
ئۇيغۇرچە فونتلارنىڭ بىرلىككە كېلىش تارىخى
- 2002-يىل ئىيۇن: تۇنجى ساپ ئۇيغۇرچە Unicode نى ئاساس قىلغان فونت ياسالدى ۋە ئۇنىڭغا Uyghur Tuz Unicode دېگەن نام قويۇلۇپ ھەقسىز تارقىتىلدى؛
- 2003-يىل 1-دېكابىر: «ئۇيغۇرچە فونتنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ھەققىدە تەكلىپ» ئېلان قىلىندى؛
- 2004-يىل 17-يانۋار: «ئۇيغۇرچە فونتلارنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئېچىلدى. «ى، ھ، ئە» لارنىڭ ئورنى ئېنىق بېكىتىلدى، بىر قىسىم فونتلارغا UKIJ بىلەن باشلانغان ناملار بېرىلدى؛
- 2004-يىل 3-ئاپرىل: «ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى» رەسمىي قۇرۇلدى ۋە ئۇنىڭ بىرىنچى نۆۋەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى؛ شۇ ئايدا تور بېكىتى http://www.ukij.org قۇرۇلدى.
- 2004-يىل 7-دېكابىر: ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتىنىڭ 2- نۆۋەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ 1- باسقۇچلۇق يىغىنى ئېچىلدى، بىر قىسىم فونتلارنىڭ نامى مۇقىملاشتۇرۇلدى؛
- 2004-يىل 10-دېكابىر: ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتىنىڭ 2- نۆۋەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ 2- باسقۇچلۇق يىغىنى ئېچىلدى، فونتلارنىڭ نامى پۈتۈنلەي مۇقىملاشتى.
مەنبە: ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلمىي جەمئىيىتى مۇنبىرى