە بىز تىجارەت توغرىسىدا مەسلىھەتلىشىمىز. قوي ئەمدى. تىجارىتىمىز توغرىسىدا مۇڭدىشايلى... −− دېيىشىمگىلا، سۆزلەش نۆۋىتىنى خوتۇنۇم ئالدى. ئۇ ئالماشتۇرۇلغان تاۋاقلارغا ئۆزى ئەتكەن شوخلا مۇرابباسى، قىزىلمۇچ قىيامى سېلىنغان كۆفتىلەرنى قۇيۇش بىلەن تەڭ زۇۋانىمۇ ئېچىلدى:
−− قېنى، مەرھەمەت تارتىنماي... بۇنى بىز »باسما كۆفتە« دەيمىز. ھەر ھالدا سىلەرنىڭ تامىقىڭلارغا ئوخشىمايدۇ. ئەمما غايەت لەززەتلىك تېتىيدۇ بىزگە. ئادەمنى سەمرىتىدۇ. ياتسىراپ تۇرماڭلار بۇنداق...
خوتۇنۇمنىڭ زۇۋانى ھېچ بېسىلىدىغاندەك ئەمەس. شۇ تىجارەت تېمىسىدا بىر - ئىككى ئېغىز مۇڭدىشىۋالايلىچۇ، ھەي، ئاللا جاجاڭنى بەرگۈز خوتۇن...
خوتۇنۇم تىنىۋالغىچە، گەپنى ئانام باشلىدى:
−− سالاتنىنمۇ مەرھەمەت... تاۋىقىڭىزغا قۇيايمۇ... بۇ يەردە سۆگۈش دوماستەس، بۇ يەردە چوپان سالاتى، ئارىلاشما سالات بۇ يەردە. يەڭلار جېنىم يەڭلار. سۇمۇ، ئايرىنامۇ، سىقما مېۋە سۈيىمۇ بار...
نېمىسلار كۆفتىلەرنى ياقتۇرۇپ قالغاندەك قىلاتتى: تاۋاقلىرىدىكى كۆفتىلەرنى سىيرىپ - سۈپۈرۈۋەتكەنىدى. ئانام بىلەن خوتۇنۇم بىكار تاۋاقلارغا يېڭىدىن كۆفتە تولدۇرۇشقا تەملىشىۋېدى. ئۈچ نېمىس كۆفتە قۇيدۇرماسلىق ئۈچۈن تاۋاقلارنىڭ ئۈستىگە دۈم يېتىۋېلىشتى.
−− تاۋاقلىرىڭىزنى ئالماشتۇراي... ئەزبىرايى، سىز ھېچنەرسە يېمىدىڭىز، ئاچ قالدىڭىز... نانغا مەرھەمەت، شۇ كاسەدىكىنى بىز »سۇماك« دەيمىز... قېنى تاماققا سېپىپ - سېپىپ ئىشتىھانى ئاچىدۇ... ئاشقازانغا غايەت شىپاھلىق.
مەن ئاخىرى مېھمانلارنىمۇ ئۇنتۇپ:
−− زۇۋانىڭنى يىغ خوتۇن، يىغ! زۇۋانىڭنى يىغ بىردەم. بىز ئىككى - ئۈچ ئېغىز مۇڭدىشىۋالايلى، مېھمانلار ئەتە كېتىدۇ، −− دەپ ۋارقىرىدىم.
−− بۇ قانداق گەپ؟ −− دېدى خوتۇنۇم، −− مېھمانغا ھۆرمەت كېرەك ئەمەسمۇ؟ بولدى جىم بولدۇم مانا... −− بۇ قېتىم ئانام تاۋاقلارغا قارنىيېرىقلارنى تولدۇرۇۋاتقاچ گەپ باشلىدى:
−− ئەمدى بولارمىش تېخى... يەنە باشقا تاماقلار... ۋايجان، توختاڭ، يەنە بىر قارنىيېرىق قۇياي، ۋاييەي، ئەزبىرايى، يېمىسىڭىز بولمايدۇ، خاپا بولىمەن. ئۆيىمىزگە 40 يىلدا بىر مېھمان بولۇپ كەلدىڭلار. يەڭلار تارتىنماي، −− ئانام يەگەنگە قاراپ دېدى، −− تەرجىمە قىل دېگەنلىرىمنى، ئۇلار تارتىنماي يېسۇن.
