رەسسام ۋە فوتوگرافلار سەمىگە:

يوللانغان ۋاقتى:28-02-2012   مەنبە: Tarimweb.com   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
ئۇزاقتىن بېرى ژۇرنىلىمىزنى قوللاپ كېلىۋاتقان رەسسام ۋە فوتوگرافلارغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرگە، گۈزەل-سەنئەت ئەسەرلىرىنى

ئۇزاقتىن بېرى ژۇرنىلىمىزنى قوللاپ كېلىۋاتقان رەسسام ۋە فوتوگرافلارغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرگە،  گۈزەل-سەنئەت ئەسەرلىرىنى ژۇرنىلىمىزغا ئەۋەتكەندە تۆۋەندىكى تەلەپلەرگە يېقىندىن ماسلىشىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز:


1. ئەۋەتىلگەن ئەسەرلەر تېما جەھەتتىن چەكلەنمەيدۇ. ھەرخىل تېما ۋە ئۇسلۇبتىكى ئەسەرلەر بولسا بولىدۇ.(خەتتاتلىق ئەسەرلىرىنىڭ مەزمۇن، ئىملا ھەم تېكىست مەنبەسىگە تەلەپ قاتتىق بولىدۇ.)
2. باشقىلارنىڭ ئوخشاش تېما ۋە ئۇسلۇبىدىكى ئەسەرلىرىگە تەقلىد قىلىنغان ۋەياكى تاسادىپ ئوخشاپ قالغان ئەسەرلەر بىردەك ئىشلىتىلمەيدۇ.
3. ئەۋەتىلگەن ئەسەرلەرنىڭ سۈزۈكلۈك دەرىجىسى 350نۇقتىدىن كەم بولماسلىقى كېرەك. (كومپيۇتېر نۇسخىسىلا قوبۇل قىلىنىدۇ. يۇيدۇرۇپ ئەۋەتىلگەن نۇسخىسى قوبۇل قىلىنمايدۇ.)
4. رەسىم ھۆججەت شەكلىنىڭ پەرقلىق بولۇشى سەۋەبلىك رەڭ ئۆزگىرىپ كېتىپ، رەسىم سۈپىتىگە تەسىر يېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن رەسساملار ئەسەر ئەۋەتكەندە رەسىم ھۆججىتىنى tifياكى psdشەكلىدە ئەۋەتسە بولىدۇ.(ئادەتتە كومپيۇتېرلاردا ئۈچ رەڭلىك ئۆلچەم كۆپ قوللىنىلىدۇ. ئەمما لايىھە ۋە باسما ئىشلىرىدا تۆت رەڭ ئۆلچىمى ئاساس قىلىنىدۇ.)
5. ئەسەر ئەۋەتىشتە ئەسىرىڭىزنى نۇردېسكىغا كۆچۈرۈپ پوچتىدىن ئەۋەتسىڭىزمۇ ياكى بولاقلاپ ئېلخەت ئادرېسىمىزغا ئەۋەتسىڭىزمۇ بولىدۇ.
6. ئەگەر ھۆججەت سىغىمى چوڭ بولۇش سەۋەبلىك ئېلخەت ئادرېسىمىزغا نورمال ئەۋەتەلمىسىڭىز، http://www.115.com تورىدىكى خاس تور دېسكىمىزغا ئەۋەتسىڭىزمۇ بولىدۇ. تور دېسكىمىزغا كىرىش نامى: hezreteli@qq.com ، پارولىنى 4597601-0991 غا تېلېفۇن قىلسىڭىز ئېيتىپ بېرىدۇ.

يەنە باشقا تېخنىكىلىق ئىشلار بولسا 4597601-0991 غا تېلېفۇن قىلىپ ياكى بېكىتىمىزنىڭ "سوئال-جاۋاب" سەھىپىسىگە كىرىپ سۈرۈشتە قىلسىڭىز بولىدۇ.
 

(ئەتراپىڭىزدىكى رەسسام ۋە فوتوگرافلارغا خەۋەردار قىلىپ قويۇشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز)

 

«تارىم» ژۇرنىلى نەشرىياتى
2012-يىل 2-ئاي
 




ھالقىلىق سۆزلەر : photo,pic


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار