كەچۈر ئانا
(ھىكايە)
زۆھرەگۈل ھامۇت كېيىنكى پۇشايمان ئۆزگە دۈشمەن
-خەلق ماقالى
بۈگۈن يەكشەنبە.كۆپكۆك ئاسماندا ئالقانچىلىكمۇ بۇلۇت كۆرۈنمەيتتى. ياپيېشىل بۇغداي مايسىلىرى مەۋج ئۇرۇپ دولقۇنلاۋاتقان چاسا ئېتىزلار ،ئېتىزلارنى كېسىپ ئۆتكەن ئۈچەيدەك كىچىك تاريوللار،يول قىرىدا كۆك بىلەن بوي تالاشقان سۇۋادان تېرەكلەر،ئېتىزلارنى بويلاپ چېپىلغان ئېرىقلاردا سۈپسۈزۈك سۇلىرى شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان ئېرىق،تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىگە جۆر بولۇپ بەس-بەستە سايرىشىۋاتقان نەغمىچى قۇشلار، ئەتىيازنىڭ ساپ ھاۋاسىدىن يېنىك ئۇچۇپ كەلگەن مەيىن شاماللار كىشى قەلبىنى ئۆزگىچە گۈزەللىك ئالىمىگە باشلايتتى. مەن مۇشۇ كىچىك تار يولدا كېتىۋاتىمەن.ئەمما، بۇگۈزەللىكلەر ماڭا ئازراقمۇ تەسەللىي بولالمايتتى.مېنىڭ دەرد-ئەلەم،پۇشايمانلىق خاتىرىلەردىن ئاپرىدە بولغان غەمناك قەلبىمگە تاشتەك ئېغىر ئېسىلغان خىيال كەپتىرىم ھامان ئىلگىرىكى ئىشلاردا پەرۋاز قىلماقتا.
* * *
مەن بالىنىڭ ئەڭ كىچىكى بولغاچقىمەنمىكىن،دادام بىلەن ئانام مېنى ئىنتايىن ياخشى كۆرەتتى.ئازراق ئاغرىپ قالغۇدەكلا بولسام،بېشىمدا پەرۋانە بولۇشاتتى.بەش ياشقا تولغان ۋاقتىمدا ئانامنىڭ ئۆز قولى بىلەن مېنى بالىلار باغچىسىغا ئاپىرىپ بەرگىنى ئېنىق ئېسىمدە.يەتتە ياشقا تولغان ۋاقتىمدا دادام قولۇمدىن يېتىلەپ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1-يىللىقىغا ئەكىرىپ سىنىپ مەسئۇلى خالىدە مۇئەللىمنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى.شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ مەكتەپتىكى ھاياتىم باشلاندى.مەن باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 3-يىللىقىغا قەدەر ئىنتايىن ياخشى ئوقۇدۇم.بۇنداق دىسەم،ئۇنىڭدىن كېيىن ياخشى ئوقۇيالمىدىڭىزمۇ؟دەپ سورىشىڭلار مۇمكىن.ئەقلىمگە كەلگەندىن بۇيان دادام بىلەن ئانامنىڭ بىر-بىرى بىلەن كۈلۈشۈپ گەپلەشكىنىنى،بىزگە ئوچۇق چىراي ئېچىپ قاراپ باققىنىنى كۆرمەس بولۇپ قالدىم.
ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ3-يىللىقىغا چىققان ۋاقتىم ئىدى.بىر كۈنى مەكتەپتىن قايتىپ كېلىپ ئۆيگە كىرەي دەپ تۇرۇشۇمغا ئۆيدىن:
-بۇ ئايلىق مائاشىڭ قېنى؟مەن ساڭا نىمەدىگەن؟ئەكەلگىنىڭ ئاران مۇشۇ ئىككى توك-توك پۇلما؟-دەپ ۋارقىرىغان قوپال ئاۋاز كەلدى.بۇدادامنىڭ ئاۋازى ئىدى.«ئېيىت دەۋاتىمەن!»دىگەن ئاۋاز بىلەن تەڭلا«چاڭ»قىلىپ تەگكەن تەستەك ئاۋازى ئاڭلاندى.