يېمەي قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىشقان نېمىسلار ئاخىرى ئانامغا تەسلىم بولدى. تاۋاقلىرى يەنە قارنىيېرىقلار بىلەن تولدى.
−− تاۋىقىڭلارغا يەنە ئازراق سالات قۇياي... قايسىسىدىن؟... بۇ تۇرۇپ قەلەمچىسى، ناھايىتى شىپالىق... بۇ قىزىل تۇرۇپ ... بۇ سىلەرنىڭ ئۆز ئۆيۈڭلار ھېسابلىنىدۇ، تارتىنماڭلار...
ئانام بىلەن خوتۇنۇم مۇڭدىشىۋېلىشىمىزغا ھېچبىر پۇرسەت بەرمەيۋاتاتتى.
−− ئانا، توختا بىردەم، ئەمدى ئازراق تىجارەت توغرىسىدا مۇڭدىشايلى، بۇ مېھمانلار بۇ يەرگە تىجارەت مەسلىھەتىگە كەلگەن، تاماق يېگىلى كەلمىگەن.
ئانامنى جىملەشنىڭ مۇمكىنچىلىكى يوق، نەپەس ئېلىشقا تەشنا بولغان ھامان، گەپنى خوتۇنۇم باشلايتتى. نېمىسلار ئارقا - ئارقىدىن ئۇزۇتۇلغان ئايرانلارنى، مېۋە سۇلىرىنى ئاغزىغا كوركىرىتىپ قۇياتتى.
−− ئىچ، ئىچ... تاماقنى سىڭدۈرىدۇ. يەنە بىر قارنىيېرىق يېگۈڭىز بارمۇ، تارتىنماڭ...
خوتۇنۇم سۇ بۆرىكىنى پەتنۇستىن ئېلىپ تارقىتىشقا باشلىدى.
−− بازاردىن ئالالمىدىم ھە بۇنى، ئۆز قولۇم بىلەن ئەتتىم... ناھايىتى يەڭگىل. قاراڭ، مانا مۇنداق ... ئادەمنىڭ ئاغزىدا ئېرىپلا كېتىدۇ، ھەرگىز كۆڭۈلگە تەگمەيدۇ. يەنە بىر دانە ئالمىسىڭىز، ئەزبىرايى خاپا بولىمەن، سىلەر ئۈچۈن ئالاھىدە ئەتتىم.
نېمىسلار خوتۇنۇمنىڭ سۆزلىرىنى خۇددى تولۇق چۈشەنگەندەك، سۇ بۆرىكىنى جىقراق يېيىشنىڭ ئامالىنى قىلىشىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرەتتى.
−− ئىككى لوقما سۇ بۆرىكى يەپ، ئۇنىڭ ئارقىسىدىنلا ئۈچ يۇتۇمدىن ئايران ئىچىۋېتىڭلارچۇ قېنى، مانا شۇ چاغدا پۈتۈن كۈن توختىماي سۇ بۆرىكى يېسەڭلارمۇ، يېدىڭمۇ - يېمىدىمۇ، بىلەلمەيسىلەر. مەرھەمەت.... يەنە ئازراق... قاراڭ، بەك تاتلىق پىشىپتۇ.
كېلىن بىلەن قېيىنئانا بىر - بىرلىرىنى ماختاشقا باشلىدى:
−− كېلىنىم ئەتكەن سۇ بۆرىكىدىن يېيىشلىك سۇ بۆرىكى بولمايدۇ جاھاندا.
ئاخىرى يەگەن تاقەت قىلالماي:
−− يائاللا، تاماقتىن باشقا بىر نەرسە دېيىشمەيمىزمۇ ھە؟ −− دەپ ۋارقىرىدى.
خوتۇنۇم خۇددى يەگەننىڭ سوئالىغا جاۋاب قايتۇرغاندەك:
−− تېخى بۇنىڭ كەينىدە مانتا بار، −− دېدى.
سائەتكە قارىدىم، داستىخانغا ئولتۇرغىلى بىر يېرىم سائەت بولۇپتۇ. ئانام بىلەن خوتۇنۇمنىڭ مېھمانلارغا تاماق يېگۈزۈشلىرىدىن ئازراق بولسىمۇ ۋاقىت تېپىپ، تىجارەت توغرىلىق مۇڭدىشىپ باققىنىمىز يوق تېخى. ئۇلار بىزگە پۇرسەت بەرمەيۋاتاتتى... ئەستا...
