• « شېئىرىيەت رىسالىسى»ناملىق كىتاب نەشرگە تاپشۇرۇلدى(خەۋەر)

    يوللانغان ۋاقتى:12-02-2012   مەنبە: Tarimweb.com   مۇھەررىر: بەگيار   كۆرۈلۈشى: قېتىم   باھا: 37 قېتىم   ئىنكاس: 2 پارچە
    ئابدۇقادىر سادىرنىڭ «شېئىرىيەت رىسالىسى»ناملىق كىتابى نەشرگە تاپشۇرۇلدى

     

    «شېئىرىيەت رىسالىسى»ناملىق كىتاب نەشرگە تاپشۇرۇلدى
     
    پىشقەدەم شائىر، يازغۇچى، كىلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى ئابدۇقادىر سادىر يېقىندا ئۆزىنىڭ كۆپ يىللىق جاپالىق ئۆگىنىش ۋە قېتىرقىلىنىپ ئېلىپ بارغان ئەھمىيەتلىك تەتقىقاتىنىڭ سەمەرىسى بولغان «شېئىرىيەت رىسالىسى»ناملىق ئىلمىي، نەزىرىيىۋىي كىتابىنى نەشىرگە تاپشۇرغان. ئابدۇقادىر سادىرنىڭ ئۆزىدىن ئىگە للىشىمىزچە؛ «شېئىرىيەت رىسالىسى»ناملىق بۇ كىتاپتا ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيا تىنىڭ شېئىرىيەت ژانېرى ۋە بۈگۈنكى زامان شېئىرىيىتىدە ئەمىلىي قوللىنىلىۋاتقان، قوللىنىلماي كېلىۋاتقان، ئىستېمالدىن چۈشۈپ قالغان ياكى قوللىنىشنى بىلمەي كېلىۋاتقان 53 خىل شېئىرى تۈر (39 خىل چوڭ تۈر، 14 تارماق تۈر)، 99 خىل مۇستەقىل شېئىرى شەكىل (34 خىل ئاساسى شەكىل ۋە 65 خىل تارماق شەكىل)، 22 خىل ۋاستىلىق شېئىرى شەكىل (12 خىل ئاساسلىق تۈر، 10 خىل تارماق تۈر)، شېئىرنىڭ ئىچكى تۈزۈلمىسىگە ئائىت زۆرۈر مەزمۇنلاردىن 123 خىل مەسىلە، كىلاسسىك ۋە بۈگۈنكى زامان شېئىر شەكىللىرىنىڭ تۈزۈلىشىگە ئائىت ئەمىلىي مىساللار.... نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىلمى كىتاب بولۇپ، بۇ مۆھتىرەم ئۇستازىمىز ھاجى ئەخمەت كولتېگىن ئاكا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا نەشر قىلدۇرغان «ئۇيغۇر شېئىرىرىيىتى توغرىسىدا»ناملىق بىردىن-بىر قوللانماخاراكېترلىك كىتابىدىن كېيىنكى، يەنە بىر ئىلمىي ۋە پايدىلىنىش قىممىتى زور بولغان كىتابلارنىڭ بىرى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن.



    ھالقىلىق سۆزلەر : خەۋەر


    بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
    ------分隔线----------------------------
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، ساغلام تور مەدەنىيىتى بەرپا قىلىشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
    باھا بېرىڭ:
    تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
    تۇرسۇن تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى: يېڭى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقتى: 22:02 02-02-2012 كىرگەن ۋاقتى: 18:04 23-04-2012
    ئاۋازلىق ئەسەرلەر

    ئەدەبىيات-سەنئەت ئۇچۇرى
    تەۋسىيە ئەسەرلەر
    تەۋسىيە كىتابلار