-مەن سىزگە ئېيتتىمغۇ،قەرزىمنى تۆلىۋەتتىم دەپ.قالغىنىنى ياندۇرۇپ ئەكەلدىمغۇ...-دىگەن ئاپامنىڭ يىغا ئارىلاش ئاۋازى ئاڭلاندى.
-نىمە تۈگىمەيدىغان قەرزكەن ئۇ؟قاراپ تۇرۇپ يالغان سۆزلەيسەنا؟
-يالغان سۆزلىمىدىم.سىزنىڭ مائاشىڭىزنى سۈرۈشتۈرۈشكە بولمايدىكەنغۇ،سىز ئۆيگە بىرسىنىت ئەكىرمىگەندىن كېيىن بىر كىشلىك مائاشىمنى يەتكۈزەلمەي قەرزگە بوغۇلۇپلا ئۆتۈپ كېتىۋاتىمەن.سىزنىڭ بۇ ئىشلار بىلە ن كارىڭىز بولۇپ باققانمىدى؟
-ئاغزىڭنى يۇم!ھەممىڭ يوقىلىش!سەنلەردىن بىزار بولدۇم!
شۇگەپ بولۇنۇپ گۈلدۈر-گوپپاڭ ئاۋاز بىلەن تەڭلا ئانام بوسۇغىدىن كېرەكسىز قەغەز ساندۇقتەك دومىلاپ چىقىپ،ھويلىدىكى توختىتىپ قويۇلغان سۇزۇكى موتسىكىلىتنىڭ يېنىغا گۆپپىدەيىقىلدى.دادام گويا تەربىيە كۆرگەن جانبازلاردەك بوسۇغىدىن سەكرەپ چىقىپ ،كېسەكتەك چوڭ پۇتلىرى بىلەن ئانامنى دەسسىمەكچى بولدى-يۇ، مېنى كۆرۈپ قالدى،نىمىشقىدۇربايىقى تەلۋىلىكى پەسىيىپ ماڭاقاراپ ھومايدى،مەن ئىنتايىن ھودۇقۇپ كەتتىم.دادامنىڭ ئەرۋاھى ئۇچتى بولغاي،غەزەب بىلەن«ھىم!»دەپ دىمىقىنى قېقىپ قويۇپ ھويلىدىن چىقىپ كەتتى.مەن دەرھال ئانامنىڭ يېنىغا باردىم.ئانام كەچكۈزنىڭ ساپسېرىق ئالتۇن يۇپۇرمىقى ئۈستىگە باغرىنى يېقىپ ئۆكسۈپ يىغلاۋاتاتتى.
-ئانا،يىغلىماڭ...-دىيەلدىم كۆزۈمدىن ئېقىۋاتقان ياشلارنى سۈرتۈپ ئاپامنى يۆلەشتۈرگەچ.
...........
بۇنىڭغا ئوخشاش كۆڭۈلنى غەش قىلدىغان جېدەل كۈندە دىگۈدەك بولۇپ تۇراتتى.مەن ھەتتا بىرەر ۋاخ تاماقنىمۇ كۆڭۈللۈك،خۇشال-خورام يەپ باققىنىمنى ئەسلىيەلمەيمەن.مەن ئۈچۈن مەكتەپ ھاياتى ئەڭ گۈزەل،كۆڭۈللۈك،بەختىيار ھايات ئىدى.ھەر كۈنى مەكتەپكەبارىدىغان ۋاقتىمدا ئۆزلۈكسىز تېتىكلىشىپ كېتەتتىم ۋە مەكتەپكە تېزرەك مېڭىشقا ئالدىرايتتىم،مەكتەپتىن ئۆيگە قايتقىنىمدا ئۆيدە كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغان جېدەل يەنە چىقىدىغاندەك سېزىلىپ،ئىختىيارسىز قەدەملىرىمنى ئاستىلىتاتتىم.
ئۆيدىكى ئايىقى چىقماس جېدەل دادام بىلەن ئانامنى ئۆي ئايرىش دەرىجىسىگە يەتكۈزگەندى.دادام ئاكام بىلەن ئاچامنى يېنىدا ئېلىپ قالدى،ئاپام بولسا،شۇ شەھەردىكى ئېگەرچى كوچىسىدىن ئۆي ئىجارە ئېلىپ مېنى بىرگە ئەگەشتۈرۈپ كەتتى.كونا مەھەللىدە ئاران ئېرىشكەن تازىلىق ئىشچىلىق خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قالدى.ئاپامنىڭ لەڭپۇڭ،گازىر سېتىپ تاپقان پۇلىغا ئىككىمىز تۇرمۇشىمىزنى قامدايتتۇق.يازلىق تەتىلدىن كېيىن تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئوقۇغىلى بارالمىدىم.كۈنبويى مەكتەپنى-مېھرىۋان ئوقۇتقۇچۇم،غۇبارسىز،مەسۈمە ساۋاقداشلىرىمنى ئەسلەيتتىم.دەسلەپتەبىر نەچچە ھەپتە ئەنە شۇنداق زېرىكىش ۋە بۇرۇقتۇرمىلىق ئىچىدە ئۆتتى،كېيىنچە مەھەللىمىزدىكى بىر قانچە بالىلار بىلەن تونۇشۇپ قالدىم.ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھەسەن ئىسىملىك بىر بالا دائىم يېنىمدا پۇل يوق چاغلاردا پۇل ئۆتنە بېرىپ تۇراتتى.مەن ئۇنىڭ سېخىيلىقىدىن قەۋەتلا خۇشال ئىدىم.بىز-بارا-بارا يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قالدۇق.مەن ھەسەن بىلەن ئارلىشىپ ئۆتۈش جەريانىدا،ئۇنىڭ تاماكا چېكىدىغانلىقىنى بىلدىم،كېيىن ئۇنىڭ زورلىشى بىلەن«سۇنۇقتىن باشقىسى»يۇققاندەك،مەنمۇتاماكا چېكىشنى ئۆگەندىم. مەن يەنە ئۇنىڭ يېڭى«ھۈنەر»لىرىنى بايقاشقا باشلىدىم.ئۇ ئەتىسى-ئاخشاملىرى كىشىلەر كۆپ توپلاشقان جايلارغا بېرىپ،ئۇلارنىڭ يانچۇقىنى كولاپ«كىرىم»قىلاتتى.مەن ئۇنى باشتا توسۇپ باقتىم.بىراق،نەسىھەتلىرىم كار قىلمىغانچە،ئۆزۈممۇ بىلىپ-بىلمەي بۇ پاتقاققا پېتىشقا باشلىدىم...
كۈنلەر شۇ تەرزدەئۆتۈپ،18ياشنىڭ ئالتۇن بوسۇغۇسىغا قەدەم قويدۇم.بۇرۇتلۇرۇم خەت تارتىپ، يېشىمغا ماس ھالدا بويۇم ئۆسۈپ،يىگىتلىكنىڭ نەۋقىران مەزگىلىنى ھېچ داغدۇغىسىزلا كۈتۈۋالدىم.
باش ئەتىيازنىڭ بىر جۈمە كۈنى كېچىسى ئانامنىڭ كونا كېسىلى قوزغىلىپ قالدى.قورو ئېگىسىنىڭ ھويلىسىدىكى كىچىككىنە گۈللۈكىگە تىكىلگەن ئالما،ئانار،ئۆرۈك كۆچىتى چېچەك جۇدۇنىدا ئەنسىز شاراقلايتتى. ئانام ئىلگىرى بىرنەچچە قېتىم كېسىلى قوزغىلىپ قالغاندا،دورا يىگەندىن كېيىن تېزلا ياخشى بولۇپ قالغان ئىدى.بۇ نۆۋەت ئۇنىڭ ئەھۋالى ئىلگىرىكىدىن ئېغىردەك قىلاتتى.ئەمما،مەن ئىلگىرىكى تەجرىبەم بويىچە ئانامنى دورائىچسە ياخشى بولۇپ كېتىدۇ دەپلا قاراپ،دوختۇرخانىغا ئاپارمىدىم.ئانام ياستۇقى ئاستىدىن بىر تۈگۈنچەكنى ئېلىپ،تىترەڭگۈ قوللىرىدا يەشتى ۋە دانىمۇ-دانە قىلىپ:
-ئوغلۇم،بۇ داداڭنىڭ ماڭا ئالغان تويلۇق ھالقىسى ئىدى،سەن ئۇنى سېتىپ ماڭا كېرەكلىك دورا ئەكىرىپ بەرگىن-دەپ ماڭاسۇندى.
