• سىماس ھېينى : بېكەتلىك ئارال

    يوللانغان ۋاقتى:05-05-2012   مەنبە:    مۇھەررىر: ئابلىكىم مۇھەممەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
    بىكەتلىك ئارال تەرجىمە قىلغۇچى:ئوسمانجان ساۋۇت سىماس ھېينى ( ئېرلاندىيە ) ئېغىر كېسەل بولۇپ قوپقان كىشىدەك يەرگە ئاياغ باسقان چېغىم

    بىكەتلىك ئارال

    تەرجىمە قىلغۇچى:ئوسمانجان ساۋۇت

    سىماس ھېينى ( ئېرلاندىيە )

    ئېغىر كېسەل بولۇپ قوپقان كىشىدەك

    يەرگە ئاياغ باسقان چېغىمدا ،

    توسما –قاشتىن سونۇلغان بىر قول

    تۇتۇۋالدى مېنىڭ چىڭ ھەيھات .

    يېڭى باشتىن سەزدىم خوشاللىق

    خوشاللىقىم بولسىمۇ گەر يات .

    مېنى يۆلەپ تۇرغان ئۇشبۇ قول

    بېلىق كەبى ئىدى سوغ قۇرغاق .

    قويۇۋەتمەي مېنى چىڭ تۇتۇپ

    تۇرار ئىدى يەنىلا بىر قول .

    يېتلە دەمدۇ ، يېتىلەي دەمدۇ

    بۇنى راستىن بىلمەيتىم بىراق .

    بۇ زور ئادەم ئۆتتى يېنىمدىن ،

    بولغان ئىدى كۆزلىرى ئەما .

    ئالغا قاراپ تاشلايتى قەدەم ،

    قوللىرىدا سۇۋادان ھاسا. (2)

    قادالغانتى ئالدى تەرەپكە

    ئىككى كۆزى بىگىزدەك گويا .

    ئىلغا قىلدىم ، تونۇدۇم ئېنىق ،

    ئەنە تىرىك تۇرار ئىدى ئۇ ،

    ئارىسدا ماشىنلارنىڭ ،

    ئاسفالىتلىق يولنىڭ ئۈستىدە ،

    جۇش ئۇراتتى جاسارەت گويا

    قارىغايدەك كۆركەم بەستىدە .

    چىش يارمايلا لام –مىم دەپ تېخى

    ياڭراپ كەتتى قۇلىقىم مانا .

    تاغ دەريانىڭ مەشھۇر نامىغا

    سىڭگەن ئىدى  ئۇندىكى سەزا (3)

    ئۇ كارامەت ناخشىچى خۇددى

    ھەكەم ئىدى  تەڭداشسىز دانا .

    ئۇنىڭ ئۈنى جاراڭلىق ئەينەن ،

    قەتئى مەزمۇت ئىدى دىلرەبا. (4)

    پولات قەلەم ئۇچىدەك ئىتتىك ،

    كەسكىن ئىدى چورت ئىدى  راسا .

    شۇ ئەسنادا تۇيۇقسىزلا ئۇ

    تىلغا كىرىپ كۆتۈردى ھاسا .

    قەغەز سالغان سېۋەتنى تۈرتۈپ

    دىدى : بۇرچۇڭ بۇ ئالەم ئارا

    سىيدام ئەدەپ ، سىيدام يوسۇندا

    تۈگىمەيدۇ بولمايدۇ ئادا .

    ئۆز ئىشىڭنى ئۆز قولۇڭ بىلەن

    ئورۇنلىغىن ، كەلتۈرگىن بەجا .

    تىزگىن چۈشسۈن شۇڭا بېشىڭغا ،

    مۇھىم بولسۇن يېزىش ھەممەۋاق .

    ئال يېزىشتىن شىرىن لەززەتنى ،

    قىيام بولسۇن ئىشقا ئىشتىياق .

    ئىلھاملارنىڭ يىلتىزى قولۇڭ

    تۈنلەر بويى تىنمىغان ئۇزاق .

