• ئانت[ئۆمەر سەيپىتتىن]

    يوللانغان ۋاقتى:24-06-2011   مەنبە: تارىم 2010-12-سان   مۇھەررىر: تەكلىپلىك مۇھەررىر   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
    مەن گۆنەندە تۇغۇلغانىدىم. 20 يىلدىن بېرى قايتا كۆرۈپ باقمىغان بۇ شەھەر تەسەۋۋۇرۇمدا غايىۋى مەنزىرىگە ئايلىنىپ كەتكەنىدى،

     


     

    ئاپتورى: ئۆمەر سەيپىتتىن(تۈركىيە)

    تۈركچىدىن چوپانى ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان

    مەن گۆنەندە تۇغۇلغانىدىم. 20 يىلدىن بېرى قايتا كۆرۈپ باقمىغان بۇ شەھەر تەسەۋۋۇرۇمدا غايىۋى مەنزىرىگە ئايلىنىپ كەتكەنىدى، خۇددى نۇرغۇن جايلىرى ئۇنتۇلۇپ كەتكەن كونا بىر چۈش كەبى. ئۇ چاغدا يۈزبېشى بولۇپ تۇرۇۋاتقان دادام بىلەن داۋاملىق ئالدىدىن ئۆتۈپ تۇرىدىغان بازار جامەسىنى، جامە ئۇدۇلىدىكى كىچىك، ۋەيرانە فونتانلىق كۆلنى، ئۈستىدە مىڭلارچە شاخ - شۇمبا، تاختاي - كۆتەكلەر لەيلەپ تۇرىدىغان كىچىككىنە دەريانى، بەزىدە يۇيۇنغىلى بارىدىغان ئىسسىق سۇلۇق بىنانىڭ چوڭقۇر سۇ ئۈزۈش كۆلىنى خاتىرەمگە ئېلىشقا تىرىشاتتىم. لېكىن كۆز ئالدىمغا توپلانغان ئاپپاق تۇمانلار بۇ كۆرۈنۈشلەرنىڭ رەڭ - تۈسلىرىنى ئۆچۈرۈپ، شەكىللىرىنى غايىب قىلىۋەتكەنىدى. بەك ئۇزاققا سوزۇلغان مۇساپىرلىقتىن كېيىن ۋەتىنىگە قايتقان بىر ئادەم تۇغۇلغان يېرىنىڭ ئۇپۇقىنى قويۇق بىر تۇمان ئاستىدا كۆرۈپ، سۆيگەن نەرسىلىرىنى ئېنىقراق كۆرەلمىگەنلىكى ئۈچۈن قانداق ھەسرەت چەكسە، مەنمۇ خۇددى ئۆزۈمدە ئاشۇنداق ئىشتىياق، سەۋرسىزلىككە ئوخشاپ كېتىدىغان بىرخىل قايغۇ - ھەسرەتنى ھېس قىلاتتىم. ھەر ئاخشىمى ئۆكۈز - ئىنەكلەر توپى - توپى بىلەن ئۆتىدىغان توپىلىق يوللار، يۈسۈنلەر ئۈنگەن قارا كاھىشلىق ئۆگزىلەر، يىقىلىپ چۈشىدىغاندەكلا كۆرۈنىدىغان ئېگىز تاملار، كىچىك تاختا كۆۋرۈكلەر، چەكسىز كەتكەن ئېتىزلار، پاكار چىت - قاشالار... ھەممىسى بۇ تۇمان قوينىدا ئېرىپ كېتەتتى.
    پەقەت ئۆيىمىز بىلەن مەكتەپنىلا كۆز ئالدىمغا كەلتۈرەلەيتتىم.
