• ئاشنا (ھېكايە)(3)

    يوللانغان ۋاقتى:16-02-2012   مەنبە: تارىم 2011-يىل 9-سان   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 1 پارچە
    چاپقۇن بولىدىغان ئوخشايدۇ! يەلكەننى چۈشۈرۈۋەت! ... لېكىن ئۇنىڭ شۇنچە كۈچىنىپ ۋارقىراشلىرى بوراننىڭ قۇترىغان يو
    −− چاپقۇن بولىدىغان ئوخشايدۇ! يەلكەننى چۈشۈرۈۋەت! ...
    لېكىن ئۇنىڭ شۇنچە كۈچىنىپ ۋارقىراشلىرى بوراننىڭ قۇترىغان يولۋاستەك ھۆركىرەشلىرى ئىچىدە خۇددى پاشىنىڭ ۋىڭىلدىشىدەكلا ئاڭلاندى. دوماس ياش ھەم قاۋۇل بولغاچقا يەلكەننى ئانچە كۈچىمەيلا چۈشۈرۈپ بولدى. بىراق رەھىمسىز بوران كېمىگە ئاللىقاچان ھۇجۇم باشلىغان ئىدى.
    −− چىڭ تۇت! چىڭ تۇت! −− سايمەن بار ئاۋازى بىلەن ۋارقىرايتتى ۋە كېمىنىڭ تۇمشۇقىنى دېڭىز تەكتىدىن توختىماي ئوقچۇپ چىقىۋاتقان دولقۇنلارغا ئۇدۇللىماقچى بولۇپ تىرىشاتتى. بۇ چاغدا بىردىنلا چېلەكلەپ سۇ قۇيۇلغاندەك قارا يامغۇر يېغىشقا باشلىدى. بوراننىڭ كۈچى ۋە يامغۇرنىڭ ھەيۋىسىدىن گويا ئەسەبىيلەشكەن ھايۋانغىلا ئوخشاپ قالغان كېمە دېڭىز دولقۇنلىرىغا ئەگىشىپ گاھ كۆتۈرۈلۈپ گاھ پەسلەيتتى. بوشلۇققا ئوقچۇۋاتقان رەت - رەت دولقۇنلار قاتتىق ئۇرۇلاتتى. كېمىمۇ دولقۇنغا زەرب بىلەن سوقۇلاتتى. ئاندىن دېڭىز تەكتىدىن قايناپ چىققان ئۆركەشكە ئەگىشىپ دولقۇن ئۈستىدە يەنە قەيسەرانە پەيدا بولاتتى... كېيىن ئۇشتۇمتۇت باستۇرۇپ كەلگەن تېخىمۇ شىددەتلىك بىر دولقۇننىڭ زەربىسىدە كېمە ھەش - پەش دېگۈچە پۈتۈنلەي پاچاقلىنىپ كەتتى. سايمەن بىلەن دوماسمۇ تەڭلا دېڭىزغا چۈشۈپ كەتتى.
    توپتوغرا ئىككى سائەتكە يېقىن نېمىگىدۇر دەرغەزەپ بولغاندەك قۇترىغان دېڭىز بورىنى بارا - بارا توختاپ، ئاسماندىكى قارا بۇلۇتلارمۇ بارا - بارا يوقالدى. ئاندىن دېڭىز يۈزى ئەسلىدىكى جىمجىت ھالىتىگە قايتتى. سايمەن بىلەن دوماس بىر چوڭ بالا - قازادىن ئامان قالغان ئىدى. ئىككىسى پاچاقلىنىپ كەتكەن كېمىنىڭ بىر تال شېلىغا چىڭ ئېسىلىۋالغان بولۇپ، مىڭ ئۆلۈپ، مىڭ تىرىلگەندەك قىلاتتى. شۇ تاپتا تۆت ئەتراپى چەكسىز كەتكەن دېڭىزدا، بۇلار قىرغاقنىڭ زادى قايسى تەرەپتە ئىكەنلىكىنى بىلمىسىمۇ، يەنىلا ھاياتىدىن ئۈمىد ئۈزمىگەن ئىدى. بۇلارنىڭ ئۈمىدى دەل بىرەر ئۆتكۈنچى پاراخوتقا يولۇقۇپ قېلىش ئىدى. لېكىن بۇنداق بوران پەسلىدە كېمىمۇ پاراخوتىنى دېڭىزنىڭ ئىچكىرىسىگە ھەيدەپ كېلەر؟
    ئۇلار دېڭىزدا ئاشۇ پېتى توپتوغرا ئۈچ كېچە - كۈندۈز تۇرۇپ قالدى. تىللىرى قۇرۇپ كالپۇكلىرى چاك - چاك ئېتىلدى. ئاچلىقتىن قورساقلىرى توختىماي كۇركىرايتتى. ئۇلارنىڭ كېمە شېلىنى قاماللاپ تۇرغان بارماقلىرىدىن قان تەپچىرەيتتى. جاراھەتلىرىنىڭ سۇغا چىلىشىپ تۇرغان ئېغىزلىرى ئاقىرىپ، ئەسلىي رەڭگىنى يوقاتقان، بىلەكلىرى بولسا چىدىغۇسىز ئېچىشىپ ئاغرىيتتى. كۈندۈزدىكى ئوتتەك قىزىق قۇياش نۇرى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە توسقۇنسىزلا چۈشكەچكە، بەدەنلىرىنىڭ سۇ يۈزىگە چىقىپ تۇرغان يالىڭاچ يەرلىرى كۆيۈپ، بىر قات تېرىسى سويۇلۇپ چۈشكەن، سۇ تېگىدە تۇرغان پۇتلىرى بولسا ئاللىقاچان سېزىمىنى يوقاتقان ئىدى.
    −− دوماس، −− دېدى سايمەن بىر چاغدا، −− مەن... مەن بولالمايۋاتىمەن... ئەمدى چىدىغۇچىلىقىم قالمىدى.



    ھالقىلىق سۆزلەر : ئاشنا، ھېكايە


    بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
    ------分隔线----------------------------
    
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    ئاۋازلىق ئەسەرلەر

    تەۋسىيە كىتابلار