−− پىلاكىدىن يەنە ئازراق ئالسىڭىز نېمە بولىدۇ دەيمەن... ۋاييەي، ئەزبىرايى، ئالمىسىڭىز بولمايدۇ، ئىككى قوشۇق بولسىمۇ پىلاكىدىن يېگۈزمەستىن قويۇپ بەرمەيمەن.
−− ۋاييەي، قۇشقاچچىلىك بىر نەرسە يېمىدىڭىز ئىگەكىم.
−− دولمادىن ئالمامسىز، مەرھەمەت مەرھەمەت، لىمونمۇ بۇ يەردە، يەڭلار، يەڭلار تارتىنماي...
نە يەگەن، نە مەن ۋە نە نېمىسلار ئاغزىمىزنى ئاچالمايۋاتاتتۇق. ئانام بىر ياندىن، خوتۇنۇم بىر ياندىن ئىززەت - ئېكراملار بىلدۈرۈپ، ئۈچ نېمىسنى تاماققا تاغارغا سامان تىققاندەك تويدۇرۇۋەتكەنىدى. شۇنداق، خۇددى سامان تىققاندەك. ئىككىسىنىڭ ھالىغا قويۇپ بەرسە، نېمىسلارنى يەرگە ئوڭدا ياتقۇزۇپ ئاغزىلىرىغا دولمالارنى زورلاپ تىقىشتىنمۇ يانمايتتى.
−− تاۋىقىڭلارنى ئالماشتۇراي... مەرھەمەت...
−− ئەزبىرايى، ئاچ قالدىڭىز...
−− بۇنداق تۇرۇۋالسىڭىز قانداق بولىدۇ، مېھماندەك تۇرۇۋالمىسىڭىزچۇ بۇنداق...
ئاھ، پۈتۈن ئەخمەقلىق مەندە... ياپىر، مەن نەدىن بىلەي بىزنىڭ ئۆرپ - ئادىتىمىز بويىچە مېھمان كۈتۈۋېلىشنىڭ بۇنداق بولىدىغانلىقىنى.
ئىككىسى »ئۇنىڭدىن ئال، بۇنىڭغا مەرھەمەت، ئەزبىرايى ئاچ قالدىڭىز، قېنى قورۇنماي يەڭلار، ياتلاردەك تۇرماڭلار بۇنداق تارتىنماڭلار، بۇ يەر ئۆز ئۆيۈڭلار، ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن...« دېيىشىشلىرىدىن كېيىن، مىڭ تەستە تاتلىق - تۇرۇملارغا نۆۋەت كەلدى.
−− بۇنىڭ ئىسمى سارىغبۇرما، −− دەيتتى خوتۇنۇم نېمىسلارغا، −− ئىچى ياڭاقلىق.. تاتلىق - تۇرۇملارنىڭ شاھى ھېسابلىنىدۇ، ھەممە ئادەم ئېتەلمەيدۇ بۇنى... مەرھەمەت مەرھەمەت...
بۇ ئۈچ نېمىسنىڭ ئەڭ بودىكى ئىچىگە سوقۇلغان ياڭاق تولدۇرۇلغان سارىغبۇرمانى چايناۋېتىپ، مونچاق - مونچاق تەرلەشكە باشلىدى. پەمىمچە ئۇلارنىڭ پۈتۈن بەدەنلىرىدە تاماق پاتقۇدەك بىكار يەر قالمىغان بولۇشى مۇمكىن، ئاغزىلىرىغا ئالغان لوقمىلىرىنى يەيتتى، چاينايتتى، كۆشەيتتى.
سائەتكە قارىۋىدىم، تاماققا ئولتۇرغىلى ئىككى يېرىم سائەت بوپتۇ. ئەمدى نېمىسلار مۇڭدىشىمىز دېسىمۇ بۇ ھاللىرى بىلەن ھەرگىز مۇڭدىشالمايتتى. كەمىرى قورسىقىنى سىقىۋالغان بولسا كېرەك، نېمىسلارنىڭ بىرى كەمىرىنىڭ تۆشۈكىنى ئۈچىنچى قېتىم يۆتكەپ، قورسىقىنى بوشاتتى. نېمىسلارنىڭ بىرىنىڭ كۆزى ئالىيىپ، تاماقنىڭ ئېغىرلىقىدىن ئۇيقۇغا كەتتى.
