ئاپتورى: نەجىپ مەھبۇز (مىسىر)
تەرجىمە قىلغۇچى: ئوسمانجان مۇھەممەت ئاخۇنباي
(ھېكايە)
ئۇلار بەختىيارلىق ئىلكىدە ئۆيگە كىرىپ كەلدى.
ئۇلار مۈرىدەشكىنىچە چىرايلىق ئاسما چىراغنىڭ ئاستىدا تۇرغان ئۆيدىكى نەرسىلەرگە تەپسىلىي كۆز يۈگۈرتتى. ئەر ساپا بىلەن رادىئو، تېلېۋىزور، سىنئالغۇ تۇرىدىغان ئىشكاپ ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىققا بەكرەك سىنچىلاپ قارىدى. ئۇ بۇلۇڭدىكى توڭلاتقۇنى كۆرۈپ قاتتىق مەيۈسلەندى. ئەسلىدە ئۇلار يېڭى ئۆي بۇرۇنقى ئۆيدىن چوڭ بولسىكەن، دېگەن ئۈمىدتە ئىدى.
— يېڭى ئۆيىڭىزنى تەبرىكلەيمەن، سۆيۈملۈكۈم!
— سىزنىمۇ تەبرىكلەيمەن، سۆيۈملۈكۈم! ئانىڭىزنىڭ ئۆي جابدۇشقا بەك ئېپى بار جۇمۇ.
— مېنىمۇ سەل چاغلىماڭ! — ئۇ ئايالىنىڭ مەڭزىگە سۆيۈپ تۇرۇپ، — بۇ ئۆيگە ئېرىشەلىگەندىكىن راستتىنلا تەلەيلىك ئىكەنمىز، — دېدى.
— شۇنداق.
— ھوي، ئۈممە ئابدۇللا قەيەردىدۇ؟
— يا ئاشخانىدا، يا بولمىسا مۇنچىدىدۇ.
— سىزنىڭچە ئۇ ئىشەنچىلىكمىدۇ؟
— تامامەن ئىشەنچلىك. ئۇ ئون يېشىدىن تارتىپلا ئانامغا ھەمراھ بولۇپ كېلىۋاتىدۇ.
— كېيىنچە بىزنىڭ ئۆيىمىزگە قارايدۇ. خوجىدار بولغاندىكىن، ئۆيدە بىزدىن كۆپرەك تۇرىدىغان گەپ.
— بىزگە ئۇنىڭدەك خوجىدارنىڭ بولغىنى ياخشى.
— خوجىدار بولمىسا، بۇنداق ياسىداق ئۆينىڭ نېمە راھىتى بولسۇن؟
— راست دەيسىز، مۇشۇنداق چاغدا، ئۇ...
ئۇ بىر نەرسىنىڭ ھىدىنى ئالغاندەك بولۇپ:
— سىزگە بىر نەرسە پۇرىمايۋاتامدۇ؟ — دېدى ئېرىگە قاراپ ئەنسىزلىك بىلەن.
— راست، بىر نەرسە پۇراۋاتىدىغۇ! — دېدى ئېرىمۇ ئۆي ئىچىنى ھىدلاپ بېقىپ.
— توغرا، قورۇما ھىدى.
ئۇلار تۇشمۇتۇشتىن ھېلىقى پۇراقنى ئىزلىدى، ئورۇندۇق، ساپانىڭ ئاستىغا قارىدى.
— ساپانىڭ ئاستىدا قازان تۇرىدۇ! — دېدى ئېرى ھەيران بولۇپ.
— قازان؟ ساپانىڭ ئاستىدا؟!
ئەر ساپا ئاستىدىن قازاننى تارتتى.
— مېھمانخانىدا قازان نېمىش قىلىدۇ؟ — دېدى ئۇ غۇدۇراپ.
— ئېچىغان تاماقنىڭ پۇرىقى، نېمە ئىش بۇ؟
— ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ! — ئەر ئالىقانلىرىنى بىر-بىرىگە ئۇرۇپ قويدى.
— ئۈممە ئابدۇللا! — چاقىردى ئايال.
گۈرسۈلدىگەن ئاياغ ئاۋازى بىلەن تەڭ تۇلۇمدەك سېمىز،پەتەك بىر ئەر ئۆيگە كىرىپ كەلدى. ئۇنىڭ بېشى يوغان، بوينى بۇقىنىڭكىدەك توم بولۇپ، كۇپقا ئوخشايتتى. ئورا كۆزلىرىدىن ئاڭقاۋلىقى چىقىپ تۇراتتى. ئۇ ئۇچىسىغا قارا كۆڭلەك، ماتا شىم، پۇتىغا رېزىنكە ئاياغ كىيىۋالغانىدى. ئۇ ئەر-خوتۇن ئىكىيلەنگە پەرۋاسىز قاراپ تۇراتتى. يېڭىلا توي قىلغان ئەر-خوتۇن كۆزلىرىگە ئىشەنمەي ھاڭ-تاڭ بولۇپ تۇرۇپ قالدى. ئۇلار بىر-بىرىگە بېقىشتى، ئاندىن تەڭلا ئالدىدىكى دەلتىنىڭ چىرايىغا شۈبھىلىك تىكىلدى.
— سەن... سەن كىم؟ — سورىدى ئايال خوجايىن. ئۇ ھېچنېمىنى ئاڭلىمىغاندەك زۇۋان سۈرمىدى.
— ھوي، سەن نېمە ئادەم؟ — دېدى ئەر خوجايىن ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ.
ئۇ بۇرۇلۇپ، ئەر خوجايىنغا خېلىغىچە تىكىلىپ تۇرغاندىن كېيىن، بوش ئاۋازدا گۇڭۇلدىدى:
— مەن ئۈممە ئابدۇللانىڭ ئوغلى.
— سېنى بۇ ئۆيگە كىم كىرگۈزدى.
— ئۇ مەن يوق چاغدا ئۆيگە قاراپ تۇر دېگەن.
— ئۇ ئۆيدە يوقمۇ؟
— ئۇ تانتا بازىرىغا ھەر يىلى سەئىدنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلىدىغان يىغىلىشنى كۆرگىلى كەتتى.
— قاچان كەتتى؟
— ئەتىگەن.
— بىزگە دېمەي، سورىمايلا كېتىپتۇ، — دېدى ئايال خوجايىن نارازى بولۇپ.
ئۇ ھاڭۋاقتىلارچە ئۇلارغا قاراپ تۇرۇۋەردى.
— ئۇ قاچان قايتىپ كېلىدۇ؟ — دەپ سورىدى ئەر خوجايىن.
— بىلمەيمەن.
— سەن بايا نېمە ئىش قىلىۋاتاتتىڭ؟
— ھېچ ئىش قىلمىدىم.
— ئۆي ئىشلىرىنى قىلالامسەن؟
— قىلالمايمەن.
— خىزمىتىڭ بارمۇ؟
— يوق.
— ئەمىسە، قانداق جان باقىسەن؟
— يەيمەن، ئۇخلايمەن.
ئەر خوجايىن ئۈمىدسىز خورسىنىپ سورىدى:
— ھېچ ئىش قىلالمايدىغان تۇرساڭ، ئاناڭ نېمىدەپ سېنى بۇ يەرگە ئەكەلدى؟
— مەن يوق چاغدا تۇرۇپ تۇرسۇن، دەپ.
