«تارىم» ژۇرنىلى نەشرىياتى 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى ئۈرۈمچىدە «تارىم ژۇرنىلى نەشرىياتى 2012-يىللىق ئاپتورلار سۆھبەت يىغىنى» ۋە «شائىر ئوسمانجان ساۋۇت ئىجادىيىتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئېچىپ، ژۇرنالنىڭ 2011-يىللىق خىزمەتلىرىنى خۇلاسىلىدى، 2012-يىللىق خىزمەت پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەم ئۆزىنىڭ نادىر ئەسەرلىرى بىلەن ژۇرنالنى ئىزچىل قوللاپ كېلىۋاتقان ئابدۇكېرىم راھمان قاتارلىق 13نەپەر مۇنەۋۋەر ئەدىبنى ھەم 2نەپەر مۇنەۋۋەر مۇھەررىرنى مۇكاپاتلىدى. بۇ قېتىمقى يىغىنغا تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇپ، شىمالىدىن كەلگەن شائىر يازغۇچىلار، ھەرقايسى ژۇرناللارنىڭ مەسئۇللىرى، مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر، ئۈرۈمچىدىكى پېشقەدەم ئەدىبلەر، ياش، ئوتتۇرا ياش قەلەم ساھىبلىرى بولۇپ 130نەپەر كىشى قاتناشتى. مۇشۇنداق خۇشاللىنارلىق پەيتتە، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مەدەنىيەت بوستانى پروگرامما گۇرۇپپىسى بىلەن بىرلىشىپ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە تارىم ژورنىلىنى ئاساس قىلىپ سۆھبەت ئۇيۇشتۇرغان ئىدى. تۆۋەندىكىسى شۇ قېتىمقى سۆھبەتنىڭ ئەمەلىي خاتىرىسى. «تارىم» ژۇرنىلى نەشرىياتى |