    چوڭ بىر باغ ئوتتۇرىسىدا قەسىر شەكلىدە ياسالغان ئاپپاق بىر ئۆي، ئوڭ تەرىپىدە بىز ئولتۇرىدىغان ئاق پەردىلىك ھۇجرا... ھەر سەھەردە ئانام مېنى خۇددى بوۋاقتەك دېرىزىنىڭ تەكچىسىدە ئولتۇرغۇزۇپ دەرسىمنى تەكرارلىتاتتى، سۈتۈمنى ئىچۈرەتتى. بۇ دېرىزىدىن كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان ھويلىنىڭ سول تەرىپىدىكى توپا رەڭلىك چوڭ بىنانىڭ ئەينەكسىز، قاپقاقسىز بىرلا دېرىزىسى بار ئىدى، بۇ قارا تۆشۈكتىن شۇنچىلىك قورقاتتىم. ئۆي خىزمەتچىمىز ئابىلنىڭ ھەر كېچە ئېيتىپ بېرىدىغان قورقۇنچلۇق تۈگىمەس ھېكايىلىرىدىكى ئېيىقنى بۇ قاراڭغۇ دېرىزىدە كۆرگەندەك بولاتتىم. مۇشۇنداق تەشۋىش ئىلكىدىكى چۈشلىرىمنى ئاڭلاشقا ۋە چۈشلىرىمگە تەبىر بېرىشكە ئامراق بىچارە ئانام ھەر ئەتىگەن ئېيىقلىق چۈشلىرىمنى ماڭا تەتبىقلايتتى: يوغان بىر قارا ئېيىقنىڭ مېنى تۇتۇۋېلىپ تاغقا ئېلىپ كېتىدىغانلىقى، ئورمانلىقتىكى ئۇۋىسىغا سولىۋېلىپ، قوللىرىمنى باغلاپ بۇرنۇمنى، لەۋلىرىمنى يەيدىغانلىقى، كېيىن بايرامىچ يولىدىكى سۇ تۈگمىنىنىڭ نورىغا تاشلايدىغانلىقى توغرىسىدا تەبىر بېرەتتى. ئانامغا يالۋۇرۇپ »ياق، ئۇنداق بولمايدۇ، ئىنشائاللا!«دىن بىر مۇنچىنى دېگۈزەتتىم. كاتتا بىر ئەپەندى، كاتتا بىر پاشا بولىدىغانلىقىم، ماڭا ھېچكىمنىڭ يامانلىق قىلمايدىغانلىقى توغرىسىدا تەبىر بېرىپ، مېنى بۇنىڭغا ئىشەندۈرگەندىلا ئاندىن ئانامنىڭ يالغان سۆزلىگەنلىكىنى ئۇنتۇپ شۇ قەدەر خۇشال بولۇپ كېتەتتىم!
    مەكتەپكە قانداق كوچىلاردىن، كىملەر بىلەن بىللە باراتتىم بۇنى بىلمەيتتىم. مەكتەپ بىر قەۋەتلىك، تاملىرى ئاقارتىلمىغان ئىدى. دەرۋازىدىن كىرىشتىلا ئۈستى يېپىقلىق بىر ھويلا بار ئىدى. تېخىمۇ ئىچكىرىسىدە كىچىك بىر باغچا، باغچىنىڭ تۆرىدە پىيادىلەر يولى، ناھايىتى چوڭ تاھارەت ئالىدىغان ياغاچتىن ياسالغان سۇ تۇڭى بار ئىدى... ئوغۇللار بىلەن قىزلار ئۇدۇلمۇئۇدۇل ئولتۇرۇشۇپ تاھارەت ئالاتتى، بىللە ئوقۇيتتى، بىللە ئوينايتتى. »بۈيۈك ئۇستاز« دېگىنىمىز قوڭۇر كۆزلۈك، شالاڭ چاچلىق، دۈمچەك، ئېگىز بويلۇق، ياشانغان بىر ئايال ئىدى. كۆزلىرى قورقۇنچلۇق پارقىراپ تۇراتتى. قۇش تۇمشۇقىدەك ئىلمەك، سېرىق بۇرنى بىلەن ئۇ خۇددى تۈكلىرى چۈشۈپ كەتكەن بىر كۆكۈنەككە ئوخشايتتى. كىچىك ئۇستاز چوڭ ئۇستازنىڭ ئوغلى ئىدى، بالىلار ئۇنىڭدىن ھەرگىز قورقمايتتى، ئۇ بىرئاز ئەخمەقرەك ئىدى. مەن ئارقىدىكى پارتىدا −− چوڭ ئۇستاز ئۇزۇن كالتىكىنى ئۇزاتمايدىغان بىر يەردە ئولتۇراتتىم. قىزلارنىڭ ھەممىسى بەلكى چاچلىرىمنىڭ سارغۇچ بولغانلىقىدىن بولسا كېرەك، مېنى »ئاق بەي« دېيىشەتتى. ئوغۇللار يا ئىسمىمنى ئاتايتتى ياكى »يۈز بېشى ئوغلى« دەپ چاقىرىشاتتى. سىنىپ ئىشىكىنىڭ ئېچىلمايدىغان قانىتىدا لەپىلدەپ تۇرىدىغان »كەلدى - كەتتى« لەۋھەسى ياغاق، جانسىز بىر چېھىر كەبى بىزگە قاراپ تۇراتتى. قېلىن تاملارنىڭ تورۇسقا يېقىن تار دېرىزىلىرىدىن كىرىپ تۇرىدىغان ئازغىنە غۇۋا يورۇقلۇق ۋارقىرىشىپ - جارقىرىشىپ دەرس ئۆگىنىۋاتقان بالىلارنىڭ بېسىقماس پەريادلىرى بىلەن ئېغىرلىشىپ تېخىمۇ غۇۋالىشىپ كېتەتتى...
    مەكتەپتە پەقەت بىر تۈرلۈكلا جازالاش ئۇسۇلى بار ئىدى، ئۇ بولسىمۇ تاياق. چوڭ گۇناھ سادىر قىلغانلار، ھەتتا قىزلارمۇ دەررەگە ياتقۇزۇلاتتى. دەررەدىن قورقمايدىغان، تىترىمەيدىغان بالا يوق ئىدى. كىچىكرەك گۇناھ سادىر قىلغانلارنىڭ جازاسىنىڭ ئۆلچىمى يوق ئىدى. كىچىك ئۇستازنىڭ ئېغىر تەستىكى، چوڭ ئۇستازنىڭ ئۇزۇن كالتىكى يولۇقۇپ قالغانلىقى كاللا ئىششىپ چىقماي قالمايتتى. ئەمما مەن پەقەتلا تاياق يەپ باقمىغانىدىم. لېكىن بىر قېتىم چوڭ ئۇستاز قۇرۇق سۆڭەكتەك قاتتىق قوللىرى بىلەن يالغان سۆزلىگەنلىكىم ئۈچۈن سول قۇلىقىمنى شۇ قەدەر قاتتىق سوزغان ئىدىكى، ئەتىسىمۇ قۇلىقىم كۈيۈشۈپ ئاغرىغانىدى. ھالبۇكى مېنىڭ ھەرگىزمۇ خاتالىقىم يوق ئىدى، راست گەپ قىلغانىدىم. باغچىدىكى سۇ تۇڭىنىڭ جۈمىكى سۇندۇرۇۋېتىلگەنىدى. چوڭ ئۇستاز بۇ ئىشنى سادىر قىلغان بالىنى تاپماقچى بولۇۋاتاتتى، بۇ ئىشنى قىلغان كۆك چاپانلىق، قىزىل بەلباغلىق، كېسەلچان، زەئىپ بىر بالا ئىدى. بۇ ئىشنى ئۇنىڭ قىلغانلىقىنى چوڭ ئۇستازغا ئېيتتىم، ئەمما ئۇ ئىنكار قىلدى. كېيىن باشقا بىر بالا ئوتتۇرىغا چىقىپ بۇ ئىشنى ئۆزىنىڭ قىلغانلىقىنى، ئۇنىڭ خاتالىقى يوقلۇقىنى ئېيتتى ۋە يەرگە ياتتى، ۋارقىراپ - جارقىراپ دەررە يېدى. شۇنىڭ بىلەن چوڭ ئۇستاز ماڭا نېمە ئۈچۈن يالغان سۆزلەيسەن، بۇ بىچارىگە نېمە ئۈچۈن تۆھمەت قىلماقچى بولىسەن؟ دەپ قۇلىقىمنى سوزدى ۋە چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ بىر مۇنچە خاپا بولۇپ كەتتى.
    ئۆكسۈپ - ئۆكسۈپ يىغلىدىم، چۈنكى مەن يالغان سۆزلىمىگەنىدىم. شۇنداق، جۈمەكنى سۇندۇرۇۋەتكەن بالىنى مەن ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەنىدىم. كەچتە دەرستىن چۈشكەندە تاياق يېگەن ھېلىقى بالىنىڭ ئالدىنى توسۇپ:
    −− نېمە ئۈچۈن مېنى يالغانچى قىلىسەن؟ جۈمەكنى سەن سۇندۇرمىغان تۇرساڭ، −− دېدىم.
    −− مەن سۇندۇرغانىدىم...
    −− ياق، سەن سۇندۇرمىغان، ھېلىقى بالىنىڭ سۇندۇرغانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن تۇرسام.
    ئۇ تېنىۋالالمىدى. يۈزۈمگە قارىدى، بىر پەس شۇنداق قاراپ تۇرغاندىن كېيىن، ئەگەر بۇ ئىشنى ئۇستازغا دېمەيدىغانلىقىم توغرىسىدا قەسەم بەرسەم ھەممىنى دەپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەن دەرھال قەسەم قىلدىم، چۈنكى بۇ ئىشقا قىزىقىپ قېلىۋاتاتتىم.
    −− جۈمەكنى ئەلى سۇندۇرۇۋەتكەنىدى، −− دېدى ئۇ، −− بۇنى مەنمۇ بىلەتتىم. ئەمما ئۇ ناھايىتى زەئىپ ھەم كېسەلچان، كۆرۈپ تۇرغانسەن، ئۇ دەررەگە بەرداشلىق بېرەلمەيتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ كېسەلدىن يېڭىلا تۇرغانىدى.
    −− ئەمما سەن نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ ئورنىغا دەررە يەيسەن؟
    −− نېمە ئۈچۈن بولاتتى؟ بىز ئانت ئىچىشكەن. ئۇ بۈگۈن كېسەل، مەن ساق، كۈچ - قۇۋۋەتلىك، شۇڭا ئۇنى قۇتقۇزدۇم.
    تازا چۈشىنەلمەي سورىدىم:
    −− ئانت دېگەن نېمە؟
    −− بۇنى بىلمەمسەن؟
    −− بىلمەيمەن.
    ئۇ كۈلۈپ مەندىن يىراقلىشىپ كېتىۋاتقاچ جاۋاب بەردى:
    −− بىز بىر - بىرىمىزنىڭ قانلىرىنى ئىچىشىمىز، بۇ ئانت ئىچىش دېيىلىدۇ. ئانت ئىچىشكەنلەر قان - قېرىنداش بولۇشىدۇ، بىر - بىرىگە ئۆلگۈچە ياردەم بېرىدۇ، ھايات - ماماتتا بىللە بولۇشىدۇ.
