سايمەن ئۇنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ قاتتىق ھەيران قالدى ۋە ئىتتىكلا سورىدى:
−− بۇنداق بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. ئەگەر ئۇ ئادەم سەن بولساڭ، يەنە نېمىشقا ئۆزۈڭ ماڭا دەيسەن؟
دوماسنىڭ چېھرىدە بىرىدىنلا ئاچچىق تەبەسسۇم پەيدا بولدى:
−− ئەگەر مەن بۇ ئىشنى ساڭا ئېيتمىغان بولسام، سەن بۇ دۇنيا بىلەن ئاللىبۇرۇن خوشلاشقان بولاتتىڭ...
دوماس شۇنداق دەپ بولۇشىغىلا بېشى بىر يانغا ئاستا قىيسىيىپ قالدى، ئۇ جان ئۈزگەنىدى.
−− دوماس، دوماس ! ئاھ، مېنىڭ قەدىرلىك دوستۇم !...
سايمەن ئۈن سېلىپ يىغلاشقا باشلىدى. ئۇنىڭ كۆز ياشلىرى ئاللىقاچان تىنىقتىن قالغان يېقىن دوستى دوماسنىڭ خەسىدەك تاتىرىپ كەتكەن مەڭزىگە تاراملاپ چۈشمەكتە ئىدى...
|


