• قەلەندەر ( ھېكايە)

    يوللانغان ۋاقتى:30-04-2012   مەنبە:    مۇھەررىر: ئابلىكىم مۇھەممەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   باھا: 0 قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
    قەلەندەر ( ھېكايە) پەرھات جەمشىت مەكتەپ پۈتتۈرگىنىمگىمۇ ھەش-پەش دىگىچە 4يىل بولۇپ قالدى .بۇ تۆت يىل مەن ئۈچۈن قىرىق يىلدەك بىلىندى .چۈ
    "

                                               قەلەندەر


                                                                       ( ھېكايە)

                                                                  پەرھات جەمشىت


    مەكتەپ پۈتتۈرگىنىمگىمۇ ھەش-پەش دىگىچە 4يىل بولۇپ قالدى .بۇ تۆت يىل مەن ئۈچۈن قىرىق يىلدەك بىلىندى .چۈنكى بۇ جەرياندا مىنىڭ قىلمىغان بىرلا ئىشىم يەنى، ئوبورنى تازىلاشلا قالدى.تاللا بازارلىرى،قۇرۇلۇش ئورۇنلىرى دەمدۇ ئىشقىلىپ ئازراقلا پۇل تېپىپ جان باقىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلدىم.بىر قىسىم ساۋاقداشلىرىم ئاتا-ئانىسى ۋە ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىنىڭ ياردىمىدە خېلى ياخشى خىزمەتلەرگە ئورۇنلاشتى. مەن يەنىلا شۇ ،بىر تەرەپتىن ئىشلىگەچ يەنە بىر تەرەپتىن گويا شاڭچىنىڭ موكىسىدەك .ماتېرىياللىرىمنى كۆتۈرۈپ ئۇيان -بۇيان قاتىرىغاچ مەمۇرىلىق ئىمتىھانىغا قاتنىشىش بىلەن مەشغۇل.بىراق ھەر قېتىمدا يېزىق ئىمتىھانىدىن ئۆتسەم يۈزتۇرانە ئىمتىھاندا شاللىنىپ ،بۇ ئىشتىنمۇ كۆڭلۈم سوۋۇپ كەتتى،، شۇنىڭ بىلەن تاللا بازىرىدا ئىشلەشنى قارار قىلدىم .مانا مېنىڭ تاللا بازىرىدا ئىشلەۋاتقىنىمغىمۇ بىر يىلدىن ئاشتى .گەرچە بېرىدىغان ئايلىقى ئاز بولسىمۇ ھەر-ھالدا ئاچ قالمىغىنىمغا مىڭ شۈكرى ...
    بۇلتۇر كۈز پەسلىدە تۇيۇقسىز چوڭلاردىن ئىنىمنىڭ تويى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا تېلىفون كەلدى.شۇ ۋەجىدىن دۇنيالىقتىكى بىرلا ئىنىمنىڭ توي مەرىكىسىگە قاتنىشىپ كېلىش ئۈچۈن 10كۈنلۈك رۇخسەت بىلەن يۇرتقا قاراپ يول ئالدىم.پاھ! يۇرتىمىزمۇ ئۈرۈمچىدىن قېلىشمىغىدەك دەرىجىدە گۈزەللىشىپ كېتىپتۇ، قاتار-قاتارئىمارەتلەر،كەڭ كەتەكەن يوللار نىمە دىگەن چىرايلىق .نىمە دىگەن كۆركەم ھە!مانا ئاخرى ئۆزۈم چوڭ بولغان يېزىغىمۇ يېتىپ كەلدىم ،يېزىمىزدىمۇ خېلى چوڭ ئۆزگۈرۈشلەر بولغاندى.دادام-ئاناملارمۇ ھەرھالدا خېلى ياخشى تۇرۇپتۇ.ئىنىم بولسا توي تەييارلىقى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىپتۇ. مەن بىرتەرەپتىن ئائىلىنىڭ ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىغا ياردەملەشكەچ يەنە بىر تەرەپتىن ئىنىمنىڭ توي ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتىم.بىر كۈنى پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ .
    -قايتىپ كېلىپ دېھقانچىلىق قىلايمىكىن دەيمەن دىيىشىمگىلا .
    -نىمە دەيدىغانسەن ئاكا، دېھقانچىلىق قىلىش ئۈچۈن يەر بولمىسا بولمايدۇ،سىنىڭ يېرىڭ بولمىسا قانداق قىلىسەن.دادام-ئاناملارغا بېرىلگەن 6مو يەرنى تالىشىپ يۈرمەيلى يەنە دىدى ئىنىم ئۇدۇللا .ئۇنىڭ گېپى ماڭا ئېغىر كەلدى لېكىن مەن چاندۇرماسلىققا سېلىپ:
    _ مەنمۇ كەلمەيمەن ئۇكام شەھەردە ئىشلەيمەن ،دىيەلىدىم ئارانلا .چوڭلارمۇ ئۈندىمىدى.مانا ئەتە توي بولىدۇ بىز خۇددى پۇتى كۆيگەن توخۇدەك ئالدىراش بولۇپ كېتىشتۇق .ھېرىپ -ئېچىپ ئۆيگە كىرىشىمگە بىرمۇنچە ئادەم كاڭدا ئوتۇرۇشۇپ تاماق يىيشىۋېتىپتۇ. مەن ئۇللار بىلەن بىرمۇ -بىر كۆرۈشۈشكە باشلىدىم. ئىگىزبوي،قاڭشارلىق،قاش كىرپىكلىرى تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان، سېمىز بىرى بىلەن قول ئېلىشتىم ئۇنىڭ قولى شۇنداق يۇمشاق ئىدىكى، خۇددى قىزلارنىڭ قولىغىلا ئوخشايتى.مەن بۇ نەدىن كەلگەن باشلىقتۇ؟بىزنىڭ بۇنداق باشلىق تۇغقىنىمىز يوق ئىدى، قارىغاندا قوشنىلارنىڭ تۇغقىنى ئوخشايدۇ دىگەنلەرنى خىيال قىلىپ ئۈلگۈردۈم .
    -شۇ ئارىدا قادىر ئاكا ،بۇ مىجىت بولامدۇ؟سورىدى ئۇ دادامدىن.كۆڭلۈمگە بۇ كىشى مىنىڭ ئىسىمىمنى بىلىدىكەنغۇ دىگەنلەر كەچتى.
    -شۇنداق مىجىت بولىدۇ دىدى دادام جاۋابەن.
    -ھە يىگىت نىمىش قىلىۋاتىسەن؟قايسى مەكتەپتە ئوقۇغان .ئۇ خۇددى سوتچىلاردەك سوراق قىلغىلى تۇردى :
    -ئۈرۈمچىدە ئىشلەۋاتىمەن، شىنجاڭ ئونۋېرسىتىتىدا ئوقۇغان دىدىم چاقماق تېزلىكىدە.
    -نىمە تاللا بازىر ئىشلەۋاتامسەن؟بۇ ئىش قاملاشماپتۇ نىمىشقا مىنى ئىزدىمىدىڭ؟
    ۋوي قادىر ئاكا، بالىنىڭ ئىشلىرىدىن مىنى نىمىشقا خەۋەردار قىلمىدىڭ ؟ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئۈرۈمچىدە 5يىل ئوقۇپتۇ ئەجىبا ماڭا خەۋەر قىلماپسەنغۇ؟ھەي سىنىزە -نىمە دىسەم بۇلۇر كونىلاردا" ئۆزۈڭ ئۈچۈن قايغۇرمىساڭ يەر يۈتەر" دىگەن گەپ بار ئەمەسمۇ ؟قوينىڭدىن تۆكۈلسە قونجۇڭغا دەپتىكەن، ھوقۇقۇمنىڭ بارىدا ئۇنى ئورۇنلاتۇرۇپ قويسام ياخشى ئەمەسمۇ ھەي سەن-زە، ئالامەت غەم يىمەس ئادەمدە.بوپتۇ ھېچقىسى يوق بالام قايتىپ بارغاندىن كېيىن مىنى ئىزدە چوقۇم كۆڭۈلدىكىدەك بىر خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويىمەن دىدى ۋە يانفون نومۇرىدىن تارتىپ ئۆيىنىڭ نومۇرىغىچە يېزىپ بەردى. ھاياجانلانغانلىقىمدىن كۆز يېشى قىلىۋەتكىلى تاسلا قالدىم ۋە چوڭلاردىن ئاغرىنىشقا باشلىدىم .مانا تويمۇ ئاخىرلاشتى تاغاممۇ' كالا" باش ماركىلىق ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ ئۈرۈمچىگە قاراپ يول ئالدى .ئۇ بىز بىلەن خۇشلۇشىۋاتقاچ قولۇمنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ: _بارغاندىن كېيىن چوقۇم مىنى ئىزدىگىن دەپ تاپىلىدى.مىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كەتكۈم بار بولسىمۇ بىراق چوڭلارنىڭ ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىنى تۈگىتىشىپ بېرىپ قايت دىگەن بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلالمىدىم .مانا سىنتەبىر ئېيىمۇ كىرىپ قالدى گەرچە ۋاقتىم توشۇپ قالغان بولسىمۇ يەنىلا چوڭلارنىڭ ئىشلىرىغا ياردەملىشىشنى داۋاملاشتۇردۇم .مەندە خوجايىن ئىشتىن بوشۇتۇۋېتەرمىكىن دەيدىغان خىياللار بولمىدى چۈنكى مەن ياخشى خىزمەت ئورنىغا ئېرىشىمەن چۈنكى تاغدەك تاغام بار، ئەمدى ھەرگىزمۇ ئۇنداق سوكالتاق خوجايىنلارغا ئىشلىمەيمەن.بۇلارنى خىيالىمدىن ئۆتكۈزگىنىمدى روھلىنىپ كېتەتتىم .
    مانا ئىشلارمۇ ئاخىرلىشىپ قالدى ،مەن ئۆيدىكىلەر بىلەن خۇشلىشىپ گۈزەل ئۈرۈمچىگە، يەنى مىنىڭ بەختىم ئېچىلىدىغان جەننەت شەھەرگە، تاغدەك تاغامنىڭ قېشىغا يول ئالدىم.ماشىنا ئۇچقاندەك ئىلگىرلىمەكتە شۇنداقتىمۇ مەن شوپۇر ئۇستامدىن رەنجىگەن قىياپەتتە ،ئىشتىك رەك ھەيدىسە بولمامدىغاندۇ؟ دىگەنلەرنى خىيال قىلغاچ ئىچىمدە غودۇڭشۇشقا باشلىدىم. ئەگەر مىنىڭ قول ئاستىمدىكى شوپۇر سەندەك بولىدىغان بولسا جەزمەن ئىتىن بوشىتېۋېتەتتىم نىمانداق ئاستا ھەيدەيدۇ ماشىنىنى، موشۇنداق ئىسىل ماشىنا دىگەننىچۇ سائىتىگە 200نى كۆرسىتىپ ھەيدىمىسە قانداقمۇ بولىدۇ؟ قارىمامدىغان بۇ لەقۋانى ئىست كونا شوپۇرئىكەن تېخى .مانا مىڭ بىر جاپادا تاڭغا يېقىن ماشىنا ئۇلانبايغا كەلدى، بىردەمنىڭ ئىچىدە قارلىغاچلىقتىن ئۆتۈپ ئۈچ تاش بېكىتىگە يېقىنلاشتى، خېلىدىن بېرى يېغىشقا باشلىغان سىم-سىم يامغۇر توختايمۇ دىمەيتى،بېكەتكىمۇ كىردۇق ھەممە يېغىۋاتقان يامغۇرغا قارىماستىن نىشانلىرىغا يول ئېلىشماقتا،مەن بولسام ئالدىراش چۈشتۈمدە،يۈك-تاقىلىرىم بىلەن سېۋەتتىكى مىۋىلەرنىڭ ھۆل بولۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەن ھالدا ئىتتىك -ئىتتىك مېڭىپ تاكسىدىن بىرنى توستۇم. تاڭمۇ ئاتتى بۈگۈن شەنبە تاغاملار دەم ئالىدۇ ئۇنىڭ ئۆيىگە باراي مىۋىلەر سېسىپ قالمىسۇن، كۆيۈمچان تاغام مىۋىلەرگە يېڭى ۋاقتىدا ئېغىز تەگسۇن، دىگەنلەرنى خىيالىمغا كەلتۈدۈم-دە، ئۇنىڭ نومۇرىنى تېپىپ تېلىفون قىلىشقا باشلىدىم.