— لېكىن بۇ يەردە ھەممە ئىشنى ئاناڭ قىلىدىغان تۇرسا.
— مەن كەلگۈچە تۇرۇپ تۇر دېگەنىدى.
ئەر خوجايىن قازاننى كۆرسىتىپ ئاچچىق بىلەن سورىدى:
— بۇ قازاننى كۆرمىگەنمىدىڭ؟
— ئېسىمدە يوق، — دېدى ئۇ قازانغا ھاڭۋاقتىلارچە قاراپ قويۇپ.
— يېسىۋىلەك يېمىدىڭمۇ؟
— يېدىم.
— مۇشۇ ئۆيدە يېدىڭ، شۇنداقمۇ؟
— ئېسىمدە يوق!
— كېيىن قازاننى ساپانىڭ ئاستىغا تىقىۋەتتىڭ، شۇنداقمۇ؟
— بۇ قازاننى ئىزدەپ يۈرگىلى نەۋاخ! ئەسلىي بۇ يەردىكەندە، — دېدى ئۇ خۇشاللىق بىلەن.
— قۇرۇق گەپلىرىڭنى قوي، — دېدى ئەر خوجايىن غەزەپتىن يېرىلغۇدەك بولۇپ، — سېنى قوغلاپ چىقارماي، ئۆزۈڭنى بىلىپ كېتىۋال! — ئۇ قولى بىلەن ئىشىكنى كۆرسەتتى.
پەتەك ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ كىرگەن تەرەپكە ماڭدى. ئەر خوجايىن ئۇنىڭ ئالدىنى توسۇپ سىرتقا چىقىدىغان كارىدورنى كۆرسەتتى. ئۇ قەدەملىرىنى ئاڭسىز يۆتكەپ چىقىپ كەتتى. ئەمما ھايال ئۆتمەيلا يەنە كىردى:
— ئۇ سىرتقا چىقىدىغان ئىشىك ئىكەن.
— بىلىمەن.
— مېنى ھەيدىۋەتمەكچىمۇ؟
— سېنىڭ لازىمىڭ يوق.
— ئانام ماڭا مەن كەلگۈچە تۇرۇپ تۇر، دېگەن!
— ئۆينىڭ ئىگىسى مەن!
— مەن ئانامنىلا تونۇيمەن!
— بۇ يەردە تۇرۇۋېرىمەن دەمسەن؟ — دەپ ۋارقىرىدى ئايال خوجايىن.
— ئانام كەلگۈچە ساقلاپ تۇرىمەن! — دېدى ئۇ قەتئىيلىك بىلەن.
ئايال نېمە قىلارىنى بىلەلمەي ئېرىگە قارىدى. ئەر تاقەت قىلىپ تۇرالمىدى. ئۇ ئۆز مەجبۇرىيىتىنى ئۆتەش كېرەكلىكىنى ھېس قىلدى. ئۇنى خورما دەرىخى دېسەك ئۇنىڭ ئالدىدا ئەر خوجايىن خورما دەرىخىنىڭ يۇمران نوتىسىغا ئوخشايتتى. ئەر خوجايىن غەزەپ بىلەن ئۇنىڭغا ھۆركىرىدى:
— بۇ يەردىن يوقال!
— ئانام مەن كەلگۈچە ساقلاپ تۇر، دېگەن!
— ئەزمىلىك قىلماي، كۆزۈمدىن تېز يوقال!
— مەن كەتمەيمەن، كەتكۈڭ بولسا ئۆزۈڭ كەت!
ئەر خوجايىننىڭ ئەرۋاھى قىرىق گەز ئۇچتى-دە، ئېتىلىپ بېرىپ پەتەكنى بار كۈچى بىلەن ئىتتىردى. پەتەك تەۋرەپمۇ قويمىدى. پەتەك مۈرىسى بىلەن شۇنداقلا تۈرتۈۋىدى، ئەر خوجايىن ئۆينىڭ بىر بولۇڭىغا ئۇچۇپ بارغان پېتى شىرە بىلەنلا قوشۇلۇپ يىقىلدى. ئاندىن ئاغزىنى بۇزۇپ، ئىتتىك ئورنىدىن تۇردى، ئەمما ئېلىشىشقا پېتىنالمىدى. ئايال خوجايىن يۈگۈرۈپ بېرىپ كوچا تەرەپتىكى دېرىزىنى ئاچتى-دە، »قۇتقۇزۇڭلار« دەپ جېنىنىڭ بارىچە ۋارقىرىدى.
ئۇشتۇمتۇت دېرىزىگە خىش پارچىلىرى ئېتىلىشقا باشلىدى. بىرقانچە پارچە خىش ئۆيگە چۈشتى. ئەر-خوتۇن دەرھال ئۆزلىرىنى دالدىغا ئالدى. ئۇلار قورقوپ دىر-دىر تىترەيتتى.
— ھەممە ئادەم ساراڭ بوپتۇ، — دېدى ئايال خوجايىن لاغىلداپ تىترەپ تۇرۇپ ئۆز-ئۆزىگە، — ئۇلاردىن ياردەم تىلەۋاتساق، خىش ئاتقىنى نېمىسى؟
پەتەك گەپ قىلماستىن كېلىپ ئۆرۈلۈپ كەتكەن شىرەنى كۆتۈرۈپ بار كۈچى بىلەن سىرتقا تاشلىۋەتكەندىن كېيىن، دېرىزىنى ئېتىۋەتتى.
— نېمە ئىش قىلىۋاتىسەن؟ — دەپ ۋارقىرىدى ئەر خوجايىن.
— داۋاملىق ئېلىشىۋاتىمىز — دېدى ئۇ جايىغا كېلىپ، — بىز ھامان يېڭىمىز!
— ئېلىشىۋاتىمىز؟
— بىز ھامان يېڭىمىز.
— نېمىدەپ ئۆيىمىزنى جەڭ مەيدانى قىلىۋالىسەن؟ — غەزەپ بىلەن سورىدى ئايال خوجايىن.
— گۇناھ ئۇلاردا، دېرىزە تۈۋىگە كەلسەملا چىشىمغا تېگىدۇ. مەن ئۇلارغا تەخسە ئاتىمەن، ئارقىدىن ئۇلار خىش ئاتىدۇ...
— سەن كوچىدىكى ئادەملەرنى بىزگە دۈشمەن قىلىۋەتكەن ئوخشايسەن!
— كارىڭلار بولمىسۇن!
— خالىغىنىمنى قىلىمەن دەيدىغانغا بۇ سېنىڭ ئۆيۈڭ ئەمەس.
— بايا دېدىمغۇ، ئۇلار يولسىزلىق قىلىۋاتىدۇ.
— نەرسىلىرىمىزنى بۇزۇپ چېقىپ، بىزگە زىيان سالدىڭ.
— ئۆيۈڭلارنى قوغداۋاتساق، بىزگە مۇشۇنداق رەھمەت ئېيتامسىلەر.
— كۆپ رەھمەت، ئەپەندى، ئەمدى بۇ يەردىن چىرايلىقچە كېتىۋال.