مەن تاڭ يورۇشى بىلەنلا ئۆيدىن ئوقتەك ئېتىلىپ چىقىتىم. مەن خۇشال بولۇۋاتاتتىم. چۈنكى قولۇمغا پۇل كىردى ئەمەسمۇ؟قىن-قىنىمغا پاتمايۋاتقان ئىچكى ھاياجان سۈبھى بىلەن كۆتۈرۈلگەن تاڭ قۇياشىدەك قەلبىمنى يورۇتۇپ،ئاسفالىت يولدا ئاللىقانداقتۇر شوخ كوچا ئۇسۇلىغا يەرگە تېگىپ-تەگمەي كېتىۋاتقان ساياھەتچىلەر ئايىقىنى چېكىپ دەسسەپ،زەرگەرخانىغا يول ئالدىم. مەن ھالقىنى سېتىپ ئېرىشكەن پۇل بىلەن ئىلىكتىرونلۇق قىمارخانىغا بىمالال كىرەلەيتتىم .دوستلۇرۇمنى خالىغانچە مېھمان قىلىپ،ئۇلارغا ئۆزۈمنى كۆرسىتىپ قويالايتتىم.
شۇنداق قىلىپ ئۈچ كۈن ئۆتكەندىن كېيىن،چۈشكە يېقىن ئۆيگە قايتىپ كەلدىم.پاك-پاكىز تازىلانغان ھويلا قارىلىق كىيىم كىيگەن ئادەملەر بىلەن تولغان بولۇپ،كەڭ قىلىپ ياسىتىلغان ياغاچ كارۋاتتا ۋە ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىغا سېلىنغان قارا كىگىز ئۈستىدە قارىلىق كىيىم بىلەن غەمكىن ئولتۇرۇپ پولو يىيىشىۋاتقانلارغا كۆزۈم چۈشتى،تېڭىرقاش ۋە ھەيرانلىق ئارىلاش چوڭ ئېچىلغان كۆزلىرىم خەتمە قۇرئانغا پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن قۇلاق سېلىپ ئولتۇرغانلار،ھويلا ئىچىدە ئۇياقتىن-بۇياققا ئاش توشۇپ يۈرگەنلەر،كىرگەنلەرنى قۇبۇل قىلىپ قايتقانلارنى ئۇزىتىپ يۈرگەن قوشنىلار ئىچىدىن تونۇش چىراينى-ئانامنىڭ دائىم مېھرىۋانلىق يېغىپ تۇرىدىغان جۈدەڭگۈ چېھرىنى ئاختۇرىۋاتاتتى.تونۇش سىمانى چېلىقتۇرالمىغانچە قەلبىم داۋالغۇپ كېتىۋاتاتتى.ئۇلاربىرىگە بىرى ئىشارەقىلىپ مېنى كۆرسىتىشكە باشلىدى.
شۇ ئارىدا بىز ئولتۇرغان ئۆيگە يانمۇ-يان سېلىنغان ئۆيدە ئىجارىدە ئولتۇرىۋاتقان قوشنىمىز تۇردىخان يېنىمغا كېلىپ ماڭا لەپپىدە قاراپ قاپىقىنى تۈردى. قايغۇلۇق چىرايى ئۈمچىيىشتىن تارتىشىپ، قارايغان تاتىراڭغۇ تېرىلىرىنى مىژژىدە قورۇق باستى،دەۋرەپ كەلگەن پىغانىنى تەسلىكتە يۇتۇپ مەندىن كۆزلىرىنى قاچۇرۇپ سۆزلەشكە باشلىدى:
-بۇرناكۈن ئەتىگەن رەھمەتلىك ئاناڭغا سۇيقاش ئېتىپ ئەكىرگەن ئىدىم، ھالى بەك پەس تۇرىدۇ.ئۇ ماڭا:«ئوغلۇم باشباشتاق ئادەم بولۇپ قالدى،ئۇ مەندىن كېيىن قالسا قانداق كۈنىنى ئالىدۇ؟مەن ئۇنىڭغا كۆپ نەسىھەت قىلدىم،بىراق،ئۇ ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ گېپىمنى ئاڭلىمىدى.قايسى ھۈنەرگە شاگىرت بەرسەم ،كۆڭۈل قويۇپ ئۆگەنمەي،يامان بالىلار بىلەن ئويۇنغا بېرىلىپ كەتتى.