![]() Tomas Transtromer شىۋىتسىيە خان جەمەتى ئاكادىمىيەسىنىڭ 10-ئاينىڭ 6-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 7:00دىكى خەۋىرىچە، شىۋىتسىيەلىك شائىر توماس ترانسترومېر2011-يىللىق نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. توماس ترانسترومېر 1931-يىلى شىۋىتسىيەدە تۇغۇلغان. 1954-يىلى تۇنجى شېئىرلار توپلىمى "17پارچە شېئىر" نەشىر قىلىنىپ، ئەينى چاغدىكى شېئىرىيەت ساھەسىدە غۇلغۇلا قوزغىغان. ھازىرغىچە 163پارچە شېئىر ئېلان قىلغان بولۇپ، "سەپەردىكى سىر"، "يېرىمى پۈتكەن بوشلۇق"، "ئاۋاز ۋە ئىز"، "زۇلمەتتە نەزەر"، "ھەقىقەتنىڭ توسالغۇسى"، "تىرىكلەر ۋە ئۆلۈكلەرگە" قاتارلىق 10پارچە شېئىرلار توپلىمى ئېلان قىلىنغان. شائىر كۈندىلىك تۇرمۇشنى تۇتقا قىلىپ، ئۆزىنىڭ قىسقا ھەم تېرەن شېئىرلىرىدا ئىماگ ھەم ئىستىئارە ۋاستىسى ئارقىلىق ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسىنى قېزىشقا تىرىشقان. ئۇ كۆپ قېتىم نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى نامزاتلىقىغا تاللانغان بولۇپ، ياۋرۇپا شېئىرىيەت ساھەسىدىكى داڭلىق ھالقىما رېئالىزىمچى ۋە سىمۋولىزىمچى دەپ تەرىپلىنىدۇ. ئۇ كۆپ قېتىم دۆلەت ئىچىدىكى ئەدەبىيات مۇكاپاتلىرىغا نائىل بولغان. ئەسەرلىرى 30نەچچە تىلغا تەرجىمە قىلىنغان. مۇكاپاتلاش ھەيئىتىدىكىلەر: "گەرچە ئۇنىڭ شېئىرلىرى ئىخچام ھەم گۇڭگا بولسىمۇ، ئەمما ئۇ بىزگە رېئاللىقنى چۈشىنىشنىڭ ئەڭ يېڭى كۆزىتىش نۇقتىسىنى كۆرسىتىپ بەردى." دەپ قارىغان. باھالاش ھەيئىتىنىڭ رەئىسى كجېل ئېسپمارك : "توماس ترانسترومېر ئىنسان روھىنى شەرھلەشكە ئۇرۇنغۇچى شائىردۇر"، -دېگەن. شائىر 1990-يىلى كېسەللىك سەۋەبىدىن بەدىنىنىڭ ئوڭ يېرىمى پالەچلىنىپ قالغان بولسىمۇ ھازىرغىچە شېئىر يېزىشنى توختاتمىغان. ئۇ "شائىر ئۆز ئىجادىيىتىدە ئۆزىنىڭ ئۆتمۈشىدىن ۋاز كېچىشى، شۇنداقلا ئۆزىنى ئۆزى دورىماسلىقى كېرەك" دەپ ئېيتقان. |


