• ئاشنا (ھېكايە)

    يوللانغان ۋاقتى:16-02-2012   مەنبە: تارىم 2011-يىل 9-سان   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 1 پارچە
    ئاپتورى: سېن ناياك (سىرىلانكا) ئىلغارجان مەتتۇرسۇن ئىسلام تەرجىمىسى سايمەن بىلەن دوماس يېقىن دوستلاردىن ئىدى. ئۇلار بىر كىچىك بېلىق

    ئاپتورى: سېن ناياك (سىرىلانكا)

    ئىلغارجان مەتتۇرسۇن ئىسلام تەرجىمىسى

     
    سايمەن بىلەن دوماس يېقىن دوستلاردىن ئىدى. ئۇلار بىر كىچىك بېلىقچىلىق كەنتىدە تۇراتتى. ئادەتتە ئۇلار دېڭىزغا بىللە بېلىق تۇتقىلى چىقاتتى. سايمەن مۇشۇ ئەتراپتا داڭقى بار بېلىقچىلاردىن ئىدى. ئۇنىڭ جۇغى كىچىك، ئۇچلۇق زاڭىقىدا بىر تۇتام ساقىلى ساڭگىلاپ تۇرىدىغان كۆرۈمسىز ئادەم بولۇشىغا قارىماي، لوسا ئىسىملىك ياش ھەم چىرايلىققىنە خوتۇنى بار ئىدى. دوماس بولسا ياش يىگىت بولۇپ، تېخى ئۆيلەنمىگەن ئىدى.
    بۈگۈن ئۇلارنىڭ دېڭىز سەپىرىدىن ئەمدىلا قايتىپ كېلىشى ئىدى. سايمەن قولىدا يوغان بىر سېۋەتنى كۆتۈرۈۋالغان بولۇپ، ئىككىسى خۇشال پاراڭلىشىپ كېلىۋاتاتتى. ئۆينىڭ ئالدىغا كەلگەندە سايمەن قولىدىكى سېۋەتنى يەرگە قويۇپ ھويلىغا كىردى ۋە خوتۇنى كۆرۈنمىگەندىن كېيىن ۋارقىرىدى:
    −− لوسا!...
    −− ھە! مانا مەن، −− شۇ ئاۋاز بىلەن تەڭ ئاشخانا ئۆيدىن ئوماققىنە بىر ئايال يۈگۈرۈپ چىقتى.
    ئۇنىڭ بەدىنى تولىمۇ زىلۋا بولۇپ، ئۆڭى ئاق، قاڭشارلىق، ئويناپ تۇرىدىغان بۇلاقتەك چوڭ بىر جۈپ كۆزى ھەقىقەتەن كىشىنىڭ مەستلىكىنى كەلتۈرەتتى. ئۇ ئېرىنىڭ قايتىپ كەلگىنىنى كۆرۈپ خۇشال ھالدا ئالدىغا يۈگۈرۈپ كەلدى.
    −− لوسا، −− دېدى سايمەن چىرايىدىكى كۈلكىسىنى يوشۇرالمىغان ھالدا خوتۇنىغا قاراپ، −− قارىغىنە، ساڭا قانداق ئوبدان نەرسە ئېلىپ كەلدىم؟
    −− نېمە ئۇ؟
    سايمەن ئالدىراپلا بەلبېغىدىن كىچىككىنە ئۈچ بۇرجەكلىك بىر قاپچۇقنى ئېلىپ، خوتۇنىغا تەڭلىدى. لوسا ئۇنى قولىغا ئېلىپ ئېچىۋېدى، ئىچىدىن ئالتۇندەك يالتىراپ تۇرىدىغان بىر مارجان چىقتى. ئۇ خۇشلۇقىنى باسالماستىن سەكرەپ كەتتى ۋە سايمەننىڭ مەڭزىگە ئارقا - ئارقىدىن بىر نەچچىنى سۆيۈۋەتتى. سايمەن مارجاننى قاپچۇقتىن ئاۋايلاپ ئېلىپ، خوتۇنىنىڭ ئاپپاق بوينىغا ئېسىپ قويدى. ئاندىن بىر قەدەم كەينىگە يېنىپ دوماسقا بۇرۇلدى ۋە:
    −− قارىغىنە، دوماس، مېنىڭ لوسايىم نېمىدىگەن چىرايلىق - ھە! −− دېدى.
    −− شۇنداق، خۇددى پەرىشتىنىڭ ئۆزى، −− دېدى دوماس ئۇنىڭ گېپىگە ئۇلاپلا.
    لوسا ئۇنىڭ گېپىدىن ئوڭايسىزلانغاندەك ئىتتىكلا يەرگە قارىۋالدى. سايمەن خوتۇنىغا بىردەم سەپسېلىپ تۇرغاندىن كېيىن توساتتىن:
    −− لوسا، كېلەر قېتىم دېڭىزدىن قايتاشىمدا ساڭا چوقۇم بىر جۈپ بىلەزۈك ئالغاچ كېلەي. ئۇ چاغدا مۇنۇ مارجىنىڭ بىلەن بىللە تاقىۋالساڭ بەكلا ياراشقۇدەك، −− دېدى.



    ھالقىلىق سۆزلەر : ئاشنا، ھېكايە


    بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
    ------分隔线----------------------------
    
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    ئاۋازلىق ئەسەرلەر

    تەۋسىيە كىتابلار