ئوغلۇمغا ئېيتسىلا،ئۇھۈنەر ئۆگەنسۇن»دىدى.ھەر بىر ئېغىز گەپنى شۇنچە زورۇرقۇپ قىلاتتى.ئاكاڭ بىلەن ئاچاڭنى بىر كۆرۈۋالغۇسى بارلىقىنى ئېيتىپ تۇرۇۋالدى. تېلىفۇن ئۆيۈمدەبولغاچقا،ئۆزئۆيۈمگە چىقىپ ئۇلارغاتېلىفۇن قىلدىم.تېلىفۇننى ئاكاڭ ئالدى.ئۇ ئاناڭنىڭ كېسىلىنىڭ يەنە قوزغىلىپ قالغانلىقىنى ئاڭلاپ شۇنچىلىك جىددىيلەشتىكى،ئاچاڭ بىلەن دەرھال كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ،مېنى ئېغىر كۆرمەي ئاناڭنىڭ يېنىدا ھەمراھ بولۇپ تۇرۇپ تۇرۇشنى ئۆتۈنگەچ سېنى سورىدى.سېنى« دورىغا چىقىپ كەتكەن ئىدى »دەپ جاۋاب بەردىم. خەۋەرنى ئاڭلاپ كەلگىچە ئارلىققا يېرىم سائەتمۇ كەتمىدى.تېلىفۇننى قويۇۋېتىپ ئاناڭنىڭ يېنىغا چىقسام...-تۇردىخان ئېغىر ھەسرەت بىلەن بۇقۇلداپ يىغلىنىچە گېپىنىڭ ئاخىرىنى دىيەلمەي بىردەم ھېقىقداپ تۇرۇپ قالدى،كېيىن تەسلىكتە كۈچىنىپ گېپىنى داۋاملاشتۇردى-ئۇ ئاللىقاچان تىنىقتىن قاپتۇ.ھېلىقى سۆزلىرىنىڭ ئۇنىڭ ۋەسىيىتى بولۇپ قېلىشىنى كىم بىلسۇن؟!بۈگۈن ئۇنىڭ ئۈچ نەزىرىسىنى بەرگەن كۈن...
بەدىنىمدىن«شۇررىدە» ئىلىكتىر ئېقىمى ئېقىپ ئۆتكەندەك بولدى.گويا گېلىمغا چۈيۈنسىمان قاتتىق بىر نەرسەقاپلىشىپ قالغاندەك نەپەس ئالالماي قالدىم.مانانلاشقان كىرپىكلىرىم ئارىسىدىكى كۆزلىرىم پۇشايمان،ئۆكۈنۈش،ئاچچىق ھەسرەتنىڭ كۈچلۈك ئېقىندا ھالسىز پىرقىرايتتى.بېشىمغا گوياقورام تاش ئۆرۈلۈپ چۈشكەندەك بىلىنەتتى.
-سەنمۇ مېنىڭ ئىنىم بولدۇڭمۇ؟- تۇيۇقسىزئاكامنىڭ زەئىپ،ئەمما قەتئى تەلەپپۇزدا ئېيتقان سۆزى گويا ھاۋا گۆلدۈرلىگەندەك قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلاشقا باشلىدى.بېلىگە ئاق پوتا باغلاپ،بېشىغا كىيگەن دوپپا ئۈستىگە سەللە ئورىغان ئاكام ياشلانغان كۆزلىرىنى غورۇر،ۋىجدان،ئىنساب،دىيانەتنى تەرك ئەتكەن مەندەك ۋاپاسىز ئىنىسىغا غەزەب بىلەن تىككىنىچە سوراققاتارتماقتا ئىدى،بىر چاغلاردا يەنە بىريېقىمدا تولا يىغلاشتىن كۆزلىرى قان قۇيغاندەك قىزارغان،ئۇزۇن ئاق كۆينىكىنىڭ ئۈستىگە قارا مەخمەلدىن پەلتو كىيىپ،بېلىگە ئاق بەلباغ باغلاپ،بېشىغا ئاپئاق رومال سالغان ئاچاممۇ پەيدا بولدى. ئولارنىڭ قايغۇ ۋە ھەسرەتتىن مۇڭلانغان كۆزلىرى نۇرغۇن سۇئاللارغا تالق نۇرلارنى چاچرىتىپ،مېنى گويا 360گىرادۇسلۇق پېچقا كىرىپ قالغاندەك ئەندىكتۈرەتتى.
