• «تارىم» ژۇرنىلى تەھرىر ھەيئەتلەر ۋە ئاپتورلار سۆھبەت يىغىنى

    يوللانغان ۋاقتى:06-06-2011   مەنبە: Tarimweb.com   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 6 پارچە
    «تارىم» ژۇرنىلى نەشرىياتى تەھرىر ھەيئەتلەر ۋە ئاپتورلار سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

    «تارىم» ژۇرنىلى نەشرىياتى تەھرىر ھەيئەتلەر ۋە ئاپتورلار

    سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

     

    ئۇيغۇر بۈگۈنكى دەۋر  ئەدەبىياتىنىڭ شانلىق نامايەندىسى بولغان «تارىم» ژۇرنىلىنىڭ مۇبارەك 603-سانى نەشىر قىلىنغان خاسىيەتلىك دەمدە،ژۇرنال دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 60يىللىق مۇبارىكىنى كۈتىۋېلىش ، جۇڭگو كومۇنىستىك پارتىيىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش، پارتىيەنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت فاڭجىنى ۋە نۆۋەتتىكى ئىجادىيەت ئاساسىي مىلودىيەسىنى تەشۋىق قىلىش، ئەدەبىي ئىجادىيەتتىكى يېڭى يۈزلىنىشلەرنى مۇھاكىمە قىلىش ئۈچۈن، «تارىم» ژۇرنىلى نەشرىياتى 21-ئاپرىل ئۈرۈمچىدە «تەھرىر ھەيئەتلەر ۋە ئاپتورلار سوھبەت يىغىنى» ئاچتى.
    يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى خۇاڭ يوڭجۈن، رەئىسى ھېيتەم ھۈسەيىن، مۇئاۋىن رەئىسى ۋاھىتجان غوپۇر، سابىق رەئىسى غازى ئەھمەد، «تارىم» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، شائىر ياسىن زىلال، سابىق باش مۇھەررىرلىرىدىن ئابلىمىت سادىق، مۇھەممەت شاۋۇدۇن قاتارلىقلار قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. يىغىنغا يەنە شائىر-يازغۇچىلاردىن بۇغدا ئابدۇللا، تاھىر تالىپ، ئەخەت تۇردى، مەمتىمىن ھوشۇر، مۇھەممەت باغراش، ئابدۇللا سۇلايمان، تۇرسۇنجان مۇھەممەت، ئەختەم ئۆمەر، ئابدۇقادىر جالالىدىن، يالقۇن روزى، ئەزىزى، قۇربان بارات، ۋاھىتجان ئوسمان قاتارلىقلار قاتناشتى.
    سۆھبەت يىغىنىدا، يېقىنقى ئىككى يىل مابەينىدە «تارىم» ژۇرنىلىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلگەن ۋە مەزمۇنى ساغلام، بەدىئىيلىكى يۇقۇرى ئەسەرلىرى بىلەن ژۇرنالنى بېيىتىپ كەلگەن تاھىر تالىپ، پەرھات تۇرسۇن، مۇھەممەت پولات قاتارلىق 30 ئەدىبكە «مۇنەۋۋەر ئەدىب» شەرەپ گۇۋاھنامىسى ۋە 2000يۈەن مۇكاپات پۇلى تارقىتىپ بېرىلدى.
    ئىمىن ئەھمىدى، ئابلىمىت سادىق، ئەخەت تۇردى، مۇھەممەت رەھىم، مۇھەممەت شاۋۇدۇن،مۇھەممەت باغراش، ئابدۇقادىر جالالىدىن قاتارلىقلار سۆز قىلىپ، «تارىم» ژۇرنىلىنىڭ 60 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ گۈللىنىشىدە ئوينىغان تارىخىي رولىغا يۇقۇرى باھا بەردى ۋە ژۇرنالدىن كۈتىدىغان ئۈمىد، ئارزۇلىرىنى بىلدۈردى. 

     

    «مۇنەۋۋەر ئەدىب» شەرىپىگە ئېرىشكەنلەر

    ئابدۇللا سۇلايمان
    مەمتىمىن باقى
    مۇھەممەت پولات
    ئوبۇل ھاشىم
    ئەركىن مۇھەممەت كامالىي
    تۇراخۇن ئەخمەت دولانى
    سەمەت دۇگايلى
    سۇلتان ھاشىم
    ئەركىن سابىر
    ئابدۇناسىر يۇنۇس ياۋايى
    ئەخمەتجان تۇرۇپ بەگتۈرك
    تۇرسۇنجان مۇھەممەت
    تاھىر تالىپ
    تۇرغۇن مىجىت
    پەرھات تۇرسۇن
    مەتسېلىم مەتقاسىم
    ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروران
    تۇرسۇنگۈل تۇردى
    ئابلىكىم ئەبەيدۇللا
    مۇتەللىپ سەيپۇللا
    ماھىنۇر ئابدىلىم
    مەتتۇرسۇن ئېلى
    ئاتىكەم سىدىق ئايقۇت 
    ئەكبەر ئىمام كۆكبۆرە
    ئەسئەت ئەمەت
    مۇھەممەتتۇرسۇن ئەبەيدۇللا
    نەسرۇللا ئابلەت
    سەمەت مۇھەممەد رامىزان


    «مۇنەۋۋەر مۇھەررىر» شەرىپىگە ئېرىشكەنلەر

    پاتىگۈل ئەخمەت
    مۇختار تۇردى

    يىغىندىن كۆرۈنۈشلەر


     






    ھالقىلىق سۆزلەر :


    بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
    ------分隔线----------------------------
    
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    ئاۋازلىق ئەسەرلەر

    تەۋسىيە كىتابلار