ئانام يەنىلا:
−− ئۆز قولۇم بىلەن ئەتتىم، باكلاۋادىن يېگۈزمەستىن قويۇپ بەرمەيمەن، مەرھەمەت، يەڭلار، −− دەپ تۇراتتى.
−− ھەي يەگەن، −− دېدىم مەن، −− بۇ تاماق بىكارغا كەتتى، مېھمانلارمۇ ئەتە بۇ يەردىن ئايرىلىدۇ، قانداق قىلىمىز ئەمدى؟
−− ئاھ زووو، −− دېدى يەگەن، −− بۇلار ئەتە كەچتە ئايروپىلانغا چىقىدۇ، ئەتە چۈشلۈك تامىقىنى بىر رېستوراندا بىللە يەيمىز، تىجارەت مەسلىھەتىنى شۇ چاغدا قىلىشىمىز. ياھ!
يەگەن شۇنداق دەۋاتقاندا، مونچاق - مونچاق تەر تۆكۈۋاتقان ھېلىقى بودەك نېمىسنىڭ بېشى ئولتۇرغان ئورۇندۇقنىڭ يۆلەنچۈكىگە تاشلىنىپ ئوڭغا قىيسىيىپ قالدى. چىرايىمۇ پىدىگەندەك كۆكىرىپ كەتتى. مەن:
−− ۋاي ئىسىت، نېمىسلارنىڭ بىرى قولدىن كەتتى، −− دەپ تۇرسام، ئانام بىر قاچا سىقىلغان گىلاس سۈيىنى كۆتۈرۈپ كىرىپ:
−− ئىچە، ئىچ، شىپاھ بولىدۇ، بەدەنگە خۇشياقىدۇ، −− دەپ مېھماننىڭ كىرىشكەن چىشلىرىنىڭ ئارىسىدىن ئاغزىغا قۇيماسمۇ! نېمىس قىمىرلىيالمىغاچقىمۇ ياكى ئاغزىغا تىرەلگەن قاچىدىكىنى دورا دەپ قالدىمۇ، تەقدىرىگە رازى بولۇپ، ئۇ بىر قاچا گىلاس سۈيىنى ئىچىۋەتتى. لېكىن قورسىقىدا پەقەتلا بىكار يەر قالمىغانلىقى ئۈچۈن، گىلاس سۈيىنى قاچىغا ياندۇرۇۋەتتى ۋە كۆك گۈلدۈرلىگەندەك كېكىرىشكە باشلىۋېدى، ئانام:
−− سالامەتلىك، شېكەر، بال بولسۇن... قارا، يارىدى، يارىدى... −− دەپ كەتتى.
خوتۇنۇم:
−− ناشتىلىقىڭلار قانداق بولسۇن؟ −− دەپ سورىشىغىلا، نېمىسلاردىن بىرى ئورنىدىن تۇرۇپ، يەگەنگە بىر نەرسىلەرنى دېدى. كېكىرىپ، چىرايى كۆكىرىپ كەتكەن ھېلىقى نېمىس ھە دەپ تەرلىرىنىي سۈرتۈۋاتاتتى. ئۈچىنچى نېمىسنى كۆرسىڭىز ھەيكەل دەپ قالاتتىڭىز. يەگەن بىلەن مەن بۇ نېمىسنىڭ قوللىرىدىن تۇتۇپ كۆتۈردۇق. ئېنىقكى، بۇ ئادەم يېگەن تاماقلارنىڭ ئېغىرلىقىنى كۆتۈرەلمىگەنلىكتىن ماڭالمايۋاتاتتى. قوللىرىنى ئىككى ياندىن مۈرىمىزگە ئارتىلدۈرۈپ ئېلىپ ماڭدۇق. پەلەمپەيلەردىن چۈشۈشى ئاسانغا توختىمىدى. كېتىۋېتىپ يەگەن نېمىسلاردىن »ئەتە رېستوراندىكى چۈشلۈك تاماقتا تىجارەت توغرىسىدا مۇڭدىشايلى« دەپ ۋەدە ئالدى. نېمىسلارنى ئىشىك ئالدىدا ئۇزىتىۋېتىپمۇ ئانام بىلەن خوتۇنۇم يەنىلا گەپ ياغدۇرۇشقا باشلىدى:
−− بۇنى ھېساب قىلمايمىز، يەنە مەرھەمەت، تاماققا كۈتىمىز.
