قاراڭغۇ تاغ
(بالىلار شېئىرلىرى)
تۇرسۇنمۇھەممەد نەمەت
يوپۇرماق يىغىش ئويۇنى
ئاق تاش، كۆك تاش،
يىغىلىڭلار كۆپ ئاداش.
ئويۇن- چويۇن ئوينايمىز.
ئوينايدىغان ئويۇندىن،
بىر تالنىمۇ قويمايمىز.
يوپۇرماقلار سارغىيىپ
يول ئۈستىگە تۆكۈلدى.
ساندۇق ياساپ قەغەزدىن،
بىر، ئىككىدىن يىغايلى.
كارتون ئاسلان مىياڭلاپ،
چىقىپ كەلسۇن ئۆيىدىن.
كۈچۈك كەلسۇن كاپىلداپ،
ياڭراتسۇنچۇ كۈيىدىن.
ئېيىقچاق يوق بۇيەردە،
تۇپا قويلار ئوتلايدۇ.
يىغساق كۆپلەپ يوپۇرماق،
قورسىقىنى توقلايدۇ.
قوغداپ تۇرار بۆرىدىن،
ئاكا- ئۇكا ئۆردەكلەر.
بۆرە قوينى ھاپ قىلسۇن،
يوقاپ كەتسە تەنتەكلەر.
ئۆردەك بولغان بالىنى،
قويايلىچۇ بىز گەپكە.
يۇمۇر ئېيتسۇن، ساز چالسۇن،
جازا دېگەن بىر خەتتە.
كۈچۈك كۆپلەپ يىغقاچقا،
قەغەز سېۋەت بۆسۈلدى.
يوپۇرماقنى شاماللار،
يىراقلارغا ئۇچۇردى.
كۈچۈككىمۇ بىرىمىز،
دىككى- دىككاڭ جازانى.
داۋاملاشسۇن بۇ ئويۇن،
قۇياش تاغقا قاچقىچە.
شامال، شامال ئۇچۇرما،
يوپۇرماقنى يىغقۇچە!
قاچقۇنلار
- كۆپكۆك ئىكەن،قاراڭلار
ئاسمان- دېڭىز، مېنىڭچە.
-ساياھەتكە بارغاندۇ،
سۇ ئېتىغا مىنگەنچە؟
- ياق، قارلارغا ئوخشايدۇ،
قارا ئەنە كۆزۈڭچە.
- دەريادىكى سۈزۈك تاش
چىقىۋالغان دىككىدە.
-تۇرار ئەنە ياپيېشىل،
نۇرغۇن ئورمان بۈككىدە.
- ھەسەن- ھۈسەن بالىلار،
ئوينايدۇ- دە، ئۆيىدە.
- گۈل- غۇنچىمۇ، قاراڭلار!
- ھەي، قىزىللىق نېمانچە؟
- كېپىنەككە قونۇپ گۈل،
بارغان بەلكى غىررىدە.
- چاشقان ئۆيى بارمىدۇ؟
ئاسمان قاچتى شىپپىدە.
دېڭىز، تاش، گۈل، ئورمانلار،
كەتتى تاغنىڭ كەينىگە.
ئاسلان قاچتى تالاغا
چوڭ بوپقالدى ئاسلىنىم،
رەڭگى ئۇنىڭ سۈت بولدى.
يۇيۇپ بولۇپ يۈزىنى
تازا ئەسنەپ شۈك بولدى.
كۆز ئالدىمدا خۇشچىراي،
يېقىن دوستۇم «ئېلىپبە»
ئۇخلاۋاتقان چاشقانلار،
تۇرار ئىدى بىر بەتتە.
كۆرۈپ قالغاچ ئاسلىنىم،
«چاشقان» لارغا ئېتىلدى.
«ئېلىببە» نىڭ كۆزىدىن
ئۈنچە- مارجان چېچىلدى.
ھەممىمىز تەڭ كۈلۈشتۇق،
ئاسلان قاچتى تالاغا.
مۇئەللىمنىڭ ئالدىدا،
قالار بولدۇم دەۋاغا.
قاراڭغۇ تاغ
- تاغ تۇرا، تاغ تۇرا،
تاغ تۇرادا كىم تۇرا؟
- يالماۋۇزنى چۆچۈتكەن،
باتۇر بالا بەك تۇلا.
- سادىر پالۋان بارمىدۇ؟
- ئارام ئالار غارىدا.
- نۇر بوۋاي بار تاغ بارمىش؟
- قاراڭغۇ تاغ يانىدا.
- بوز ئېتىمنى چاپتۇرۇپ،
نۇر بوۋامنى تاپسام مەن.
- ئاڭلىۋېلىپ بىر چۆچەك،
ئۇنى ئالغاچ قاچسام مەن.
چۆچەك خۇمار ئۇكامغا،
كەچتە ئوقۇپ بەرسەم مەن.
<<1>>
قامچا، زەي قامچا،
سېپىڭنى تۇتسام.
چۆرگىلەپ بىللە،
ۋىژ- ۋىژ ئويناتسام.
چۇماق، سەن چۇماق،
توشقان قوغلىسام.
تات- تات ئاپتۇمات،
قوغۇن قوغدىسام.
چىۋىق ئات بولدۇڭ،
چۇھ! دەپ چاپتۇرسام.
چاپە ئېتىم چاپ!
تاغنى ئاختۇرسام.
قەلەم، موي قەلەم،
قۇمغا خەت يازسام.
بور دەپ ئاتالدىڭ،
مەكتەپكە بارسام.
بارماق، سەن بارماق،
قولۇمنى ئاچسام.
يىلان ئىكەن دەپ،
دالىغا قاچسام.
رەسىمدىكى دۇنيا
كىچىك ئېقىن بويىدا،
چىغىر يول بار نېمىشقا؟
سۇلار ئاقار شىرىلداپ،
پىچىرلايدۇ ئورمانلار.
قۇشلار مەشرەپ ئوينايدۇ،
رەسىم سىزدىم شۇ چاغدا:
ئەنە تاشلا ئۇچماقتا،
قانىتى بار بولغاچقا.
يوپۇرماقلار توزىماس،
كۈز قىز مۈگدەپ قالغاچقا.
توشقان كۆرۈپ ئوۋچىنى،
ئېرىشتى جۈپ قاناتقا.
ئالتۇن قەپەس بۇلبۇلنى،
قويۇپ بەردى يىراققا.
سازاڭ بوۋاي ئۆيىدە،
كۈن ئۆتكۈزەر يەنىلا.
چاپان توقۇپ ئۆمۈچۈك،
يېتىم قىزغا قاراڭلار!
سوۋغا قىلدى ئاستىلا.
كېرىپ كەتتى تۆشۈككە،
مۈشۈك ئۇچراپ چاشقانغا.
چاشقان ئوغرى بولمىدى،
ئىشلەپ يەتتى ئارمانغا.
خوپ ياراشتى شەمشىرى،
كەپسىز ئاتلىق بالىغا.
دۇنيا ئوخشاپ قالدىغۇ،
گۈل- چېچەكلىك دالىغا.
كېچىك ئېقىن بويىدا،
چىغىر يول بار نېمىشقا؟
مەن چوڭ بولسام بارىمەن،
ئاشۇ گۈزەل دۇنياغا.
|


|