• ئاشنا (ھېكايە)(4)

    يوللانغان ۋاقتى:16-02-2012   مەنبە: تارىم 2011-يىل 9-سان   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 1 پارچە
    سايمەن، شۇنچە ئۇزاق ۋاقىتنى چىداپ ئۆتكۈزدۇق. يەنە ئازراق بەرداشلىق بېرەيلى. بەلكىم تەڭرى بىزنى بۇنداقمۇ ئۆلۈم
    −− سايمەن، شۇنچە ئۇزاق ۋاقىتنى چىداپ ئۆتكۈزدۇق. يەنە ئازراق بەرداشلىق بېرەيلى. بەلكىم تەڭرى بىزنى بۇنداقمۇ ئۆلۈمگە بۇيرۇماس، −− تەسەللى بەردى دوماس ئاستا بېشىنى كۆتۈرۈپ.
    −− ياق دوماس... يەنىلا سەن چىشىڭنى چىشلەپ، بەرداشلىق بەر. مەن... راستتىنلا بولالمىدىم. قولۇمنى قويۇۋېتىمەن دوماس، −− سايمەننىڭ ئاۋازىدىن قاتتىق ھەسرەت ھەم ئەلەم چىقىپ تۇراتتى، −− ئەگەر سەن تىرىك قايتىپ كېتەلىسەڭ، مېنىڭ لوسايىمغا شۇنى ئېيتىپ قويۇشنى ئۇنتۇما. مەن ئۆلۈش ئالدىدا تۇرۇپمۇ ئۇنى ياخشى كۆرۈۋاتىمەن...
    دوماس ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلىمايۋاتقاندەك پەرۋاسىز ئىدى، سايمەن داۋاملىق سۆزلەۋەردى.
    −− يەنە... سەن لوساغا چوقۇم ئوبدان قاراپ قوي، ماڭا ۋەدە بەرگىن دوماس. ئۇنىڭغا ئوبدان قارا. ئەگەر شۇنداق قىلمىساڭ ئۆلسەممۇ كۆزۈم يۇمۇلمايدۇ...
    دوماس يەنىلا جاۋاب بەرمىدى. سايمەننىڭ ئاۋازى بارا - بارا پەسلەپ كېتىۋاتاتتى:
    −− دوماس، بىلەمسەن؟... لوسانىڭ بويىدا بار. بالام تۇغۇلغاندىن كېيىن چۇقۇم مېنىڭ ئىسمىمنى قويسۇن... دوماس، دوستۇم. مەن قولۇمنى قويۇۋەتتىم، ئەلۋىدا...
    −− سايمەن! −− بايىنىڭ ياقى بىر ئېغىزمۇ زۇۋان سۈرمىگەن دوماس توساتتىن ئېغىز ئاچتى، −− سەن ئۆلۈپ كېتىشتىن ئىلگىرى مۇنداق بىر مەخپىيەتلىكنى ئېيتىپ قويغۇم كېلىۋاتىدۇ، ساڭا دېمىسەم بولمايدىغان بىر مەخپىيەتلىك بار.
    −− نېمە مەخپىيەتلىك ئۇ؟
    −− خوتۇنۇڭنىڭ ئاشنىسى بار...
    −− نېمە؟! سەن نېمە دەۋاتىسەن؟ −− سايمەن خۇددى يۈرەك قوزغاتقۇچى ئوكۇلى ئۇرۇلغان بىماردەك بىردىنلا جانلىنىپ كەتتى.
    −− سېنىڭ لوسايىڭ ئاللىقاچان بىر ئەر بىلەن تېپىشىۋالغان، سەن ئەخمەق تېخىچە ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىپ يۈرۈۋاتىسەن، تېخى خوتۇنۇڭنى شۇ قەدەر دىيانەتلىك ساناۋاتىسەن، بىلەمسەن، ھېلىقى بىلەزۈكنىمۇ ئۇنىڭغا ئاشۇ ئاشنىسى ئېلىپ بەرگەن.
    −− دوماس! −− سايمەن ئەمدى غەزەپتىن يېرىلغۇدەك بولدى، −− سەن دېگەن ئىشلارنىڭ ھەممىسى راستما؟
    −− ھازىرلا لەھەڭگە يەم بولۇش ئالدىدا تۇرغان بىر ئادەم ساڭا يالغان ئېيتىپ نېمە قىلاي.
    −− ئەمىسە ئېيتە، ئۇنىڭ ئاشنىسى كىم؟ زادى كىم؟
    لېكىن دوماس بۇ قېتىم پەقەت باش چايقاپ قويۇش بىلەنلا كۇپايىلەندى، شۇنىڭدىن كېيىن قايتا بىر نەرسە دېگىلى ئۇنىمىدى.



    ھالقىلىق سۆزلەر : ئاشنا، ھېكايە


    بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
    ------分隔线----------------------------
    
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    ئاۋازلىق ئەسەرلەر

    تەۋسىيە كىتابلار