    بۇ ئىشقا دىققەت قىلىشقا باشلىدىم. مەكتەپتە بىر مۇنچە بالىلار بىر - بىرلىرى بىلەن ئانت ئىچىشىپ، قان - قېرىنداش بولۇشۇپتۇ، ھەتتا بەزى قىزلارمۇ ئۆزئارا ئانت ئىچىشىپتۇ. بىر كۈنى بۇ يېڭىدىن ئۇققان ئادەتنىڭ قانداق قىلىنىدىغانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. ئارقىدىكى پارتىدا ئىدىم، كىچىك ئۇستاز تاھارەت ئېلىش ئۈچۈن سىرتقا چىقىپ كەتكەن، چوڭ ئۇستاز بىزگە ئارقىسىنى قىلىپ ئولتۇرۇپ ناھايىتى ئاستا ناماز ئوقۇۋاتاتتى. ئىككى بالا ياغاچ ساپلىق بىر قەلەمتىراش بىلەن قوللىرىنى كېسىپ چىققان قاننى قارشى تەرەپنىڭ قولىنىڭ كەسكەن يېرىگە بېسىپ قانلىرىنى ئارىلاشتۇرۇپ، بىر - بىرلىرىنىڭ قانلىرىنى ئېمىشتى. ئانت ئىچىپ قان - قېرىنداش بولۇش... شۈبھىسىز، مېنىڭمۇ قان - قېرىندىشىم بولغان بولسا، چوڭ ئۇستازغا قۇلىقىمنى سوزدۇرمايتتىم، دەررەگە يېتىشقا توغرا كېلىپ قالسىمۇ مېنى قۇتقۇزۇپ قالاتتى. كەڭرى مەكتەپنىڭ ئىچىدە ئۆزۈمنى يالغۇز، دوستسىز، ھامىيسىز ھېس قىلىشقا باشلىدىم. بۇ ھەقتىكى ئويلىرىمنى، باشقا بالىلاردەك مەنمۇ بىرسى بىلەن ئانت ئىچىشمەكچى بولغانلىقىمنى ئانامغا ئېيتىپ، ئانامغا ئانتنى تەرىپلەپ بەرگەنىدىم، ئانام بۇنداق قىلىشىمغا ئۇنىمىدى. ئۇنداق ئىشلارنى قىلىشىڭنى خالىمايمەن، ھەرگىز ئۇنداق قىلما - ھە! دەپ تەنبىھ بەردى.
    ئەمما مەن ئانامنىڭ تەنبىھلىرىگە قۇلاق سالمىدىم، چۈنكى ئانت ئىچىشنى كۆڭلۈمگە پۈككەنىدىم. بىراق كىم بىلەن؟ بىر تاسادىپىيلىق −− كۈتۈلمىگەن بىر قازا مېنى قان - قېرىندىشىمغا ئېرىشتۈردى. جۈمە كۈنلىرى بىزنىڭ باغدا پۈتۈن قوشنىلارنىڭ بالىلىرى يىغىلىپ كەچ كىرگىچە بىللە ئوينايتتۇق. ئارقىمىزدىكى ئۆينىڭ ئىگىسى ھاجى بۇداكلارنىڭ مەن دېمەتلىك بىر بالىسى بار ئىدى. ئۇنىڭ ئىسمى بەكمۇ ھەۋىسىمنى كەلتۈرەتتى. مىستىك! بۇ ئىسىمنى تىلغا ئالسام ھۇزۇرلانغاندەك بولاتتىم، شۇڭا بۇ ئىسىمنى كۆپ تەكرارلايتتىم. بۇ ئىسىم شۇ قەدەر يېقىملىق ئىدى. قىزلار بۇ چىرايلىق ئىسىمغا ماسلىشىدىغان قاپىيەلەرنى كەلتۈرۈپ مىستىكنى باغدا، كوچىلاردا كۆرگەن ھامان بىر ئېغىزدىن ئۇنىڭغا چاقچاق قىلىشاتتى. ھازىرمۇ يادىمدا:
    مۇستاپا مىستىك،
    ھارۋىغا قاتتۇق.
    ئۈچ تال شام ياقتۇق،
    سەيرىگە باقتۇق.
    دەپ چۇرقىرىشاتتى. ئەمما مىستىك بۇنىڭدىن ئەسلا خاپا بولمايتتى، ئەكسىچە كۈلۈپ قوياتتى. بىزمۇ بەزىدە بۇ بېيىتلەرنى ۋارقىراپ تەكرارلاپ كۆڭلىمىزنى خۇش قىلاتتۇق.
    بۇ يېقىملىق بېيىت مېنىڭ خىيالىمغىمۇ تەسىر كۆرسەتكەنىدى: چۈشلىرىمدە بىر مۇنچە كەپسىز قىزلارنىڭ ئۇنى كۆچمەن ھارۋىسىغا قېتىپ، ئەتراپىغا ئۈچ تال شام ياندۇرۇپ، ئۇنى تاماشا قىلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرەتتىم. نېمە ئۈچۈن مىستىك بۇنداق ئەدەپ بىلەن قاراپ تۇرىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئېتىلىپ بېرىپ بۇ قىزلارنى بىر قانچە كاچات ئۇرمايدۇ؟ قېتىلغان كوكۇس پۇراقلىق ھارۋىدىن قۇتۇلالمايدۇ؟ ئۇ ھەممىمىزدىن كۈچلۈك ئىدى. خۇددى ئىسمىغا ئوخشاش ھەممە تەرىپى يۇمىلاق ئىدى. بېشى، قوللىرى، پاچاقلىرى، ۋۇجۇدى، ھەتتا قوللىرى. چېلىشىشتا ئۇ ھەممە بالىلارنى يېڭىۋالاتتى. ئۇ ياز ئايلىرىنىڭ ھەر جۈمە كۈنى سەھەردە چوڭ بىر قۇچاق سۆگەت تېلى ئېلىپ كېلەتتى، بۇ تاللاردىن ئۆزىمىزگە ئاتلار ياساپ، چاۋگەن توپ ئويناپ بەيگىگە چۈشەتتۇق. بەيگىدىمۇ ئۇ ھەممىمىزنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كېتەتتى، ئۇنى ھېچقايسىمىز تۇتالمايتتۇق. ئەنە شۇنداق بىر جۈمە كۈنى، مىستىك يەنە سۆگەت تاللىرىنى ئېلىپ كەلدى. مەن ئەڭ ئۇزۇنىنى ئۆزۈمگە ئايرىۋېلىپ، قالغانلىرىنى باشقا بالىلارغا تارقىتىپ بەردىم. بىز قەلەمتىراش بىلەن بۇ تاللارنى كېسىپ، قوۋزاقلىرىدىن ئىككى قۇلاق، بىر بۇرۇن چىقىرىپ ئات بېشىغا ئوخشىتاتتۇق. بۇنى مەن ھەددىدىن بەك چىرايلىق ياسايتتىم.
    مەن ئېتىمنى ياساۋاتاتتىم، مىستىك بىلەن باشقا بالىلار پىچاق نۆۋىتىنى كۈتۈپ تۇراتتى، نېمە ئىش بولدى بىلمەيلا قالدىم. بىردىنلا سۆگەتنىڭ قوۋزاقلىرىدىن تېيىلىپ كەتكەن قەلەمتىراش سول قولۇمنىڭ كۆرسەتكۈچ بارمىقىنى كېسىۋەتتى. قولۇمدىن قىپقىزىل قان ئېقىشقا باشلىدى. دەل شۇ چاغدا يادىمغا بىر ئەقىل كىردى: ئانت ئىچىش ! بارمىقىمنىڭ ئاغرىقىنى ئۇنتۇپ:
    −− قېنى، −− دېدىم مىستىككە، −− ھازىر مېنىڭ قولۇم كېسىلدى، ئىككىمىز قان - قېرىنداش بولايلى، سەنمۇ كەس.
    ئۇ تەرەددۈتلەندى - يۇ، قارا كۆزلىرىنى يەرگە تىكىپ چوڭ، يۇمىلاق بېشىنى چايقىدى:
    −− بۇنداق قىلساق بولارمۇ؟ ئانت ئۈچۈن قولىنى كېسىش لازىمما؟
    −− جېنىم، بۇنىڭ نېمە زىيىنى بار؟ −− دەپ مەنمۇ چىڭ تۇرۇۋالدىم، −− ناھايىتى قانغۇ ئۇ؟ ھەممىسى بەرىبىر. خا قولدىن، خا بارماقتىن... قېنى...
