مەمىلىكەتلىك ئەدەبىياد-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ھەر قېتىملىق قۇرۇلتايلىرى ئۆتكۈزۈلگەن ۋاقىتلار ھەم قۇرۇلتايدا سايلانغان رەئىس،مۇئاۋىن رەئىسلەر
ئىسىملىكى
تۇردى ئىسرائىل
يىڭى جۇڭگو قۇرۇلۇش ھارپىسىدا، يەنى 1949-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە جۇڭخۋا مەمىلىكەتلىك ئەدەبىياد-سەنئەت خىزمەتچىلىرىنىڭ 1-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى بىر ئايغا يېقىن ئېچىلىپ،شۇ يىلى 7-ئاينىڭ -كۈنى جۇڭخۋا مەمىلكەتلىك ئەدەبىياد-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى قۇرۇلدى.قۇرۇلتايدا جۇڭگونىڭ ھازىرقى زامان داڭلىق زىيالىلىرىدىن گومۇرۇ رەئىس، ماۋدۈن بىلەن جۇياڭ مۇئاۋىن رەئىس بولۇپ سايلاندى.
1953-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۅنىدىنن 10-ئاينىڭ 6-كۈنىگىچە ئېچىلغان جۇڭخۇا ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ 2-قۇرۇلتىيىدا، جۇڭخۇا ئەدەبىيات-سەنئە تچىلەر بىرلەشمىسى-دىگەن نام ،جۇڭگو ئەدەبىياد-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى دېگەن نامغا ئۆزگەرتىلىپ، قۇرۇلتايدا گومۇرۇ رەئىس، ماۋدۈن، جۇياڭ مۇئاۋىن رەئىس بولۇپ سايلاندى.
1960-يىلى 7-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 13-كۈنىگىچە ئېچىلغان جۇڭگو ئەدەبىياد-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ 3-قۇرۇلتىيىدا گومۇرۇ يەنە بىر قىتىم رەئىس، ماۋدۈن، جۇياڭ، باجىن، لاۋشى، سەييپىدىن ئەزىزى قاتارلىق 15كىشى مۇئاۋىن رەئىسلىككە سايلاندى.1962-يىلعا كەلگەندەل ىيۇزىمىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىككە تولۇقلاپ سايلاندى .
ئارىدىن 17يىل ئۆتۈپ ،يەنى 1979-يىل 10-ئايدا يىگىرمە كۈنگە يېقىن ئېچىلعان مەمىلكەتلىك ئەدەبىياد-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ 4-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدا، ماۋدۈن پەخرى رەئىسلىككە،جۇياڭ رەئىسلىككە،باجىن،شىيايەن،قەمبەرحانىم قاتارلىق 11 كىشى مۇئاۋىن رەئىس بولۇپ سايلاندى.
1988-يىلى جۇڭگو ئەدەبىياد-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ 5-قۇرۇلتىيى ئېچىلىپ ، ساۋيۈ ئىجىرائىيە رەئىس،يىڭ سۇۋشى قاتارلىق تۇققۇز ئادەم ئىجىرائىيە مۇئاۋىن رەئىس بولدى.
1996-يىلى ئېچىلغان جۇڭگو ئەدەبىياد-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ 6- ۋە 2001-يىلى ئېچىلغان 7-قۇرۇلتايلىرىدا جۇۋېيجى ئۇدا ئىككى قىتىم رەئىسلىككە سايلاندى.
2006-يىلى ئېچىلغان جۇڭگو ئەدەبىياد-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ 8-قۇرۇلتىيىدا مەدەنىيەت مىنىستىرى سۇ جىياجىڭ رەئىس، 21 ئادەم مەخسۇس ياكى قۇ شۇمچە ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن رەئىس بولۇپ سايلاندى. فۇجىنمىن، بەي گىڭشىڭ قاتارلىق يەتتە ئادەم شۇجىچۇلار باشقارمىسىنىڭ باشلىقى بولدى.
