شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئەزالىرىغا ئۇقتۇرۇش
ئالاقىلىشىشقا تېخىمۇ قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن،شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئەزالىرىنىڭ ئالاقىلىشىش QQ توپى بۈگۈن رەسمىي قۇرۇلدى. بۇ توپنىڭ ۋەزىپىسى جەمئىيىتىمىزنىڭ خىزمەت ئۇچۇرلىرىنى، ئالاقىدار خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى ۋە مۇھىم ئۇقتۇرۇشلارنى جەمئىيىتىمىز ئەزالىرىغا ئۆز ۋاقتىدا، بىۋاستە يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىدۇ. جەمئىيىتىمىز ئەزالىرى بىزگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى بۇ توپ ئارقىلىق يەتكۈزسە بولىدۇ.
مۇھىم ئەسكەرتىش: بۇ توپقا قېتىلىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلار چوقۇم شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئەزالىرى بولۇشى كېرەك. باشقىلارنىڭ بۇ توپقا قېتىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.
توپ نومۇرى: 181116887
、ھۆرمەت بىلەن:
شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى
2012-يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى
|