    -نەگە ئاپىرىپ قويىمەن؟سورىدى شوپۇر.
    - ئالدىرىماڭ تېلىفون قىلىۋالاي دىدىم ۋە تېلىفون قىلىشقا باشلىدىم .مانا تېلىفون ئېلىندى.مەن مۇلايىملىق بىلەن.
    -ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تاغا دىدىم ھاياجانلانغان ھالدا .
    -كىم بولىسىز ؟
    -مەن مىجىت .
    -قايسى مىجىت ؟
    -قادىرئاخۇننىڭ ئوغلى.
    -ھە شۇنداقمۇ ؟داداڭ-ئاناڭلار ياخشى تۇرۇۋاتامدۇ؟
    -ھەر-ھالدا خۇداغا شۈكرى خېلى ياخشى.
    -مىنى بىرەر ئىش توغۇرلۇق ئىزدىگەنمىدىڭ ؟
    -شۇنداق تاغا مەن ھازىرلا ماشىنىدىن چۈشتۈم.
    -ھە شۇنداقمۇ؟
    -ئەمىسە بىر نەچچە كۈن دېمىڭنى ئېلىۋېلىپ دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەن ماتېرىياللىرىڭنى ئېلىپ ئىدارىغا كەل؟خوش ئەمىسە.مەن نىمە قىلىشىمنى بىلەلمەي تۇرۇپلا قالدىم شۇ ئارىدا.
    -نەگە ئاپىرىپ قويىمەن قايتىلاپ سورىدى شوپۇر.
    -جىگدىلىككە
    مانا ھەش-پەش دىگۈچە جىگدىلىكتە ئىجارە ئالغان بىر ئېغىزلىق كەپە ئۆيۈمگىمۇ يېتىپ كەلدۇق.يامغۇر تېخىچىلا توختاي دىمەيتى مەن نەرسە-كېرەكلىرىمىنى شوپۇرنىڭ ياردىمىدە ئارانلا ئۆيگە ئەكىرىۋالدىم-دە،دوستۇم ئالماسقا تېلىفون قىلدىم .تېنچلىق-ئامانلىق سوراشقاندىن كېيىن ئۇ .
    -كەچقۇرۇن ئۆيگە بىر كېلىپ كەت دىدى.شۇنداق قىلىپ مەن ئۇنىڭ بىلەن خۇشلاشقاندىن كېيىن بارلىق تونۇش بىلىشلەرگە تېلىفون قىلىشنى باشلىدىم ھەممە ئۆز ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش. سائەت 7دىن ئاشقاندا مەن سىم-سىم يامغۇرغا قارىماي بۇلاق بېشىدىكى ئىش ئورنۇمغا قاراپ يول ئالدىم . تاللا بازىرىغىمۇ يېتىپ كەلدىم خوجايىن بىلەن كۆرۈشتۈم ئۇ ماڭا :
    -ۋاقتىدا كەلمىدىڭىز شۇڭلاشقا ئورنىڭىزغا ئادەم ئېلىۋالدۇق، ھازىرچە سىز قىلغۇدەك ئىش يوق، باشقا يەرلەرنى ئىزدەپ بېقىڭ دىدى .مەن ئۇنىڭ بىلەن خۇشلىشىپ چىققاندىن كېيىن يېغىۋاتقان يامغۇرغا قارىماي ئىدارىمۇ- ئىدارە قاتىراپ يۈردۈم لېكىن بىرەر ئىش تېپىلمىدى، ناماز شام ۋاقتى بىلەن دوستۇم ئالماسنىڭ ئۆيىگە قاراپ يول ئالدىم ،ئالماس تېخى ئىشتىن قايتىپ كەلمەپتۇ دادىسى مامۇت ئاكا بار ئىكەن .مامۇت ئاكا پىنسىيىگە چەىققان ئوقۇتقۇچى بولۇپ تولىمۇ سەمىمىي .خۇش چاقچاق كىشى ئىدى سالام-سائەتتىن كېيىن ئۇ گەپ باشلىدى:
    -ھە بالام يوقاپلا كەتتىڭغۇ؟ سورىدى مەندىن .
    -مەن ئىنىمنىڭ توي ئىشى توغۇرلۇق يۇرتقا بېرىپ كەلگەنلىكىمنى، يۇرتتا ئۈرۈمچىدە خىزمەت قىلىدىغان باشلىق تۇغقىنىمىز بىلەن ئۇچرىشىپ قالغانلىقىمنى، بىر-بىرلەپ سۆزلەپ بەردىم.ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ .
    -ناھايىتى ياخشى بوپتۇ ئۇكام، ھەرنىمە بولسا باشلىق تۇغقىنىڭ بىلەن ئۇچرىشىپ قاپسەن، سىنىڭ خىزمەت ئىشىڭغا ياردەمدە بولىدىغانمۇ بوپتۇ، بۇ بىر ياخشى باشلىنىش بولسا كېرەك .بىراق سەن چوقۇم ئۆزۈڭگە تايىنىشىڭ كېرەك دىدى مەنىلىك قىلىپ ، ئالماس قايتىپ كەلدى، بىر ئازدىن كېيىن مەلىكەم ئانا تاماق كەلتۈردى تاماقتىن كېيىن ئالماس ئىككىيلەن جاھاننىڭ پاراڭىغا چۈشتۇق. ھەممە ئۇيقي دنياسىغا سەپەر قىلغاندى بىراق بىزلا قىززىق مۇڭدىشاتتۇق. بىر چاغدا مەلىكەم ئانا ئىشىكنى ئاستا چىكىپ تۇرۇپ:
    _ بالام بەك كەچ بولۇپ كەتتى ،ئەمدى دەم ئېلىڭلار ئەتە يەنە خىزمەتكە بارىدىغان ئىش دىدى.شۇنۇڭ بىلەن بىز ئۇخلاپ قېلىشتۇق ،ئالماس سەھەردىلا ئىش ئورنىغا ماڭدى مەن بولسام يەنە شۇ خىزمەتنىڭ غېمى بىلەن ئۇيان-بۇيان قاتراشقا باشلىدىم.
    كەچقۇرۇن يەنىلا ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە جىگدىلىكتىكى غېرىپ خانامغا قايتىپ كەلدىم، مەن بۇ تۆت يىلدىن بۇيان بۇنداق چۈشكۈنلۈكلەرنى كۆپ كۆرۈپ كۆۈنومۇ قاپتىكەنمەن .نىمە ئامال ئازراق چاي ئىچىۋالغاندىن كېيىن كارىۋاتقا ئۆزۈمنى يىنىك تاشلىدىم -دە،تاغامنىڭ يۇرتتا ئېيتقانلىرىنى ئويلاپ ھاياجانلىنىشقا باشلىدىم .ئىچىمدە چوقۇم بىر ياخشى خىزمەتكە ئېرىشىمەن شۇ چاغدىلا بۇ كەپە ئۆيدىن شۇنداقلا ھەر كۈنى كەر بالانىڭ قانجۇقىدەك كوچىمۇ-كوچا، خىزمەت ئىزدەپ يۈرمەيمەن، دىگەنلەرنى ئويلىغىنىمدا كۆڭلۈم بېلەكچىلا بولۇپ كەتتى.شۇنداق قىلىپ قانداق چاغدا ئۇخلاپ قالغىنىمنىمۇ بىلمەيلا قالدىم.مانا تاڭمۇ سۈزۈلدى مەن بارلىق ماتېرىياللىرىمنى كونىراپ كەتكەن خروم سومكامغا سالدىم-دە،ئىشىكتىن ئاۋال ئوڭ پۇتۇمنى ئېلىپ يولغا چىقتىم، كۈز شامىلى يۈزلىرىمنى سوغۇق سۆيۈپ ئكتەتتى مانا مەن 1-يول ئاپتۇبوسىغا ئولتۇرۇپ تاغامنىڭ ئىدرىسىنىڭ ئالدىغا يېتىپ كەلدىم .شۇ تاپتا يۈرەكلىرىم يايراپ ئۆزۈمنى تولىمۇ خۇشال ھېس قىلىشقا باشلىدىم .چۈنكى تاغام نازىر دەرىجىلىك ئەمەلدار بولۇپ قولىدىن كەلمەيدىغان ئىش يوق بارچە ئۇنى ئا نازىر دەپ ئاتىشىدۇ ئەمەسمۇ؟مانا كالۋالىقىمنى قارىمامدىغان ئەتىگەن نىمىشقا ئالماسنىڭ يېڭى كاستوم بۇرۇلكىسىنى كىيۋالمىغاندىمەن موشۇ لۆپۆ قىياپىتىم بىلەن ئۇنىڭ ئالدىغا كىرسەم نىمە دەپ قالار؟ دىگەنلەرنى خىيال قىلغىنىمدا يۈرىكىم دۆپۈلدەپ سوقۇشقا باشلىدى شۇ چىگىش خىياللار بىلەن ئىدارە دەرۋازىسى ئالدىغا كېلىپ قالغىنىمنىمۇ سەزمەيلا ىالدىم.
