راينېر مارىيا رىلكې ( ئاۋىستىريە ) بۈۋى مەريەم ئانىنىڭ خىرىستوسقا ھازىسى
پەلەكنى باستىغۇ قايغۇ –ھەسىرتىم تولدىغۇ ئۆمرۈمگە شۇ تاپتا پۈتۈن . كۆزلىرىم چەكچەيدى ، تاش ، ياغاچ تېنىم ، ئىچ –باغىرىم تاش ياغاچ ، ئىچ باغرىم تۈتۈن . تاش بولۇپ قاتساممۇ شۇ تاپتا لېكىن قاي رەۋىش ئۆسكىنىڭ كۆڭلۈمگە ئايان . قانداقچە ئۆسكىنىڭ ساغلام ئۆسمىر بوپ ئېسىمدىن چىقمايدۇ ، چىقمايدۇ ھامان . ئايرىلىش چېغىدا پۈركىدى سايەڭ ، بۇ ھەسرەت ھەممىدىن ئېغىردۇر ماڭا . بۇ بىر سىر تېپىشماق قەلبىمگە مەڭگۈ كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز بىر يۈكتۇر يانا . تىزىمدا ئۇزىراپ ياتىسەن ھازىر ، كۆچىنى كۆرسەتتى بۇ مۇدھىش ھايات . تۇرىمەن مەن ساڭا بولالماي قادىر ، بېرىشكە ھاياتتىن چىقىرىپ ھايات .
|