    ئاپتاپ چاچقان سېنىڭ يۈرىكىڭ

    چۈشلىرىڭدە قۇياش چىققان جاي .

    ئەمدى پەرھىز ئالدىراڭغۇلۇق

    خەۋپ ساڭا ،ۋاي ھالىڭغا ۋاي .

    مۇشۇ يەردە باشلە قەدەمنى ،

    بولما ئۇنچە چىگىشلىككە باي .

    كەندىر توننى كىيىپ ئۆزگىلەر

    مەيلى كۆرسۇن توۋىنى راۋا .(5)

    كەتسۇن بۇندىن ،ئۆچسۇن بۇ يەردىن ،

    ئەستىن چىقسۇن ئۇنتۇلسۇن تامام .

    ئاڭلاش ئۈچۈن نۇرغۇنغۇ ۋاقىت ،

    ئەمدى چىقسۇن ئۆزۈڭدىن ناۋا .

    كىردىم كەڭرى زېمىن باغرىغا ،

    كىردىم يالغۇز كىردىم بىمالال .

    ماڭا تونۇش ئالەم ئىشلىرى ،

    تونۇش كۆپتۇر ، تونۇشتىن يەققال .

    چۈشەر يۈزگە تىنماي تاراسلاپ

    يىپەك يامغۇر يىشىنار تال –تال .

    مەن ئويغاندىم ئەزىز ئاتىجان ،

    ئانىمىزنىڭ ئەركە ئوغلانى ،

    سېتىفىننىڭ خاتىرىسدە

    تۆتىنجى ئاينىڭ ئون ئۈچى كۈنى .

    خاتىرلەنگەن بىر ئان بىر ئەسنا ،

    بىر مەقسەتنىڭ جاكاسى ئۈنى .

    شىرىك بولدى تەلىيمگە تەڭ

    بۇ ئۇنتۇلماس روشەن خاتىرە .

    تۇيۇلدۇ ئۇران بولۇپ ئۇ

    قۇلاق سېلىپ تىڭشىسام گويا

    يېڭى مەسىھ ئايىمىدىكى

    قىسقا ئىخچام ئوقۇلغان دۇئا (6)

    مۇقەدەس ۋورۇنكا ئايىمى (7)

    مازاق قىلىپ دىدى ئۇ ماڭا :

    زادى كىمنى تىلىغا پۈكۈمىز ؟

    ئىنگىلىز تىلى  تۇرسا بىزگە  تەن .

    ياندۇرماقچى بولسىەن تېخى

    ئاللاقچان ئۆچكەن ئوتنى سەن .

    بۇ ۋاقىتنى زايە قىلىشتۇر

    خوپ ئۇلغايغان سېنىڭ يېشىڭدا .

    بۇ دەرىس ئەخمەق كولدۇرلىشىدۇر

    ئۇلار تىققان سېنىڭ بېشىڭغا .

    بۇ گۆدەكلىك ئوخشايدۇ گويا

    نادان دېھقان تىۋىنىشىغا .

    بۇنداق ئېسىل ئىشنى قىلىشچۈن

    ئۆز –ئۆزۈڭگە كەلتۇرگىن زىيان

    مۆلچەرىڭدىن ئېشىشى كېرەك ،

    چوڭ مەقسەتنى چىڭ تۇتقىن ھامان .

    كېڭەيىتسىمۇ چەمبەرنى ئۇلار

    سەنمۇ چوقۇم ئاتلىنپ شۇئان .

    ئۆز ئالدىڭغا كېزىپ جاھاننى ،

    ئۆز ئالدىڭغا ئايرىم كىتاپ ياز ؛

    ئۆز يولىڭغا رىئايە قىلىپ ،

    چەككىن ئىمزا  قەلەمكەش جانباز .

    ھەر خىل ھۆكۈم ئىسپات ئازدۇرۇش

    ئىزھارىڭغا بولسۇن كۆپ ھەمراز .