ئۇ مۈرىسىنى كۆتۈرۈپ قويۇپ، دەرۋازىغا قاراپ ماڭدى-يۇ، يەنە شاققىدە بۇرۇلۇپ قايتىپ كەلدى-دە، قازاننى ھېلىقى يەردىن ئاستا ئېلىپ ھېچ ئىش بولمىغاندەك ئىچكىرىگە كىرىپ كەتتى.
— جېنىمىزنى قۇتقۇزايلى! — دېدى ئايال خوجايىن ئېرىگە پىچىرلاپ. ئېرى تېلېفون تۇرۇپكىسىنى ئېلىپ نومۇرنى بېسىشقا باشلىدى. ئەمما »ھېچقانداق ئاۋاز يوققۇ« دېگىنىچە تېلېفوننى ئاچچىق بىلەن قويۇپ قويدى.
— ۋاي خۇدايىمەي!
— چوقۇم ئۇ بۇزۇۋەتكەن گەپ، رادىئو بىلەن تېلېۋىزورنىمۇ بۇزۇپ قويدىمۇ تېخى.
— يېڭى ئۆيىمىزگە ئاپەت تەگدى. بىرەر ئامال قىلايلى.
— ساقچى ئىدارىسىغا بارايلى.
— بىز بولمىساق، ئۇلار ئۆينى ۋەيران قىلىدۇ.
— باشقا ئامال يوق!
ئۇلار دەرۋازىغا قاراپ ماڭدى، ئەمما تاقاقلىق بولغاچقا قايتىپ كەلدى. ئەر ئاچقۇچنى ئىزلەشكە كىرىشتى، تېخى بايىلا ئۈستەلدە تۇرغان ئاچقۇچ ئەمدى كۆرۈنمەيتتى.
— ئىپلاسلار! — دېدى ئېرى غۇدۇراپ.
— بىز سولىنىپ قاپتۇق.
— ئەمدى ئۇنىڭ دېگىنىگە بويسۇنىدىكەنمىز، قاچانغىچە سولىنىپ تۇرارمىز؟ — بۇ ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس.
تۇيۇقسىز ئاشخانىدىن ئاياغ ئاۋازى، قاچا-قۇچىنىڭ تامغا تېگىپ سۇنغان ئاۋازى ۋە توۋلىغان ئاۋازلار ئاڭلاندى. ئەر-خوتۇن نېمە ئىش بولغانلىقىنى ئۇقۇپ بولغۇچە پەتەك بىرى بىلەن پومىداقلىشىپ كىرىپ كەلدى. ئۇلار قاتتىق مۇشت ئېتىشاتتى. بەزىدە تۇرۇپ بۇ ئۇنى بېسىۋالسا، تۇرۇپلا ئۇ بۇنى بېسىۋالاتتى. ئاخىر پەتەك ھېلىقى ئادەمنى ئاستىغا مەھكەم بېسىۋالدى ھەم قىن-قېنىغا پاتماي ۋارقىرىۋەتتى:
— يەڭدىم! مەن يەڭدىم!
پەتەك ئورنىدىن تۇردى، يەنە بىرىمۇ تۇردى، ئاندىن دوستلۇق مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگەن ئىككى تەنھەرىكەتچىدەك قول ئېلىشىپ قويدى. ئۇلار توساتتىن ياش ئەر-خوتۇننى كۆرۈپ، بىر پەس سوغۇق نەزەر سېلىپ تۇردى. ئۆينى گۆرىستان جىمجىتلىقى باستى. بۇ خىل كەيپىيات ئادەمنىڭ دېمىنى سىقاتتى. ئەر خوجايىن بىردەمدىن كېيىن ئېسىنى يىغىپ خوجىدارنىڭ ئوغلىدىن سورىدى:
— بۇ كىم؟
— دوستۇم.
— ئۇ بايا مۇشۇ يەردىمىدى؟
— ھەئە!
— بۇ يەردىلىكىنى ئاناڭ بىلەمدۇ؟
— ياق.
— ئۇنى نېمىدەپ خەقنىڭ ئۆيىگە باشلاپ كەلدىڭ؟!
— مەن يالغۇزلۇقنى خالىمايمەن، بىز يەنە مەشق قىلمىساق بولمايدۇ.
— كاللاڭ جايىدىمۇ؟
— بىز بازاردا ماھارەت كۆرسەتمەكچى، مەشىقنى ئۈزۈپ قويساق بولمايدۇ.
— سەن ئۆزۈڭنى بۇ ئۆينىڭ خوجايىنى دەيدىكەنسەن-دە؟
— ياق، مېنىڭ بۇ يەردە تۇرغۇم يوق.
— ئۇنداق بولسا ئۆيىمىزدىن چىرايلىقچە كېتىۋال! — دېدى ئايال خوجايىن.
— ئانام مەن كەلگۈچە تۇرۇپ تۇر، دېگەنىدى.
— نېمىشقا دەرۋازىنى تاقىۋالدىڭ؟ بىز چىقىپ كېتەلمەيۋاتىمىز، — سورىدى ئەر خوجايىن.
— ئانام بازاردىن كەلگۈچە...
— بىراق بىز ھازىر چىقىپ كەتمەكچى.
— قەيەرگە؟
— پەرۋاردىگارىم، نېمە كارىڭ، بۇ ئۆزىمىزىڭ ئەركى.
— كىم سىلەرنى بۇ ئۆينىڭ ھەقىقىي ئىگىسى دەپ ئىسپاتلىيالايدۇ؟
— سەن بىزدىن گۇمانلىنامسەن؟
— ئانام بازاردىن كەلگۈچە مۇشۇ يەردە تۇرۇشۇڭلار كېرەك.
— سەن ئەقەللىي قائىدە-يوسۇننى ئۇنتۇپ قالما، — دېدى ئەر خوجايىن غەزەپتىن چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ.
— ئۇ مەن بىلەن مۇسابىقىلەشمەكچى ئىدى، كىمنىڭ يەڭگەنلىكىنى ئۆز كۆزىڭىز بىلەن كۆردىڭىز، — دېدى پەتەك ھەمراھىنى كۆرسىتىپ.
— غەلۋەڭنى، بۇزغۇنچىلىقىڭنى كۆرۈپ تويۇپ كەتتىم.
— ئويۇنىمىزنى كۆرۈپ خۇشال بولمىدىڭىزمۇ؟
— مەن خاتىرجەملىككە موھتاج.
— ناخشا-ئۇسسۇلنى ياخشى كۆرمەمسىز؟
— ناخشا-پاخشا دېگەن نېمە ئۇ؟
— بىزنىڭ ئوركېستىرىمىز بار، ئۇسسۇلچى قىز بىلەن مۇزىكانتلار ئاشخانىدا كۈتۈپ تۇرۇشىدۇ.
— نېمە دېدىڭ؟ — دەپ ۋارقىرىدى ئەر-خوتۇن تەڭلا.
— ئۇلار ئىشەنچلىك ئادەملەر.
— سەن بۇ ئۆينى چېركاۋغا ئايلاندۇرۇۋەتتىڭغۇ!
— سەن نېمىشقا يولسىزلىق قىلىپ ئىشنى مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىسەن؟
— سېنىڭ قىلغانلىرىڭ ئورۇنلۇقمۇ تېخى؟
— مەن دۇنيادا ناخشا-ئۇسسۇلنى ياقتۇرمايدىغان، خۇشاللىقتىن بىزار ئادەملەرنىڭ بارلىقىنى ئويلىماپتىكەنمەن.