-بولغۇلۇق بولدى بالىلار-بۇ ئۆي ئىگىسىنىڭ ئاۋازى ئىدى-ئۆلگەننىڭ كەينىدىن ئۆلگىلى بولمايدۇ.قانداق قىلىمىز،ياشلىق-بەڭۋاشلىق دەپتىكەن،ئۇنى قويۇۋېتىڭلار...
ئاكام بىر دەملىك سۈكۈتتىن كېيىن ماڭا قولىنى ئۇزىتىپ:
-مەن بىلەن ماڭ!-دىدى بۇيرۇق تەلەپپۇزدا.
مەن ئۇنىڭغا ئاستا ئەگەشتىم.ئۇ مېنى شەھەر سىرتىدىكى قەبرىستانلىققا باشلاپ باردى، ئاكام رەتلىك سېلىنغان قەبرىلەرنى ئارىلاپ ئالغا قاراپ ئىلگىرلەيتتى.مەست ئادەمدەك دەلدەڭشىپ ئۇنىڭ كەينىدىن ماڭماقتا ئىدىم.بىر كەمدە ئۇ يېڭىلا سۇۋالغان،يېنىغا بىر دەستە ئەتىرگۈل قويۇلغان قەبرىنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدى-دە،دۇئاغا قول كۆتۈردى.
-ئانا بىزسىزگە نىمەقىلىپ بېرەلىدۇق؟-ئاكام ئۆكۈنۈش ئىچىدە توختىماي سۆزلىمەكتە ئىدى-دادامنىڭ كاساپىتىدىن ئىللىق ئائىلىمىز ۋەيران بولدى،سىزپەقەت راھەت كۆرۈپ باقمىدىڭىز، تاش يۈرەك دادام قانچە يامانلىق قىلسىمۇ،سىزنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىپلا،ياش ئايالغا ئۆيلىنىۋېلىپ،ئۆگەينىڭ قولىدا بىزنى زار-زار يىغلاتقان بولسىمۇ،سىز يەنىلا دادامنىڭ بىرئېغىز يامان گېپىنى قىلىپ باقمىدىڭىز،ئۇنىڭ قىلغانلىرىنى پىشانىسىگە قويۇپ باقمىدىڭىز، دادام ئۇ ھازازۇل خوتۇندىن جاجىسىنى يىدى،ئۇ ئۆز قىلغانلىرىغا تولىمۇ كېچىكىپ پۇشايمان قىلدى. دادام سىز بىلەن ياراشماقچىمۇ بولغان،ئۇ ھەقىقەتەن ئۆزگەرگەن ئىدى...بىز بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ جەم بولۇشىنى قانچىلىك ئارز ۇقىلاتتۇق-ھە؟بىراق كاج تەقدىر بۇكۈننى بىزگە نېسىپ قىلماپتۇغۇ...جېنىم ئانا... بىزسىزگەجەۋرى سېلىشتىن باشقىنى بىلمىدۇققۇ ئانا؟......-ئاكام قەبرىگە ئېسىلىپ ھەسرەت ئىچىدە ياش تۆكمەكتە ئىدى.قۇلىقىمغا ئاكامنىڭ ئاۋازى گويا يەرتېگىدىن ئاڭلانغاندەك،بۇ نىدا گويا ئانامنىڭ قەبرىسىدىن چىقىۋاتقاندەك بىلىنەتتى. سانسىزلىغان قەبرىلەرئىچىدىن ئانامنىڭ قەبرىسىنىڭمۇ ئورۇن ئېلىشى ماڭا ئىنتايىن ئېغىر تۇيۇلدى.دەۋرەپ كەلگەن يىغا كەلكۈنى بىلەن قەبرىگە تاشلاندىم ۋە بار ئاۋازىم بىلەن بوغۇلۇپ خىتاب قىلدىم:
-ئاھ،...ئانا!...مەن سىزگە قارىيالمىدىم،پەرزەنتلىك بۇرچۇمنى ئاداقىلالمىدىم،مەندەك ۋاپاسىز،باغرى تاش ئوغلىڭىزنى كەچۈرەمسىز؟......جېنىم ئانا!......
|


|