    ئۇ بىپايان دېڭىز قەھرىدە

    ۋال –ۋۇل قىلىپ چاقنىغىن چورتان .

    ئاسفالىت يول سىم –سىم يامغۇرلار

    تاراسلايدۇ بولىدۇ فۇنتان .

    ئۇ ئالدىراپ چۈشتى يولىغا ،

    كۆتۈرۈلدى  يەردىن كۆك مانان .

    ئۇنىڭ ئايىغى تەككەن يەرلەردە

    بولدى گويا يامغۇرلار قىيان .

    ئىزاھات

    بىكەتلىك ئارال – چۈشىدە تونۇشنىڭ روھى بىلەن ئۇچۇرشۇپ قېلىش  ھەققىدىكى چاتما خاتىرە بولۇپ ۋەقە دونىگار ناھىيىسنىڭ راۋدېگىر دەرياسىدىكى ( ئىرلاندىينىڭ غەرپ شىمالىدا ) روي بەرگەن .بۇ ئارال ئەۋلىيا پاترىڭ ( تەخمىنەن 389-461- يىللار ، ئىرلاندىينىڭ ھىمايەتكار ئەۋلىياسى ) نىڭ زاھىتلىق نامى بىلەن مەشھۇر بولغان .چۈنكى رىۋايەتتىمۇ پاترىك ئالدى بىلەن پەرھىز قىلىپ ۋە تىلەك تىلەپ توۋا ئىستىقبار ئوقۇلدىغان  تۈنەك مۇراسىم ئۆتكۈزۈشنى بەلگىلىگەن . بۇ مۇراسىم ھازىرقى ئۈچ كۈنلۈك تاۋاپنىڭ نىگىزى .ھازىرقى تاۋاپچىلار پائالىيتىنىڭ  ھەر بىر بىرلىكى « بىكەت »دەپ ئاتلىدۇ .ھەر بىر بىكەتنىڭ چوڭ بىر قىسمى « تۆشەك» ئەتراپىدا يالاڭياغ  مېڭىش بىلەن  تىلەك تىلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .« تۆشەك » تاشلار دۆۋىسى .ئېيتىلىشچە  بۇ ئوتتۇرا ئەسىر ئېتكاپخانىسنىڭ  قالدۇق ئورنىمىش . (ھېينى ئىزاھى )  بۇ بىر شېئىرلار تۈركۈمنىڭ ئاخىرقى بابى ( يەنى مۇشۇ شېئىر 12- باپ ) دىكى تونۇش كىشىنىڭ روھى ھېيننىڭ ۋەتەندىشى ئىرلاندىيە يازغۇچىسى جامىس جويىس ( 1941 – 1882 )

    سۇۋادان ھاسا – جامىس جويىس ئەما بولۇپ قالغان .

    بۇ جامىس جويىسنىڭ « فېنكىن تاۋۇتى يېنىدا » دىگەن  ھىكايسدىكى  ئاننا لىۋىيە فىلولابېر  ھەققىدىكى ۋەقەلىك بولۇپ  بۇنىڭدا نۇرغۇنلىغان چوڭ دەريالارنىڭ  نامى ئاھاڭ ئۇقاشلىقى بويىچە تىلغا ئېلىنغان .

    مېنىڭ ئىشلتىدىغان قورالىم « ئۈندىمەسلىك ،سەرسانلىق ۋە نادانلىق » جامىس جويىسنىڭ « بىر ياش سەنئەتكارنىڭ  سۈرىتى » دىگەن ھىكايىسى

    ئىنجىل دەۋرى ۋە كىيىنكى دەۋىرلەردىكى  گۇناكار بەندىلەر كىيدىغان كىيىم .

