−− بولدى، ئۇنى ئالمايلى، مېنىڭ بىلەزۈكۈم بار.
−− نېمە؟ −− سايمەن ئۇنىڭ گېپىدىن ھەيران قالدى، −− سەن قاچان بىلەزۈك سېتىۋالدىڭ؟ ئەجەب مېنىڭ ئېسىمدە يوققۇ؟
−− توختاپ تۇرۇڭە، مەن ئۇنى ئەپچىقىپ سىزگە كۆرسىتەي، −− لوسا شۇنداق دېگەچ كەينىگە بۇرۇلۇپ ئۆيگە يۈگۈردى.
ھايال ئۆتمەي ئۇ بىر دانە قارامتۇل ياغاچ قۇتىنى كۆتۈرگىنىچە چىقىپ كەلدى ۋە ئېرىگە تەڭلىدى. سايمەن قۇتىنى قولىغا ئېلىپ ئاغزىنى ئېچىۋېدى، ئىچىدە ھەقىقەتەن چەت - چۆرىسىگە گۈل چېكىلگەن ئاجايىپ كۆركەم بىر بىلەزۈك كۆزنى قاماشتۇرۇپ تۇرۇپتۇ. بۇ بايىقى مارجان بىلەن تازا ماس كېلەتتى. لوسا ئېرىنىڭ چېھرىدىكى ھەيرانلىق ئىپادىسىنىڭ تېخىچە يوقالمىغانلىقىنى كۆرۈپ ئىتتىك چۈشەنچە بەردى.
−− بۇ بىلەزۈكنى مەن بۇنىڭدىن بىر ئاي ئىلگىرى سېتىۋالغان. سىز بەرگەن پارچە پۇللارنى يىغىپ، ئاران دېگەندە 20رۇپىيە قىلغانتىم، شۇ پۇلغا سېتىۋالدىم. بۇ ئىشنى سىزگە ئۆز ۋاقتىدا دېمىگىنىمگە خاپا بولمايدىغانسىز قەدىرلىكىم؟
سايمەن بىلەزۈكنى لوسانىڭ چىرايلىق بېلىكىگە ئۆز قولى بىلەن تاقاپ قويۇۋېتىپ خۇشال كەيپىياتتا:
−− سېنىڭدەك تېجەشلىك خوتۇنۇمنىڭ بولغانلىقىدىن خۇش بولۇۋاتسام، نېمىشقا خاپا بولاي، −−− دېدى. كېيىن لوسا دوماس بىلەن بىر قانچە ئېغىز پاراڭلىشىپ قويۇپ، ئىككىسىگە تاماق تەييارلاش ئۈچۈن ئاشخانىغا كىرىپ كەتتى.
سايمەن بىلەن دوماس ئۆينىڭ ئالدىدا تاماكا چېكىشكەچ ئولتۇرۇپ پاراڭغا چۈشتى:
−− سەن ھەقىقەتەن تەلەيلىككەنسەن، سايمەن، مۇشۇنداق ئوبدان بىر ئايال ساڭا خوتۇن بولۇۋاتىدۇ...
سايمەن دوماسنىڭ بۇ ماختاشلىرىغا پىخىلداپ كۈلۈپلا ئولتۇراتتى...
لوساغا مارجان سېتىۋېلىشقا ئاز پۇل كەتمىگەن ئىدى. شۇڭا بىر كۈنى سايمەن دوستى دوماس بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن يەنە بىر قېتىم يىراق دېڭىز سەپىرىگە ئاتلانماقچى بولۇشتى. شۇنداق قىلغاندا تېخىمۇ كۆپ بېلىق تۇتۇپ كەلگىلى بولاتتى. دوماس باشتا ئارتۇقچە ئىپادە بىلدۈرمىدى. چۈنكى بىر قانچە ئايدىن بۇيان دېڭىز ئۇدا تىنچ بولمايۋاتاتتى. دېڭىزغا ئىچكىرىلەپ كىرسە خەتەرمۇ چىقاتتى، لېكىن ئۇ ئاخىر دوستىنىڭ مەسلىھەتىگە كۆندى.
ئۇلار دېڭىزغا ئاتلانغان كۈنى ئەتىگىنى ھاۋا بەكلا ئوچۇق ئىدى. كۆپكۆك دېڭىز سۈيى گويا يېشىل رەڭلىك غايەت زور گۆھەر تاشقا ئوخشايتتى. يەنە كېلىپ ئەمدىلا كۆتۈرۈلۈۋاتقان تاڭ قۇياشىنىڭ نۇرىدا ۋال - ۋۇل چاقناپ تۇراتتى. سايمەن بىلەن دوماس كېمىنىڭ يەلكىنىنى چىقىرىپ قويۇپ، دېڭىزنىڭ ئىچكىرىسىگە قاراپ يۈرۈپ كېتىشتى. بىراق كۈن چۈش بولاي دېگەندە غەربىي ئۇپۇقتا تۇيۇقسىز قوغۇشۇن رەڭگىدىكى توپ - توپ بۇلۇتلار پەيدا بولدى - دە، بىر - بىرىنى قوغلىشىپ بۇلار تەرەپكە قاراپ شىددەت بىلەن باستۇرۇپ كېلىشكە باشلىدى. ئاندىن ئاسماننى بىردىنلا قاراڭغۇلۇق قاپلىدى. دېڭىز سۈيى كىشىنىڭ كەيپىنى ئۇچۇرغۇدەك دەرىجىدە قاتتىق شاۋقۇنلاپ كېمىنى ھەدەپ لەپەڭشىتىشكە باشلىدى. سايمەن تەجرىبىلىك بېلىقچى ئىدى. ئو دوماسقا قاراپ كارنىيى يىرتىلغۇدەك ئاۋازدا ۋارقىرىدى:
|


