• شېئىر

    يوللانغان ۋاقتى:04-02-2012   مەنبە: Tarimweb.com   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   باھا: 56 قېتىم   ئىنكاس: 1 پارچە
    شېئىر

    شېئىر

     

    مۇھەممەد كامال خۇشخۇي

     

     يۈرەكتىن سىرغىغان قىپ-قىزىل سىياھ،
     ئۇپۇققا رەڭ بەرگەن بىقىياس بوياق.
     مېھرىدىن كۆكلەيدۇ جۇتتىمۇ گىياھ،
     ئىشقىدا شاھ مەشرەب چۆللەردە ياياق...

     قۇيۇلار دىللارغا ئوغۇز سۈت بىلەن،
     ئاينىيدۇ ۋۇجۇتتا گۇيا قېقىپ پەي.
     تومۇردىن-تومۇرغا ئالمىشىپ بەلەن،
     گۈللەرنىڭ ئاغزىدا چېچەكلەيدۇ نەي.

     جاناننىڭ لېۋىدە بىخلانسا سىلىق،
     خىياللار بېغىدا گۈلگە پۈركىنەر.
     قىلىقى بەئەينى ئۇياتچان بېلىق،
     ۋىجدانلىق قەلبكە شەكسىز يۈكىنەر.

     ئېچىلماس ئۇ بىراق، جىمى باغلاردا،
     مېھىرنىڭ ئورنىدا سۇ قۇيغان بىلەن.
     ئىتىقاد بولسىلا ھەتتا تاغلاردا
     كۈۋەجەپ يانىدۇ، گاھى چاغلاردا
     كۆيمەيدۇ ياغ چېچىپ ئوت قويغان بىلەن
    .




    ھالقىلىق سۆزلەر : خۇشخۇي


    بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
    ------分隔线----------------------------
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، ساغلام تور مەدەنىيىتى بەرپا قىلىشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
    باھا بېرىڭ:
    تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
    مۇھەممەد كامال تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى: يېڭى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقتى: 12:02 04-02-2012 كىرگەن ۋاقتى: 09:03 19-03-2012
    ئاۋازلىق ئەسەرلەر

    ئەدەبىيات-سەنئەت ئۇچۇرى
    تەۋسىيە ئەسەرلەر
    تەۋسىيە كىتابلار