    غەيرى تەبىئى گەۋدىنىڭ ئايان بولىشى ئالايلۇق ئەۋليا بوۋاق ئەيسا شەرىقتىكى ئۈچ دانىشمەننىڭ ئالدىدا پەيدا بولغان .خىرىستىئان تارىخىدا ئەيسا مەسىھ ئايىمى 1- ئاينىڭ 6- كۈنى

    جامىس جويىسنىڭ « بىر ياش سەنئەتكارنىڭ  سۈرىتى » دىگەن ھىكايىسغا قارالسۇن : « 4- ئاينىڭ 13- كۈنى ۋورۇنكا ئۇزۇنغىچە كاللامغا كىرىۋالدى . مەن لۇغەت ئاختۇرۇرپ بۇ سۆزىنىڭ ئىنگلىزچە سۆز ئىكەنلىكىنى يەنە كېلىپ قوپال ئىنگىلىزچە سۆز ئىكەنلىكىنى  بىلىۋالدىم .دەرىس مۇدىرى ۋە ئۇنىڭ ۋورۇنكا تەلىماتى ھەقىقەتەنمۇ قەبىھ ئىكەن .ئۇ بۇ يەرگە ئۆزىنىڭ تىلىنى بىزگە ئۈگۈتۈشكە كەلگەنمۇ ياكى بىزدىن ئىنگىلىز تىلى ئۈگۈنشكە كەلگەنمۇ ؟ ئۇنىڭ مەقىسىدى زدى نىمە ؟ ئالدىنقىسىمۇ ، كىيىنكىسىمۇ  ئۇ ئوخشاشلا قەبىھ ئىكەن .»

    سۇدىكى پەرىشتە

    ئۇ چىپىپ چىتەننى ، قىرىپ لاتقىنى ،

    يول يۈرۈش ئەركىمنى ئېپبەردى ماڭا .

    قۇتۇلدۇم توساقتىن يەر يوق چاتقىلى ،

    بەئەينى ئۇچقاندەك ئېتلدىم ئاڭا .

    ئۇ توختاپ يولىدىن قارىدى ماڭا ،

    مەن يەشتىم ئۈستۈمدىن تونۇمنى شۇئان .

    سۈپسۈزۈك يۈگۈردۈم شۇنچە بىپەرۋا ،

    ئۇ ماڭا ھەمراھدۇر دىلدا ھاياجان .

    ئۆستەڭلەر كېسىشكەن  دەريا بويىدا

    چاپتى ئۇ بىر گۈرجەك بېقىنمغا دەل .

    ۋە مېنى تارتتى –دە ،ئالدى قوينىغا ،

    يۇتۇلدۇم ، تەشەككۈر  ئېيتتىم شۇ مەھەل .

    سۆيگۈچۈن كۆمۈلگەن ئۇندىكى خەندەك ،

    يىلتىزى سۆرەيدۇ سىزىقلىرىنى .

    بىلسە ئۇ كۆڭلۈمنى كەل دىگەنب تىلەك ،

    تورلاردەك توقۇغان قىزىقلىرىمنى .

    پەقەت مەن بەرگەچكە ئاڭا بۇ زامان ،

    ئەرزىمەس ئىنكاسۇ ،ئەرزىمەس بەدەل.

    ئۇ مېنى ئىسىركەپ سىلىغاچ ھامان ،

    ھەر مۆچەم يوقىتىپ سوغۇق ئەركىنى ،

    ئىللىيدۇ ئۇنىڭغا ،ئادەم بولۇپ كەل .

    تۆمۈر يول باللىرى

    ئۆمىلەپ چىققانداق  قىيا ئۈستىگە ،

    تەڭ بولدۇق سىمتاناپ چەينىكى بىلەن .

    سىملارمۇ تەڭ بولدى پىشانىمىزگە ،

    ۋىڭلىداپ بىتىنىم ئەللىيى بىلەن .

    ئۆتتىغۇ شۇ تاپتا ئۇلار بىزلەردىن ،

    چىرايلىق پىچىم ۋە جۈسۈنى سەكرەپ .

    سوزۇلغان تۇش –تۇشقا تالاي چاقىرىم

    قوساق سېپ قارلىغاچ باسقاندا سەپ –سەپ .