    سائىتىمگە قارىسام تېخى ئەمدىلا ئۈرۈمچى ۋاقتى 7دىن 20مىنۇت ئۆتۈپتۇ مەن ئارقامغا ياندىم،ماشىنىلار ئارقا-ئارقىدىن كېلىشكە باشلىدى ھەر ئىسىل ماشىنىلار قارىمامدىغان؟ بىزنىڭ يېزىغا ئۇنداق ماشىنىلار ئەمەس ئادەتتىكى شالىي بېرىپ قالسىمۇ كىشىلەر ھەيران قالىشىدۇ.چوڭ ئورۇننىڭ چوڭلىقى بار -دە، تېخى تاغامنىڭ ياردىمىدە موشۇ ئىدارىگە ئورۇنلۇشۇپ قالىمەنمۇ تېخى؟ شېرىن خىياللار ئىلىكىدە ئالا ھەزەل يېرىم سائەتتىن ئارتۇق ساقلىغاندىن كېيىن، تاغام سېمىز قۇرساقلىرىنى كۆتۈرەلمەيۋاتقاندەك ئىغاڭلىغىنىچە ماشىنىدىن چۈشتى.تاسلا قالدىم تاغا دىگىنىمچە ئايىقىغا يېقىلغىلى، ئالمان-تالمان ئالدىغا بېرىپ:
    - ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تاغا دىگىنىمچە قول ئۇزارتتىم .ئۇ سالام قايتۇرماستىنلا خۇش ياقمىغان قىياپەتتە خۇددى ئايال كىشىنىڭ قولىدەك يۇمشاق قولىنى ماڭا ئۇزارتتى ۋە ئىچكىرىگە قاراپ ماڭدى،مەنمۇ كەينىدىن ئەگەشتىم .مانا 12-قەۋتكىمۇ چىقتۇق ئۇ ئوڭ قول تەرەپتىكى بىر ئىشخانىغا كىرىپ كەتتى، ئارقىدىن ئەگىشىپ كىردىم .ئۇ ئالدىرىماستىن سومكىسىنى ئۈستەلگە قويغاندىن كېيىن تاتمىسىدىن بىر تال تاماكىنى ئېلىپ ئوت تۇتاشتۇرۇشقا باشلىدى .ئەگەر خىجىل بولمىغان بولسام -زە، ماڭىمۇ بىرنى دىگەن بولاتتىم.مەن خۇددى گۇناھكار كىشىدەك ئۆرە تۇرۇشقا باشلىدىم بىر ھازادىن كېيىن ئۇ مىنى ئولتۇرۇشقا بۇيرىدى. ئۇنىڭ بۇ ھالىتى تولىمۇ سۈرلۈك ئىدى. ئىچىمدە باشلىق دىگەننىڭ ھەيۋىتى بولمىسا بولمايدۇ دىگەنلەرنى خىيال قىلغاچ ئاستا ئولتۇرۇشقا تەمشەلدىم.ئارىدا بىر نەچچە مىنۇت جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى . بىر ھازادىن كېيىن :
    -قېنى ماتېرىياللىرىڭنى ئەكەلدىڭمۇ؟ دەپ سورىدى.
    - ئەكەلدىم تاغا دىگىنىمچە ئۇنىڭ ئالدىغا ماتېرىيلارنى ئىككى قوللاپ ئاستىغىنە قويدۇم. ئۇ بۇ نەرسىلەرنى كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن ماڭا.
    -خېلى ياخشى ئوقۇپتىكەنسەن،تېخى پارتىيىگىمۇ ئۆتۈپتىكەنسە ھە؟- دىدى چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتكەن قىياپەتتە.
    -شۇنداق تاغا ئەلا ئوقۇغاندىم بىراق لېكىن تىلىم كالۋالىشىپ سۆزۈمنىڭ ئاخىرىنى دىيەلمىدىم. كۆز چاناقلىرىم ئىختىيارسىز نەملىشىشكە باشلىدى . مەن چاندۇرماسلىققا سالدىم.ئۇ ماڭا بىر قۇر سەپ سېلىپ تۇرغاندىن كېيىن :
    -بولىدۇ ئەمىسە ،سەن قايتىپ ئىشىڭنى قىلىپ تۇرغىن ماتېرىيالىڭنى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرگە كۆرسىتىپ باقاي، ساڭا ئامەت تىللەيمەن دىدى ۋە ئىشىك تەرەپنى ئىشارە قىلدى. مەن كەينىمچە چىقىپ كېتىۋېتىپ نىمىنىدۇر ئېسىمگە ئالغاندەك بولدۇم-دە،قەدىمىمنى توختىتىپ :
    -دادام يۇرتنىڭ مىۋىسىدىن ئازراق ئەۋەتكەندى بۇزۇلۇپ قالمىسۇن ئاپىرېپ بېرەي دىگەندىم دىدىم ئۇنىڭغا:
    -بولدى ئۇنى ئۆزۈڭ يېۋەتكىن بىزنىڭكىدە ئۇنى يىگۈدەك ئادەم يوق دىدى جاۋابەن .مەن ئەمدىلا ئاغزىمنى ئۆمەللىتىشىمگە ئۇ يەنە بۇيرۇق تەلەپپۇزىدا:
    -ھە شۇنداق قىلغىن كېين كۆرىشەرمىز دەپلا گەپنى ئۈزىۋەتتى. نىمە دىيىشىمنى بىلمەي مىڭ بىر ئەپسۇسلار ئىچىدە ئىشخانىدىن چىقتىم -دە،ۋاقىتلىق ئىش ئىزدەپ ماڭدىم.شۇنداق قىلىپ كۈنلەرنىڭ كەينىدىن ئايلار تېزلىكتە ئۆتۈپ كەتتى مەن بىر تاللا بازىرىدا خىزمەتكە ئورۇنلاشتىم لېكىن شۇنداق بولسىمۇ ھۆرمەتلىك تاغامغا بولغان ئىشەنچىمنى يوقاتماي داۋاملىق ئۇنىڭ بىلەن ئالاقە قىلىپ تۇردۇم.مانا قىش پەسلىمۇ يېتىپ كەلدى.گەرچە بۇ جەرياندا تاغام بىلەن ھەر ھەپتىدە دىگۈدەك رېستۇرانلاردا ئۇچرىشىپ تۇردۇم، مانا ھاراق ئىچمەيدىغان مەن گۈپۈلدىتىپ راسا ئىچىدىغان بولدۇم
    يانىۋار ئايلىرىنىڭ مەلۇم بىر كۈنى تۇمارىس رېستۇرانىدا ئۇ ماڭا:
    -تەلىيىڭ تازىمۇ كاج ئىكەن سېنىڭ، ئىش ھەل قىلىدىغان باشلىقنىڭ ئەمدى كەلگىنىنى دىمەمسەن .ھازىر خىزمەتكە ئورۇنلىشىش ئىشى توختۇتۇلدى ئەمدى چاغاندىن كېيىنگە سۈرۈلىدىغان بولدى دىدى.
    -مەيلى تاغا قاچانلىققا بولسا ئىش قىلىپ ھەل بولسىلا بولىدۇ دىدىم جاۋابەن.
    -ئۇغۇ شۇنداق مەن پىنسىيىگە چىقىشتىن بۇرۇن بولسا ياخشى بولغان بولاتتى
    چۈنكى چاينىمۇ قىززىقىدا ئىچكەن دۇرۇس دىدى كۈلۈپ تۇرۇپ.مەن ئۇنىڭدىن :
    -پىنسىيىگە چىقامسىز؟ دەپ سورۇدۇم شۇنداق يېڭى يىلدىن كېيىن چىقىمەن دىدى جاۋابەن.ھەمدە سىنىڭ ئىشىڭنى بىر تەرەپ قىلىپ بولۇپ چىقىمەن دەپ قىستۇرۇپ قويدى...
    سەن ئوقۇغان ئادەم دىمىسەممۇ چۈشىنىشىڭ كېرەك ھازىر مېھماندارچىلىققا ئىش ھەل بولمايدۇ .چوقۇم نەق پۇل بولۇشى كېرەك ئازنى خەق ياراتمايدۇ ئۇنىڭ سۆزى تۈگىمەستىنلا مەن ئۇنىڭدىن.
    -قانچىلىك كېتەر دەپ سورىدىم .
    -باشقىلار بولسا بىرەر يۈزمىڭ سوم خەجلەپمۇ ھەل قىلامايدۇ بىراق مەن سېنىڭ تاغاڭ، داداڭنىڭ ئورنىدىكى ئادەم شۇنداق بولغاندىن كېيىن 40مىڭ ئەتراپىدا بولسا بولار دەپ ئويلايمەن دىدى ئۇ.
    -نىمە 40مىڭ دەمسىز؟ سورىدىم ھەيرانلىق بىلەن .
    -شۇنداق ئۇنچىلىك بىر نەرسە بولمىسا ئىش ھەل قىلغىلى بولمايدۇ دىدى ئۇ ماڭا تىكىلىپ تۇرۇپ.
    -مەن دادام بىلەن ئاپامغا مەسلىھەت سېلىپ باقاي دىيەلىدىم ئارانلا ،كۆڭلۈمدە مەن بىر ئايدا 1000 سومغا ئىشلەيدىغان تۇرسام ،ئەگەر بىر يىل يىمەي ئىچمەي يىغاسام يىلىغا ئارانلا12مىڭ سوم بولىدۇ.تۆت يىلدا ئاران 48مىڭ سومغا ئىشلەيدىكەنمەن دىگەنلەرنى ئويلاپ ئارانلا ئۈلگىرەلىدىم.
    شۇنداق قىلىپ ئارىدىن بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن دادامغا ھەقىقى ئەھۋالنى تېلىفون ئارقىلىق ئېيتتىم، بىچارە دادامنىڭ ئاۋازلىرى تىتىرەشكە باشلىدى بىر ئازدىن كېيىن ئۇ كەسكىنلىك بىلەن :
    -بولىدۇ ئوغلۇم، ئىش ھەل بولىدىغانلا بولسا پۇلنىڭ ئامالىنى قىلىمەن دىدى ۋە تېلىفوننى قويۇۋەتتى.ئارىدىن ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن دادامدىن پۇل كەلدى مەن ئۇنى بىر كېچە ياستۇقۇمنىڭ ئاستىغا قويۇپ ياتقاندىن كېيىن ئەتىسى تاغامغا ئاپىرىپ بەردىم، مانا چاغانمۇ ئۆتۈپ كەتتى تاغامدىن خەۋەر يوق ئاخىرى ئۇنىڭغا تېلىفون قىلدىم. ئۇ سەل رەنجىگەن قىياپەتتە.
    -مەن سېنىڭ پۇلۇڭنى يەۋالامدىمەن؟ نىمانداق تولا تېلىفون قىلىۋېرىسەن؟ تورۇپتۇر دىگەندىن كېيىن تۇرۇپ تۇرمامسەن دىدى زەردە بىلەن .مەن ئۈندىمىدىم مانا شۇنداق قىلىپ ئارىدىن يەنە بىر ئاي ئۆتۈپ كەتتى.قېرىشقاندەك مارت ئېيىدا مەن ئىشلەۋاتقان تاللا بازىرى سودىنىڭ ياخشى بولماسلىقى سەۋەبىدىن ئېتىلىپ قالدى شۇنۇڭ بىلەن ئىشسىز قالدىم.مانا بىر ئايدىن ئارتۇق قاتىراپ يۈرۈپ ئاخىرى قۇرۇلۇش چېقىش ئورنىدىن بىر كىشلىك خىزمەت تاپتىم.شۇندىن ئېتىبارەن ھەر كۈنى ئەتىگەندە بىر نەچچە كىلوگىرام ئېغىرلىقتىكى يوغان بازغاننى ئۆشنەمگە ئارتىپ يېڭى خىزمەت ئورنۇمغا بارىدىغان بولدۇم.بارا-بارا بۇنىڭغىمۇ كۈنۈپ قالدىم.تاغامغا تېلىفون قىلىشقا پېتىنالمىدىم ھەش-پەش دىگۈچە ئىيوننىڭ ئوتتۇرلىرى بولدى بىر كۈنلۈك جاپالىق ئىشنى تاماملاپ ئەمدىلا كېىيمىمنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشۇمغا تۇيۇقسىز تېلىفونۇپ سايراپ كەتتى.دەرھال ئۇنى ئالدىم-دە،تونۇش نومۇرنى كۆرۈپ گۈل قەقەلىرىم ئېچىلىپ كەتتى ۋە ئىتتىكلا :
    -ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تاغا دىدىم.ئۇ بۇرۇنقى ئادىتى بويىچە :
    -ھە ئىشتىن چۈشتۈڭمۇ؟دەپ سورىدى مەندىن.
    -شۇنداق تاغا دىدىم ئالدىراپ.