ئۇ مەنسىتمىگەن ھالدا مۈرىسىنى كۆتۈرۈپ قويدى-دە، ھەمراھىنى قولتۇقلاپ ئىچكىرىگە كىرىپ كەتتى. ئەر-خوتۇن غەزەپ ۋە ئۈمىدسىزلىك بىلەن بىر-بىرىگە قارىشىپ قالدى. تۇيۇقسىز داپ ۋە نەي ساداسى، ئۇسسۇلغا چۈشكەن ئاۋاز ئاڭلاندى. تېخى بىرى بوغۇق ئاۋازدا ناخشىمۇ ئېيتىۋاتاتتى:
گىلباغ، ھەي گىلباغ
گۈزەل قىزسەن، زىلۋا
يۇمران بارماقلىرىڭ ئارا
ئالتە ئۈزۈك چاچار زىيا
— مەن ئېلىشىپ قېلىۋاتىمەن! — دېدى ئايال توۋلاپ.
ئەر دادىل ھالدا دېرىزە تەرەپكە ماڭدى. ئايال ئېرىنى ئاگاھلاندۇردى:
— خىشقا ھېزى بولۇڭ!
— ئۇلار بۇ كەمگىچە كەتكەندۇ! خەق ئاۋازىمىزنى ئاڭلىسۇن! — دېدى ئۇ دېرىزىنىڭ تۇتقۇچىنى تۇتۇپ تۇرۇپ. دېرىزە ئەمدىلا ئېچىلىشىغا خىش-كېسەكلەر ئوقتەك يېغىپ كەتتى. ئۇ دېرىزىنى ئىتتىك يېپىپ، ئاغزىنى بۇزۇپ قارغاپ تىللىۋەتتى. ئاندىن:
— ئامال قىلالماسمىزمۇ؟ — دېدى ئۆز-ئۆزىگە، ئاۋازىدىن بىر خىل ئۈمىدسىزلىك چىقىپ تۇراتتى.
— بىزنى قارا باستى، — دېدى خوتۇنى پىچىرلاپ.
— ئامال ھامان تېپىلىدۇ.
— شۇنداق، ئامال تېپىش كېرەك.
ئەر بىردەم ئويلانغاندىن كېيىن يەنە:
— لېكىن نېمە ئامال قىلارمىز؟ — دەپ سورىدى.
— بىز بۇ يەردە شېرىن ئايلىرىمىزنى چەكسىز بەخت ئىچىدە ئۆتكۈزىدىغان بولدۇق، دەپ ئوپلاپتىكەنمەن.
— بۇ ئالۋاستىلارنىڭ كاساپىتىدىن قۇتۇلالمىغۇدەكمىز.
— چوقۇم ئۇلاردىن قۇتۇلۇشىمىز كېرەك.
— شۇنداق، قانداق قىلغاندا ئۇلاردىن قۇتۇلارمىز؟
— دەرۋازا تاقاقلىق، تېلېفون بۇزۇق، دېرىزىنى ئاچساق خىش-كېسەك...
— ئۆزىمىزگە تايانماقتىن باشقا ئامال يوق ئوخشايدۇ.
— ئۇلارغا كۈچىمىز يەتمەيدۇ.
— ئەمما، پەم ئىشلەتسەك بولىدۇ!
— توغرا، پەم ئىشلىتەيلى.
— ئۇلارنى ئاشخانىغا سولاپ قويغىلى بولارمۇ؟
— ئاشخانىدىكى ئەھۋالنى بىلىپ باقايلى.
— مەن كىرىپ قەھۋە قاينىتاي، — ئەر ئىككىلەنمەيلا ئۆيدىن چىقىپ كەتتى ۋە قەھۋە كۆتۈرگىنىچە قايتىپ كىردى.
— نېمىنى كۆردىڭىز؟ — دەپ سورىدى خوتۇنى ئالدىراپ.
— ئاشخانىنىڭ ئىشىكى ئوچۇق ئىكەن، نەيچى ئىشىككە ئارقىسىنى قىلىپ يەردە ئولتۇرۇۋاپتۇ، — دېدى ئېرى پەرىشان ھالدا، — ئەمما پۈتۈنلەي ئۈمىد يوق دېگىلى بولمايدۇ.
— راستمۇ؟
— ئىشكاپنىڭ ئۈستىدىن ئاشخانىنىڭ ئاچقۇچىنى ئېلىۋالدىم.
— دەرۋازىنىڭ ئاچقۇچىنى تاپالمىدىڭىزمۇ؟
— ئۇ ئۇنچە دۆت ئەمەسكەن، ئەمما...
— نېمە بولدى؟
— ئۇلار بولۇشىغا ئىچىۋاتىدۇ.
— ئەمىسە ئۇلار غەرق مەست بولسۇن.
— توغرا، شۇ چاغدا قول سالايلى.
— ئۇلار مەست بولسا بىزگە پايدىلىق بولغان بىلەن مەستلىك ئۇلارنى تېخىمۇ ئەسەبىيلەشتۈرۈۋاتىدۇ.
— توغرا، ئۇلار تېخىمۇ ئەسەبىيلىشىدۇ، لېكىن ئۇخلاپ قالسىلا ھېچنېمىنى تۇيمايدۇ.
— تۈن نىسبىگىچە ساقلايلى.
— كەچمۇ بولۇپ قالدى.
— ئۈممە ئابدۇللا قاچان كېلەر؟ — دەپ سورىدى ئايال بىزارلىق ئىلكىدە.
— بازار تۈگىگەندە!
— بازار قاچان تۈگەيدۇ؟
— بىلمەيمەن.
ئايال تەشۋىش ئىچىدە ئۇيان-بۇيان ماڭدى. شۇ چاغدا ئىختىيارسىز توڭلاتقۇغا قاراپ قالدى. قانداقتۇر بىرنەرسە ئۇنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئۇ توڭلاتقۇغا يېقىنراق باردى.
— توڭلاتقۇنىڭ جازىلىرىنى تاشلىۋېتىپتىغۇ، توۋا! — دېدى ھەيرانلىقتا. ئۇ توڭلاتقۇىڭ ئىشىكىنى ئېچىشىغا بىر ئادەم ئۇنىڭ ئىچىدىن يەرگە دۈم چۈشتى.
ئايال قورققىنىدىن چىرقىرىۋەتتى. ئۇ لاغىلداپ تىترەيتتى. ئەر يۈگۈرۈپ كېلىپ ئايالىنى قۇچاقلىۋالدى ۋە ئەنسىزلىك بىلەن يەردىكى ئادەمگە قارىدى. سەل ئېڭىشىپ ھېلىقى ئادەمنىڭ چىرايىغا قاراپ توۋلىۋەتتى:
— ئۈممە ئابدۇللاكەنغۇ!
ئۇ ئايالىنى ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ، خوجىدارغا سەپسېلىپ قارىدى، ئۇنى تۇتۇپ كۆرۈپ، بوش ئاۋازدا:
— ئۆلۈپتۇ! — دېدى.
دەل شۇ پەيتتە پەتەك بىلەن ھەمراھلىرى ئۆيگە ئۈسسۈپ كىردى.
— غەلۋە قىلماڭلار، — دېدى ئۇ.
