
«ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە ئۆلچەملىك كىرگۈزگۈچ»نى ئىشلەتكەندە، ئالدى بىلەن كىرگۈزۈش ئۇسۇلىنى قوزغىتىپ ئەمەلىي يۇمشاق ماتېرىيالدا ماس بولغان خەت نۇسخىلىرىنى تاللاپ ئىشلەتسەكلا، ئىشلىتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. بۇ سىستېما ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق تەتقىقات تۈرى «ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە ئۆلچەملەشتۈرۈش تەتقىقاتى»نىڭ تارماق تۈرى بولغان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نوپۇزلۇق خەتتاتلار، ئازسانلىق مىللەتلەر تىل-يېزىقى ۋە كومپيۇتېر مۇتەخەسسىسلىرىدىن تەركىب تاپقان تەتقىقات گورۇپپىسى تاماملىغان «ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە خەت شەكلى تەتقىقاتى»نىڭ 4 خىل خەت نۇسخىسى، 12 خىل خەت شەكلى بىلەن تەمىن ئېتىلگەن.
قولىڭىزدىكى بۇ كۆپ ئىقتىدارلىق كود ئالماشتۇرغۇچ ھازىرغا قەدەر بازارغا سېلىنغان، كۆپ ئىشلىتىلىپ كېلىۋاتقان DOS مۇھىتىدىكى مەتبەئە سىستېمىلىرىدىن «بوغدا»، «فاڭجېڭ»، «سەنلى»، «شىنجاڭ 2000»، «ۋېيفاڭ» قاتارلىق سىستېمىلاردا ئارىلاش كىرگۈزۈلگەن ھۆججەت كودىنى ۋە Windows موھىتىدا ئىشلەيدىغان خەت كىرگۈزۈش سىستېمىلىرىدىن «ئەل كاتىپ»، «بۇغرا»، «ئەل پىدا»، «يىپەك يولى 2000»، «Intel»، «چېۋەر قول»، «ئەلقۇت»، «ئالماس»، «بىلىگيار»، «ئوغۇزخان»، «UUS»، «ئىقبال»، «يىلتىز» قاتارلىق خەت كىرگۈزۈش سىستېمىلىرىدا ئارىلاش كىرگۈزۈلگەن ھۆججەت كودىنى ئۆلچەملىك Unicode كودىغا ئايلاندۇرۇپ بېرىدۇ.