−− ئەزبىرايى ئاچ قالدىڭىز.
−− نېمە يېدىڭىزكى، ھېچنېمە...
يەگەن نېمىسلارنى مېھمانخانىغا ئاپىرىپ قويۇش ئۈچۈن ئۇلارنى بىر تاكسىغا چىقىرىپ، ئۆزىمۇ ئۇلار بىلەن بىللە كەتتى. مەنمۇ ئۆيگە كىرىپ ئانام بىلەن خوتۇنۇمغا دېمىگەنلىرىم قالمىدى. ئەمما ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەتكەن - قىلغانلىرىنى تەن ئالىدىغاندەك ئەمەس ئىدى.
−− نېمە يامىنى؟ −− دەيتتى ئانام، −− مېھمان دېدىڭىز، ئېلىپ كەلدىڭىز، غەربلىكلەرنى ياخشىراق كۈتۈۋالمىساق بولامدۇ؟ ياخشى كۈتۈۋالمىساق، كېيىن ئارقىمىزدىن نېمىلەرنى دېمەيدۇ.
−− بىز ئۆرپ - ئادىتىمىز قانداق بولسا، شۇنداق قىلدۇق، −− دەيتتى خوتۇنۇممۇ، −− پەقەت تىرىشىپ - تىرمىشىپ تاماقلار، تاتلىق - تۇرۇملار ئەتتۇق، رەھمەت ئېيتىپ »قولىڭىزغا دەرد كەلمىسۇن« دەپمۇ قويمىدىڭىز، يەنە تېخى ۋارقىراپ - جارقىراپ تۇرۇۋاتىسىز. نېمىسلار تۈرك ئۆيىگە قىرىق يىلدا بىر قېتىم ئاران بىر مېھمانخانىغا كەپتۇ، ئۇ ئادەملەرنى ئاچ يولغا سالاتتۇقمۇ؟
ئانام ۋە خوتۇنۇم بىلەن قىزىرىشىپ قالدىم.
ئەتىسى يەگەن بىلەن ئۇلارنى چۈشلۈك تاماققا رېستورانغا ئاپارماقچى بولۇپ، ئۇلار چۈشكەن مېھمانخانىغا بارغىنىمىزدا نېمىسلارنى تاپالمىدۇق. ئۇقۇشىمىزچە، نېمىسلارنىڭ بىرى يېرىم كېچىدىن ئاشقاندا تېز قۇتقۇزۇش ماشىنىسى بىلەن »تۇنجى ياردەم دوختۇرخانىسى«غا ناھايىتى تەستە ئېلىپ بېرىلىپتۇ. يەنە بىرىنىڭمۇ دوختۇرخانىغا بارغۇدەكمۇ ماجالى يوقمىش. دورا ئەكەلدۈرۈپ مېھمانخانىدا ئاشقازىنىنى يۇيۇپ تازىلاپتۇ. ئۈچىنچى نېمىس بۇ ئەتراپتا ھېچ كۆرۈنمەيتتى. ئۇنىڭ قەيەردە ۋە نېمە بولغانلىقى ھېچ ئېنىق ئەمەس.
−− ئاھ زووو، بۇ ئىش سۇغا چىلاشتى مانا... ياھ! −− دېدى يەگەن.
مەنمۇ ئۇنىڭدىن ئۆگىنىپ قالغان ئوخشايمەن، ئۇنىڭدەك:
−− ياھ ! −− دېدىم.
دۇنيانىڭ دانىشمىنى يەگەنمۇ گېرمانىيەگە قايتىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن. شۇ كۈندىن كېيىن ئۇنى قايتا ئۇچرىتالمىدىم.
مىليون يۈەنلىك پۇل تاپىدىغان تىجارىتىمىز ئەنە شۇنداق سۇغا چىلاشتى. لېكىن بۇ ئۈچ نېمىسقا تۈرك ئۆرپ - ئادىتىگە خاس مېھماندوستلۇقىمىزنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ قويدۇق. ئەمما، بولغۇلۇق ماڭا بولدى: نېمىسلارغا زىياپەت ئۈچۈن بوغۇلغان قەرزلىرىمنى ئالتە ئايدا ناھايىتى تەستە تۆلەپ بولدۇم.
(ئاپتورنىڭ «سىلەرنىڭ مەملىكەتتە ئېشەك يوقمۇ؟» ناملىق توپلىمىدىن )
|
بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------