• ئاشنا (ھېكايە)(5)

    يوللانغان ۋاقتى:16-02-2012   مەنبە: تارىم 2011-يىل 9-سان   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 1 پارچە
    سايمەن ئەمدى چىشلىرىنى غۇچۇرلاتقان پېتى سۆزلىمەكتە ئىدى: مەن ئەمدى قولۇمنى قويۇۋەتمەيمەن. مەن تىرىك قايتىشىم
    سايمەن ئەمدى چىشلىرىنى غۇچۇرلاتقان پېتى سۆزلىمەكتە ئىدى:
    −− مەن ئەمدى قولۇمنى قويۇۋەتمەيمەن. مەن تىرىك قايتىشىم كېرەك، لوسانى ئۆز قولۇم بىلەن دۇمبالاپ، ئاشنىسىنىڭ كىملىكىنى ئىقرار قىلدۇرۇشۇم كېرەك! ئاندىن... −− ئۇ بەكلا ھاياجانلىنىپ كەتكەچكە بىردىنلا قېقىلىپ يۆتەلگىلى تۇردى. ئاندىن ئاسمانغا قاراپ ئىلتىجا قىلىشقا ئۆتتى، −− ئاھ، تەڭرىم! مېنى ئۆز پاناھىڭدا ساقلىغايسەن، ھېچ بولمىسا قىرغاققا ساق - سالامەت چىقىپ بىرەر سائەت بولسىمۇ ياشىۋېلىشقا نېسىپ قىلغايسەن، مېنىڭ ھېلىقى ئەبلەخنى ئۆلتۈرۈشۈمگە بىر سائەت ۋاقىت بولسىلا كۇپايە، ئېھ، پەرۋەردىگارىم! ...
    جاھاننى يەنە قاراڭغۇلۇق باستى. سايمەن ئەمدى ئىككى قولى بىلەن كېمە شېلىغا مەھكەم ئېسىلىۋالغان ئىدى. بارماقلىرىدىكى جاراھەتلەرنىڭ ئاغرىقىمۇ خىيالىغا كىرمەيتتى. ئاغزى بولسا توختىماستىن سۆزلەپ، دوماستىن ھېلىقى ئەرنىڭ ئىسمىنى سورايتتى. لېكىن دوماس بولسا خۇددى كالپۇكلىرى بىر - بىرىگە يەملىشىپ قالغاندەك بىر ئېغىزمۇ زۇۋان سۈرمەيتتى.
    ئەتىسى سۈبھى پەيتىدە، ئاخىر مۇشۇ ئەتراپتىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر سودا پاراخوتى ئۇلارنى بايقاپ دەرھال قۇتقۇزۇۋالدى ۋە چۈشكە يېقىن قىرغاققا يەتكۈزۈپ قويدى. ئۇلار لولسودىكى مەركىزىي دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىندى. بۇ چاغدا ھەر ئىككىسىنىڭ پەقەت ئاخىرقى نەپىسىلا قالغان بولۇپ، دوختۇرلار پۈتۈن كۈچى بىلەن جىددىي قۇتقۇزۇشقا كىرىشىپ كەتتى. سايمەننىڭ ھايات قېلىشىدىن ئۈمىد روشەن بولغاچقا، دوختۇرلارنىڭ بىر قانچە سائەت جىددىي تىرىشىشى نەتىجىسىدە ئاستا - ئاستا ھوشىغا كېلىشكە باشلىغانىدى. ئەمما دوماسنىڭ ئەھۋالى بەكلا خەتەرلىك بولۇپ، ئىشلىتىلگەن دورا - ئوكۇللار قىلچە كار قىلمايۋاتاتتى، ئۇ ئاساسەن سەكرات ھالىتىگە چۈشۈپ قالغانىدى.
    تۈن نىسپى بولغان چاغ، بىمارلارنىڭ ھەممىسى ئۇيقۇغا كەتكەن. سايمەن مىڭبىر تېپچەكلەپ يۈرۈپ كارىۋىتىدىن چۈشتى ۋە كارىۋات گىرۋىكىنى تۇتۇپ ئۆمىلەپ دېگۈدەك دوماسنىڭ كارىۋىتى يېنىغا كەلدى. سۇس چىراغ نۇرىدا ئۇ ئېگىز بوي ھەم قامەتلىك يېقىن دوستى دوماسنىڭ رەڭگىرويى شامدەك ئاقىرىپ، چېھرىدە قان دىدارى قالمىغانلىقىنى كۆردى. ئۇ ئېڭىشىپ تۇرۇپ، دوماسنىڭ ئىسمىنى پەس ئاۋازدا چاقىرىشقا باشلىدى. دوماس بىھوشلۇق ئىچىدە ئاستا ئىڭرىدى. دوستىنىڭ ھوشىغا كەلگەنلىكىنى كۆرگەن سايمەن دەرھاللا:
    −− دوماس، ئوبدان دوستۇم، ماڭا ھېلىقى ئەبلەخنىڭ زادى كىملىكىنى ئېيتىپ بەرگىنە، سەندىن خۇش بوپقالاي، تېزرەك ئېيتىپ بەرگىنە... −− دېدى.
    دوماس ئۈنسىز كۆزلىرىنى يېرىم ئېچىپ سايمەنگە تىكلىدى ۋە شۇ ھالەتتە توپتوغرا ئون مىنۇتتەك قاراپ تۇرغاندىن كېيىن ئاخىر تولىمۇ قىينىلىپ تۇرۇپ ئېغىز ئاچتى:
    −− سايمەن، ئۇ ئادەم مەن، ھېلىقى بىلەزۈكنىمۇ لوساغا مەن ئېلىپ بەرگەن.



    ھالقىلىق سۆزلەر : ئاشنا، ھېكايە


    بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
    ------分隔线----------------------------
    
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    ئاۋازلىق ئەسەرلەر

    تەۋسىيە كىتابلار