    چوڭ ئەمەس كىچىكتۇر بىزنىڭ ئادەملەر ،

    قەدرى بار ئىشلارنى بىلمەيمىز تېخى .

    بىز قىلغان گەپ سۆزلەر سىملار بويىلاپ

    قىلىدۇ سەيلە دەپ ئويلايمىز تېخى .

    يامغۇرنىڭ تامچىسى يانغان كۆپۈكتە ،

    ھەر تامچە تويۇنغان نۇرلارغا مۇتلەق .

    چىمىرلاپ تۇرىدۇ سىملار ئۆزىمىز ،

    كىچىكلەپ بارىمىز ھەممىدىنمۇ بەك .

    ئۆتۈپمۇ كېتىمىز ھەتتا يىڭىننىڭ ،

    كۆزىدىن قىرىققا يىرىلغان قىردەك .

    يوقىلىۋاتقان ئاراللار

    پېتىنساق ناۋادا تۇتقىلى ماكان ،

    يېشىل تاغ ۋە قۇمسىز قىرغاقلار ئارا ؛

    تۈنىسەك ئۇ يەردە ئىبادەت قىلساق ،

    بىتاقەت ئۆتكۈزسەك تۈنلەرنى قارا .

    تۈرمەلۇ تەمەچلەر تەرسەك بىز كېلىپ ،

    بۇ يەردىن بىر ئوچاق قازساق ناۋادا ؛

    بۇ ئارال بۇژغۇندەك كېتەر تىتىلىپ

    دەسسەشتىن داشلارنى ئاسساق ھاۋاغا .

    ئالەمدىن خوشلىشىپ كېتەر چاغدىلا

    بىز ئۇنى قۇچاقلاپ قويۇمىز قەۋەت .

    بىلىنەر زېمىننىڭ چىڭلىقى شۇندا

    ئۇندىكى ھەممىسى ئىكەن خىيالەت .

    قۇتقۇزۇش

    ئۇيقۇنىڭ ئىچىدە يوللۇقتۇم ساڭا ،

    بەلگىچى كۆمۈگلۈك كۈلتۈك قارغا مەن .

    قولۇڭنى سۇندۇڭۇ ،ھۇش قايتتى ماڭا  ،

    ئەگىزدەك چۈشتىكى ئاققان  يارغا ئەن .تۆ

    يەھۇدا ئامخاي : يەسىلدىكى بالىلارغا  مېھرىغان خۇدا

    يەسىلدىكى بالىلارغا مېھرىبان خۇدا ،

    ئوقۇۋاتقانلارغا ئانچىلا ئەمەس .

    قىرانلارغا  رەھىمى يوق قىلچە ،

    چوڭقۇرماس ئۇلارنى ، قىلغان ئەمدى بەس .

    قۇتقۇزۇش ئورنىغا بارىدۇ ئۇلار

    گاھىدا پىژغىرىن  قۇمدا ئۆمىلەپ .

    ئاقىدۇ تەندىكى يارىلىرىدىن

    قىپقىزىل قانلىرى ئاقار تەپچىرەپ .

    ئۇ بەلكىم ھەقىقى ئاشىق مەجنۇنغا

    كۆيۈنەر ، بېرىلەر  ۋە بىرەر پاناھ .

    باغ ئىچرە كۇرسىدا ئۇخلىغانلارنى

    پۈركىگەن باراقسان دەرەختەك  گويا .

    ھازىر ۋە كەلگۈسى كۈنلىرىمىزدە

    ئۇلارنىڭ بەختىنى قوغدىماق ئۈچۈن ؛

    ئانىمىز قالدۇرغان ئاخىرقى ئىزگۈ

    يوللارنى ئۇلارغا  بېرەرمىز پۈتۈن .

     






    بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
    ------分隔线----------------------------
    
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
    يالقۇن ئەزىزى تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى: يېڭى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقتى: 20:02 05-02-2012 كىرگەن ۋاقتى: 23:05 23-05-2012
    ئاۋازلىق ئەسەرلەر

    تەۋسىيە كىتابلار