2012-يىلى رايونىمىزدىن 11 كىشى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە ئەزا بولغان جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە 2012- يىللىق ئەزا تەرەققى قىلدۇرۇش خىزمىتى بۇ يىل 1- ئايدىن باشلانغان بولۇپ، تەشكىلات ئەزالىرىدىن پىكىر ئېلىش، ھەر قايسى ئەدەبىياتچىلاردىن سۈرۈشتۈرۈش، ۋە مۇتەخەسىسلەرنىڭ ئاساسلىشىدا، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى شۇجىچۇسى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى قاراپ چىقىش ۋە بېلەت تاشلاش ئېلىپ بېرىپ، 385 كىشىنى ئەزالىققا تەرەققى قىلدۇردى. جەمئىيەتنىڭ نازارىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ھازىر ئىسىملىك ئاممىغا ئشكارىلاندى. ئاممىغا ئشكارىلاش ۋاقتى 2012- يىلى 6- ئاينىڭ 5- كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 12- كۈنىگىچە. ئەگەر ئىسىملىكتىكىلەردە كۆچۈرمىكەشلىك ئەھۋاللىرى بار گۇمان قىلىنسا ئاممىغا ئاشكارىلاش ۋاقتى ئىچىدە پاش قىلىشىڭلارنى، ھەم مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلار بىلەن تەمىنلىشىڭلارنى سورايمىز. ئالاقىلاشقۇچىلار: شىڭ چۇن، فەن داڭخۇي تېلېفون: 010-64489867، 64489869، 64221703(فاكس) ئېلخەت ساندۇقى : 64221703@163.com جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى 2012- يىلى 6-ئاينىڭ 5- كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدىن جەمئىي 11 كىشى ئەزا بولغان. ئۇلار: ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروران، يالقۇن روزى، ئەخمەتبېك قىرجىباي(قازاق)، مۇھەممەتجان راشىدىن، چىمەنگۈل ئاۋۇت، نۇرمۇھەممەت توختى، ئابدۇقادىر جالالىددىن، بەگمەت يۈسۈپ، رىزۋانگۈل يۈسۈپ، شۆھرەت مۇھەممىدى، ياسىن زىلال. يەنە بىر تولۇقلىما خەۋەر: بۇ قېتىم ئەزا بولغانلار ئىچىدە، نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇر ئايال يازغۇچى ياڭ يوڭ杨咏(ئائىشە阿舍) مۇ ئەزا بولۇپ كىرگەن.
|