جۇڭگو يازغۇچىلار جەمىيىتىمۇ ئازادلىق ھارپىسىدا قۇرۇلغان.1948-يىلى 7-ئاينىڭ 23-كۈنى بېيپىڭدا مەمىلىكەت بۇيىچە ئەدەبىياد ساھەسىنىڭ 91نەپەر تۈھپىكار ىدىن تەشكىللەنگەن كۇمىتېت قۇرۇلۇپ، جۇڭخۇا مەمىلىكەتلىك يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ئۇل تېشى تۇرغۇزۇلغان . ماۋدۈن رەئىسلىككە، دىڭ لىڭ ، خى جۇڭپىڭ مۇئاۋ ىن رەئىسىلىككە، دىڭ لىڭ پارتىيە گۇرۇپپا باشلىقلىقىغا، فىڭ شۈفىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقلىقىعا سايلانغان .
1953-يىلى 10-ئايدا چاقىرىلغان 2-قىتىملىق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا ، جۇڭخۇا مەمىلىكەتلىك يازعۇچىلار جەمىيىتىنىڭ نامى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمىيىتى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن .ماۋدۈن رەئىسلىككە، جۇياڭ ، دىڭ لىڭ ، خى جۇڭپىڭ، لاۋشى، فىڭ شۈفىڭ قاتارلىقلار مۇئاۋىن رەئىس بولۇپ سايلانعان .
مەدەنىيەت ساھەسىدىكى چىكىدىن ئاشقان «سول»چىل ئىدىيىنىڭ زىيانكەشلىكى ۋە بالايى-ئاپەتلىك ھەركەت «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»كەلتۈرگەن مەدەنىيەت مۇستەبىتلىكىنىڭ كۆرمىڭ قىيىنچىلىق،جاپا-مۇشەققەتلىرىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن جۇڭگو يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ 3-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى 1979-يىلى ئېچىلىپ، ماۋ دۈن رەئىسلىككە،باجىن قاتارلىق 13كىشى مۇئاۋىن رەئىسلىككە سايلانغان.1984-يىلى 12-ئايدا ئېچىلعان 4-نۆۋەتلىك قۇرۇلتايدا باجىن رەئىسلىككە،ۋاڭ مىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسلىككە ، تېيىپجان ئىلىيۇف قاتارلىق 10كىشى مۇئاۋىن رەئىسلىككە سايلانغان.
2006-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 14-كۈنىگىچە بېيجىڭدا مەمىلكەتلىك ئەدەبىياد-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ 8-قۇرۇلتىيى،مەمىلىكەتلىك يازغۇ چىلار جەمىيىتىنىڭ 7-قۇرۇلتىيى تەڭلا ئېچىلىپ، قۇرۇلتايعا 2402نەپەر ۋەكىل قاتناشقان .بۇنىڭ ئىچىدە ئەدەبىياد-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى قۇرۇلتىيىعا ، 47ۋەكىللەر ئۈمىكىدىن1449نە پەرۋەكىل ،يازغۇچىلار جەمىيىتى قۇرۇلتىيىغا 953نەپەر ۋەكىل قاتناشقان.بۇ ئىككى قۇرۇلتايدا مەدەنىيەت مىنىستىرى سۇن جىياجىڭ جۇڭگو ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسلىكىگە ،مەركىزى كۇمىتىتنىڭ كاندىدات ئەزاسى،خېبىي ئۆلكىلىك ئەدەبىياد-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، 49ياشلىق ئايال يازعۇچى تىيەن يىڭ جۇڭگو يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى .مەمىلىكەتلىك ئەدەبىياد –سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ 8-قۇرۇلتىيىعا قاتناشقان شىنجاڭ ۋەكىللىرىدىن لىيۇبىڭ ،ھىيتەم ھۈسەيىن،ئادىل ھۇشۇر ،دىلنار ئابدۇللا مەمىلىكەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئەتلىكىگە، يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ 7-قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋەكىللىرىدىن ئازاد سولتان،شامىس قۇمار قاتارلىقلار جوڭگۇ يازعۇچىلار جەمىيىتى 7-قۇرۇلتىيىنىڭ ھەيئەتلىكىگە سايلاندى.
|


|