    -كەچ قۇرۇن سائەت 7گە ئۈلگۈرۈپ خۇڭلۇغا كەلگىن، بۈگۈن سېنىڭ ئىشىڭنى ھەل قىلىدغان مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنى چاقىرىپ قويدۇم، كىچىكىپ يۈرمە جۇمۇ! دەپلا تېلىفوننى قويىۋەتتى.ئالە شەرىڭنى مانا ئاخىرى خىزمىتىم ھەل بولىدىغان بولدى بۇ جاپالىق ئىشتىنمۇ قۇتۇلىدىغان ئوخشايمەن، پىشانەمدىكى مەينەتچىلىك ئەمدى ئېرىيدىغان بولدى .قارىمامدىغان<< سەندە تۇرماس بۇ ئامەت،مەندە تۇرماس بۇ مەينەت >>دەپ دىگەنلەرنى خيال قىلغاچ چاقماق تېزلىكىدە ئىشلىرىمنى تۈگەتتىمدە ئۆيگە قايتىپ تازىلىق قىلىپ بولۇپ چىرايلىق ياسىنىپ نەچچە ۋاقتىن تاپقان تەرگىنىمنىڭ ھەممىنى چۆنتىكىمگە سېلىپ تاكسىغا ئولتۇرۇپ خۇڭلۇغا قاراپ يول ئالدىم.مانا ئاخىرى يىتىپ كەلدىم ئۇلار تېخى كەلمەپتىكەن بىر دەمدىن كېيىن تاغامدىن تېلىفون كەلدى مەن ئاللا بۇرۇن كېلىپ بولغانلىقىمنى ئېيتىۋىدىم ئۇ رازىمەنلىك بىلەن ئوبدان تەييارلىق قىلىشىمنى تاپىلىدى. مانا تەييارلىقمۇ پۈتۈپ قالدى مېھمانلارمۇ كېلىشتى سورۇن باشلاندى .يۇمۇر ،ناخشا،لەتىپىلەر ئېيتىلىپ سورۇن تولىمۇ قىززىپ كەتتى ،بۇندىن بۇرۇنقى ھەرقانداق بىر سورۇن بۈگۈنكىدەك قىززىپ باقمىغان ئىدى .كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى ھاراق دىگەننى ئالامەت ئىچىپ قويىدىكەن بىر دەمنىڭ ئىچىدىلا بىر نەچچە بوتۇلكا قۇرۇغدالدى مەن چاندۇرماستىن يەنە بىر نەچچە بوتۇلكا بۇيرۇتتۇم، شۇنداق قىلىپ تۈن نىسبى بىلەن سورۇنمۇ ئاخىرلاشتى.ئىشلار تۈگىگەندىن كېيىن تاغام مىنى ماشىنىسغا ئېلىۋالدى ھەمدە ئۆيۈمنىڭ ئالدىغادىگۈدەك ئەكىلىپ قويۇپ مىنىڭ ئەتە ئەتىگەن سائەت 8گىچە ئىشخانىسىغا بېرىشىمنى تاپىلاپ كېتىپ قالدى.ئارانلا ئۆيگە كىردىم-دە،كارىۋاتقا ئۆزۈمنى ئاتتىم بېشىم ئاغىرىپ كۆڭلۈم ئاينىغىلى تۇردى،شۇنداق قىلىپ مىڭ بىر جاپادا تۈننى تاڭغا ئۇلاشتۇردۇم .راستىنى ئېيتقاندا ئورنۇمدىن پەقەتلا تۇرغۇم يوق چۈنكى پۈتۈن ئەزايىم گويا ئۇرۇپ چېقىۋەتكاندەك سىقىراپ ئاغرىۋاتاتتى. بىراق نىمە ئامال بار چوقۇم بېرىشىم كېرەك، مىڭ بىر مۇشەققەتتە ئورنۇمدىن تۇرۇپ باش-كۆزلۈرۈمنى يۇغاندىن كېيىن ناشتا قىلىۋېلىش ئۈچۈن بىر پىيالە قايناق سۇنى كۆتۈرۈپ شىرە ئالدىغا كەلدىم بىراق شىرە ئۈستىدە بىر پارچە قېتىپ تاشتەك بولۇپ كەتكەن ناندىن باشقا ھېچ نەرسە يوق ئىدى. مەن ئۇنى سۇندۇرالمىدىم ۋە كەچقۇرۇن يەيچۇ دىگەن خىياللار بىلەن ئالدىراش سىرتقا ئېغىر قەدەملىرىمنى سۆرەپ چىقتىم .
    ئەتىگەندە كۆتۈرۈلگەن قۇياش كۆيدۈرگۈچ نۇرىنى جاي تاللىمايلا چېچىۋاتاتتى.شۇنداق بولسىمۇ كوچا ئادەملەر بىلەن لىق تولغان كوچىدا سېتىقچىلارنىڭ خېرىدار چاقىرىشىپ ۋارقىرىغان ئاۋزى بىلەن ئۈن-سىن دۇكانلىرىدىن چىقىۋاتقان مۇزىكا ئاۋازى بىرلىشىپ كىشىنى بىزار قىلاتتى.
    مەن ئېغىر قەدەملىرىمنى سۆرەپ بېكە ت تەرەپكە يول ئالدىم. 1-يول ئاپتوبوسىمۇ كەلدى مەن يانجۇقۇمنى تۇتۇپ بېقىپ ،گويا بىرەر نەرسىدىن چۆچۈگەندەك بېكەتتىن چىقىپ ئۇدۇل ئاق قۇۋۇق تەرەپكە يول ئالدىم. نىمە دىگەن تىنجىق...بېشىم قېيىپ كۆزلىرىم قاراڭغۇلاشماقتا. مەن ئۈچۈن ھەر بىر قەدەم ئېلىش شۇنچىلىك ئېغىر ھەم مۈشكۈل تۇيۇلۇشقا باشلىدى، گېلىم قۇرۇپ كالپۇكلىرىم قارىدىماقتا شۇنداق قىلىپ مەن تاغامنىڭ ئىدارىسىغا ئازلا قالغاندا تاغامدىن تېلىفون كەلدى.ئۇ تېلىفوندا:
    -نەلەردە يۈرۈيسەن؟نىمانداق ئېزىلەڭگۈلۈك قىلىسەن؟ دىدى زەردە بىلەن .مەن چۆچۈگەن ھالدا.
