كىتامۇلا تارۇ ( ياپونىيە) تەرجىمە قىلغۇچى: ئوسمانجان ساۋۇت 
 بۇلۇتنىڭ كۆزى كەچكى شەپەق غايەت زور بىر سايە ، ھەيران قال ،مۆجىزە ئۇندىكى سۈرەت . قىزىلۇ –سۆسىنۇ ،زەڭگەر نىلرەڭنى ئاسمانغا چاچىدۇ ئۇندىكى سۈرەت . تېخىمۇ قويۇقلاپ كەتتى سايىلار ، بەلكىم ئۇ قويۇلغان سىياھغا چىلاپ . كۆزلەرنىڭ ئىچىدە دەۋرەيدۇ ئۇيقۇ ، قويۇمەن گاھىدا تۈگمەمنى سىلاپ . ماشىنا كېلىدۇ گېزىتنى يۈكلەپ ، تىڭشايمەن ئۈنىنى سالىمەن قۇلاق . ھەممىگە تىقىلغان بىر سايە بولدى ، بىردىنلا قىزارغان بۇ كەچكى شەپەق . يۈزىنى سالدى ئۇ دېرىزىلەرگە تىۋىشسىز  جىمجىملا ،ئەپچىل نەقمۇ –نەق . شۇنداقتى تۈنۈگۈن ھەمدە بۇرناكۇن جىلۋىدار رەڭلىرى  ھامان نەقمۇ نەق . قىشتىكى قىياغا چىققان ئادەمنى مەن كۆرۈپ تۇراتتىم ،كۆرەلمەيتىم ھەم . ئەپلەشمەي قالغىنى شۇ بولدى بۈگۈن سۈر بۇلۇت ھەريانغا سوزۇلدى بۇدەم . كۆرگىلى بولىدۇ كەچكى شەپەقنى ئۇندىكى سۈزۈلگەن  تەرەپتىن پەقەت . بۇلۇتقا  بار ئىدى بىر كىچىك كامار كۆزلەرنىڭ شەكلىگە ئوخشايتى ئەجەپ . ئۇ يەردە ئاق بېلىق سىڭارى نۇرلار يىغاتتى سايىنى قويماستىن ھە دەپ . 
  | 