پەتەك ئەر-خوتۇنغا، ئاندىن يەردە ياتقان جەسەتكە قارىدى:
— بۇ نېمە؟ — دەپ سورىدى ئۇ. ھېچكىم جاۋاب بەرمىگەندىن كېيىن ئەرگە قاراپ ۋارقىرىدى، — ئېيتە.
— بىر ئايالنىڭ جەسىتىكەن... — دېدى ئەر غەزىپىنى بېسىۋېلىپ.
— جەسەت؟
— شۇنداق.
— بۇ ئۆيمۇ ياكى قەبرىستانلىقمۇ؟
— بۇرۇن ئۆي ئىدى، ھازىر قەبرىستانلىق بولۇپ قاپتۇ!
— بۇ جەسەت قەيەردىكەن؟
— توڭلاتقۇدا.
— ئىككىڭلار ئادەم گۆشى يەمسىلەر! — دېدى پەتەك بىلەن چېلىشقان ئادەم.
— ئۇنى باشقىلار ئولتۇرۇپ، ئىشكاپقا سېلىپ قويغانىكەن! — دېدى ئەر خوجايىن يېرىلغۇدەك بولۇپ.
— ئۇنى نېمىشقا ئۆلتۈردۈڭ؟ — دېدى پەتەك مەستخۇش كۆزلىرىنى پارقىرىتىپ.
— بىز كېلىشتىن ئىلگىرىلا ئۆلتۈرۈلگەنىكەن.
— سېنىڭچە ئۇنى كىم ئۆلتۈرگەندۇ؟
— بۇ گەپنى مەن سورىسام بولىدۇ! بىزدىن بۇرۇن ئۆيدە سەن بار ئىكەنسەنغۇ؟
پەتەك ھەمراھلىرىغا قاراپ دېدى:
— قاراڭلار بۇنىڭ ھىيلىگەرلىكىنى؟ ئۇ ئادەم ئۆلتۈرۈپ، يەنە قاتىلنى ئىزلەۋاتىدۇ، — دېدى نەيچى.
— ئۇ ساراڭ ئىكەن، بۇنداق ئىشنى قىلغان ئادەمنىڭ نېرۋىسى جايىدا ئەمەس، — دېدى داپچى.
— ئۇ جەسەتنى ئىشكاپقا يوشۇرۇپ قويۇپ، كۈركە توخۇغا ئايلاندۇرماقچى ئىكەن-دە! — دېدى ئۇسسۇلچى قىز.
— ئۆلگۈچىنىڭ چىرايىغا ئوبدانراق قاراپ باقە، — دېدى ئەر خوجايىن پەتەككە.
— ئۇنىڭ كىملىكى بىلەن كارىم يوق.
— ئۇ سېنىڭ ئاناڭ!
پەتەكنىڭ ھەمراھلىرى پاراقلاپ كۈلۈۋېتىشتى.
— ئۇ ئۈممە ئابدۇللانىڭ جەسىتى! — دېدى ئەر خوجايىن ۋارقىراپ.
— ئانام بازارغا كەتتى، — دېدى پەتەك پەرۋاسىزلا.
— ئۇ سېنىڭ ئاناڭ ئەمەسما؟! — ۋارقىرىدى ئەر خوجايىن جەسەتنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ.
— ھۇ ئۆلگۈر قاتىل! ئۇ ئايال ھايات چېغىدا ئۇنىڭ ئانىسى ئىدى، — دېدى ئۇسسۇلچى قىز گەپ قىستۇرۇپ.
— ئۇنىڭ ئانىسى بازارغا كەتتى، — دېدى نەيچى.
— ئۇ ساراڭ بولۇۋېلىپ، جىنايىتىدىن قاچماقچى، — دېدى داپچى.
— سەن گۆر قېزىپ، جەسەت بىلەن ھەپىلىشىپ نېمە قىلماقچىدىڭ؟ — دېدى پەتەك ۋارقىراپ.
— ھەققانىيەتنىڭ چاڭگىلىدىن قېچىپ قۇتۇلىمەن دېيىشمە! — دەپ ۋارقىرىدى ئەر خوجايىن.
— خوجىدارىڭنى ئۆلتۈردۈڭ، ھۇ ئىپلاس! — دېدى نەيچى.
— ئىش ھەققىنى دەپ ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتتىڭ، — دېدى ئۇسسۇلچى قىز.
— ئىپلاس، — دېدى پەتەك ئەر خوجايىنغا.
— سەنلەر شۇنداق دەپ ئويلاشساڭ ساقچىغا بىللە بارايلى ئەمىسە، — دېدى ئەر خوجايىن ئېتىراز بىلدۈرۈپ.
— مانا بىز ساقچى، ئۆزىمىز سودىيە، — دېدى پەتەك.
— ئۇنى سوتقا تارتايلى، — دېدى ئۇسسۇلچى قىز.
— ئالدىرىمايلى، ئىشىمىز تۈگىگەندە بىر گەپ بولار، — دېدى پەتەك.
ئۇلار ۋارقىرىشىپ پەتەكنىڭ ئارقىسىدىن چىقىپ كەتتى. ئەر خوجايىن خوتۇنى بىلەن كۆزلىرى ئۇچرىشىپ قالماسلىق ئۈچۈن، ھارغىن كۆزلىرىنى يۇمۇۋالدى. سەلدىن كېيىن، ئەر خوجايىن يەردىكى جەسەتنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ ساپاغا ياتقۇزدى. جەسەتنىڭ بوينىدىكى شارپىنى يېشىپ يۈزىنى يېپىپ قويدى. ئەر ئايالىنىڭ يېنىغا بېرىپ بوش ئاۋازدا:
— سىز قانداقراق؟ — دەپ سورىدى.
— بىز جايلىۋەتكۈچە، ئۇلار بىزنى جايلىۋېتىدىغان ئوخشايدۇ... — دېدى ئايال پەس ئاۋازدا.
— بۇ ساراڭلارنىڭ يەنە نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقىنى خۇدا ئۆزى بىلىدۇ.
— تېزرەك ئامال قىلساق بولاتتى.
— ئەمما، ئەتراپلىق ئويلانمىساق بولمايدۇ.
— ئۇلار بىزنى تىرىك قويمايدۇ.
— راستتىنلا ئۆلتۈرۈۋەتسىمۇ، بۇنىڭ نېمە قورققۇچىلىكى بار؟ — دېدى ئەر چېچىلىپ.
— شۇنداق، ئەمما ياخشىسى ئۆلمەيلى، — دېدى ئايال بوش ئاۋازدا.
— ھېچكىمنىڭ ئۆلگۈسى يوق... سىز ھۇجرىغا كىرىپ بىردەم ئارام ئېلىۋېلىڭ!
— سىزچۇ؟
— مەن بىر ئامال تاپمىسام بولمايدۇ، راستتىنلا ئۆلۈپ كېتىدىغان ئىش بولسىمۇ توخۇ يۈرەكلىك قىلماسلىق كېرەك.
— ئۇلار بىزنىڭ ئۈستىمىزدىن ئەرز قىلارمۇ؟
— ئۇلار ھەممە ئىشنى قىلىدۇ.
— بىزنى ھەقىقەتەن قارا باستى!
— ئۇلار بىزنىمۇ خۇددى ئاق كۆڭۈل خوجىدارنى ئۆلتۈرگەندەك ئۆلتۈرۈشى مۇمكىن.