    مانا -مانا مەن كەلدىم دىيەلىدىم ئارانلا . تېلىفون ئۈزۈلۈپ كەتتى شۇنداق قىلىپ تاغامنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىشىمگىلا ئۇ ماڭا تىكىلىپ تۇرۇپ:
    -سائەت نەچچە بولدى ؟مەن نەچچىدە دىگەن سەن ئۈچۈنلا ئىشلەمدىمەن دىدى زەردە بىلەن .
    -خاپا بولماڭ دىگىنىمچە يەرگە قاراپ تۇردۇم .ئۇ دەرھاللا.
    -قېنى مەن ئەكەل دىگەن نەرسىلەر سورىدى مەندىن .مەن ئۇ نەرسىلەرنى چاقماق تېزلىكىدە ئۇنىڭغا ئۇزارتتىم .
    -بولدى قايتساڭ بولىدۇ ئىش بولسا مەن ساڭا تېلىفون قىلىمەن تولا تېلىفون قىلىپ مىنى ئاۋارە قىلما! دىگىنىچە ئىشىك تەرەپنى شەرەت قىلدى.مەن يا كۈلۈشنى يا يېغلاشنى بىلمەي، خۇددى قاققان قوزۇقتەك تۇرۇپلا قالدىم .بىر ئازدىن كېيىن سەل ھوشۇمنى تاپقاندەك بولدۇم -دە،ئېغىر قەدەملىرىمنى سۆرىگىنىمچە ئەمدى ھەرگىزمۇ سېنى ئىزدىمەيمەن دەپ پىچىرلىغىنىمچە چىقىپ كەتتىم.كۆزلۈرۈمدىن ئىختىيارسىز ياش تۆكۈلۈشكە باشلىدى بېشىم قېيىپ كۆزۈم قاراڭغۇلاشتى قانداقلارچە كوچىغا چىقىپ قالغىنىمنى بىلمەيلا قالدىم شۇنۇڭ بىلەن ئېغىر قەدەملىرىمنى سۆرىگىنىمچە ئۆتۈشمە كۆۋرۈكنىڭ يېنىدىكى چىملىققا كىرىپ كەتتىم ۋە ئۆزۈمنى تاشلىغانچە شېرىن ئۇيقۇغا كەتتىم.
    تازىلىق ئىشچىلىرى ئۇيغاتمىغان بولسا قاچانغىچە ئۇخلايتىمكىن بۇنىسى ماڭا نامەلۇم ،كۈن ئولتۇرۇايلا دەپ قاپتۇ ئۇسۇزلۇق،ئاچلىق تۈپەيلى قەدەملىرىم مىڭ بىر تەسلىكتە يۆتكەلمەكتە .شۇنداق قىلىپ خېلى ئۇزۇن يول يۈرگەندىن كېيىن بۇلاق بېشىغا يىتىپ كەلدىم قۇياش تاغ كەينىدىكى ساياھىتىنى باشلاش ئۈچۈن تاغ كەينىگە يوشۇرۇنۇشقا باشلىدى، تۇيۇقسىز ئامىن دەپ سۇنۇلغان قوللاردىن چۆچۈپ ئېسىمگە كەلگەندەك بولۇپ قالدىم قارىسام قېرى دەرەخنىڭ قوۋزۇقىدەك بولۇپ كەتكەن قوللىرىنى سۇنۇپ ھېلىلە قېقىدەك يىگىلەپ قالغان، جۇل-جۇل كىيىنگەن بىر بوۋاي بىلەن يەنە بىر نەچچە بالا قەلەندەر كۆز ئالدىمدا بويۇن قىسشىپ تۇرۇشۇپتۇ ئىچىم ئاچچىق بولۇپ قالدى، مەن ئىختىيارسىز يانجۇقۇمغا قول سالدىم .شۇنىڭ بىلەن تەڭلا يەنە بىرقانچە قول مەن تەرەپكە سۇنۇلدى .مەن تۆۋەن ئاۋازدا كەچۈرۈڭ بوۋا پارچە پۇل سالماپتىمەن ،كېلەر قېتىپ چوقۇم بېرىمەن دەپ پىچىرلىدىم .
    -رەھمەت ئوغلۇم ھېچقىسى يوق، دىدى بوۋايمۇ مۇلايىملىق بىلەن .ئەمدىلا مېڭىشقا تەمشىلىپ ئېغىر قەدەملىرىمنى يۆتكەۋاتقىنىمدا ھېلىقى بىر نەچچە بالا قەلەندەرلەر توۋا يالغان ئېيتىۋاتقىنىنى تازىمۇ قەلەندەر نەرسە ئىكەن ئۇ دەپ مەن تەرەپنى كۆرسىتىشكە باشلىدى...



    مەنبە :ئۆزۈم



     




    ھالقىلىق سۆزلەر :


    بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
    ------分隔线----------------------------
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، ساغلام تور مەدەنىيىتى بەرپا قىلىشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
    باھا بېرىڭ:
    تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
    پەرھات جەمشىت تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى: يېڭى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقتى: 12:02 20-02-2012 كىرگەن ۋاقتى: 23:05 05-05-2012
    ئاۋازلىق ئەسەرلەر

    ئەدەبىيات-سەنئەت ئۇچۇرى
    تەۋسىيە ئەسەرلەر
    تەۋسىيە كىتابلار