    ئۇ رازى بولدى، قولۇمدىن قەلەمتىراشنى ئېلىپ قولىنى خېلى چوڭقۇر كەستى. ئۇنىڭ قېنى شۇ قەدەر قويۇق ئىدىكى، بىر تامچىدەك قان تولىمۇ تەستە چىقتى. قېنىمنى ئۇنىڭ قېنى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، ئاۋۋال مەن ئەمدىم، بۇ تۇزلۇق، ئىسسىق بىر سۇيۇقلۇق ئىدى، ئاندىن ئۇمۇ مېنىڭ قېنىمنى ئەمدى.
    ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتى بىلمەيمەن، بەلكى ئالتە ئاي، بەلكى بىر يىل، مىستىك بىلەن قان - قېرىنداش بولغانلىقىمنى ئۇنتۇپلا كەتكەنىدىم. يەنە بىللە ئوينايتتۇق، مەكتەپتىن ئۆيگە بىللە كېلەتتۇق. ھاۋا بەكمۇ ئىسسىق بىر كۈنى چوڭ ئۇستاز بىزنى مەكتەپتىن بالدۇر قويۇپ بەردى، خۇددى پەيشەنبە كۈنلىرىدىكىدەك مىستىك بىلەن كوچىنىڭ چاڭ - توزانلىرى ئىچىدە ئاستا كېتىۋاتاتتۇق. مەن قول ياغلىقىمنى قىزىل بۆكۈمنىڭ ئىچىگە سېلىۋالغانىدىم. تەرلىرىمنى سۈرتەلمىگەنلىكىم ئۈچۈن، يۈزۈم چىلىق - چىلىق ھۆل بولۇپ كەتكەنىدى. چوڭ بىر يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتۇق، دەل ئۇدۇلىمىزدىن −− يول بويىدىكى يىقىلىپ چۈشكەن تاملىقتىن تۇيۇقسىزلا بىر يوغان قارا ئىت چىقىپ بىز تەرەپكە قاراپ يۈگۈرۈپ كەلدى. ئارقىسىدىن بىر قانچە ئادەم يوغان كالتەكلەرنى كۆتۈرۈپ قوغلاپ كېلىۋاتاتتى. ئۇلار بىزگە قېچىڭلار، قېچىڭلار، تالايدۇ دەپ ۋارقىرايتتى. قورققىنىمىزدىن گاڭگىراپ تۇرۇپلا قالدۇق. ئاۋۋال مەن ھوشۇمنى يىغىپ ۋايجان، قاچايلى دېدىم. كۆزلىرى ئوتتەك چاقناپ كەتكەن ئىت بىزگە يېتىشىۋالغانىدى. دەل شۇ چاغدا مىستىك ماڭا سەن ئارقامغا ئۆتۈۋال! دەپ ۋارقىراپ ئۆزى ئالدىمغا ئۆتتى. ئىت ئۇنىڭغا ئېتىلدى. ئىككىسى خۇددى چېلىشىۋاتقاندەك بىر - بىرىنىڭ كېكىردەكلىرىنى بوغۇشقا باشلىدى، ئىتمۇ ئىككى پۇتى بىلەن ئۆرە بولغانىدى. بىردەمدىن كېيىن ئىككىسى يەردە يۇمىلىنىشقا باشلىدى. مىستىكنىڭ كىچىك بۆكى، كۆك يەمەنىسى ① چۈشۈپ كەتتى. بۇ ئېلىشىش ماڭا ناھايىتى ئۇزاق بىلىندى، تىترەپ كېتىۋاتاتتىم. كالتەكلىك ئادەملەر يېتىپ كېلىپ ئىتنى راسا دۇمبالىدى. ئاخىر مىستىك قۇتۇلۇپ قالدى، بىچارىنىڭ قوللىرىدىن، بۇرنىدىن قان ئېقىۋاتاتتى. ئىت قۇيرۇقىنى چاترىقىغا قىسىپ، غىڭشىغان پېتى قېچىپ كەتتى. مىستىك بولسا »ھېچ ئىش يوق... ئاغرىمىدى... بىرئاز تىلىنىپ كەتتى« دەيتتى. كىشىلەر ئۇنى ئۆيىگە ئېلىپ كەتتى، مەنمۇ ئۆيۈمگە قاراپ يۈگۈردۈم. ئانامغا بېشىمىزغا كەلگەن بۇ ئىشلارنى سۆزلەپ بەردىم. ئۆي خىزمەتچىمىز ئابىل مېنى يەرگە ياتقۇزۇپ، ئۇزاقتىن - ئۇزاق دۇئا ئوقۇپ يۈزۈمگە شۇنداق سۈپ - سۈپلىدىكى، سامساق پۇرىقىدىن چۈشكۈرۈپ كەتتىم.
    ئەتىسى مىستىك مەكتەپكە كەلمىدى، ئۆگۈنىمۇ كەلمىدى. ئانامغا ھاجى بۇداكلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ مىستىكنى كۆرۈپ كېلىشنى ئېيتتىم. ئۇ كېسەلمىش بالام دېدى ئانام، −− ئىنشائاللاھ ئۇ ساقايغاندىن كېيىن يەنە بىللە ئوينايسىلەر، ھازىر ئۇنى ئاۋارە قىلىش ئەيىب.
    مەن مىستىكنىڭ تېزرەك ساقىيىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىپ، ھەر كۈنى مەكتەپكە ناھايىتى سەھەر كېلىدىغان بولدۇم.
    بىراق ئۇ كەلمىدى. ئەسلىدە ئىت غالجىر ئىكەن. مىستىكنى داۋالىتىش ئۈچۈن باندىرماغا ئېلىپ كېتىشتى. ئۇ يەردىن ئىستانبۇلغا ئېلىپ بارماقچى بولۇشقانىدى.
    نىھايەت، بىر كۈنى ئۇنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلىدۇق...
    ھەر كۈنى مېنى سەھەر ئويغىتىدىغان ئوچۇق، بۇلۇتسىز ساباھلار ھەممە ئادەمگە ئوخشاش ماڭىمۇ بالىلىقىمنى ئەسلىتەتتى. خاتىرەمدە ناھايىتى قەدىمىي، سۆسۈن بىر سۈبھى مەملىكىتىگە ئوخشايدىغان تۇغۇلغان يۇرتۇمنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرمەكچى بولاتتىم. ھەر دائىم ئىختىيارسىز ھالدا سول قولۇمنىڭ ئىشارەت بارمىقىغا قارايتتىم. بىرىنچى بوغۇمىنىڭ ئۈستىدە ئاق سىزىق شەكلىدە كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان بۇ كىچىك يارا ئىزى مەن ئۈچۈن تولىمۇ مۇقەددەس ئىدى. قەسىمى ئۈچۈن ئۆلگەن، ھاياتىنى مەن ئۈچۈن بېغىشلىغان، جەسۇر قان - قېرىندىشىمنىڭ ئىسسىق لەۋلىرىنى يەنىلا بارمىقىمنىڭ ئۇچىدا ھېس قىلاتتىم. مېنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئۆزىدىن چوڭ، غالجىر، قارا چوپان ئىتى بىلەن پەنجىلىشىۋاتقان ئارسلان، باھادىرلارچە سېماسىنى كۆرەتتىم.

    (ئاپتورنىڭ <<مەخپىي ئىبادەتخانا>> ناملىق كىتابىدىن)

     




    ھالقىلىق سۆزلەر : ئانت، ئۆمەر سەيپىتتىن


    بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
    ------分隔线----------------------------
    
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    ئاۋازلىق ئەسەرلەر

    تەۋسىيە كىتابلار