— ئۈممە ئابدۇللا راستتىنلا ئۇنىڭ ئاپىسىمىدۇ؟
— بۇنىڭغا قىل سىغمايدۇ.
— ئۆلۈمگە تىلسىز قوزىدەك تۇرۇپ بەرسەك بولمايدۇ! — دېدى ئايال قەتئىيلىك بىلەن.
— ئاخىرىغىچە ئېلىشىشىمىز كېرەك. ئۇلارغا ئۆزىمىزنى بىر كۆرسىتىپ قويايلى.
— مەن چەتتە قاراپ تۇرمايمەن، سىزگە ھەمدەم بولىمەن.
— توغرا بىر كىمگە تايىنىمەن دېمەڭ. ھازىرقى ئەھۋالدا يا ئۆلۈم، يا كۆرۈم دەپ بارلىق كۈچىمىزنى چىقىرايلى.
— قانداقتۇر بىر كۈچ مەندىكى ۋەھىمىنى يوق قىلىۋەتتى.
— قىيىنچىلىق سىزدىكى قورقۇنچنى يوق قىلىۋەتكەن گەپ.
— شۇنداق.
— ئۆلۈمدىن قورققانلار ئۇزۇن ياشىيالمايدۇ.
— ئەجەپ بەلەن گەپ بولدى.
— گەپ چىرايلىق بولغىنى بىلەن ھەرىكەت بولمىسا بولمايدۇ.
— بىرەر ئامال تاپتىڭىزمۇ؟
— ئويلىنىۋاتىمەن.
— مەنمۇ ئويلىنىۋاتىمەن.
— ئامال ھامان تېپىلىدۇ. گەپ بىزنىڭ ئىرادىمىزدە.
— قانداقلا بولمىسۇن تىرىشىشىمىز كېرەك. شېرىن ئاينى كۆڭۈلدىكىدەك ئۆتكۈزىدىغان بولدۇق دەپ ئويلاپتىكەنمەن، — دېدى ئايال خورسىنىپ.
— ئىرادىنى سۇندۇرىدىغان ئۇنداق خىياللارنى قىلماڭ.
— ماقۇل.
— ھۇجرىغا كىرىپ بىردەم ئارام ئېلىۋېلىڭ.
— ئۇلار كىرىپ مېنىڭ يوقلىقىمنى بىلىپ قالسىچۇ؟
— ئۇلار مەست بولۇپ كەتتى، كىرسە ئاۋۋال ماڭا ئېتىلىدۇ.
ئايال ئورنىدىن تۇرۇپ ئېرىنى سۆيۈپ قويۇپ ھۇجرىغا كىرىپ كەتتى.
بىر ئازدىن كېيىن پەتەك بىلەن ئوركېستىردىكىلەر كىرىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ چىرايىدىن مەستلىكتىكى ۋەھشىيلىك چىقىپ تۇراتتى. ئۇلار ئەر خوجايىننى ئارىغا ئېلىۋالدى، پەتەك جەسەتنى كۆرسىتىپ سورىدى:
— بۇ ئايالنى كىم ئۆلتۈردى؟
— يىگىت، سە... سەن، — دېدى ئوركېستىردىكىلەر تەڭلا.
پەتەك قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتى، باشقىلار تېخىمۇ كۈلۈپ كېتىشتى.
— ئۇنداقتا مەن جىنايەتچىمۇ؟ — دېدى پەتەك.
— ياق.
كۆپچىلىك يەنە كۈلۈشتى.
— بۇ ئايالغا كىم باسقۇنچلىق قىلدى؟
— ئۇ، — بىرقانچە قول ئەر خوجايىننى كۆرسەتتى.
— ئۇنىڭغا قانداق جازا بېرەيلى؟
— ئۆلۈم جازاسى.
پەتەك ئەرخوجايىنغا قارىدى:
— سەن ئۆزۈڭنى ئاقلىساڭ بولىدۇ. دەيدىغىنىڭ بارمۇ؟
ئەر خوجايىن گەپ قىلمىدى. ھوشيارلىق بىلەن ئەتراپنى كۆزەتتى، ئوركېستىردىكىلەر ھەر زامان ئۇنىڭغا قاراپ ئېتىلىشقا تەييار بولۇپ، پەقەت بۇيرۇقنىلا كۈتۈپ تۇرۇشاتتى. شۇ چاغدا ئادەمنى ۋەھىمىگە سالىدىغان چىرقىراق ئاۋاز بىلەن تەڭ ئايال خوجايىن ھۇجرا ئۆيدىن يىقىلىپ-قوپۇپ ئېتىلىپ چىقتى:
— كىيىم ئىشكاپىدا ئادەم باركەن!
— ئادەم! — ھەممەيلەن ھەيران قېلىشتى. ئىشىك ئالدىدا بىر گىگانت ئادەم پەيدا بولدى. چىرايى كونىراپ كەتكەن مىس رەڭگىدە بولۇپ، تەڭداشسىز كۈچ-قۇدرەتكە ئىگىدەك ئەتراپىغا خىرىس بىلەن قارايتتى. ئۆي ئىچىدىكىلەر بىر-بىرىگە قاراشتى. ئۇلار تۇيۇقسىز پەيدا بولغان بۇ ئادەمگە نىسبەتەن تەييارلىقسىز ئىدى. لېكىن شۇنداق بولسىمۇ ئۇ دەرھاللا بىر نەرسىنى چۈشەنگەندەك ھەرىكەتكە كەلدى. ئۇنىڭ چىرايى نۇرسىز، ئاۋازى خىرقىراق ئىدى:
— سىلەر نېمە ئادەملەر؟ بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىسىلەر؟
بۇ قېتىم ئەر خوجايىن ياندۇرۇپ سورىدى:
— سەن كىم؟ بۇ يەرگە نېمىدەپ كەلدىڭ؟
— بۇ مېنىڭ ئۆيۈم، — گىگانت ئادەم ئاددىيلا جاۋاب بەردى.
— سېنىڭ ئۆيۈڭ؟ بۇ مېنىڭ ئۆيۈم، ئىسپاتىم بار.
— يوق گەپ قىلما، يەنە دەپ قوياي، بۇ مېنىڭ ئۆيۈم.
بۇ چاغدا پەتەك غەزەپكە كەلدى:
— ئالدامچى، پەسكەش ئوغرى. مەن ھازىرلا سېنى قەيەردە كۆرگەنلىكىمنى ئېسىمگە ئالىمەن...
— نېمە دەيسەن، سولتەك، قوۋۇرغاڭنى سۇندۇرۇۋېتىمەن، — دېدى گىگانت ئادەم.
— مەن چېلىشچى، مېنى سولتەك دەۋاتامسەن، سېنىڭ ئوغرىلىق كەسپىڭ مېنىڭكىگە يەتمەيدۇ، — دېدى پەتەك.
— نېمە، چېلىشچى؟ ھەقىقىي چېلىشچى سەندەك بولمايدۇ. بىلىمەن، ھەممىڭ چۈپرەندە، — گىگانت ئادەم ۋارقىرىدى.
ئەر خوجايىن ئۆزىنى تۇتۇۋالالمىدى.
— بۇ مېنىڭ ئۆيۈم، سەنمۇ ئۇلارغا ئوخشاش ئوغرى.
