"تارىم" ژۇرنىلى تور بېكىتى كەڭ ئەزالارغا تېخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلىش، تور بېكەت مەزمۇنىڭ سۈپەتلىك ھەم مول بولۇشىغا، يوللانغان ئەسەرلەرنىڭ ۋاقتىدا، سۈپەتلىك تەھرىرلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن كەڭ ئەزالار ئارىسىدىن خالىس تەكلىپلىك مۇھەررىر ۋە تەكلىپلىك مۇخبىر قوبۇل قىلىدۇ. تەپسىلاتى: تەكلىپلىك مۇھەررىرلەرگە قويۇلىدىغان تەلەپ: 1.كۈندىلىك تورغا چىقىش ۋاقتى 1سائەت ئەتراپىدا بولۇشى كېرەك. 2.ئالاقىدار كومپيۇتېر بىلىملىرىگە ئىگە بولۇشى كېرەك. 3.ئەسەرلەرنى مەزمۇن ھەم بەدىئىيلىك جەھەتتىن پەرق ئېتىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى، ئىملاسى ياخشى بولۇشى كېرەك. 4.باشقا تور بېكەت ھەم مۇنبەرلەردە مۇھەررىرلىك ۋە باشقا ۋەزىپىسى بولمىغان بولۇشى كېرەك. 5.بېكىتىمىزگە ھەپتىدە بىر پارچە ئەسەر يوللاشقا ياكى ئۇيۇشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. 6.بېكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ باشقا تور بېكەت ھەم مۇنبەرلەرگە رۇخسىتىمىزسىز يوللىنىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تۇرۇشى ھەم شۇنداق ئەھۋال بايقالسا بېكەت مەسئۇلىغا خەۋەر قىلىشى كېرەك. يۇقارقى تەلەپلەرنى ئورۇنداپ كېتەلەيمەن دەپ قارىغانلار ئۆزىنىڭ قىسقىچە ئەھۋالىنى بېكەت مەسئۇلىنىڭ خەت ساندۇقىغا يوللاپ بەرسە بولىدۇ. قىسقىچە ئەھۋالنى يوللىغاندا ئۆزىڭىزنىڭ بېكىتىمىزدىكى ئەزالىق ئىسمىڭىزنى ئەسكەرتىڭ.تەكلىپلىك مۇھەررىردىن جەمئىي 3نەپەر قوبۇل قىلىنىدۇ.تەكلىپ قىلىنىش مۇددىتى بىر يىل بولىدۇ.
تەكلىپلىك مۇخبىرلارغا قويۇلىدىغان تەلەپ: 1.كۈندىلىك تورغا چىقىش ۋاقتى 1سائەت ئەتراپىدا بولۇشى كېرەك. 2.ئالاقىدار كومپيۇتېر بىلىملىرىگە ئىگە بولۇشى كېرەك. 3.مۇئەييەن يېزىقچىلىق ئاساسىي بولۇشى كېرەك. 3.ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ۋە ئەتراپتىكى جايلاردا بولغان ھەرخىل ئەدەبىي يىغىلىش، يىغىن، يېڭىدىن نەشىردىن چىققان كىتاب ئۇچۇرى قاتارلىق ئەدەبىيات-سەنئەت ئۇچۇرلىرىدىن بىزنى ۋاقتىدا خەۋەرلەندۈرىشى كېرەك. يۇقارقى تەلەپلەرنى ئورۇنداپ كېتەلەيمەن دەپ قارىغانلارئۆزىنىڭ قىسقىچە ئەھۋالىنى بېكەت مەسئۇلىنىڭ خەت ساندۇقىغا يوللاپ بەرسە بولىدۇ. قىسقىچە ئەھۋالنى يوللىغاندا ئۆزىڭىزنىڭ بېكىتىمىزدىكى ئەزالىق ئىسمىڭىزنى ئەسكەرتىڭ.تەكلىپلىك مۇخبىردىن جەمئىي 4نەپەر قوبۇل قىلىنىدۇ.تەكلىپ قىلىنىش مۇددىتى بىر يىل بولىدۇ. (ئەسكەرتىش: بۇ پەقەت خالىس خىزمەت، رەسمىي يوسۇندىكى خادىم قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى ئەمەس) تەكلىپلىك مۇھەررىرلەر ۋە مۇخبىرلار ئۆزىنىڭ خالىس ئەجرى بەدىلىگە "تارىم" ژۇرنىلىنىڭ يېڭى سانلىرىدىن بىر يىلغىچە ھەقسىز بەھرىمەن بولىدۇ.(پوچتىدىن ئەۋەتىپ بېرىلىدۇ). بېكەت مەسئۇلىنىڭ تېلېفون نومۇرى:13565901306 ئېلخەت ئادرېسى: hezreteli@qq.com "تارىم" ژۇرنىلى تور بېكىتى 2012-يىل 2-ئاينىڭ 4-كۈنى |