— بىلجىرلىما!
— كىمنىڭ ھەق، كىمنىڭ ناھەقلىكىگە قانۇن ھۆكۈم قىلىدۇ.
— سېنى دېرىزىدىن تاشلىۋېتىمەن، مانا بۇ مېنىڭ قانۇنۇم.
— گېپىڭنى قارا، سەن بۇ يەرنىڭ ئىگىسى بولساڭ، ئەمىسە نېمىشقا كىيىم ئىشكاپىغا يوشۇرۇنۇۋالدىڭ؟ — ئايال خوجايىن گەپ قاتتى.
— بۇ مېنىڭ ئەركىنلىكىم، ئۆز ئۆيۈمدە قەيەردە ياتقۇم كەلسە، شۇ يەردە ياتىمەن.
— ھېچكىم كىيىم ئىشكاپىدا ياتمايدۇ.
— مەن تىنچ يەرگە كىرىۋالىمەن، باشقىلارنىڭ كارى بولمىسۇن.
— سەن دېگەن ئوغرى، مەخسۇس ئىشىك قومۇرىدىغان ئىشلارنى قىلىسەن، — دېدى پەتەك.
— ئاغزىڭنى يۇم، سولتەك.
— ساقچى چاقىرامدۇق، — ئەر خوجايىن ئەتراپىدىكىلەرگە قارىدى.
— مېنىڭ ساقچى بىلەن خۇشۇم يوق، — دېدى گىگانت ئادەم.
— بۇ گەپچە، ماۋۇ قاتىل دېگەندەك ئوغرى ئوخشىمامسەن! — دېدى ئەر خوجايىن غەزەپ بىلەن.
— قاتىل؟ بۇ چۈپرەندە ئادەم ئۆلتۈردىمۇ؟
— جەسەت مانا.
گىگانت ئادەم جەسەتنى كۆرۈپ ھەيران بولدى:
— ھەي، چۈپرەندە، سەن شۇنداق يامان بوپكەتتىڭمۇ؟
— بۇ تېخى ئۇنىڭ ئانىسى!
— ئانىسىنى ئۆلتۈرگەن قاتىلكەنسەندە! سەندە شۇنداق يۈرەك بارمۇ چۈپرەندە!
— ھەي ئوغرى، يەر تەۋرەپ جېنىڭدىن ئايرىلىپ قالما، — دېدى پەتەك دەر غەزەپ بولۇپ.
— تەۋرىسە ياخشى، تېنىمگە شىپا بولىدۇ! — دېدى گىگانت ئادەم.
ئۇلار دەتالاش قىلىۋاتقاندا ئايال خوجايىن غىپپىدە ئاشخانىغا قاراپ ماڭدى. ئېرىنىڭ يۈرىكى ئاغزىغا كەپلىشىپ قالدى. ئەگەر ئۇلار بايقاپلا قالىدىغان بولسا تۈگەشتى دېگەن گەپ. ھېلىقىلارنى گەپكە تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن ئەر خوجايىن گەپ باشلىدى:
— بىز ھازىر ئاق-قارىنى ئايرىمىساق بولمايدۇ. بۇ ئادەم ئۆزىنى سوتچى دەيدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ قاتىل؛ ئۆزىنى ئۆينىڭ ئىگىسى دەۋالغان يەنە بىرى بار، سىلەر ئۇنى شەرمەندە ئوغرى دەۋاتىسىلەر. مەن ئۆزۈمنى بۇ ئۆينىڭ ئىگىسى دېسەم، سىلەر مېنى ئاق كۆڭۈل ئايالنى ئۆلتۈرگەن قاتىل دەپ ئەيىبلىدىڭلار. بۇنداق دەتالاش قىلغاننىڭ قانداق نەتىجىسى بولىدۇ؟ ساقچى چاقىرماقتىن باشقا ئامال يوق!
— بۇ تەكلىپىڭ بىزنى ھاڭغا ئىتتىرگەنلىكقۇ، — دېدى گىگانت ئادەم مەنسىتمەي.
— ساقچى چاقىرىشمۇ ئاسان ئەمەس. ئەگەر ساقچىلار كەلسە، ئاۋارىچىلىك باشلىنىدۇ. ساقچى ئۇزۇندىن ئۇزۇن سوراق قىلغاندىن كېيىن بىزنى تەپتىش مەھكىمىسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ. بىرقانچە كۈن ياكى بىرنەچچە ھەپتە تەكشۈرۈلۈپ، قاتىل كىم، ئوغرى كىم، ئۆي ئىگىسى كىم ئېنىقلانغاندىن كېيىن، سوتقا يوللىنىمىز، ئەيىبلىنىمىز، ئاقلىنىمىز، ئەيىبلىنىمىز شۇ تەرىقىدە چالا ئۆلۈك بولۇپ قالىمىز. سوت ئېچىلىدۇ، يېپىلىدۇ، ئېچىلىدۇ، يېپىلىدۇ، تاكى ئىنسانلار ئايغا چىققان چاغدىمۇ سوت ئاخىرلاشمايدۇ. بۇ ئارىلىقتا، ئۆي پىچەتلىنىپ، قۇرت-قوڭغۇز ۋە ئەرۋاھلارنىڭ ماكانىغا ئايلىنىدۇ. باش-ئايىغى يوق، چىگىش-مۇرەككەپ بۇ تەرتىپنى ئېسىڭلاردىن چىقارماڭلار.
— ئەمما، شۇندىلا ئادىل ھۆكۈم چىقارغىلى بولىدۇ، — دېدى ئەر خوجايىن.
— بۇنىڭدىنمۇ ئاسىنى، رەقىبىڭگە ئېتىلىپ بېرىپ، قورسىقىغا ئەجەللىك بىرمۇشت سالغىنىڭدىلا، ئۇ خاتا قىلغىنىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. ئاندىن ئىككىڭلار قول ئېلىشىپ، ئۆز يولۇڭلارغا ماڭىسىلەر.
— يەنە نېمىنى تالىشىۋاتىسىلەر. تۈگۈن يېشىلدى، بىراۋنىڭ ئارىلىشىشى ھاجەتسىز، — دېدى ئۇسسۇلچى قىز ئالدىغا بىر قەدەم چامداپ.
— ئۇسسۇلچى خېنىم بەكمۇ دانا گەپ قىلدى، قۇلىقىمىزغا بەكمۇ ياقتى، — دېدى گىگانت ئادەم كەمسىتىپ.
ئۇسسۇلچى قىز قىلچە ئېرەنشىمىدى، يا خاپا بولمىدى. ئەكسىچە ئۆزىنى تۇتۇۋالغان ھالدا دېدى:
— قاتىلنى بىز ئىزدىمىسەكمۇ بولىدۇ، ئۇنىڭغا ئاللىقاچان ئۆلۈم جازاسى بېرىپ بولدۇق!
— ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ئىكەن، ئۇ مۈلۈك ھۆقۇقى تەلەپ قىلالمايدۇ، — دېدى نەيچى قىزغىنلىق بىلەن.
— توغرا، ئۆي كۆپچىلىكنىڭ بولدى، مال-مۈلۈكنى ئۈلىشەيلى، — دېدى ئۇسسۇلچى قىز ئۇلاپلا.
بۇ چاغدا گىگانتنىڭ چىرايىغا بىرىنچى قېتىم تەبەسسۇم ئۇلاشتى. ئەمما، يەنىلا تەكەببۇرانە قىياپەتتە:
— تەڭ ئۈلۈشۈشكە قوشۇلمايمەن، — دېدى.
— مەنمۇ قوشۇلمايمەن، — دېدى پەتەكمۇ ھاكاۋۇرلۇق بىلەن.
— نوچىلار كۆپرەك ئېلىشى كېرەك، — دېدى گىگانت ئادەم.
— شۇنداق قىلايلى! — دېدى پەتەكمۇ.
— بۇ يەردە نەرسە-كېرەك جىق بولغاندىن كېيىن ئۇنداق قىلىش ھاجەتسىز، — دېدى ئۇسسۇلچى قىز.
ئوركېستىردىكىلەر پەتەكنى ئارىغا ئېلىۋېلىپ قايىل قىلماقچى بولدى؛ ئۇسسۇلچى قىز گىگانتقا سۈركىلىپ، ئۇنى ئەيۋەشكە كەلتۈرمەكچى بولدى. بۇ چاغدا ئايال خوجايىن پەم بىلەن ئېرىنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭ يانچۇقىغا بىر نەرسىنى سالدى. ئۇلار سۇيىقەستچى شۇمپەنلەرگە ھوشيارلىق بىلەن قاراپ تۇردى. ئۇلار ئۇ ئىككىسىنى ئۆلتۈرۈپ، ئۆينى ۋەيران قىلىۋېتەلەيتتى. شۇ ئەسنادا، قانداقتۇر بىر بەتبۇي تارقالدى، دەسلەپ نېمىنىڭدۇر پىسىلدىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. ئارقىدىنلا ئىس كۆتۈرۈلۈپ، پاراس-پۇرۇس قىلغان ئاۋاز ئۆي ئىچىنى بىر ئالدى. ئۇلار نەزىرىنى ئاشخانىغا ئاغدۇرۇشتى. قويۇق ئىس-تۈتەك ئىچىدە قالغان ئاشخانىدىن ئوت ئۇچقۇنى كۆرۈندى. ئۇلار ئالىتاغىل ۋارقىرىشىپ كەتتى.
— ئوت!
— ئاشخانىغا ئوت كەتتى!
— بۇ ئۆي خەتەرلىك!
— بىر ئامال قىلىپ ئوتنى ئۆچۈرۈش كېرەك.
ۋارقىرىغان، تىللاشقان ئاۋازلار ئۆينى بىر ئالدى. ئۇلار پۈتۈن كۈچى بىلەن ئوت ئۆچۈرۈشكە كىرىشتى. تەرەپ-تەرەپتىن ۋارقىرىغان ئاۋازلار ئاڭلاندى. ئىشىك قوڭغۇرىقى توختىماي چېلىندى، قاتتىق ئۇرۇلۇۋاتقان ئىشىك ئاۋازى ھەر بىر كىشىنىڭ يۈرىكىنى جىغىلدىتاتتى. بۇ بىر توپ ئەبلەخلەر ئاشخانىغا قاراپ ئېتىلدى. گىگانت ئادەم تۇيۇقسىز ئەر خوجايىنغا ۋارقىدى:
— قېچىپ كېتىمەن دەپ خام خىيال قىلما!
ئۇ ئەر خوجايىنغا ئېتىلدى، ئەر خوجايىن يانچۇقىدىن پىچاقنى شارتتىدە ئالدى-دە، گىگانتنىڭ يۈرىكىگە زەرب بىلەن ئۇردى. گىگانت ئادەم تىن تارتماي يىقىلدى. شۇ چاغدا پەتەك ۋارقىرىغىنىچە ئەر خوجايىنغا ئېتىلدى:
— خائىن!
پەتەك ئەر خوجايىننى بېسىۋالدى. بۇ خەتەرلىك پەيتتە ئايال خوجايىن يانچۇقىدىن پىچاقنى ئېلىپ پەتەكنىڭ كارنىيىغا كۈچەپ ئۇردى.
بۇ ئىشلار چاقماق تېزلىكىدە يۈز بەردى. بىر توپ ئادەم دەرۋازىنى چېقىپ كىردى. ئوت ئۆچۈرگۈچىلەر بىلەن بۇ ئەبلەخلەر ئوت يالقۇنى، پۈركۈلۈۋاتقان سۇ ۋە چېقىلغان ئۆي جاھازىلىرى ئارىسىدا ئېلىشىپ كەتتى. ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش ماشىنىلىرىنىڭ سىگنالى قۇلاق-مېڭىنى يەيتتى...
كەچتە ئەتراپ جىمجىتلىققا چۆمدى. ئۆيدە يېڭى توي قىلغان ئەر-ئاياللا قالغانىدى. پۇتلىرى سۇنغان ئورۇندۇق، كاردىن چىققان جاھازلاردىن سىرت ئەسقاتقۇدەك ھېچنېمە قالمىغانىدى. ئەر-خوتۇن چىراغپاينىڭ يېنىدىكى ساپادا ئولتۇراتتى. چىراغپايدا بەختكە يارىشا ساق قالغان بىر تال شام پىلىلداپ يېنىپ تۇراتتى.
شامنىڭ غۇۋا نۇرى ئەر-ئايالنىڭ چىرايىنى يورۇتۇپ تۇراتتى، ئۇلارنىڭ يۈز-كۆزلىرى تاياق زەربىسىدىن ئىششىغان، كۆكەرگەن، كىيىملىرى تىتما، تالاڭ ھەم قارا كۈيە بولۇپ كەتكەنىدى. ئۇلار بىر-بىرىگە قاراشقىنىچە جىمجىت ئولتۇرۇشاتتى. ئۇلارنىڭ چىرايى غەمكىن، كۆزلىرىدىن بىر خىل ھاڭۋاقتىلىق چىقىپ تۇراتتى. ئۇلار بىردىنلا ئەسەبىيلەرچە كۈلۈپ كېتىشتى. خېلىدىن كېيىن، يەنە جىمىپ قېلىشتى. ئۇلارنىڭ قەلبىنىڭ بىر يېرىدە شادلىق ۋە مىننەتدارلىق بار ئىدى.
— ھەممىسى تۈگىدى، — دېدى ئېرى ھارغىن تەلەپپۇزدا. خوتۇنى چەكسىز مۇھەببەت بىلەن ئېرىنىڭ مۈرىسىگە يېنىك ئۇرۇپ قويۇپ دېدى:
— بىز بۇ ئاپەتتىن ئامان قالدۇق، بىز ھايات، بىز يەنىلا ھايات.
— شۇنداق، بىز ئامان قالدۇق. — دېدى ئەر مەمنۇنلۇق بىلەن باش لىڭشىتىپ، ئاندىن ئەر ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ دېدى:
— بىز تەڭداشسىز قىممەتلىك نەرسە، قايتۇرۇۋېلىش مۇمكىن بولمايدىغان نەرسە — ھاياتىمىزنى ساقلاپ قالدۇق، بىز ئەمدى ھەممە نەرسىگە ئېرىشەلەيمىز.
(خەنزۇچە «دۇنياۋى كلاسسىك ھېكايىلەر تىزىملىكى» ناملىق كىتابتىن)
|